باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 694 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: قاراخانىلار(4)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3774
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
ئۆسۈش: 480 %
مۇنبەر پۇلى: 1095 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2011-12-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-02 12:54

قاراخانىلار(4)

                                                       غەزنەۋىلەر ۋە قاراخانىلار


                                                        غەزنەۋىلەر سۇلتانلىقى

    مىلادىنىڭ 1000 - يىلى، سامانىلار پادىشاھلىقى تارىخ سەھنىسىدىن غايىب بولغاندىن كېيىن، قاراخانىلار بىلەن غەزنەۋىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئاساسلىق ئورۇنغا ئۆتتى.
     قاراخانىلار دۆلىتى مىلادىنىڭ 850 - يىلى تەشكىل تاپقان بولسا، غەزنەۋىلەر سۇلتانلىقى مىلادىنىڭ 960 -يىللىرى تەشكىل تېپىشقا باشلىغانىدى.
     سامانىلار پادىشاھى ئابدۇلمالىك1 ( مىلادىنىڭ 954 - يىلىدىن 961 -يىلىغىچە پادىشاھ بولغان ) مىلادىنىڭ 955 - يىلى ئالپ تېكىننى شەرقىي خوراسانغا ( ھىراتقا ) ۋالىي قىلىپ تەيىنلىگەنىدى، 961 - ئۇنى پۈتۈن خوراسانغا باش ۋالىي قىلىپ تەيىنلىدى. ئالپ تېكىن ( كېلىپ چىقىشى ئوغۇزلارنىڭ قىنىق قەبىلىسىدىن ) ھاياتىنى سامانىلار ئوردىسىدا ياساۋۇللۇقتىن باشلىغان. ئۇ ناھايىتى قابىلىيەتلىك بولۇپ، سامانىلار ئوردىسىدا بولغان جىددىي كېڭەشلەردە ۋە ئۇرۇشلاردا كۆزگە چېلىقىپ تۇنۇلغان.
    ئالپ تېكىن مىلادىنىڭ 961 - يىلى پۈتۈن خوراسانغا باش ۋالىي بولۇپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن، سامانىلار پادىشاھلىقىغا بويسۇنماي قويدى. ئالپ تېكىننىڭ پۈتۈن خوراسانغا ئۆزى بەگ، ئۆزى خان بولۇۋېلىشىغا سامانىلار يول قويۇشقا مەجبۇر بولدى.
     سامانىلار نوھ ئىبنى ناسىر ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدىن باشلاپ چۈشكۈنلۈككە يۈزلەنگەنىدى. تەخت تالىشىش يۈزىسىدىن باشلانغان ئىسىيانلار توختىماي داۋام قىلىپ، سامانىلار پادىشاھلىقىنى ئاجىزلاشتۇرغانىدى. سامانىلارنىڭ ئىچكى زىدىيەتلىرىدىن پايدىلانغان ئالپ تېكىن مىلادىنىڭ 961 - يىلى مۇستەقىللىق جاكارلىدى. مانا بۇ ھەركەت غەزنەۋىلەر سۇلتانلىقىنىڭ تەشكىل تېپىشىغا تۈرتكە بولدى.
     مىلادىنىڭ 963 -يىلى ئالپ تېكىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئىبراھىم ( 963 - 966 )، بىلگە تېكىن ( 966 - 972 )،پىرى تېكىن ( 972 -977 ) قاتارلىق كىشىلەر غەزنەۋىلەگە باشچىلىق قىلدى.
    مىلادىنىڭ 977 -يىلى سۇبۇق تېكىن غەزنەۋىلەر تەختىدە ئولتۇرغاندىن باشلاپ، غەزنەۋىلەر سۇلتانلىقى ( مىلادىنىڭ 961 - يىلىدىن 1187 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ) كۈچىيىشكە باشلىدى. سۇبۇق تېكىن ( ئەسلى كېلىپ چىقىشى قارلۇق قەبىلىسىدىن ) ئالپ تېكىننىڭ كۈيئوغلى بولۇپ، مىلادىنىڭ 977 -يىلى ئالپ تېكىننىڭ ۋارىسلىرىدىن ھاكىمىيەتنى تارتىۋالدى. سۇبۇق تېكىن كابول ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى جايلارنى ئۆز دۆلىتى تېررىتورىيىسىگە قوشۇۋالدى. ئۇ ھۆكۈمران بولغان مەزگىلدە ( مىلادىنىڭ 977 -يىلىدىن 997 - يىلىغىچە ) غەزنەۋىلەر سۇلتانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسى شەرقتە پىشاۋۇرغىچە ( ھازىرقى پاكىستان تېررىتورىيىسىدە )، غەربتە خوراسانغىچە سوزۇلغان.
    مىلادىنىڭ 992 -يىلى ھارون بوغراخان سامانىلارنىڭ پايتەختى بۇخاراغا ھۇجۇم قىلغاندا، سۇبۇق تېكىن قاراخانىلارغا ياردەم بېرىپ، بۇخارانى ئېلىشتا كۈچ چىقارغان. ھارون بوغراخان سۇبۇق تېكىننى غەزنە شەھىرىگە ۋالىي قىلىپ تەيىنلىگەن بولسىمۇ، ئۇ بۇنىڭغا پىسەنت قىلماي بۇرۇنقىدەكلا مۇستەقىللىق ھالىتىنى ساقلاپ، قاراخانىلارغا بويسۇنمىدى.
    مىلادىنىڭ 997 -يىلى سۇبۇق تېكىن ئالەمدىن ئۆتتى. ئۇنىڭ 27 ياشلىق ئوغلى مەھمۇد ( مىلادىنىڭ 970 - يىلى تۇغۇلغان ) غەزنەۋىلەر تەختىدە ئولتۇردى. شۇنىڭدىن باشلاپ مىلادىنىڭ 963 - يىلى ئالپ تېكىن ئاساسىنى سالغان دۆلەت ئۆزىنىڭ پايتەختى غەزنە شەھىرىنىڭ نامى بىلەن غەزنەۋىلەر سۇلتانلىقى دەپ ئاتالدى.
    مەھمۇد غەزنەۋى سۇلتان بولغان بولغان مەزگىلدە ( مىلادىنىڭ 997 -يىلىدىن 1030 -يىلىغىچە ) غەزنەۋىلەر سۇلتانلىقىنىڭ تېررىتورىيىسى كېڭىيىپ، شەرقىي ھىندىستاننىڭ پەنجاپ ( بەش دەريا ) ۋادىسىغىچە، غەربىي ئىراننىڭ ئوتتۇرا قىسمى بىلەن خارەزىمگىچە سوزۇلدى.
