بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم:ئىسلام دىنى ئاياللارنىڭ ھەق-ھوقۇقۇنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ۋەئۇللاردىن ھالال مەنپەتلىنىش
ئۈچۈن ئاياللارغا تويلۇق بىرىشنى ئەرلەرنىڭ ئۈستىگە پەرىز قىلىپ بىكىتتى. لىكىن ئىنسانلارنىڭ ياشاش دەۋرى ئىقدىسادى ئەھۋالى ئوخشاش بولماسلىقنى نەزەردە تۇتۇپ تويلۇقنىڭ مىقدارىنى ئېنىق بەلگىلىمىدى. مانا بۇ ئىسلام قانۇنىڭ دەۋرىچان ئالاھىدىلىگى بولۇپ، ھەر-بىر نىكاھلانماقچى بولغان ئەر-ئايال ئۆز ئىقدىسادى ئەھۋالىغا قاراپ تويلۇق سېلىشقا، ئېلىشقا ھەقلىق بولۇدۇ. پەيغەمبەر (س،ئە،ۋ)سەلەمنىڭ ھەدىسلىرىنى تەكشۈرگىنىمىزدە ئاز-كۆپ بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر ئايال رازى بولغان ھالال دائىردىكى ھەر قانداق نەرسىنىڭ تويلۇققا يارايدىغانلىقىنى كۆرۈۋلالايمىز. بۇ ھەقتە بىر قانچە ھەدىس كۆرسىتىمىز.
(1)يەنىي فىزارە قەبىلىسىدىن بىر ئايال بىر جۈپ كەش تويلۇققا نىكاھلاندى، پەيغەمبە ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالغا قاراپ چىن كۆڭلۈڭدىن رازى بولدۇڭمۇ؟ دەپ سورىدى ئۇ ئايال ھەئە دەپ جاۋاپ بەردى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇ ئايالنىڭ نىكاھىغا يول قويدى. ئىمام ئەھمەد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە رىۋايىتى.
(2)ئىمام بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۆز ساھابىلىردىن بىر تويلۇق ئۈچۈن تۈمۈر ئۈزۈكمۇ تاپالمىغاندا قۇر ئان ئۈگۈتۈپ قويۇش بەدىلىگە نىكاھلاپ قويغانلىقىنى ئېنىق سۆزلەنگەن.
(3)ئەنەس رەزىللاھۇ ئەنھۇ رىۋايەت قىلدۇ. ئەبەلىھە ئۇممۇ مۇللەيىم دىگەن ئايالغا سۆز سالدى. ئۇئايال سىنى قايتۇر ۋاتقىنىم يوق،
بىراق سەن كاپىر، مەن مۇسۇلمان مىنىڭ سەن بىلەن نىكاھلىنىشىم ھالال ئەمەس، ئەگەر سەن مۇسۇلمان بولساڭ سىنىڭ مۇسۇلمان بولۇشۇڭ مىنىڭ تويلۇقۇم بولۇپ قالسۇن، باشقا نەرسە تەلەپ قىلمايمەن ((بىز مۇشۇنداق نىكاھلىنايلى))! دىدى.
ئەبۇ تەلھەنىڭ مۇسۇلمان بولىشى ئۇممۇمۇ لەيمىنىڭ تويلىقى بولدى. ئۇمۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا مەيلى ئاز مەيلى كۆپ ماددىي ۋە مەنىۋى مەنپەتلەرنىڭ ئايال رازى بولغان شەرىت ئاستىدا تويلۇققا يارايدىغانلىقىنى كۆرىۋالالايمىز.
ئاياللارنىڭ تويلۇقنى كۆپ سېلىشى گۇناھمۇ؟
ئىسلام دىنى نىكاھنى يولغا قۇيۇشتىن مەخسەت ئەر-ئاياللار ئوتتۇرسىدىكى ھەمكارلىقنى چىڭىتىپ ئىقدىسادى قىيىنچىلىقنى ھەل قىلىپ خار- زار بولۇشنىڭ ئالدىنى ئېلىش بىر-بىرىگە توغرا يول كۆرسىتىش،بىر-بىرىگە مەسلىھەت بىرىش ئارقىلىق بۇزۇقچۇلۇق، ئىسراپخورلىقتىن ساقلىنىپ،ئائىلە تەڭپۇڭلىقىنى ساقلاش بولۇپ،ئىسلام دىنى ھەرقانداق ئىشتا نۇرمال بولۇشنى تەشەبۇس قىلىپ چىكىدىن ئېشىپ كىتىشنى قاتتىق ئەيىپلەيدۇ. ئاللاھ تائاللاھ تويلۇق بىرىشنىڭ زۆرۈر لىكىنى ئىسپاتلىسا ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يەڭگىل نىكاھ شەكسىز بەك بەركەتلىك بولۇدۇ. دىگەن سۈزى ۋە تويلۇقى يەڭگىل نىكاھ ئاساسەن ، ئەخلاقى چىرايلىق ئايالغا رىزىق كۆپ بىرىلدۇ، تويلۇقنىڭ يوقىرى بولىشى، نىكاھى قىيىن بولىشى، ئەخلاقنىڭ ناچار بولىشى، ئاياللارنىڭ شۇملىقىدىن بىشارەت، دىگەن سۆزلىرى تويلۇقنىڭ يەڭگىل بولىشىغا قىزىقتۇرۇپ چىكىدىن ئېشىپ كىتىشنى سۆزلىندۇ. ئىشلارنىڭ ئەڭ ياخشىسى ئوتتۇر ھال بولغۇندۇر .(مەنبە ئىسلام دىنى ئاياللارغا نىمە دەيدۇ دىگەن كىتاپتىن ئېلىندى.)