باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3625 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى (8)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3774
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
ئۆسۈش: 480 %
مۇنبەر پۇلى: 1095 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2011-12-20
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-30 01:02

ئۇيغۇرلارنىڭ كېلىپ چىقىشى (8)

                                                 ئەرەب خەلىپىلىكى ھۆكۈمرانلىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا

 ئەرەبلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى بېسىۋېلىشى، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەرەبلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرى توغرىسىدا سۆز ئېچىشتىن بۇرۇن، ئىسلام دىنىنىڭ پەيدا بۇلۇشى، ئەرەبلەرنىڭ سۈرىيە، ئىراق ۋە ئىراننى بېسىۋېلىشى توغرىسىدا بىرئاز توختىلىشقا توغرا كېلىدۇ.
   ئىسلام دىنى، خىرىستىئان ۋە بۇددا دىنلىرى بىلەن بىر قاتاردا دۇنيادا ئەڭ كۆپ تارقالغان دىنلار قاتارىغا كىرىدۇ. بۇ دىنلارنىڭ پەيدا بۇلۇشى
  خەلقلەر ھاياتىدىكى ئۇلۇغ ئۆزگىرىشلەرگە باغلىق ئىدى.
    يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان ئۈچ چوڭ دىننىڭ ئەڭ قەدىمكى چاغلاردا ئېتىقات قېلىنغىنى بۇددا دىنى ئىدى.  بۇددا دىنى مىلادىدىن 6 ئەسىر بۇرۇن
  ھىندىستاندا پەيدا بولغان. خىرىستىئان دىنى بۇنىڭدىن 2000 يىل بۇرۇن پەيدا بولغان. ئىسلام دىنى بولسا مىلادىنىڭ 7 -ئەسىردە بارلىققا كەلگەن. ھازىرقى ۋاقىتتا ئىسلام دىنى ئاساسەن ئەرەب مەملىكەتلىرىدە، تۈركىيە، ئىران، ئافغانىستان، ھىندىستان، پاكىستان، ھىندونېزىيە، مالايشىيا، شىمالى ئافرىقاۋە جۇڭگودىكى، بۇرۇنقى سوۋېت ئىتتىپاقىدىكى بىرمۇنچە مىللەتلەر ئارىسىغا تارقالغان.
    ئەرەبىستان يېرىم ئارىلى ئىسلام دىنىنىڭ ۋەتىنى ئىدى. ئەرەبىستان يېرىم ئارىلى ئاسىيانىڭ غەربىي جەنۇب قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، شىمالىدا ئىراق، سۈرىيە بىلەن جەنۇبتا ھىندى ئوكيان بىلەن، شەرقتە پارس قولتۇقى بىلەن تۇتىشىدۇ، غەربتە قىزىل دېڭىز ئارقىلىق ئافرىقا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ.
      ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنىڭ يەر مەيدانى 3 مىليون كۋادرات كىلومېتىر بۇلۇپ، ھازىرقى ھىندىستاننىڭ زېمىن كۆلىمىگە توغرا كېلىدۇ، ياۋرۇپا
  قۇرۇقلۇقىنىڭ بولسا تەخمىنەن تۆتتىن بىرىگە باراۋەر كىلىدۇ. ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنىڭ كۆپ قىسمى قۇرۇق دەشت_ باياۋانلار ۋە يېرىم سەھرالار دىن ئىبارەت. ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنىڭ ئىقلىمى قۇرغاق، ھاۋاسى ئىسسىق، ھۆل_ يېغىنى ناھايىتى ئاز ياغقانلىقتىن، دېھقانچىلىق قىلىشقا لايىق جايلار ناھايىتى ئاز. چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىشقا باب كېلىدىغان جايلار كۆپ. دەشت_ باياۋانلاردا ۋە يېرىم سەھرالاردا ئوت_چۆپلەر خېلى مول ئۆسەتتى، خورما بىلەن تۆگە سۈتى ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىدا ياشايدىغان ئەرەبلەرنىڭ ئاساسى ئوزۇقى ئىدى. سۇ بولسا ھايات ۋە پاراۋانلىقنىڭ مەنبەسى ئىدى. ئەرەبلەرنىڭ تەمسىللىرىدە : << ھەممە نەرسە سۇ بىلەن تىرىك>> ، << سۇ يوق جايدا يەر ھەم يوق>> دېيىلىدۇ.
     پەقەت ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان يەمەن رايونىلا تروپىك ئۆسۈملۈكلىرىگە باي، ھوسۇلدار جاي ھېسابلىنىدۇ.
بۇ يەردە ھەر يىلى ئىككى قېتىم ھۆل_ يېغىن پەسلى بۇلىدۇ. يەمەندە قەدىمدە دېھقانچىلىقنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن ئىمكانىيەت كەڭ بولغان. يەمەندە مىلادىدىن بىر نەچچە مىڭ يىل بۇرۇنلا  ئولتۇراقلاشقان ئەرەبلەر دېھقانچىلىق، باغۋەنچىلىك، ھۈنەرۋەنچىلىك ۋە سودا سېتىق بىلەن شۇغۇللىنىپ، ئۆزىگە خاس خۇسۇسىيەتكە ئىگە بولغان يۈكسەك ئەرەپ مەدەنىيىتىنى ياراتقان.
     ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنىڭ يەمەن رايونىدىن باشقا جايلىرىدا ياشايدىغان ئەرەبلەر ، ئارپا ،بۇغداي قاتارلىق زىرائەتلەرنى تېرىغاندىن تاشقىرى، خورما دەرىخلىرىنى ئۆستۈرەتتى. ئۇلار يەنە ساپال قاچىلارنى ياساش، رەخت توقۇش (  ئاساسەن تۆگە تىۋىتىدىن يۇڭ رەخت توقۇش ) ، مېتال ئېرىتىپئرۇش قۇراللىرىنى ياساش قاتارلىق قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەنمۇ شۇغۇللىناتتى. ئەرەبلەرنىڭ ناھايىتى كۆپ قىسمى چۆللەردە چېدىر تىكىپ ياشاپ چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى. پەقەت ئەرەبلەرنىڭ قۇرەيىش قەبىلىسىلا دېگۈدەك مەككە، مەدىنە قاتارلىق شەھەرلىرىدە ئولتۇراقلاشقانىدى، قۇرەيىشلەردىن بىر قىسىم كىشىلەر سودىگەرچىلىك قىلىپ ھايات كەچۈرەتتى. ئەرەبلەر ئىسلام دىنى بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن بۇتپەرەس بۇلۇپ، خىلمۇ خىل بۇتلارغا چوقۇناتتى. بەزىلىرى يەھۇدىي، خىرىستىئان دىنلىرىغىمۇ ئېتىقاد قىلاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئەرەب قەبىلىلىرىنىڭ ئىقتىسادىي، مەدەنىيەت جەھەتتىكى تەرەققىياتىمۇ تەكشى ئەمەس ئىدى. يۇقىرىدىكى سەۋەبلەرگە كۆرە، ئەرەبلەردە مۇستەھكەم بىرلىك يوق ئىدى. بۇ ئەھۋال ئەرەبلەردە بىرلىككە كەلگەن ھاكىمىيەتنىڭ شەكەللىنىشىگە توسقۇنلۇق قىلاتتى. ھەتتا قەبىلىلەر بىلەن قەبىلىلەر ئۆزئارا ئۇرۇشۇپ تۇراتتى. ئەڭ دەسلەپ دۆلەت پەيدا بولغان يەمەن رايونىدا، مىلادىنىڭ دەسلەپكى ئەسىرلىرىدە بىرقانچەدۆلەت پەيدا بۇلۇپ ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدا قانلىق ئۇرۇشلار بولۇپ تۇردى.
       مىلادىنىڭ 6- ئەسىرىدە، ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىغا ھەبەشلەر ۋە ئىرانلىقلار ھۇجۇم قىلىشقا باشلىدى. شۇنىڭ نەتىجىسىدە، ھىجاز ئارقىلىق ئۆتىدىغان سودا يولى توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى. ھەبەشلەر ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىنىڭ جەنۇبىدىكى گۈللەپ ياشنىغان شەھەرلەرنى يەر بىلەن يەكسان قىلدى. كارۋان سودىسىنىڭ كېمىيىپ كېتىشى ئەرەبىستان ئاھالىسىگە ناھايىتى قاتتىق زەربە بولدى. بۇنىڭ بىلەن، ئېقتىسادىي كرىزىس يۈز بېرىپ، ئەرەبلەر ئىغىر ئەھۋالدا قالدى.
     ئەرەبلەرنىڭ ھىجازدىكى ئاقسۆڭەكلىرى مەملىكەتنى مۇداپىئە قىلىش، يېڭى ئۆلكىلەر ۋە يېڭى رايونلىرىنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن، ئەرەبلەرنى بىرلەشتۈرۈش زۆرۈرلۈكىنى چۈشىنىشكە باشلىدى.