    مىلادىنىڭ 999 - يىلى 10 - ئايدا ناسىر ئىلىكخان بۇخارانى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، شۇ يىلى 11 - ئايدا مەھمۇد غەزنەۋى سۇلتان ئۇنۋانىنى ئالدى. باغداد خەلىپىسى قادىر ( 991 - 1031 ) سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىگە ئۇنۋان ۋە تاج يوللاپ، ئۇنى << دۆلەتنىڭ ئوڭ قولى ۋە دىندارلارنىڭ تايانچىسى >> دەپ ئاتىدى. خەلىپە قادىرنىڭ سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىگە بۇنداق ئاتاقنى بېرىشى سۇلتاننىڭ ئابرويىنى ناھايىتى يۈكسەك دەرىجىگە كۆتۈردى.
    سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى ئۆزىنىڭ شەرقتىكى قوشنىسى ھىندىستاننىڭ باي ۋە مەدەنىي ئوبلاستلىرىنى ئۆز دۆلىتىنىڭ تېررىتورىيىسىگە قوشۇۋېلىشنى ئۆزىگە ئاساسى مەقسەت قىلىپ بەلگىلىدى. ئۇ ھۆكۈمرانلىق قىلغان مەزگىلدە، پەنجاپ، كەشمىر ۋە ھىندىستاننىڭ باشقا ئوبلاستلىرىغا 17 قېتىم يۈرۈش قىلدى. بۇنداق يۈرۈشلەر ھىندىستاندىكى بۇددىستلارغا قارشى ئۇرۇش قىلىش شۇئارى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى.
   سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان مەقسەتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتىن بۇرۇن، ئەڭ ئاساسى ئىككى ئىشنى ئورۇنداشقا كىرىشتى. ئۇنىڭ بىرى - كۈچلۈك ۋە ياخشى قوراللانغان قوشۇن تەشكىل قىلىش، يەنە بىرى - ئارقا سەپنى خەۋپسىزلەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچلۈك قوشنىسى بولغان قاراخانىلار بىلەن ئىناق، دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىش ئىدى.
   سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى مىلادىنىڭ 1000 - يىلى ئەبۇسىيىت زاھىر بىننى مۇھەممەد باشچىلىقىدا، ناسىر ئىلىكخان ھۇزۇرىغا ئەلچىلەر ئەۋەتتى. ئۆز كەنتكە كەلگەن غەزنەۋى ئەلچىلىرى ناسىر ئىلىكخان تەرىپىدىن ناھايىتى ياخشى كۈتۈۋېلىندى. غەزنەۋى ئەلچىلىرى بىلەن قاراخانىلارنىڭ غەربىي ئىلىكخانى ناسىر ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتلەردە، ئامۇ دەريا ئىككى دۆلەت ( قاراخانىلار بىلەن غەزنەۋىلەر ) نىڭ چېگىرىسى قىلىپ بەلگىلەندى. شۇ يىلى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى ناسىر ئىلىكخاننىڭ قىزىغا ئۆيلەندى.
    سۇلتان مەھمۇد ئەڭ مۇھىم ئىككى ئىش ( قوشۇن تەشكىل قىلىش ۋە قاراخانىلار بىلەن ئىناق ئۆتۈش ) نى ئورۇنداپ بولغاندىن كېيىن، قوشنىلىرىغا يۈرۈش باشلىدى.سۇلتان مەھمۇد مىلادىنىڭ 1000 - يىلى پىشاۋۇرغا بېسىپ كىردى. ئۇ ئىسلام دىنىنڭ سۈننىي مەزھىپىنىڭ ئاساسچىلىرىدىن بىرى بولۇپ، ھىندىستاندىكى ھىندۇ بۇددىستلىرىنىڭ بىر قىسمىنى مۇسۇلمان قىلىشتا مۇھىم رول ئوينىدى. سۇلتان مەھمۇد 1001 -يىلى 300 ئۇرۇش پىلى بىلەن تەمىنلەنگەن 42 مىڭ كىشىلىك ھىندى قوشۇنلىرىنى تارمار قىلىپ، پەنجاپ ۋادىسىنى بېسىۋالدى، قولغا  چۈشۈرگەن نۇرغۇن غەنىيمەتلەرنى غەزنىگە يولغا سالدى. ئۇ 1002 - يىلى سىيىستاننى بېسىۋالدى.
     مەھمۇد غەزنەۋى ھىندىستانغا قىلغان 10 -قېتىملىق يۈرىشىدە، گانگ ۋادىسىنى بېسىۋالدى. 13 - قېتىملىق يۈرىشىدە، 150 مىڭ كىشىلىك ھىندۇ قوشۇنلىرىنى تارمار قىلدى. سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ ھىندىستانغا قىلغان يۈرۈشلىرى ئىچىدە 16 - قېتىملىقى ناھايىتى مەشھۇر يۈرۈش ئىدى. ئۇ شۇ قېتىمقى يۈرۈشىدە، گوجارات ( جەنۇبىي ھىندىستان ) رايونىغا بېسىپ كىردى. شۇنداق قىلىپ، 1025 - يىلىغا كەلگەندە، غەزنەۋىلەر سۇلتانلىقى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەتلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.
   سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ ھىندىستانغا قىلغان يۈرۈشلىرىدە، ناھايىتى نۇرغۇن بايلىقلار قولغا چۈشۈرۈلدى. غەزنەۋىلەر بېسىۋالغان ھىندۇ شەھەرلىرىدىكى بۇتخانىلاردىن ئالتۇن ۋە كۈمۈشتىن ياسالغان بۇتلار ۋە قاچا قۇچىلارنى، شۇنىڭدەك ھىندۇ گەز ماللىرى، قوراللار، پىللار، چارۋا ماللار ۋە باشقا قىممەت باھالىق نەرسىلەرنى غەزنىگە ئەكەتتى. يۈك بېسىلغان ھارۋىلارنىڭ ئۇزۇندىن - ئۇزۇنغا سوزۇلغان كارۋانلىرى ھىندىستاندىن غەزنىگە ھېسابسىز بايلىقلارنى ئەكىلەتتى. مەھمۇد غەزنەۋى ھىندىستانغا قىلغان يۈرۈشلىرىنىڭ بىرىدە، ھىندىستاندىن 20 مىليون دەرھەم ( كۈمۈش پۇل )، ئەڭ چىرايلىق ھىندى قىزلىرىدىن 57 مىڭنى ۋە 350 پىلنى ئەكەتكەنىدى. ئۇ، ھىندى قىزلىرىنى ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە خۇراساندىكى تۈركىي خەلقلەرگە چۆرە سۈپىتىدە ئىنئام قىلغان بولسا كېرەك. ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋە ئايىغى ئۈزۈلمىگەن يۈرۈشلەر غەزنەۋىلەر سۇلتانلىقىنىڭ خەزىنىسىنى بېيىتقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن غەزنەۋىلەر قوشۇنىنىڭ سانى ۋە سۈپىتىنى ئاشۇرۇشقىمۇ ئىمكانىيەت يارىتىپ بەردى.
