查看完整版本: [-- ھىدايەتتىن تامچە --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كەڭ ساي مۇكاپاتلىق ئەسەر پائالىيىتى -> ھىدايەتتىن تامچە [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ئۇيقۇت 2011-08-05 23:50





كۈلۈپ كىردىم ئوقۇپ داستان، داستان ئىچرە گۈزەل بوستان،
ئاشۇ بوستان ئاراسىدا تۈمەن خىل گۈل چىچەك ئاچقان .
ھەر قەدەمدە رەڭدار گۈللەر زىمىنغا خۇش پۇراق چاچقان ،
نە خۇشپۇراق ھەر پۇراقتا ئالەمچە خىيال كەچكەن ،
بەلكى، خۇشپۇي پۇراق ئۈچۈن تۈمەن جانلار پىدا ئەتكەن .
شۈكرى ! ئاخىر تونۇپ يەتتىم پىدا بولۇش ھىدايەتكەن .


  مەنبە :ئۇيقۇت  



چۆچۈدۈم گۇناھىم تاغ كەبى ئېغىر ،
ياخشىلىق ساۋاپتا شۇنچىلىك پېقىر .
نە قىلاي ؟!... رەھمەتلىك زاتتۇر ئىلاھىم ،
رەھمىتى چەكسىز ئۇ رەھمەت ئىتەر .



بۇ دۇنيا ئىنسانغا ئاجايىپ سىناق ،
پۈتۈلگەن مۆجىزە ،تۈگۈن -توقۇناق .
يىگانە ئول زاتى مەخپى -ئاشكار،
يوشۇرار ،پاش ئىتەر ئۇنى ھەممە ياق .




ئۈمىدىم كىسلەر گۈزەل جەننەتتىن ،
نىسىۋەم تۈگىمەي گۇناھ ئىللەتتىن .
يەنە نە ئۆزۈمدە قورقۇنىچ سىزەي ،
ئول رەببىم بىزلەرگە قىلغان رەھمەتتىن .


رەھمەتنىڭ ئىشىكى تۇرارمىش ئوچۇق ،
ھېچقاچان تاقاقلىق بولغىنىمۇ يوق .
ئېچىلار قەھرىدە غەزەپ ئىشىكى ،
ئازغۇچى نەچچىلەپ ئۇرغاندا دوق-دوق.


دۇنيادا كۆرگەن كۆپ ياخشىدىن ياخشى ،
ھەق زاتنى ياخشىراق كۆرگىنىڭ ياخشى .
ئۇئاللا ياخشىلىق، رەھمەت ئىگىسى ،
  ئۇ بەرمەي كىلدۇ قەيەردىن ياخشى .



بىلمەيمىز كىم جەننەت -دوزاق ئەھلى ،
ئول رەببىم رەھمەتلىك تۇرسا ئەسلى .
.ۇ دوزاق ئۆزى كۆيۈپ ئۆتمەسمىدى ،
رەھمەتنى بىلگىندە ئىنسان نەسلى .


ئىللەتلەر باركى ئېنىق ھەر بەندىدە ،
خىسلەتلەر ئىشىك باقار ھەر پەللىدە.
ۋۇجۇدۇڭ بەھىرى شۇنداق دولقۇنلايدۇ ،
ئېنىقكى رەھمەت ياغار ھەر پەللىدە .


مەنبە : ئۇيقۇت

مەنزىرە 2011-08-06 17:42
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھۇ!
بەك ياخشى يېزىلىپتۇ..........
مەن تېخى ھىدايەت گۈلزارىدىن پارچە ئالغان چېغى دەپ ئويلاپتىكەنمەن........

كۆپ رەھمەت!


查看完整版本: [-- ھىدايەتتىن تامچە --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.045070 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us