        بۇغايىنى مىلادىنىڭ 7- ئەسىرىگە كەلگەندە پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسالام  ئەمەلگە ئاشۇردى. ئۇ ئىسلام دىنىنى تارقىتىش ئارقىلىق ئىجتىمائىي جەھەتتىن تارقاق، ئىقتىسادىي جەھەتتە نامرات، مەدەنىيەت جەھەتتە قالاق ھالەتتە ياشاۋاتقان ئەرەب قەبىلىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، ئەرەبىستان يېرىم ئارىلىدا ئەرەب ئىسلام دۆلىتىنى قۇردى.
     دۇنيادىكى ئەھلى مۇسۇلمانلارنىڭ پەيغەمبىرى، قۇران ئەقىدىسى بويىچە ئېيتقاندا، ئاللانىڭ مۇسۇلمان بەندىلىرىگە ئەۋەتكەن ئەلچىسى بولغان مۇھەممەت ئەلەيھىسالام مىلادىنىڭ 570 - يىلى مەككىدە تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىنلا ئاتا _ ئانىسىدىن يېتىم قېلىپ، تاغىسى ئەبۇ تالىپ نىڭ تەربىيىسىدە ئۆسكەن. مۇھەممەت ئەليھىسالام ياش ۋاقتىدا مەككىدىكى ئەڭ باي سودىگەر خەلىچە ئاتلىق ئايالنىڭ سودا كارۋانلىرىغا ئەگىشىپ، پەلەستىن، سۈرىيە قاتارلىق جايلارغا بارغان. ئۇ دەسلەپ خەلىچىگە ئۆيلەنگەن. ئۇنىڭغا پەيغەمبەرلىك ۋەھىيىسى كەلگەندىن كېيىن ، مىلادىنىڭ 610 - يىلى ( شۇچاغدا پەيغەمبىرىمىز 40 ياشتا ئىدى)  مەككىدە ئىسلام دىنىنى تارقىتىشقا باشلىغان. مەككىدىكى قۇرەيىشلەرنىڭ ئاقسۆڭەكلىرى مۇھەممەت ئەلەيھىسالامغا زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۇرۇنغان، شۇ سەۋەبتىن مۇھەممەت ئەلەيھىسالام ۋە ئۇنىڭ ئۈممەتلىرى مىلادىنىڭ 622 - يىلى يېرىم كېچىدە مەككىدىن چىقىپ، مەدىنىگە كەتكەن. بۇ ۋەقە ئىسلام تارىخىدا، << ھىجرەت >> ( سەپەر مەنىسىدە ) دەپ ئاتىلىپ، دۇنيادىكى مۇسۇلمانلارنىڭ يىلنامىسى __ ھىجىرىيە مانا شۇچاغ ( مىلادىنىڭ 622 - يىلى) دىن باشلىنىدۇ.
      مۇھەممەت ئەلەيھىسالام مەدىنىگە كەلگندىن كېيىن، ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلار ناھايىتى تېز كۆپەيگەن، مۇھەممەت ئەلەيھىسالام قوشۇن باشلاپ مەككەگە يۈرۈش قىلغان. شۇنىڭدىن باشلاپ مۇسۇلمان ئەرەبلەر بىلەن كاپىر ئەرەبلەر ئارىسىدا كۆپ قېتىم ئۇرۇش بولغان. مىلادىنىڭ 630 -يىلى مۇھەممەت ئەلەيھىسالام مەككىنى ئالغاندىن كېيىن، ئىسلام دىنى پۈتۈن ئەرەب قەبىلىلىرى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان.
   مۇھەممەت ئەلەيھىسالام مىلادىنىڭ 632 - يىلى 62 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن. دەل شۇ چاغدا، پۈتۈن ئەرەبىسان يېرىم ئارىلى ئىسلام بايرىقى ئاستىدا بىرلىككە كەلگەنىدى.
          ئىسلام  تارىخىدا : << خولىفاي راشىدىن >> دەۋرى دەپ ئاتىلىدىغان دەۋردىكى ( مىلادىنىڭ 632 - يىلىدىن 661 - يىلىغىچە )  خەلىپە ئابۇ بەكرىنىڭ ۋاقتىدا ( مىلادىنىڭ 632 - يىلدىن 634 - يىلىغىچە خەلىپە بولغان ) ئەرەبلەر ئىسلام دىنىنى قوشنا ئەللەرگە تارقىتىش تەييارلىقىنى پۇختا ئىشلىدى.
        ئەرەبلەر خەلىپە ئۆمەرنىڭ ۋاقتىدا ( مىلادىنىڭ 634 - يىلىدىن 644 - يىلىغىچەخەلىپە بولغان ) غەرب ۋە شەرقتىكى قوشنىلىرىغا شىددەت بىلەن ھۇجۇم باشلىدى.
    خەلىپە ئۆمەر دەسلەپ ئۆزىنىڭ غەربتىكى قوشنىسى شەرقىي روما ئىمپېرىيىسىگە ھۇجۇم باشلىدى.  مىلادىنىڭ 635 - يىلى 9 - ئايدا، خالىد قوماندانلىقىدىكى ئەرەپ قۇشۇنلىرى شەرقىي روما قۇشۇنلىرىنى تارمار كەلتۈرۈپ، دەمەشىقنى بېسىۋالدى. مىلادىنىڭ 636 - يىلى 8 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، خالىد ئىئوردانىيىدىكى يامۇق دەرياسىنىڭ بويىدا، روما ئىمپېراتورى ھىراكىلنىڭ ( 610 - 641 ) 200 مىڭ كىشىدىن تەركىب تاپقان چوڭ قوشۇنىنى تارمار كەلتۈرۈپ، پەلەستىننى بېسىۋالدى. شەرقىي روما قۇشۇنلىرىنىڭ قوماندانى تىئودوروس شۇ ئۇرۇشتا ئۆلدى.
    خەلىپە ئۆمەر ، سۈرىيە بىلەن پەلەستىننى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئىراننى بېسىۋېلىشقا بەل باغلىدى. ئېيتىشلارغا قارىغاندا، مىلادىنىڭ 628 - يىلى مۇھەممەت ئەلەيھىسالام ئىران پادىشاھى خىسراۋ پەرۋىزگە مەكتۈپ يوللاپ، ئۇنى مۇسۇلمان بۇلۇشقا دەۋەت قىلغان. خىسراۋ  پەرۋىز مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ مەكتۇپىنى يىرتىپ تاشلىغانىكەن.
       خەلىپە ئۆمەر مىلادىنىڭ 637 - يىلى مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ سەپدىشى سەئىد ئىبنى ئەبۇ ۋاققاس قوماندانلىقىدا خىللانغان، جەڭگىۋار ئەرەب قوشۇنلىرىنى ئىرانغا ماڭدۇردى. قەدىشيە دېگەن جايدا ( ئىراقتا )،  ئەرەبلەر بىلەن ئىرانلىقلار ئارىسىدا ناھايىتى قاتتىق ئۇرۇش بولدى . ئىران قۇشۇنلىرىدا 30 دانە جەڭ پىلى بار ئىدى. ئەرەبلەر نەيزە تىقىپ، پىللارنىڭ كۆزىنى كور قىلدى، قىلىچ بىلەن خارتۇملىرىنى كېسىپ تاشلىدى . بۇ ۋەقە ئۇرۇشنىڭ ئۈچىنچى كۈنى يۈز بەرگەنىدى. قەدىشيە ئۇرۇشىدا، ئەرەبلەر ئران قوشۇنلىرىنى تارمار قىلدى. شۇ ئۇرۇشتا، ئىراننىڭ مەشھۇر جەڭ بايرىقىمۇ باشقا غەلبە غەنىيمەتلىرى قاتارىدا ئەرەبلەرنىڭ قولىغا چۈشۈپ كەتتى. بۇ جەڭ بايرىقى ئىراننىڭ ئەپسانىۋى قەھرىمانى تۆمورچى كاۋىنىڭ پەرتۇقى بۇلۇپ، ئۇنىڭغا خىلمۇ خىل رەڭلىك گۆھەر، ياقۇتلار قادالغانىكەن. << شاھنامە >>دىكى رىۋايەتكە ئاساسلانغاندا، قەدىمكى چاغدا، تۆمورچى كاۋى زالىم پادىشاھ زۇھاكقا قارشى كۆتۈرۈلگەن قوزغىلاڭدا، مانا شۇ پەرتۇقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ ئۇنى ئۇنى قوزغىلاڭنىڭ بايرىقى قىلغانىكەن.
     ئىران شاھىنشاھى يىزدىگىرد 3   ( 634 - 651 ) خوراسان تەرەپ ( ئىراننىڭ شەرقىي شىمال تەرىپى ) كە قېچىپ بېرىپ، قوشۇن توپلاشقا كىرىشتى. يىزدىگىرد ئىران شاھىنشاھى ھورموزد 4  ( 579 - 590 ) نىڭ ئوغلى مەردان شاھ قوماندانلىقىدىكى 150 مىڭ كىشىلىك قوشۇننى شەرققە بېسىپ كېلىۋاتقان ئەرەبلەرگە قارشى ماڭدۇردى. مىلادىنىڭ 642 - يىلى نىخۋەند دېگەن جايدا ئەرەبلەر بىلەن ئىرانلىقلار ئار ىسىدا ھەل قىلغۇچ ئاخىرقى جەڭ بولدى. نومان بىننى مۇكاۋىن قوماندانلىقىدىكى 30 مىڭ كىشىلىك ئەرەب قوشۇنى، مەردان شاھ قوماندانلىقىدىكى 150 مىڭ كىشىلىك ئىران قوشۇنىنى پۈتۈنلەي قىرىپ تاشلىدى. يىزدىگىرد ئىراننىڭ شەرقىگە قاراپ قاچتى. نىخۋەند جېڭىدە ئەرەبلەرنىڭ غالىب كېلىشى ئىران ساسانىيلار سۇلالىسىنىڭ ھالاك بۇلۇش سىگنالىنى چالدى.  ھەزرىتى ئۆمەرنىڭ بويرۇقىغا بىنائەن تەشكىل قىلىنغان قوشۇنلار مىلادىنىڭ 642 - يىلىدىن 644 - يىلىغىچە، ئىراننىڭ ئىسفاھان، تەبەرىستان، ئەرمەنىستان، پارس، كىرمان، سىيىبىستان، خوراسان ۋىلايەتلىرىنى ئارقا _ئارقىدىن بېسىۋالدى. ئەرەبلەر مىلادىنىڭ 651 - يىلى،  باي ۋە مەدەنىي شەھەرـــ مەرۋىگە بېسىپ كەلدى ۋە ئۇنى ئۇرۇشسىزلا قولغا چۈشۈردى. شۇنىڭ بىلەن  427 يىل ھۆكۈم سۈرگەن ئىران ساسانىيلار دۆلىتى تارىخ سەھنىسىدىن يوقالدى.