   سۇلتان مەھمۇدنىڭ مىلادىنىڭ 1015 -يىلى خارەزىم شاھى مۆمىنگە يازغان خېتىگە ئاساسلانغاندا، مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ قوشۇنى 100 مىڭ ئاتلىق ۋە پىيادە جەڭچىدىن، 500 جەڭ پىلىدىن تەركىب تاپقانىكەن. مەھمۇد غەزنەۋى غەزنىگە توپلىغان ھەددى - ھېسابسىز بايلىقلارنى ئىشلەپچىقىرىش ( يېزا ئىگىلىك ۋە ھۈنەرۋەنچىلىك ) نى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا سەرپ قىلماي، ئاجايىپ قۇرلۇشلار، ئوردىلار، سارايلار،مەسچىتلەر، مەدىرىسلەرنى قۇرۇشقا سەرپ قىلدى.
   سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى توغرىسىدا، << رىم ئىمپېرىيىسىنىڭ ھالاك بۇلۇش تارىخى >>دېگەن كىتابنىڭ ئاپتورى گىببون مۇنداق دەپ يازغانىدى: << سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى تۈركلەرنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ خانلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ، ئەيسا تۇغۇلۇپ 1000 يىلدىن كېيىن، ئىراننىڭ شەرقىدىكى ئۆلكىلەرگە ھۆكۈمران بولغان......... بۇ مۇسۇلمان قەھرىمان ئەزەلدىن تارتىپ قاتتىق سوغۇق پەسىللەردىن، ئاسمان بىلەن بوي تالىشىپ تۇرىدىغانئېگىز تاغلاردىن، كەڭ يېيىلىپ ئاقىدىغان چوڭقۇر دەريالاردىن، چۆل - باياۋان، قۇملۇقلاردىن، دۇشمەننىڭ سان -ساناقسىز قوشۇنلىرى ۋە قورقۇنچلۇق پىللىرىدىن قىلچە قورققان ئەمەس. >>››
   يۇقىرىدىكى باھا سۇلتان مەھمۇدنىڭ ناھايىتى يۈرەكلىك، باتۇر ۋە چىداملىق ئىكەنلىكىگە ئۇنىڭ ئۆز دۇشمەنلىرىگە قىلغان يۈرۈشلىرىگە قارىتىلغان. راستنى ئېيتقاندا سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى ناھايىتى قورقۇنچلۇق، دەھشەتلىك ۋە ئۇلۇغ ئىستىلاچى بولغان.
     شۇنداق بولۇشىغا قارىماي، سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ دەۋرىدە ئىران ئەدەبىياتى گۈللەپ ياشنىغانىدى. ئۇ، ئىلىم -پەن ۋە ئەدەبىياتنىڭ تەرەققىياتىغا ئېتىبار بەرگەن. ئىران ئەدەبىياتى ۋە شېئىرىيىتىنىڭ ئۇلۇغ دەۋرىنى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى باشلىغانىدى.‹‹ << شاھنامە>> داستانى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئۇبۇلقاسىم فىردەۋىسى تەرىپىدىن يېزىلغان. ئىران شېئىرىيىتى غەزنەۋىلەر دەۋرىدە گۈللىنىپ، سالجۇقىلار دەۋرىدە تېخىمۇيۈكسەلدى.
      قاراخانىلار بىلەن غەزنەۋىلەر ئارىسىدىكى دوستانە مۇناسىۋەت ئانچە ئۇزۇنغا بارمايلا بۇزۇلدى. بۇنىڭغا قاراخانىلارنڭ زېمىن تەلىپى سەۋەب بولغان بولسا كېرەك. ئەسلىدە ئافغانىستان بىلەن خۇراسان سامانىلارنىڭ تېررىتورىيىسى ئىدى.  قاراخانىلار سامانىلار پادىشاھلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، سامانىلارنىڭ پۈتۈن تېررىتورىيىسىگە ئۆزىمىز ئىگە بولىمىز، دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، ئافغانىستان بىلەن خۇراساننى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى ئۆزدۆلىتىگە قوشۇۋالغانىدى. قاراخانىلار بولسا بۇنىڭغا رازى ئەمەس ئىدى. ئۇلار، ئافغانىستان بىلەن خۇراساننى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىدىن تارتىۋېلىش نىيىتىدىن زادى يانمىغانىدى.
    قاراخانىلارنىڭ ئۇلۇغ خانى ئەھمەد توغانخاننىڭ ۋاقتىدا ( مىلادىنىڭ 998 - يىلىدىن 1018 -يىلىغىچە ) قاراخانىلاربىلەن غەزنەۋىلەر ئارىسىدا ئىككى قېتىم، قاراخانىلار بىلەن قىتانلار ئارىسىدا بىر قېتىم ئۇرۇش بولدى.
    ئافغانىستان بىلەن خۇراساننى بېسىۋېلىش نىيىتىدىن يانمىغان قاراخانىلار مىلادىنىڭ 1006 - يىلى غەزنەۋىلەرگە قارشى ئۇرۇش باشلىدى. بۇ چاغدا، سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى ھىندىستانغا يۈرۈشكە كەتكەنىدى. شۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان قاراخانىلارنىڭ غەربىي ئىلىكخانى ناسىرخان سۇبىشى تېكىن باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم قوشۇننى خۇراسانغا، چاغرى تېكىن باشچىلىقىدىكى بىر قىسىم قوشۇننى ئافغانىستانغا ماڭدۇردى. سۇبىشى تېكىن باشچىلىقىدىكى قاراخانى قوشۇنلىرى خۇراساننىڭ نىشاپور، توس ( ھازىرقى مەشھەت ) قاتارلىق مەشھۇر شەھەرلىرىنى بېسىۋالدى، خۇراسان ئاقسۆڭەكلىرى قاراخانى قوشۇنلىرىنى ياخشى قارشى ئالدى. توستا ناسىر ئىلىكخاننىڭ نامى قۇتبىدا ئوقۇلدى. چاغرى تېكىن باشچىلىقىدىكى قاراخانى قوشۇنلىرى بەلىخنى ئالدى.ئۇ بەلىخنى ئېلىشتا قاتتىق قارشىلىققا ئۇچرىدى.
