باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 4537 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: www.hedislar.com دىن رامزانلىق سوۋغا
ئاللاھنىڭ قۇلى
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1442
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 298
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە298دانە
ئۆسۈش: 620 %
مۇنبەر پۇلى: 3422 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-02
ئاخىرقى: 2012-01-12
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-31 09:39

www.hedislar.com دىن رامزانلىق سوۋغا

ئەسسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلىرىم ئۇلۇغ ئاللاھ ھەممىمىزنى مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە تىنىمىزنى سالامەت دىلمىزنى  ئىمانغا بات قىلسۇن .
مەن توردىكى قېرىنداشلىرىمغا ئازراق پايدىسى بۇلارمىكى دىگەن مەخسەتتە www.hedislar.com بۇ بىلوگ بىلەن ھەپىلشپ ئولتۇرۇپ تىمەن ،مەزكۇر بلوگغا كىرىپ سىز قايسى مەزمۇندىكى ھەدىسلەرگە ئىھتىياجلىق بولسىڭىز ئىزدەس دىگەن يەرگە ھەدىسنىڭ مەزمۇنى بېسىپ ئىزدىسڭىز بىلوگىمىزدىكى شۇ مەزمۇندىكى ھەدىسلەر ئالدىڭىزدا رەتكە تىزلىدۇ .
بۈگۈن سىلەرگە رامزان توغرۇلۇق 10 دانە ھەدىس يوللۇدۇم بۇنۇڭدىن كىيىن مۇشۇ تىمىغا مۇشۇ بىرئاي ئىچىدە ئاللاھ خالىسا كۈنلىكى 3 دانىدىن ھەدىس  ئىنكاس شەكلىدە يوللۇنۇپ تۇردۇ بولسا بۈلەك قېرىنداشلىرىمنىڭ رۇزىغا ئالاقىدار ھەدىسلەرنى مۇشۇ تىمىغا ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ قۇيشىڭلارنى ئۈمۈت قىلمەن .

 پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « سۇھۇرلۇق يەڭلار، ئۇنىڭدا بەرىكەت باردۇر »(بۇخارى رىۋايىتى).

زەيد ئىبنى سابىت روزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنۇ ھەدىسنى رىۋايەت قىلىدۇ: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە سۇھۇرلۇق يېدۇق، ئاندىن ئۇ، نامازغا تۇردى، مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامدىن- سۇھۇر بىلەن ئەزاننىڭ ئارىلىقىدا قانچىلىك ۋاقىت ئۆتىدۇ؟- دەپ سورىۋىدىم، ئۇ،- قۇرئان كەرىمدىن ئەللىك ئايەت ئوقۇپ بولغىچىلىك ۋاقىت ئۆتىدۇ،- دەپ جاۋاب بەردى» (بۇخارى رىۋايىتى ).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « كىشىلەر ئىپتار قىلىشقا ئالدىرىغانلىقىنىڭ ياخشىلىقلىرىنى ھەمىشە كۆرگۈچىدۇر » (بۇخارى رىۋايىتى).

سەلمان ئىبنى ئامىر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:« سىلەر ئىپتار قىلغىنىڭلاردا، ئېغىزىڭلارنى خورما بىلەن ئېچىڭلار، چۈنكى خورما بەرىكەتنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەگەر خورما بولمىسا، سۇ بىلەن ئېچىڭلار، چۈنكى سۇ پاك ماددىدۇر » (تىرمىزى رىۋايىتى).

ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: « پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئاۋۋال ئىپتار قىلاتتى، ئاندىن كېيىن شام نامىزىنى ئۇقۇيتتى» (مۇسلىم رىۋايىتى)

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: « غىزا ھازىرلىنىپ بولغان بولسا، ئاۋۋال غىزالىنىپ، ئاندىن نامازغا تۇرۇڭلار، غىزالىنىشنى كېچىكتۈرمەڭلار» (بۇخارى رىۋايىتى) .

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىسىدە مۇنداق دېگەن: « شۇبھېسىزكى، روزىدار كىشىنىڭ ئىپتار ۋاقتىدا قىلغان دۇئاسى رەت قىلىنمايدۇ »(ئىبنى ماجە رىۋايىتى).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئىپتار ۋاقتىدا مۇنداق دەپ دۇئا قىلاتتى : (ئى ئاللاھ ! سېنىڭ ئۈچۈن روزا تۇتتۇم، ساڭا ئىمان ئېيتتىم ۋە سەن ئاتا قىلغان رىزىق بىلەن ئىپتار قىلدىم) ( ئەبۇداۋۇد رىۋايىتى ). يەنە مۇنداق دەپ دۇئا قىلاتتى: (ئى رەھمىتى ھەممىگە كەڭ بولغان ئىلاھىم! سېنىڭدىن گۇناھلىرىمنى ئەپۇ قىلىشىڭنى تىلەيمەن ) ( ئىبنى ماجە رىۋايىتى).

پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى سەئىد ئىبنى مەئازنىڭ ئۆيىدە ئىپتار قىلغىنىدا، مۇنداق دەپ دۇئا قىلغان : (سىلەردە روزىدارلار ئىپتار قىلدى، تائامىڭلارنى ياخشىلاريېدى، پەرىشتىلەر سىلەرگە مەغپىرەت تەلەب قىلش ئۈچۈن چۈشتى) (ئىبنى ماجە رىۋايىتى

ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى:« بىر ئادەم پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ،- يارەسۇلەللا! كۆزۈم ئاغرىۋاتىدۇ، مەن روزىدارمەن، كۆزۈمگە سۈرمە تارتسام بولامدۇ؟- دەپ سورىۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام- ھەئە، بولىدۇ- دەپ جاۋاب بەردى » (تىرمىزى رىۋايىتى).


بارلىق قېرىنداشلىرىمنىڭ بىلوگىمغا قارتا قىممەتلىك تەكلىپ پىكىر بىرشىنى ھەمدە بىلوگمنى ئۇلنىش قىپ قۇشىنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈت قىلمەن .
بىلوگ ئادرىسى:  http://www.hedislar.com/
تۇغ ئادرىسى : http://www.hedislar.com/logo.gif


125
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7275
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 93
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە93دانە
ئۆسۈش: 380 %
مۇنبەر پۇلى: 1211 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-07
ئاخىرقى: 2011-12-20
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-04 16:05

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن . قۇلىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن. تېخىمۇ ياخشى تىمىلارنى يۇللىشىڭىزنى