         ئىران نېمە ئۈچۈن ئەرەبلەرنىڭ قولىغا ئاسانلا چۈشۈپ كەتتى؟

   ئىران مىلادىنىڭ 628 - يىلى غەربىي تۈرك خاقانى تون يابغۇ، شەرقىي روما ئىمپېراتورى ھىراكلى باشچىلىقىدىكى تۈرك ۋە روما قۇشۇنلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا  ئىغىر مەغلۇبىيەتكە  يۇلۇققانىدى. تون يابغۇ قاغان ئىراننىڭ شۇ چاغدىكى پايتەختى كىتىسىفۇن  ( ھازىرقى باغداد ) غا بېسىپ كىرىپ خىسراۋ پەرۋىزنى تەخىتتىن چۈشۈرگەن. ئۇنىڭ ئورنىغا قۇباد پادىشاھ بولغانىدى. ئىران تۈركلەر بولغان شۇ  ئۇرۇشتا ئېغىر زىيانغا ئۇچراپ خېلى ئاجىزلاپ قالغانىدى. بۇ ئەھۋال ئەرەبلەرنىڭ 15 يىل ئىچىدە ( مىلادىنىڭ 636 - يىلىدىن 651- يىلىغىچە ) تولۇق بېسىۋېلىشىنى ئاسانلاشتۇردى.
       شۇنداق قىلىپ، ئەرەبلەر خەلىپە ئۆمەرنىڭ ۋاقتىدا شەرقىي روما ئىمپېرىيىسىنىڭ پەلەستىن، ئىئوردان، لۇبنان، سۈرىيە،مىسىر، بىنگازى قاتارلىق ئۆلكىلىرىنى بېسىۋالدى. ئىراننىمۇ ئاساسەن بويسۇندۇردى.  ئەرەبلەر خەلىپە ئوسمان ۋاقتىدا ( 644 - 651 ) ئىراننى تولۇق بويسۇندۇردى. خەلىپە ئەلىنىڭ ۋاقتىدا بولسا ( 651 - 661 ) ئەرەبلەردە ئىتتىپاقسىزلىق تۇغۇلۇپ، بىر مەزگىل قالايماقانچىلىق بىلەن ئۆتتى.
     خولىفاي راشىدىن دەۋرىدىكى خەلىپىلەر ئىچىدە، خەلىپە ئۆمەر ناھايىتى كەسكىن، باتۇر، ئەقىللىق، تالانتلىق، ئادىل كىشى ئىدى.
  خەلىپە ئۆمەر مىلادىنىڭ 640 - يىلى بابىل شەھىرىنى قورشاۋغا ئالغاندا، شەھەرنى مۇداپىئە قىلىپ تۇرغان قوماندانغا مۇنداق دىگەن: << ئەگەر سەن ئىسلام دىنىغا كىرىشنى خالىساڭ، ئۇ چاغدا سەن بىلەن سېنىڭ خەلقىڭ بىزگە قېرىنداش بۇلىدۇ. ئەگەر  سەن ئۇنداق قىلىشنى خالىمىساڭ، بىز سىنى زادى مەجبۇر قىلمايمىز .  سەن تەسلىم بولۇپ، سېلىق تۆلەشكە رازى بولساڭلا بولدى. سەن بىلەن سىنىڭ خەلقىڭ زادى زىيانكەشلىككە ئۇچرىمايدۇ. ئەگەر سىلەر بۇنىڭغىمۇ ئۇنمىساڭلار،ئۇ چاغدا بىز بىلەن ئۇرۇشىڭلار، تەقدىرىمىزنى ئاللا بىرتەرەپ قىلسۇن ! >>
   خەلىپە ئۆمەر مىلادىنىڭ 636 - يىلى  پەلەستىننى ئىشغال قىلغاندىن كېيىن، قۇددۇستىكى يەھۇدىي ۋە خىرىستىئان ئىبادەتخانىلىرىغا ھېچقانداق دەخلى يەتكۈزمىگەن، يەھۇدىي ۋە خىرىستىئان راھىبلىرى بىلەن پوپلىرىغا خەلىپە ئۆمەر تەرىپىدىن كۆپ ئىلتىپات، ھۆرمەت كۆرسىتىلگەن. شۇنىڭدىن كېيىن، خېلى مەزگىلگىچە قۇددۇستىكى ھەممە دىنلارغا تولۇق ئەركىنلىك بېرىلگەن. ياۋرۇپانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن ھەريىلى قۇددۇسنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن كەلگەن خىرىستىئانلار ئەركىن ھالدا كېلىپ ــ كېتىپ تۇرالىغان.
    مىلادىنىڭ 661 - يىلى، خەلىپە ئەلىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن خەلىپىلىك ھوقۇقى قۇرەيىش قەبىلىسىنىڭ قولىدىن ئۈممەۋىلەر قەبىلىسىنىڭ قولىغا ئۆتۈپ كەتتى. خولىفاي راشىدىن دەۋرىدىكى تۆت خەلىپە قۇرەيىش قەبىلىسىدىن بولغانىدى.
     ئۈممەۋىلەر دەۋرى ( مىلادىنىڭ 661 - يىلىدىن 751 - يىلىغىچە ) دە پايتەخت كۇفىدىن دەمەشقكە كۆچۈرۈلدى.
   ئەرەبلەر ئۈممەۋىلەر خەلىپىلىكىدىن باشلاپ ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرۇشقا جىددىي ھەرىكەت قىلدى. ئەرەبلەرنىڭ شۇڭغىچە بولغان غەلبىسىنى تەمىن ئەتكەن  ئاساسىي سەۋەب ئەرەبلەر تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغان دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى جەھەتتىكى ئاجىزلىقى ۋە سىياسى ئىقتىسادىي جەھەتتىكى تارقاقلىقى ئىدى.
     ئەرەبلەر ، شەرقىي روما ۋە ئىران بىلەن قىلغان ئۇرۇشلىرىدا ھەربىي جەھەتتىن خېلى مول تەجرىبىلەرنى توپلىغانىدى.  ئەرەبلەر  ئېغىر ۋە يەڭگىل قوراللار بىلەن قوراللانغان ئاتلىق قوشۇن تۈزدى.  بۇنىڭدىن باشقا ، ئۇلاردا پىيادە قىسىم ھەم بار ئىدى. ئېغىر قوراللار بىلەن  قوراللانغان ئاتلىقلارنىڭ ئۆزلىرىلا ئەمەس، بەلكى ئۇلار مىندىغان ئاتلارمۇ  ساۋۇت ۋە باشقا خىلدىكى قوغدىنىش قوراللىرى بىلەن تەمىن ئېتىلگەنىدى.  ئەرەب ئاتلىقلىرى ئاساسەن ئەرەب ئاقسۆڭەكلەردىن، پىيادىلىرى بولسا كۆپىنچە بويسۇندۇرۇلغان خەلقلەردىن تەشكىل قىلىناتتى،  ئەرەب قوشۇنىدىكى ئاتلىقلار بىلەن پىيادىلەرنىڭ سانى باپباراۋەر ئىدى.
     ئەرەبلەر مىلادىنىڭ 651 - يىلى مەرۋىنى بېسىۋالغاندىن كېيىن، ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆز تىكىشكە باشلىدى. ئەرەبلەرنى ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھوسۇلدار، باي يەلىرى قىزىقتۇرغان بولسا كېرەك.
       ئەرەبلەر ئوتتۇرا ئاسىياغا  بېسىپ كىرىشنىڭ ھارپىسىدا، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىچكى ئەھۋالى ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى.