    قاراخانىلارنىڭ خۇراسان ۋە ئافغانىستانغا بېسىپ كىرگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان مەھمۇد غەزنەۋى ھىندىستاندىن ( ئۇ مولتاندا ئىدى ) غەزنىگە چاپسان قايتىپ كېلىپ، قاراخانىلارغا قارشى قوشۇن ماڭدۇردى. سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ قوشۇنلىرى چاغرى تېكىننى تىرمىزغا چېكىندۈرگەن بولسا، سۇبىشى تېكىننى ئامودىن ئۆتۈپ ماۋرەئۈننەھرىگە كېتىشكە مەجبۇر قىلدى.
    ناسىر ئىلىكخاننىڭ 1006 - يىلى غەزنەۋىلەرگەقىلغان يۈرۈشى مەغلۇپ بولغان بولسىمۇ، ئۇ يەنە مىلادىنىڭ 1007 - يىلى غەزنەۋىلەرگە ئىككىنچى قېتىم يۈرۈش قىلىشقا تەييارلاندى. ئۇ، ئىككىنچى قېتىملىق يۈرۈشكە خوتەن خانى يۈسۈف قادىرخاننى ياردەمگە چاقىردى. مىلادىنىڭ 1007 - يىلىنىڭ ئاخىرىدا، ناسىر ئىلىكخان 50 مىڭ جەڭچىدىن تەركىب تاپقان قاراخانى قوشۇنلىرىغا قوماندانلىق قىلىپ ئامو دەرياسىدىن ئۆتتى، بەلىخ ئىشغال قىلىندى. بۇنداق جىددىي ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى ناھايىتى نۇرغۇن قوشۇننى ۋە 500 ئۇرۇش پىلىنى سەپەرۋەر قىلىپ غەزنىدىن يولغا چىقتى. مىلادىنىڭ 1008 - يىلى 1 -ئاينىڭ 4 -كۈنى قاراخانىلار بىلەن غەزنەۋى قوشۇنلىرى بەلىختىن 12 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى << كەتەر>> دېگەن سايدا بىر -بىرىگە قارشى سەپ تارتىشتى. << كەتەر>> سېيىدا بولغان ئۇرۇشتا، قاراخانىلار مەغلۇپ بولدى. غەزنەۋىلەرنىڭ ئۇرۇش يىللىرى خېلى مۇھىم رول ئوينىغان بولسا كېرەك. ئۇرۇش جىددىيلەشكەندە،قاراخانىلارنىڭ ئارقا سېپىدە ئېھتىياتتا تۇرغان قوشۇنلىرىنىڭ قوماندانى ئەھمەد توغانخان قوشۇننى باشلاپ ئۇرۇش مەيدانىدىن قاچتى. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، قاراخانى قوشۇنلىرىنىڭ مەغلۇبىيىتى مۇقەررەرلەشتى.
   ناسىر ئىلىكخان مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغان قاراخانى قوشۇنلىرىنى بەلىخقە چىكىندۈرۈپ كەتتى. ناسىر ئىلىكخان قاراخانى قوشۇنلىرىنى بەلىختە توپلاپ ۋە ئۇلارنى ئىنتىزام بىلەن ئامو دەرياسىدىن ئۆتكۈزۈپ ماۋرەئۈننەھرىگە ئەكەتتى. نېمە ئۈچۈن، ھىيلىگەر سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى چېكىنگەن قاراخانى قوشۇنلىرىنىڭ ئارقىسىدىن قوغلىماي، <<كەتەر>> سېيىدىكى ئۇرۇش مەيدانىدا جىم تۇردى ؟
      بەزى تارىخچىلارنىڭ يېزىشىچە، شۇ قېتىمقى ئۇرۇشتا قاراخانىلارنىڭ مەغلۇپ بولۇشىغا توغانخاننىڭ قېچىشى سەۋەب بولغانىكەن. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، توغانخان بىلەن سۇلتان مەھمۇد ئارىسىدا مەخپىي تىل بىرىكتۈرۈش بولغانىكەن.
     ئۇرۇشنىڭ قايتا يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرگەن سۇلتان مەھمۇد قەشقەردىكى قاغان - ئەھمەد توغانخانغا،  ناسىر ئىلىكخانغا، يۈسۈف قادىرخانغا ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئەلچى ئەۋەتىپ، دوستانە مۇناسىۋەت ئورنىتىشنى تەلەپ قىلدى. ناسىر ئىلكخان بىلەن يۈسۈف قادىرخاننىڭ ھۇزۇرىغا بارغان غەزنەۋىلەرنىڭ ئەلچىلىرى ئۈمىدسىز ھالدا قايتىپ كېلىشتى. ناسىر ئىلىكخان بىلەن يۈسۈف قادىرخان سۇلتان مەھمۇدنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشقانىدى. لېكىن ئەھمەد توغانخان سۇلتان مەھمۇدنىڭ ئەلچىلىرىنى قىزغىن قارشى ئېلىپ، غەزنەۋىلەر بىلەن كېلىشىم تۈزدى.
   بۇ ۋەقەدىن غەزەپلەنگەن ناسىر ئىلىكخان ئۆزىنىڭ ئاكىسى ئەھمەد توغانخاننىڭ ئەدىبىنى بېرىش ئۈچۈن، مىلادىنىڭ 1009 - يىلى 12 - ئايدا ( بەزى تارىخچىلار مىلادىنىڭ 1012 - يىلى 12- ئاي دەپ يېزىشىدۇ ) ئۆز كەنتتىن يولغا چىقىپ، قەشقەرگە ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن ماڭدى. ناسىر ئىلىكخان بالاساغۇنغا يېقىنلاشقاندا، قاتتىق قار يېغىپ كېتىپ، يۈرۈشنى داۋاملاشتۇرالماي قايتىپ كەتتى. شۇ يىلى سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ ياراشتۇرۇشى ئارقىلىق قاغان ئەھمەد توغانخان بىلەن ناسىر ئىلىكخان يارىشىپ قالدى. ئەسلىدە، قاراخانىلارنىڭ قاغانى ئەھمەد توغانخان ئۇكىسى ناسىر ئىلىكخاننىڭ غەزنەۋىلەرگە ھۇجۇم قىلىشىنى قوللىمىغانىدى. ئەھمەد توغانخان بىلەن خوتەن خانى يۈسۈف قادىرخان ئارىسىدا يۈز بەرگەن زىددىيەتمۇ شۇ سەۋەبتىن بولغان،يۈسۈف قادىرخان مىلادىنىڭ 1012 - يىلى، غەربىي ئىلىكخانى ناسىر ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ياركەنت ۋە قەشقەرنى بېسىۋېلىپ قاغان ئەھمەد توغانخاننى بالاساغۇنغا كېتىشكە مەجبۇر قىلغان. بۇنداق ئەھۋال 1015 - يىلىدىن كېيىن ئۆز ھالىغا كەلگەن.
