شىبەلەر مەملىكىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى قەدىمكى مىللەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇزاق تارىخقا ۋە قەدىمكى مەدەنىيەتكە ئىگە. ئۇلار ئاساسەن شەرقىي شىمالدىكى لياۋنىڭ، جىلىن ، خېيلۇڭجياڭ قاتارلىق ئۆلكىلەردە ۋە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيىسىدە توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان. ئاز بىرقىسمى غۇلجا، ئۈرۈمچى قاتارلىق شەھەرلەردە ئولتۇراقلاشقان .
شىبەلەرنىڭ ئۆز تىل - يېزىقى بار، خەنزۇ تىل - يېزىقىنى قوشۇمچە قوللىنىدۇ، شىبە تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى مانجۇ - توڭگۇس تىللىرى ئائىلىسىنىڭ مانجۇ تىل تارمىقىغا كىرىدۇ. ئىگىلىك جەھەتتە دېھقانچىلىقنى ئاساس قىلىدۇ.
شىبەلەرنىڭ مەدەنىيەت ئىشلىرى بىرقەدەر تەرەققىي قىلغان بولۇپ، نۇرغۇن زىيالىيلىرى بىرقانچە مىللەتنىڭ تىل - يېزىقىنى بىلىدۇ. ئۇلار مائارىپ، تەرجىمە، نەشرىياتچىلىق قاتارلىق كەسىپلەر بىلەن شۇغۇللىنىدۇ. شىبەلەرنىڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى مول ۋە خىلمۇخىل بولۇپ، «جۇدالىق كۈيى»، «ئۈچ بەگلىك ناخشىسى» ۋە باشقا ژانىردىكى نەسرىي ئەسەرلىرى خەلق ئىچىدە چوڭقۇر ئاساسقا ئىگە. ئەسەرلەردە ئەمگەكچى خەلقنىڭ ساپ مۇھەببىتى ۋە بەختلىك تۇرمۇش يارىتىش ئارزۇلىرى مەدھىيىلەنگەن. شىبەلەر ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر خەلق بولۇپ، ئۇلارنىڭ ناخشا - مۇزىكىلىرى يارقىن ۋە سەلتەنەتلىك.
ئات مىنىش، ئوقيا ئېتىش شىبە خەلقى ياخشى كۆرىدىغان پائالىيەتلەر بولۇپ، ھازىر بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر تېخىمۇ جۇشقۇن، جانلىق قانات يايدۇرۇلماقتا. شىبەلەر ئارىسىدىن نۇرغۇنلىغان ئوقيا ئېتىش ماھىرلىرى يېتىشىپ چىقىپ، ھەر قېتىملىق مەملىكەتلىك تەنتەربىيە مۇسابىقىلىرىدە ئالدىنقى قاتاردىن ئورۇن ئېلىپ كەلدى.
شىبەلەر ھەر يىلى 18 - ئاپرېلدا «غەربكە كۆچۈش» بايرىمىنى ئۆتكۈزىدۇ، باشقا بايراملىرى ئاساسەن خەنزۇلارنىڭ بايراملىرى بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ.

غەربكە كۆچۈش بايرىمىدىن كۆرىنىش
شىبەلەر ئاتنى ئىنتايىن ياخشى كۆرىدۇ. تارىختا، ئات بۇ مىللەتنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ كەلگەن ھەمدە ئۇلارغا ھەمرا ھ بولۇپ ئۇزاق تارىخىي جەريانلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن. شۇڭا، ئۇلار ئاق ئاتنى ئۆزلىرىنىڭ قۇت نىشانى قىلغان.
«چەۋەنداز مەرگەن» مىللىتىدىن «تېرىقچىلىق» پۇقراسىغا، ئۇنىڭدىن ھالقىپ «تەرجىمان» مىللەتكە ئۆتۈشتىن ئىبارەت بۇ تەرەققىيات ئۆزگىرىشى بۇ مىللەتنىڭ پۈتكۈل تارىخىي تەرەققىيات جەريانىنى، يەنى ئۇلار تىۋىنىدىغان ئاق ئات ئوبرازىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان جەرياننى تولۇق ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.