  شۇچاغدا ئوتتۇرا ئاسىيا  غەربىي تۈرك قاغانلىقىنىڭ ھىمايىسى ئاستىدا ئىدى. تۈرك قاغانلىقى ئىچكى ئۇرۇشلارۋە تاشقى دۈشمەنلەرنىڭ قىلغان ھۇجۇملىرى سەۋەبىدىن  خېلىلا ئاجىزلاپ قالغانىدى. بولۇپمۇ مىلادىنىڭ 630 - يىلى تون يابغۇ قاغان ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئىچكى ئۇرۇشلار قوزغىلىپ، غەربىي تۈرك قاغانلىقىنى ھالسىزلاندۇردى. تون يابغۇ قاغاندىن كېيىن، تۈركلەرگە سى يابغۇ (  630 - 633 ) ، تولوقاغان ( 633 - 634 )، ئىشبارا تىرىش توڭڭا قاغان ( 634 - 639 )، باغاتور ئىپى قاغان ( 639 - 640 )، ئىپى تولۇ قاغان ( 640 - 653 ) قاتارلىق
  قاغانلار  ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
      ئىراننىڭ شاھىنشاھى يىزدىگىرد 3  مىلادىنىڭ 642 - يىلى نىخۋەند دېگەن جايدا بولغان ئۇرۇشتا ئەرەبلەر تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنغاندىن كېيىن، مەرۋىگە كېلىپ، غەربىي تۈرك قاغانى ئىپى تولو قاغانغا سېغىندى. لېكىن ئاجىزلاپ قالغان غەربىي تۈرك قاغانلىقىنىڭ قاغانى ئىپى تولو قاغان يىزدىگىرد 3 كە ياردەم بېرىپ، ئەرەبلەرگە قارشى چېقىشقا پېتىنالمىدى.
    ئۇنىڭ ئۈستىگە، مىلادىنىڭ 640 - باشلاپ تاڭ سۇلالىسى غەربىي تۈركلەرگە بىر نەچچە يۆنىلىش بويىچە ھۇجۇم باشلىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ كۈچلۈك ياردىمىگە ئىگە بولغان تاڭ سۇلالىسى مىلادىنىڭ 659 - يىلى بورتالا ئەتراپىدا بولغان ئۇرۇشتا غەربىي تۈرك قاغانى چىنچۇ يابغۇ قاغان ( جۇڭگو تارىخچىلىرى ئاسىنا خالۇ دەپ يازغان) نى مەغلۇپ قىلدى. مانا شۇ مەغلۇبىيەتتن كېيىن، غەربىي تۈركلەر بۇرۇنقى شان شۆھرىتىنى يوقىتىشقا باشلىدى.
        يۇقىرىدىكى ئەھۋاللار، ئەرەبلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىياغا بېسىپ كىرىشى ئۈچۈن  ناھايىتى ئوبدان شارائىت يارىتىپ بەردى.
    مىلادىنىڭ 674 - يىلى خەلىپە مۇئاۋىيە ( 661 - 680 ) تەرىپىدىن ئەۋەتىلگەن ئەبەيدۇللا ئىبنى زىياد ئامو دەريادىن ئۆتۈپ، ئوتتۇرا ئاسىياغا بېسىپ كىردى. ئۇ بايكەنت ، بۇخارانى ئالدى، بۇ شەھەرلەردىن ناھايىتى نۇرغۇن بايلىق ( ئالتۇن، كۈمۈش ) ۋە ئەسىرلەرنى ئېلىپ، مەرۋىگە قايتتى.
     مىلادىنىڭ 676 - يىلى سەئىد ئىبنى ئوسماننىڭ بۇخارا ۋە سوغدىيانانىڭ باشقا شەھەرلىرىگە قىلغان يۈرۈشلىرى ئەرەبلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى بېسىۋېلىش ئۈچۈن باسقان جىددىي قەدىمى بولدى. سەئىد ئىبنى ئوسمان بۇخارانى بېسىۋالغاندىن كېيىن، سەمەرقەندكە قاراپ ماڭدى. بۇ يۈرۈش غەلبە بىلەن ئاياغلاشتى. ئۇ ناھايىتى نۇرغۇن قىممەت باھالىق ئولجىلارنى قولغا چۈشۈرگەندىن تاشقىرى 30 مىڭ كىشىنى ئەسىر ئېلىپ كەتتى.
    ئەرەبلەر يىزىد ( 680 - 683 ) ، مۇئاۋىيە2   ( 683 - 684 )، مەرۋان1 ( 684 - 685 )، ئابدۇلمولك ( 685 - 705 ) قاتارلىق خەلىپىلەرنىڭ دەۋرىدە، ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۈزۈل ــ كېسىل، تولۇق بېسىۋېلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىدى. بۇ ئىشنى ئەرەبلەرنىڭ خوراسان ( ئىراننىڭ شەرقىي شىمال قىسمى ) غا تەيىنلىگەن نائىبلىرى ( باش ۋالىيلىرى ) ئورۇندىشى لازىم ئىدى. رابى ئىبنى زىياد مىلادىنىڭ ( 671 - يىلى ) ئابدۇللا ئىبنى ھازىم ( 683 - 691 )، ئۈمەييان ئىبنى ئابدۇللا ( 692 - 697 )، يىزىد ئىبنى مۇخالىپ ( 701 - 704 ) قاتارلىق نائىبلارنىڭ ھېچبىرى ئۇ ئىشنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمىدى. بۇنىڭغا بويسۇندۇرۇلغان خەلقلەرنىڭ ئەرەبلەرگە قارشى كۆتۈرگەن قوزغىلاڭلىرى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەربلەرگە قاتتىق قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى، شۇنىڭدەك، ئەرەبلەر ئىچىدە يۈزبەرگەن كەسكىن  ئىچكى زىدىيەتلەرمۇ سەۋەب بولغانىدى.
     ئەرەبلەر، ۋەلىد 1   ( 705 - 715 )، سۇلايمان ( 715 - 717 )، ئۆمەر2   ( 717 - 720 )، يىزىد2  ( 720 - 724 )، ھىشام ( 724 - 743 )، ۋەلىد2  ( 743 - 744 )، ئىبراھىم  ( 744 - ؟ )، مەرۋان3 ( 744 - 750 ) قاتارلىق خەلىپىلەر دەۋرىدە ( مىلادىنىڭ 705 - يىلىدىن 750 - يىلىغىچە ) تەخمىنەن 50 يىل ۋاقىت سەرپ قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرۇۋالدى.
   ئەرەبلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرۇشى ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشلار ئارقىلىقلا بولدى .
    مىلادىنىڭ 682 - يىلى شەرقىي تۈرك قاغانلىقى قايتىدىن ۋۇجۇدقا كەلدى. غەربىي تۈرك قاغانلىقى مىلادىنىڭ 700 - يىللىرىغا كەلگەندە خېلى جانلىنىپ قالدى. شەرقىي تۈرك قاغانلىقى بولسۇن، غەربىي تۈرك قاغانلىقى بولسۇن، ئەرەبلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى بېسىۋېلىشىغا يول قويمايتتى.