     مىلادىنىڭ 1012 -يىلى قاراخانىلارنىڭ غەربىي ئىلىكخانلىق ۋەزىپىسىگە ئەھمەد توغانخاننىڭ ئۇكىسى مەنسۇر تەيىنلەندى.
مىلادىنىڭ 1017 -يىلى قاغان ئەھمەد توغانخان ئاغرىپ قالدى. بۇ پۇرسەتتىن پايدىلانغان شەرقىي قىتان خانلىقى ( مىلادىنىڭ 916 -يىلىدىن 1124 - يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن ) نىڭ خانى يىلولۇڭشۇ ( مىلادىنىڭ 983 -يىلىدىن  1031 -يىلىغىچە خان بولغان ) 100 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قىتان قوشۇنلىرىنى قاراخانىلارغا قارشى يولغا سالدى. بەزى تارىخىي مەلۇماتلاردا 100 مىڭ ئۆيلۈك قىتان ( بۇلار تارىختا قارا خىتايلار دەپمۇ ئاتىلىدۇ ) دەپ يېزىلغان. ئېھتىمال قىتانلاردىن 100 مىڭ ئۆيلۈكى غەربكە كۆچۈپ ئالتاي ئارقىلىق ئىلىگە بېسىپ كىرگەن بولۇشى مومكىن. شۇنداق بولغاندا، 100 مىڭ ئۆيلۈك قىتاندىن 100 مىڭ كىشىلىك ئاتلىق قوشۇن ( ھەربىر ئۆيلۈكتىن بىردىن جەڭچى چىققان بولسا ) تەشكىللەنگەن بولسا كېرەك. مانا شۇ قىتانلار، قاراخانىلارنىڭ شەرق شىمالىدىكى تېررىتورىيىسى ھېسابلانغان ئالتاي، ئىلى ئىلى ئەتراپلىرىنى بېسىۋېلىپ، بالاساغۇنغا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ. مانا شۇ چاغدا، قاراخانىلارنىڭ ئۇلۇغ خانى ئەھمەد توغانخان قىتانلارغا قارشى ئەۋەتىلگەن قاراخانى قوشۇنلىرىنىڭ مەغلۇپ بولغان خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، قىلچە چۆچۈمەي قەشقەردىن يولغا چىقىپ بالاساغۇنغا كېلىدۇ. ئاندىن بالاساغۇندىن شىمالغا يۈرۈپ بالاساغۇننىڭ شىمالىدىن سەككىز كۈنلۈك يىراق جايدا قىتانلارنى تارمار قىلىدۇ. ئەھمەد توغانخان ئارقىغا قاراپ قاچقان قىتانلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ زەربە بېرىپ، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئادىمىنى ئۆلتۈرىدۇ ۋە 10 مىڭىنى ئەسىر ئالىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ناھايىتى نۇرغۇن چارۋا مال ۋە باشقا نەرسىلەر غەنىيمەت ئېلىنىدۇ. ئەھمەد توغانخاننىڭ بۇ يۈرۈشى ئۈچ ئايدىن ئارتۇق داۋام قىلغان. ئۇ قىتانلارنى ئىلى ۋە ئالتايدىن قوغلاپ چىقىرىپ ئۆز ئېلىگە قوغلىۋەتكەن. شۇنىڭدىن باشلاپ قىتانلار قاراخانىلارغاھۇجۇم قىلىشقا پېتىنالمىغان.
   مىلادىنىڭ 1018 -يىلى قىتانلارنى تارمار قىلغان ئەھمەد توغانخان ئالەمدىن ئۆتتى. قاراخانىلارغا ئۇنىڭ ئۇكىسى غەربىي ئىلكخانى مەنسۇر ( مىلادىنىڭ 1012 -يىلىدىن 1018 -يىلىغىچە غەربىي ئىلىكخان بولغان ) ئارسلان قاغان بولدى. مەنسۇر ئارسلانخان ئۇكىسى مۇھەممەدنى غەربىي ئىلىكخانى قىلىپ تەيىنلىدى.
    مەنسۇر ئارسلانخاننىڭ قاغان بولغانلىقىغا نارازى بولغان يۈسۈف قادىرخان ئاكىسى ھەسەننىڭ ئوغلى ئەلى تېكىننى يېنىغا تارتىپ سۇلتان مەھمۇد بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ مەنسۇر ئارسلانخانغا قارشى ئۇرۇشماقچى بولىدۇ. سۇلتان مەھمۇد مىلادىنىڭ 1019 - يىلى يۈسۈپ قادىرخانغا ياردەم بېرىش ئۈچۈن ماۋرەئۈننەھرىگە كېلىدۇ. لېكىن ھېلىغىچە ئېنىقلانمىغان سىرلىق بىر سەۋەبكە كۆرە، سۇلتان ئۇشتۇمتۇتلا ماۋرەئۈننەھرىدىن چېكىنىپ خۇراسانغا قايتىپ كېتىدۇ.
    بۇ ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، يۈسۈپ قادىرخان ھىيلىگەر، ناھايىتى ئۇستا دىپلومات سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ ۋاپاسىزلىقىدىن ناھايىتى قاتتىق ئاغرىنغانىدى. شۇڭلاشقا، يۈسۈپ قادىرخان سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن، مىلادىنىڭ 1019 -يىلى خۇراسانغا ھۇجۇم قىلدى. سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋى بەلىخ ئەتراپىدا بولغان جەڭدە، يۈسۈپ قادىرخان قوماندانلىقىدىكى قاراخانى قوشۇنلىرىنى تارمار كەلتۈردى. پەرىشان ھالدا ئارقىغا چېكىنگەن قاراخانى قوشۇنلىرى سىر دەرياسىدىن ئۆتىدىغان چاغدا، چۆچۈپ كەتكەنلىكتىن، مۇتلەك كۆپچىلىكى دەريادا غەرق بولۇپ ئۆلدى. سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ قاراخانىلار ئۈستىدىن قازانغان غەلبىسىگە ھېسداشلىق بىلدۈرگەن خارەزىمى ھۆكۈمدارى ئالتۇن تاش سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىگە تەبىرىكنامە يوللىدى.