    ئەگەر ئوتتۇرا ئاسىيا ئەرەبلەر تەرىپىدىن بېسىۋېلىندىغان بولسا، تۈركلەر ( بۇلۇپمۇ غەربىي تۈركلەر ) نىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى سىياسىي ئورنى يوق بولاتتى ياكى ئۆزلىرىمۇ ئەرەبلەرگە قارام بولۇپ قالاتتى، بۇنداق ئەھۋالنىڭ يۈز بېرىشىدىن ئەنسىرىگەن تۈركلەر ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەرەبلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان كۈرەشلىرىنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇردى. شۇنىڭ ئۈچۈن، ئەرەبلەر ئوتتۇرا ئاسىيانى  بويسۇندۇرۇشتا ناھايىتى قاتتىق قارشىلىققا  ئۇچرىدى .
    خەلىپە ۋەلىد ( مىلادىنىڭ 705 -يىلىدىن 715 - يىلىغىچە خەلىپە بولغان ) قۇتەيبى ئىبنى مۇسلىمنى خۇراسانغا نائىب قىلىپ تەيىنلىدى. ئۇنىڭغا يۈكلەنگەن ۋەزىپە ــ ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرۇش ئىدى.
     مىلادىنىڭ 709 - يىلى قۇتەيبى بۇخارانى بېسىۋېلىش ئۈچۈن  چوڭ قوشۇننى باشلاپ مەرۋىدىن يولغا چىقتى.  دەل شۇ چاغدا ، شەرقىي تۈرك قاغانى قاپاغان ( مىلادىنىڭ 692 - يىلىدىن  716 - يىلىغىچە قاغان بولغان ) ئوتتۇرا ئاسىيالىقلارنىڭ ياردەم تەلەپ قىلغانلىقىنى نەزەرگە ئېلىپ، كۆل تېكىن قوماندانلىقىدىكى شەرقىي تۈرك قوشۇنلىرىنى قۇتەيبگە  قارشى ماڭدۇردى.
     كۆل تېكىن ( مىلادىنىڭ 687 - يىلى تۇغۇلۇپ 732 - يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن ) قۇتلۇق ئېلتىرىش قاغان ( مىلادىنىڭ 682 يىلىدىن 692 - يىلىغىچە قاغان بولغان ) نىڭ ئوغلى، قاپاغان قاغاننىڭ جىيەنى بولۇپ، تارىختا ناھايىتى يۇقىرى شۆھرەت ۋە ئابروي قازانغان ئاتاقلىق قەھرىمان ئىدى. 22 ياشلىق كۆل تېكىن شەرقىي تۈرك قوشۇنلىرىنى باشلاپ  ئوتتۇرا ئاسىياغا قاراپ يولغا چىققاندا، ئۇنىڭغا قېيىن ئاتىسى ، ئاتاقلىق ھەربىي سەركەردە، شەرقىي تۈرك قاغانلىقىنىڭ باش قوماندانى تونيوقوق ھەمرا بولغانىدى.
     كۆل تېكىن قوماندانلىقىدىكى شەرقىي تۈرك قوشۇنلىرى قۇتەيىبى باشچىلىقىدىكى ئەرەب قوشۇنلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولدى، كۆل تېكىن قايتىپ كەتتى، قۇتەيىبى بۇخارانى بېسىۋالدى.
   مىلادىنىڭ 712 - يىلى كۆل تېكىن قوماندانلىقىدىكى شەرقىي تۈرك قوشۇنلىرى ئىككىنچى قېتىم ئوتتۇرا ئاسىياغا كەلدى. بۇ چاغدا ، قۇتەيىبى
سوغدىيانانىڭ يۈرۈكى بولغان سەمەرقەندنى بېسىۋېلىش ئۈچۈن يۈرۈش باشلىغانىدى. باشتا ، شەرقىي تۈرك قوشۇنلىرى بىلەن ئەرەبلەر ئارىسىدا بولغان ئۇرۇشتا قۇتەيىبى مەغلۇپ بولۇپ چېكىندى. دەل شۇ پەيتىدە ، قاپاغان قاغان، كۆل تېكىننى ئوتتۇرا ئاسىيادىن چاقىرتىۋالدى،
   بۇ ۋەقەگە شەرقىي تۈركلەرنىڭ تاڭ سۇلالىسى بىلەن بولغان  مۇناسىۋىتىنىڭ ناھايىتى يامانلاشقانلىقى سەۋەپ بولغانىدى.
     كۆل تېكىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىن كېتىشى قۇتەيىىبىنىڭ سوغدىيانانى بېسىۋېلىشىدا ھەل قىلغۇچ  رول ئوينىدى.  قۇتەيىبى مىلادىنىڭ 712 يىلى
  سوغدىلارنىڭ پايتەختى سەمەرقەندنى ئالغاندىن كېيىن، پەرغانىدا ئۇرۇش ھەركەتلىرىنى ئېلىپ باردى. ھەتتا قەشقەرغىچە بېسىپ باردى،
لېكىن قەشقەرنى ئالالماي مەغلۇپ بولۇپ قايتتى.
    قۇتەيىبى مىلادىنىڭ 715 - يىلىغا كەلگۈچە، ئەرەبلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئۈزۈل ـــ كېسىل بېسىۋېلىشىغا ئاساس سالدى. ئەرەبلەر ، ماۋرە ئۈننەھرىنى پۈتۈنلەي بېسىۋالالمىغان بولسىمۇ ، ئەمما بۇ ۋاقىتقا كەلگەندە، زەرەپشان، قاشقا دەريا ۋادىلىرىنى ۋە خارەزىمنى بېسىۋالغانىدى.
    خەلىپە ۋەلىد ( 705 - 715 )  ئۆلگەندىن كېيىن، خەلىپە بولغان سۇلايمان ( 715 - 717 ) بىلەن قۇتەيىبىنىڭ مۇناسىۋىتى يامانلاشتى، سۇلايمان ئۆزىگە قارشى بولغان ھۇججاجنىڭ تەرەپدارلىرىنى يوقىتىشقا كىرىشكەنىدى. ھۇججاج تەرەپدارى بولغان قۇتەيىبى سۇلايمانغا بويسۇنۇشتىن باش تارتتى. لېكىن ئۆزى مىلادىنىڭ 715 - يىلى پەرغانىدە  قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن ئەرەب قوشۇنلىرى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى.
ئەرەبلەر قۇتەيىبىنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، سۇلايمان ( 715 - 717 ) ، ئۆمەر2 ( 717 - 720 )، يىزىد2 ( 720 - 724 ) ھىشام ( 724 - 743 )، ۋەلىد2  ( 743 - 744 )، ئىبىراھىم ( 744 - ؟ ) مەرۋان3  ( 744 - 750 ) قاتارلىق كىشىلەر خەلىپىلىك تەختىدە ئولتۇرغان  35 يىل ئىچىدە ( 715 - 750 )، غەربىي تۈركلەر باشچىلىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى بىلەن ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئۇرۇشلارنى ئېلىپ باردى ، ئەرەبلەر ئاخىر غەلبە قىلدى. شۇ مەزگىلدە يۈز بەرگەن تارىخىي ھادىسىلەرنىڭ قىسقىچە تەسۋىرى مۇنداق:
      ئەرەبلەر  ئوتتۇر ئاسىيانى بويسۇندۇرۇشتا، قىلىچ ۋە قامچىدىن ئىبارەت بولغان زورلۇق ۋاستىلىرىدىن پايدىلانغاندىن تاشقىرى، باشقا ۋاستىلەرنىمۇ قوللاندى، بۇ باشقا ۋاستە ـــ مۇسۇلمان بولغان يەرلىك ئاھالىدىن سېلىق ( بۇ جان سېلىقى بىلەن يەر سېلىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ )
ئالماسلىق سىياسىتى ئىدى، بۇنداق سىياسەتنى بەزىبىر ئەرەب خەلىپىلىرى ئىجرا قىلماقچى بولسىمۇ، خۇراسانغا قويۇلغان ئەرەب نائىبلىرى ئۇنى ئىجرا قىلمىدى.
   ئەرەبلەرنىڭ سېلىق سىياسىتىدىن نارازى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار ئۆز مۇستەقىللىقىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن غەربىي تۈركلەرنىڭ قاغانى سولوخاننىڭ يىتەكچىلىكىدە ئەرەبلەرگە قارشى كەسكىن كۈرەشلەرنى ئېلىپ باردى.
     مىلادىنىڭ 717 - يىلىدىن باشلاپ غەربىي تۈركلەرنىڭ داۋامى سۈپىتىدە تۈرگەش قاغانلىقى قۇرۇلغانىدى. تۈرگەشلەر ئەسلىدە غەربىي تۈركلەرنىڭ ئون ئوق قەبىلىسى ئىچىدىكى بىر قەبىلە بولۇپ، ئۇلار سېرىق تۈرگەشلەر ۋە قارا تۈرگەشلەردىن ئىبارەت ئىككى شاخقا ئايرىلاتتى.
  سولوخان سېرىق تۈرگەشلەردىن بولۇپ، ئۇ مىلادىنىڭ 717 - يىلىدىن 738 - يىلىغىچە غەربىي تۈركلەرگە قاغان بولغان. سولوخان قاغانلىق تەختىدە ئولتۇرغان مەزگىلىدە ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەرەبلەرگە قارشى بىرلەشكەن كۈچلىرىگە يېتەكچىلىك قىلىپ بىر نەچچە قېتىم غەلبە قىلدى ۋە ئەرەبلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى بېسىۋېلىشىنى نەچچە ئون يىل ئارقىغا سۈردى. بۇ ۋەقە توغرىسىدا ئككىلا مىسال كەلتۈرۈش يېتەرلىك:
      مىلادىنىڭ 728 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ سولوخان يېتەكچىلىكىدىكى بىرلەشكەن كۈچلىرى ئەرەب قوشۇنلىرىنى ناھايىتى كۆپ جايلاردىن قوغلاپ چىقاردى. پەقەت سەمەرقەنت قاتارلىق جايلارلا  ئەرەبلەرنىڭ قولىدا قالدى.
       مىلادىنىڭ 737 - يىلى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ ئەرەبلەرگە قارشى كۈرشى ناھايىتى كەسكىن ۋە كەڭ كۆلەملىك بولدى. بۇ قېتىمقى ئۇرۇش خوتتالىيان ( ھازىرقى تاجىكىستاندا ) يېنىدا بولدى. شۇ ئۇرۇشقا قاتناشقان ئەرەب قوشۇنلىرىغا خۇراسان ۋە ماۋرە ئۈننەھرىگە ئىككىنچى قېتىم  نائىب بولغان ئەسئەت ئىبنى ئابدۇللا يېتەكچىلىك قىلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ بىرلەشكەن كۈچلىرىگە سولوخان يېتەكچىلىك قىلدى. سولوخان يېتەكچىلىكىدىكى قوشۇندا تۈرگەشلەر، قارلۇقلار ۋە سوغدى، تاشكەنت، خۇتتالىيان خانلىرى باشچىلىقىدىكى ئوتتۇرا ئاسىيالىقلار بارئىدى، باشتا  سولوخان باشچىلىقىدىكى بىرلەشكەن قوشۇن ئۈستۈن كەلدى، ئۇرۇشنىڭ ئاخىرىدا ئەرەبلەر غالىب كەلدى.
      ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرۇشتا ، غەربىي تۈرك قاغانى سولوخاننىڭ قاتتىق قارشىلىقىغا ئۇچرىغان ئەرەبلەرنىڭ تارىخچىلىرى سولوخاننى
<< ئۈسسۈگەك، سوقۇشقاق >> دەپ يېزىشقان.
     ئەرەبلەر ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنى بويسۇندۇرۇپ مۇسۇلمان قىلىش ئۈچۈن، ناھايىتى ئۇزۇنغا سوزۇلغان(  مىلادىنىڭ 651 - يىلىدىن 751 - يىلىغىچە توپتوغرا 100 يىل )  سوزۇلغان ئۇرۇشلارنى ئېلىپ باردى. ئەرەبلەرنىڭ غالىب كېلىشىگە ئەرەبلەرنىڭ كۈچلۈكلىكى ئەمەس،بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنىڭ مۇستەھكەم ئارقا تىرەككە ئىگە بولالمىغانلىقى ۋە ئىتتىپاقسىزلىقى سەۋەپ بولدى.
     تېخىمۇ ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا، ئەرەبلەر ئوتتۇرا ئاسىاغا بېسىپ كەلگەندە، شەرقىي تۈرك قاغانلىقىمۇ، غەربىي تۈرك قاغانلىقىمۇ ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋالدا قالغانىدى. بۇنداق ئەھۋالنى ئۇلارنىڭ ئىچكى جەھەتتىن ئىتتىپاقسىزلىقى، تاشقى جەھەتتىن ئالغاندا، تاڭ سۇلالىسىنىڭ تۈركلەرنىڭ ئىچىدىكى زىدىيەتتىن پايدىلىنىپ، ئۇلارنى يوقىتىش ئۈچۈن ئەسىرلەر بويى توختىماي ئېلىپ بارغان ئۇرۇشلىرىنىڭ نەتىجىسى كەلتۈرۈپ چىقارغانىدى. شۇنىڭ ئۈچۈن، شەرقىي تۈركلەرمۇ، غەربىي تۈركلەرمۇ ئوتتۇرا ئاسىيانى ئەرەبلەرنىڭ بېسىۋېلىشىدىن ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن جىددىي ە ئۈنۈملۈك ھالدا كۈچ چىقىرالمىدى.
      ئەرەبلەر ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىسلام دىنىنى كۈچەپ تەرغىپ قىلىپ، ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرىنى مۇسۇلمان قىلدى.
    