   يۈسۈپ قادىرخان مىلادىنىڭ 1019 -يىلى خۇراسانغا قىلغان يۈرىشىدە پاجىئەلىك مەغلۇبىيەتكە يولۇققاندىن كېيىن، روھى چۈشكەن، مەنسۇر ئارسلانخانغا قارشى چىققانلىقىغا پۇشايمان قىلغان بولسا كېرەك. چۈنكى ئۇ مىلادىنىڭ 1019 -يىلىدىن 1025 -يىلىغىچە قاراخانىلارنىڭ چوڭ خانى بولۇشقا قايتا ئۇرۇنمىدى.

                                                       قاراخانىلار بىلەن غەزنەۋىلەرنىڭ خارەزىمگە
                                                       بولغان مۇناسىۋىتى

  ئوتتۇرا ئاسىيادىكى خارەزىم شاھلىقى ئامو دەرياسىنىڭ غەربىي تەرىپى ( ئارال كۆل بىلەن كاسپى دېڭىزى ئارىسى ) دىكى ناھايىتى مۇنبەت ۋە ھوسۇلدار تېررىتورىيىگە جايلاشقان. مىلادىنىڭ 1000 -يىللار بۇرۇن، خارەزىمدە دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، چارۋىچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك سودا - سېتىق تەرەققىي تاپقانىدى.
   قەدىمكى چاغلاردا، ئوتتۇرا ئاسىيادا دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىپ ئولتۇراق ھاياتتا ياشىغان خەلقلەر ئادەتتە ئۆزى ياشاپ تۇرغان جايلارنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن. مەسىلەن : خارەزىملىكلەر، سوغدىلار، باكتىرىيىلىكلەردېگەنگە ئوخشاش، خارەزىم دېگەن نام ئەڭ ئاۋال، مىلادىدىن 520 يىل بۇرۇن ئىران ئەھمانىلار سۇلالىسىنىڭ ئىمپېراتورى دارا 1  نىڭ غالبىلىك يۈرۈشلىرى توغرىسىدا بىھىستون قىيا تېشىغا ئويۇپ يېزىلغان زەپەر نامىدا تىلغا ئېلىنغان، بۇنىڭغا قارىغاندا، خارەزىمنىڭ ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى مەلۇم. خارەزىم - قۇياشلىق يەر دېگەن بولىدۇ.
    مىلادىدىن 330 يىل بۇرۇن ئىسكەندەر زۇلقەرنەيىن ئەھمانىلار سۇلالىسىنىڭ ئاخىرىقى ئىمپېراتورى دارا3 نى تارمار كەلتۈرۈپ، ئىراننى بېسىۋالىدۇ. تارىخىي خاتىرىلەرگە قارىغاندا، مىلادىدىن  328 يىل بۇرۇن خارەزىم شاھى پاراسمان ئىسكەندەرگە ئەلچى ئەۋەتىپ، دوستلۇق، ئىناقلىقتا ئۆتۈش ئارزۇسىنى بىلدۈردى ۋە ئىسكەندەر غەربكە - قارا دېڭىز بويلىرىغار يۈرۈش قىلىدىغان بولسا، ئۇنىڭغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنىمۇ بىلدۈردى. ئىسكەندەر، خارەزىم شاھى پاراسماننىڭ ئەلچىلىرىگە ناھايىتى نۇرغۇن قىممەت باھا سوۋغىلارنى بېرىپ، رەھمەت ئېيتىدۇ، ئۆزىنىڭ ھىندىستانغا يۈرۈشكە ماڭىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ.
    خارەزىم 6 - ئەسىردىن باشلاپ ئۇلۇغ كۆك تۈرك قاغانلىقىنىڭ بىر تەركىبىي قىسمىغا ئايلىنىدۇ. پەقەت مىلادىنىڭ 713 -يىلى قوتەيبى ئىبنى مۇسلىم خارەزىمنى بېسىۋالغاندىن تارتىپ، مىلادىنىڭ 820 -يىلىغىچە ئەرەبلەرنىڭ خۇراسان ۋە ماۋرەئۈننەھرىگە ھۆكۈمرانلىق قىلغان نائىبلىرىغا بويسۇنىدۇ. خارەزىم مىلادىنىڭ 820 -يىلىدىن 870 -يىلىغىچە تاھىرىلەرگە، 870 -يىلىدىن 1000 -يىلىغىچە سامانىلارغا قارايدۇ. خارەزىم سامانىلار دەۋرىدە يېرىم مۇستەقىل ھالەتتە ياشىغان.
     خارەزىم، قاراخانىلار سامانىلار پادىشاھلىقىنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن، بىر مۇددەت قاراخانىلارغا قارىغانمۇ ياكى قارىمىغانمۇ، بۇ مەسىلە ھېلىغىچە ئېننىق ئەمەس. شۇنىسى ناھايىتى ئېنىقكى، قاراخانىلار مىلادىنىڭ 1006 -يىلى ۋە 1008 -يىلى خۇراسانغا قىلغان يۈرۈشلىرىدە مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، خارەزىم غەزنەۋىلەرگە يېقىنلىشىشقا باشلىغان.
     خارەزىم، مىلادىنىڭ 996 -يىلى، سامانىلار ئاغدۇرۇلۇپ كېتىۋاتقان چاغدا بىرلىككە كەلگەن، ئۇنىڭدىن بۇرۇن، خارەزىم شىمالىي ۋە جەنۇبىي خارەزىمدىن ئىبارەت ئىككى قىسىمغا بۆلۈنەتتى. ئۆرگەنج -شىمالىي خارەزىمنىڭ، قىيات - جەنۇبىي خارەزىمنىڭ پايتەختى ئىدى. مىلادىنىڭ 996 -يىلى شىمالى خارەزىمنىڭ خانى مۆمىن ئىبنى مۇھەممەد ئىككى خارەزىمنى بىرلىككە كەلتۈردى. ئۇ خارەزىم شاھ ئۇنۋانىنى ئالدى ۋە ئۆرگەنجنى مەملىكەتنىڭ پايتەختى قىلىپ بەلگىلىدى.
   مەھمۇد غەزنەۋى باي ۋە مەدەنىيەتلىك بولغان خارەزىم شاھلىقىنى ئۆزىگە قارىتىۋېلىشقا ناھايىتى قىزىققانىدى. سۇلتان مەھمۇد باشتا ئۆز سىڭىللىرىنى مۆمىن ئىبنى مۇھەممەد ( مىلادىنىڭ 995 -يىلىدىن 997 -يىلىغىچە ھۆكۈمران بولغان )  ۋە ئۇنىڭ ئوغلى ئەلى ئىبنى مۆمىن ( مىلادىنىڭ 997 -يىلىدىن 999 -يىلىغىچە ھۆكۈمران بولغان) گە ياتلىق قىلدى. سۇلتان مەھمۇد مانا شۇنداق ئۇرۇق - تۇغقانچىلىق مۇناسىۋىتى ئارقىلىق خارەزىم شاھلىقىنى بويسۇندۇرۇشنى ئويلىغانىدى. لېكىن ئۇنىڭ كۈيئوغۇللىرى بولسا خارەزىمنڭ مۇستەقىللىقىنى ساقلاشقا ۋە ھەربىي كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ھەركەت قىلدى.
    ئەلى ئىبنى مۆمىن ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇكىسى مۆمىن ئىبنى مۆمىن تەختكە ئولتۇردى. مۆمىن ئىبنى مۆمىن( مىلادىنىڭ 999 -يىلىدىن 1017 -يىلىغىچە ھۆكۈمران بولغان ) خارەزىم شاھلىقىنى كۈچلۈك ۋە مۇستەقىل دۆلەتكە ئايلاندۇرۇشقا ھەرىكەت قىلدى. ئۇ بىلىملىك، ئەقىللىق بولۇشىغا قارىماي، ناھايىتى ئېھتىياتچان ۋە بوشاڭراق ئادەم ئىدى.
   ئابباسىلار خەلىپىسى قادىر ( مىلادىنىڭ 991 -يىلىدىن 1031 -يىلىغىچە خەلىپە بولغان ) ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەرنى ئاجىزلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلار ئارىسىغا ئاداۋەت سېلىشنى ئويلىدى. ئۇ شۇ مەقسەتنى كۆزدە تۇتۇپ، مىلادىنىڭ 1014 -يىلى برونى ئاتلىق ئادەمنى ئەلچى قىلىپ، باغدادتىن ئۆرگەنجىگە ئەۋەتتى. برونى (ئۇ ئەبۇ رەيھان برونى ئەمەس ) خەلىپە قادىرنىڭ خارەزىم شاھى، مۆمىن ئىبنى مۆمىنگە بەرگەن << دۆلەتنىڭ كۆزى ۋە دىندارلار جامائەسىنىڭ  شۆھرىتى >> دېگەن ئۇنۋاننىڭ شاھادەتنامىسىنى ۋە كىيىم -كېچەكلەرنى تەقدىم قىلدى.
    سۇلتان مەھمۇد خەلىپە قادىرنىڭ خارەزىم شاھى مۆمىن ئىبنى مۆمىنگە بىلدۈرگەن ئىززەت -ھۆرمىتىدىن ئۆزۋاقتىدا خەۋەردار بولدى. سۇلتان مەھمۇد ۋەزىرى ئوبۇلقاسىم مەيمەندىنىڭ تەدبىرى بويىچە، مۆمىن ئىبنى مۆمىننى سىناپ باقماقچى بولدى. ئۇ خارەزىم شاھىنىڭ ئوردىسىدا تۇرىدىغان ئۆز ئەلچىسىگەمەخپى يوليورۇق ئەۋەتتى. غەزنەۋى ئەلچىسى سۇلتان مەھمۇدنىڭ مەخپىي يوليورۇقى بويىچە، ئەپلىك پۇرسەتنى تېپىپ، مۆمىن ئىبنى مۆمىنگە سۇلتان مەھمۇدنىڭ نامىنى قۇتبىگە قوشۇپ ئوقۇشنى تەكلىپ قىلدى. ئەلچى بۇ تەكلىپنىڭ ئۆزىنىڭ شەخسىي تەكلىپى ئىكلەنلىكىنىمۇ ئەسكەرتىپ قويدى. ناھايىتى ئەقىللىق مۆمىن سىرنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكىنى دەرھال بايقىدى. ئۇ، ئەلچىنىڭ بۇ تەكلىپىگە جاۋاپ بېرىشتەئىككىلىنىپ قالدى.ئەلچى تەلەپپۇزىنى قاتتىقراق قىلىپ تەكلىپنى يەنە تەكرارلىدى. ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدا قالغان مۆمىن ئابرويلۇق كىشىلەر ۋە مەشھۇر ھەربىي يولباشچىلارنى يىغىپ مەسلىھەتلەشمەكچى بولدى. كېڭەشكە كەلگەنلەر مۆمىننى غەزنەۋىلەر ئەلچىسىنىڭ تەكلىپىگە يان باسىدۇ، دەپ گۇمانلانغانلىقتىن، قىلىچلىرىنى يالىڭاچلاپ، ئۇنى ئەگەر تەكلىپنى قوبۇل قىلىدىغان بولساڭ كاللاڭنى ئالىمىز دەپ قورقۇتتى. مۆمىن تەكلىپنى قوبۇل قىلاي دېسە، ئۆز خەلقىدىن قورقتى. قوبۇل قىلماي دېسە، سۇلتان مەھمۇدتىن قورقتى.
    بېشى قېتىپ نېمە قىلىشىنى بىلمىگەن مۆمىن ئاخىر قاراخانىلار بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈپ، سۇلتان مەھمۇدقا قارشى تۇرماقچى بولدى. مۆمىننىڭ قاراخانىلارغا ئەۋەتكەن ئەلچىلىرى ئۈستىگە يۈكلەنگەن ۋەزىپىسىنى ئورۇندىدى. قاراخانىلار مۆمىننىڭ سۇلتان مەھمۇدقا قارشى بىرلىكتە ھەرىكەت قىلىش توغرىسىدىكى تەكلىپىنى قوبۇل قىلدى.
   سۇلتان مەھمۇد قاراخانىلار بىلەن خارەزىم شاھلىقىنىڭ غەزنەۋىلەرگە قارشى ئىتتىپاق تۈزگەنلىكىدىن خەۋەر تاپتى ۋە قاراخانىلارغا ئەلچى ئەۋەتىپ نارازى بولغانلىقىنى بىلدۇردى. قاراخانىلار غەزنەۋى ئەلچىلىرى ئارقىلىق سۇلتان مەھمۇدقا يازغان مەكتۇپىدا دىپلوماتىيە ھىيلىسىنى ئىشلىتىپ: زۆرۈر تېپىلسا، قاراخانىلارنىڭ غەزنەۋىلەر بىلەن خارەزىم شاھى ئارىسىدا تۇغۇلغان ئۇقۇشماسلىقنى تۈگىتىپ، ئىككى تەرەپنى ياراشتۇرۇپ قويۇشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.سۇلتان مەھمۇد، قاراخانىلارنىڭ ئۆزلىرىنىڭ غەربىي ئىلىكخانى مەنسۇر ئارقىلىق غەزنەۋىلەر بىلەن خارەزىمى شاھى ئارىسىدىكى كېلىشمەسلىككە ئارلىشىۋاتقانلىقىدىن خاتىرجەم ئەمەس ئىدى.