                                                                نەسەبنامە

                                                         ھون تەڭرىقۇتلىرى

                                                    مىلادىدىن بۇرۇنقى چاغلار

         1. چۇڭۋى                                              1800 -
   بۇ ھونلارنىڭ يازما مەنبەلىرىدە خاتىرلەنگەن ئەڭ قەدىمكى بوۋىسى بولۇپ، ھازىرقى كۈندىن 3800 يىل بۇرۇن ياشىغان.
        2 . xxx  تەڭرىقۇت  ( ! ؟ )                        240 - 270
  بۇ تەڭرىقۇتنىڭ نامى تارىختا مەلۇم ئەمەس.
       3 . تۈمەن تەڭرىقۇت (  ئوغۇزخان )               210 - 240
       4 . باتۇر تەڭرىقۇت                                    174 - 210
       5 . كۆك خان                                           161 - 174
       6 . كۈنخان                                             126 - 161
       7 . ئېل چىشى                                          114 - 126
       8 . ئوۋى                                                105 - 114
       9 . ئۇيشىلار                                             102 - 105
      10. قۇلىغۇ                                                101 - 102
      11. قۇتىغۇ                                                96  -  101
      12. غۇلىقۇ                                                 85  -  96
      13. غۇياندى                                             68  -  85
      14. شۇلۇي قانقۇي                                      60  -  68
      15. ئۇيانقۇتى                                            58  - 60
      16. قوغوشار (  خۇخەييى 1 )                          31 -  58
      17. قۇتىئوش                                               36 -  56
      18 . پوجۇلونۇتى                                         20 -  31
      19. شۇجۇنوتى                                             12 -  20
      20. قىيانوتى                                                8  -  12
      21. ئۇجىلونوتى ( مىلادىنىڭ 13 - يىلىغىچە )        13 -  8

                                                  مىلادىدىن كېيىنكى يىللار
    
      22. ئۇلۇنوتى                                               18 -  13
      23. غۇدۇئارشى داۋگانوتى                              46 -  18
      24. ئۇداتقۇ                                                 21 -   46

                                                   شەرقىي ھون تەڭرىقۇتلىرى

     25. بەي  ( خۇخەنيى2 )                                  56 - 48
     26. چۇپۇنوتى                                               56 - 57
     27. ئىلغا ئۇلۇتى                                            57 - 59
     28. شىتوڭسى سۈيغۇتى                                     59 - 63
     29. قۇچى قىلىندى                                            ؟  - 63
     30. غۇشى شىسۇقۇتى                                        63 - 85
     31. ئىلتۇ ئۇلۇتى                                             85 - 88
     32. شۇلان شىسۇقۇتى                                        88 -  93
     33. ئارقۇ                                                      93 -  94
     34. تىندۇ شىسۇقۇتى                                         94 - 98
     35. ۋانچى شىسۇقۇتى                                       98 - 124
     36. ئۇجىقۇ شىسۇقۇتى                                      124 - 128
     37. قۇتىنو شىسۇقۇتى                                       128 - 140
    قۇتىنو شىسۇقۇتى تەڭرىقۇت مىلادىنىڭ 140 - يىلى ئۆزىنى ئۆلتۈرۋالغاندىن كېيىن  140 - يىلدىن 143 يىلىغىچە شەرقىي ھونلارنىڭ تەختى بوش قالغان تەڭرىقۇت تەيىنلەنمىگەن.
     38. غوراننو شىسۇقۇتى                                     143 - 147
     39. ئىللىن شىسۇقۇتى                                       147 - 172
     40. ئۇتىنو شىسۇقۇتى                                       172 - 178
     41. غۇجىن                                                    178 - 179
     42. قانقۇي                                                   179 - 188
     43. قىزى شىسۇقۇتى                                         188 - 195
     44. غۇچۇقان                                                 195 - 216

                                                     غەربىي ھون تەڭرىقۇتلىرى

     45. پانو                                                       46 - 83
     46. سانمولو ئوتزى                                         83 - 84
     47. ئۇلۇغ                                                     84 - 89
     48. شىمالى تەڭرىقۇت ( بۇ تەڭرىقۇتنىڭ نامى مەلۇم ئەمەس )  89 - 91
     49. ئېل تېكىن                                               91 - 93
     50. پانغۇ                                                     93 - 118
مۇشۇ تەڭرىقۇتتىن باشلاپ، غەربىي ھون تەڭرىقۇتلىرىنىڭ نامى مەلۇم ئەمەس.