    سۇلتان مەھمۇد مىلادىنىڭ 1015 -يىلى، ھەددىدىن تاشقىرى قىيىن ئەھۋالدا قالغان خارەزىم شاھى مۆمىنگە يازغان مەكتۇپىدا تەھدىت سېلىپ مۇنداق دېگەن:<< ئارىمىزدا قانداق مەجبۇرىيەتلەر بولۇپ شەرتنامە ۋە ئىتتىپاق تۈزۈلگەنلىكىنى بىلىسىز، خارەزىم شاھى بولغان ئۆزىڭىزنىڭ بىزگە قانچىلىك قەرزدارلىقى مەلۇم. قۇتبە توغرىسىدىكى بۇ مەسىلىدە بۇ ئىشنىڭ ئۆزىڭىز ئۈچۈن نېمە بىلەن تۈگىشىنى بىلىپ، بىزنىڭ خاھىشىمىزغا باش ئەگدىڭىز، ئەمما ئادەملىرىڭىز سىزگە يول قويمىدى. مەن قوغدىغۇچىلار ۋە پۇقرالار ئىبارىسىنى ئىشلىتۋاتقىنىم يوق. چۈنكى ئۇلار سىزگە - شاھىغا ئۇنى قىل -بۇنى قىلما، دەپ ئېيتىشقا جۈرئەت قىلىدىكەن. ئۇلارنى قوغدىغۇچىلار ۋە پۇقرالار دېگىلى بولمايدۇ. ھاكىمىيەتنىڭ ئاجىزلىقى ۋە كۈچسىزلىكى شۇنىڭدىن مەلۇم بولۇپ تۇرۇپتۇ. ھەقىقەتەن ھەم شۇنداق، مەن بۇنداق ئادەملەردىن غەزەپلەندىم. بۇ يەردە، بەلختە ئۇزۇن مۇددەت بولدۇم  ۋە ئۇ ئادەملىرىڭىزنى توغرا يولغا سېلىش ئۈچۈن، 100 مىڭ ئاتلىق ۋە پىيادە ئەسكەر،500 پىلنى توپلاپ ھازىر قىلدىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بىز ئىنىمىز ۋە كۈيئوغلىمىز بولمىش سىزگە ئەمرنىمۇ ئۇيقۇدىن ئويغاتماقچىمىز، بوشاڭ ئەمىر كارغا كەلمەيدۇ.>> مەكتۇپنىڭ داۋامىدا، مەھمۇد غەزنەۋى خارەزىم شاھىغا ئۇ تۆۋەندىكى شەرتلەردىن بىرنى ئورۇندىسا ئۆزىنىڭ قانائەت ھاسىل قىلىپ غەزنىگە قايتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ:
  1) خارەزىم شاھ مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ نامىنى نامازدا قۇتبىگە قوشۇپ ئوقۇتىدۇ.
  2) ئۇنىڭغا - مەھمۇدقا ئەرزىگۈدەك سوۋغا - سالام ۋە پۇل ئەۋەتىدۇ. بۇ نەرسىلەر يوشۇرۇن  ھالدا يەنە خارەزىمگە قايتۇرۇلىدۇ. چۈنكى مەھمۇد شۇنچىلىك بايكى، ئۇنچىلىك پۇل ۋە سوغا -سالاملارنى قىلچە نەزەرىگىمۇ ئېلىپ قويمايدۇ.
3) خارەزىم شاھى مەھمۇدنىڭ ئالدىغا ئەڭ ياخشى ئەمەلدارلارنى ئۇنىڭدىن شەپقەت تىلەش ئۈچۈن ئەۋەتىدۇ.
    مۆمىننىڭ بوشاڭلىقى ۋە ئارىسالدىلىقى ئاخىر خارەزىمنىڭ مۇستەقىللىقىنىمۇ ۋە مۆمىننىڭ ئۆزىنىمۇ ساقلاپ قالالمىدى. مۆمىننىڭ بوشاڭلىقى ۋە ئارىسالدىلىقىدىن نارازى بولغان ھەربىي يولباشچىلار مىلادىنىڭ 1017 -يىلى ئىسىيان كۆتۈردى. ئىسىيانچىلار مۆمىننى ئۆلتۈرۈپ، تەختكە ئۇنىڭ جىيەنى ئوبۇلھارىس مۇھەممەد ئىبنى ئەلىنى ئولتۇرغۇزدى.
    خارەزىمدە كۆتۈرۈلگەن ئىسىيان سۇلتان مەھمۇد غەزنەۋىگە ناھايىتى چوڭ باھانە بولدى. ئۇ <<خارەزىم شاھى مۆمىننى ئۆلتۈرگەنلەرنى جازالاپ، كۈيئوغلۇم مۆمىن ئۈچۈن ئىنتىقام ئالىمەن >> دېگەننى باھانە قىلىپ، نۇرغۇن قوشۇن بىلەن خارەزىمگە قاراپ ماڭدى. بۇ چاغدا، قاراخانىلارنىڭ مەھمۇد غەزنەۋىنىڭ خارەزىم شاھلىقىنى بېسىۋېلىشقا كۆزى يەتكەن بولسىمۇ، ئەمما بىرەر جىددىي تەدبىر قوللانمىدى. سۇلتان مەھمۇد 1017 -يىلى 7 -ئايدا خارەزىمنى بېسىۋالدى. شۇنىڭدىن باشلاپ خارەزىم مۇستەقىللىقىنى يوقىتىپ، غەزنەۋىلەرنىڭ تەركىبىي قىسمى بولۇپ قالدى. سۇلتان مەھمۇد خارەزىمگە غەزنەۋىلەر سارىيىدا باش ھاجىپلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن ئالتۇن تاش ئاتلىق ئادەمنى ( قارلۇقلاردىن ) ھاكىم قىلىپ تەيىنلىدى.

    مەنبە: تارىخىي يىلنامىلەر.

دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4555
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1099
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1099دانە
ئۆسۈش: 5220 %
مۇنبەر پۇلى: 14724 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-08
ئاخىرقى: 2012-01-09

تاجىكىستان ھۆكۇمىتى پۇلىنىڭ ئىسمىنىمۇ سامانى قويدى،قەشقەردىكى قىزىل دەرياسىنىڭ باشلىنىشى تاجىكىستاننىڭ لېنىن چوقىسى ئىدى ،لىنن چوقىسى دىگەن ئىسىمنىمۇ ئۆزگەرتىپ سامانى چوقىسى دەپ ئاتىدى،تاجىكلارنىڭ كۆپ ساندىكى  مەدىنيىتى سامانىلار خانلىغى دەۋرىدە شەكىللەنگەن ،