                                                     ئۇيسۇن كۈن بەگلىرىنىڭ نەسەبنامىسى

                                                        مىلادىدىن بۇرۇنقى يىللار

     1. ناندومى                                                    197 - ؟
     2. راغومى                                                       197 - 104
     3. قۇنشۇمى                                                     104 - 93
     4. ئۇنغۇمى                                                      93 -  60
     5. نىمى                                                           60 - 53
     6. ئۇيغۇت                                                       53 - 33
     7. يانغۇمى ( بۇ خەنزۇ مەلىكىسىدىن تۇغۇلغان )        53 - 51
     8. شىنمى    ( بۇ يانغۇمىنىڭ ئوغلى     )                   51 - 33
     9. جىسومى                                                        33 - 16
    10. ئېل قومى  ( مىلادى )                                      10 - 16

                                                          سايىبىلارنى نەسەبنامىسى

                                            1 ـــ سىيانپىلار ئىمپېرىيىسىنىڭ قاغانلىرى
                                                           مىلادىدىن كېيىنكى

      1. تانشىغۇي                                                     148 -181
      2. غوران                                                          181 - 216
      3. قۇيتۇ                                                           216 - 233
                بۇ ئىككىسى ئورتاق قاغانلار
      4. بۇدوقىن                                                        216 - 233
      5. قىبەنىن                                                         233 - 235

                                                  2  ـــ توبا سايىبى خانلىرى    
      
      1. قىپان                                                            235 - 261    
      2. لىۋى                                                            261 - 277    
      3. لىفۇ، چاۋ ، فۇ                                                 277 - 297                    
       بۇ ئۈچ قاغاننىڭ ھۆكۈمرانلىق قىلغان ۋاقتى 20 يىل
      4. ئۇتا  ( يىتۇ )                                                    297 - 310
      5. يىلۇ                                                                310 - 316
                  بۇ ئىككىسى ئورتاق قاغان
      6. لوگۇەن                                                            310 - 316
      7. يۇلۇ                                                                316 - 325
      8. غونو                                                               325 - 330
      9. قېقىنا                                                               330 - 335
      10. يىغۇي                                                           335 - 337
      11. قېقىنا    ( تەكرار قاغان بولغان )                           337 - 338
      12. يىغۇي  (  تەكرار قاغان بولغان )                          338 - 376
      13. تېكىن                                                            378 - 380
      14. فۇگىن                                                            380 - 386
      15 . كېيى                                                            386 - 394

                                                        توبا قاغانلىرى
      
       1. توباغۇي                                                          386 - 409
       2. توباسى                                                            409 - 423
       3. توباتاۋ                                                            423 - 452
       4. توبايۇ                                                             452 -    ؟
       5. توبازى                                                            452 - 465
       6. توباخۇن                                                          465 - 471
      

                                                          ئاۋار قاغانلىرى

                                                         مىلادىدىن كېيىن
      
       1. تولۇن قاغان1                                                        394 - 410
       2. خولىئۇ قاغان                                                         410 - 414
       3. تالان قاغان                                                           414 - 429
       4. ئۇتى                                                                   429 - 444
       5. توغاچىن                                                               444 - 464
       6. ئۇچىن                                                                 464 - 485
       7 . تولۇن2                                                               485 - 492
       8. ناغاي                                                                 492 - 506
       9. توقخان                                                                506 - 508
       10. چۇنۇ                                                                 508 - 520
       11. بىراھمان                                                             520 - 521
       12. ئاي ناغاي                                                         521 - 552
       13. توبا                                                                   552 - 553
       14. دىڭخو                                                                553 - 553
       15. قۇت                                                                   553 - 553
       16. دىڭشۇزى                                                            553 - 555
       17. يانلوچىن                                                             555 -   ؟


                                                     ئۇيغۇر قاغانلىرى   ( 高车王国 )

                                                ( ئېگىز ھارۋىلىقلار قاغانلىقىنىڭ قاغانلىرى )

        1. ئاي ئۇجرۇ                                                              487 - 508
        2. بارىيان                                                                   508 - 510
        3. باتۇر                                                                      510 - 516
        4. ئېل بەگ                                                                 516 - 520
        5. يۇقۇ                                                                       530 - 537
        6. بەگچى                                                                    537 - 541

                                                       تۈرك قاغانلىرى

                                                      مىلادىدىن كېيىن

       1. تۈمەنخان                                                                552 - 553
       2. قاراخان                                                                   553 - 554
       3. مۇقان خان                                                               554 - 574
       4. تاۋار خان                                                                574 - 581
       5. ساۋار لوخان                                                             581 - 587
       6. چور باغا قاغان                                                          587 - 588
       7. تۇڭا تۇران قاغان                                                       588 - 600
       8. كىمىن تۇرى قاغان                                                      600 - 603
    
  
                                                         شەرقىي تۈرك قاغانلىقى

       1. كىمىن تۈرى قاغان                                                       603 - 609
       2. سىۋار قاغان                                                                609 - 619
       3. چۇلۇك قاغان                                                              619 - 621
       4. قارا خان                                                                    621 - 630
       5. سىربا قاغان                                                                639 - 646
    ( بۇ قاغاندىن باشلاپ تۇچى قاغانغىچە بولغان قاغانلار قورچاق قاغانلار ئىدى. )
       6. چىبى قاغان                                                                 646 - 647
       7. ئىبى تولو قاغان                                                           647 - 653
       8. چىنجۇ يابغۇ قاغان                                                        653 - 659
       9. ئاسىنا تورچى قاغان                                                      659 - 676
       10. تۇچى قاغان                                                              676 - 678
       11. ئاسىنا نىزوق قاغان                                                    679 - 680
     ( ئاسىنا نىزوق قاغان بولغاندىن تارتىپ شەرقىي تۈركلەر مۇستەقىللىقىنى ئۆز ھالىغا كەلتۈرگەن )
      12. ئاسىنا ئىنەن قاغان                                                      680 - 681
      13. ئاسىنا قۇتلۇق قاغان                                                    682 - 692
      14. قاپاغان قاغان                                                            692 - 716
      15. بىلگە قاغان                                                                716 - 734
      16. ئاسىنا بىلگە قاغان                                                       734 - 739
      17. بىلگە قۇتلۇق قاغان                                                      739 - 741
      18. پان كۆل قاغان                                                           742 - 774
      19. سۇيىن قاغان                                                              742 - 742
      20. ئۆزمىش قاغان                                                            742 - 744  
      21. بولمىش قاغان                                                             744 - 745

                                                             غەربىي تۈرك قاغانلىرى

       1. ئىستىمى قاغان                                                                552 - 576
       2. بىلگە تاردۇ قاغان                                                             567 - 600
       3. ئاپا قاغان         ( بۇ ئورتاق قاغان ئىدى )                           576 - 593
       4 . ئىنال قاغان                                                                    593 - 600
       5. چولۇ قاغان                                                                     600 - 611
       6. شىغۇي قاغان                                                                   611 - 618
       7. تون يابغۇ قاغان                                                               618 - 630
       8. سى يابغۇ قاغان                                                                630 - 633
       9. باغاشا تولىس قاغان                                                          633 - 634
       10 . ئىشپارا تىرىش تۇڭڭا قاغان                                              634 - 639
       11. ئېپى تولو قاغان                                                              639 - 651  
       12. ئاسىنا ئالىپ قاغان                                                         651 - 658
       13. ئاسىنا مىش قاغان                                                           658 - 662
       14. ئاسىنا بوركىن                                                                 658 - 666
       15. ئاسىنا تورچى                                                                 671 - 679
       16. ئاسىنا نىزوق بەگ                                                           679 - 680
       17. ئاسىنا يالچىن                                                                 686 - 693
       18. ئاسىنا خوجىلۇ  ( 2 - قېتىم قاغان بولغان )                              686 - 690
       19. ئاسىنا قەيدۇ                                                                    699 - 704
       20. ئاسىنا شان                                                                      704 - 711
       21. ئۇجىلى                                                                           700 - 710
       22. سوگى                                                                            710 - 718
       23. سۇلۇخان                                                                        718 - 738
       24. ئاسىنا ئون ئوق قاغان                                                       738 - 742


                                                      ئۇيغۇر ــ ئۇرخۇن قاغانلىرى

       1. تېكىن ئەركىن                                                                      605 -  ؟
       2. پۇسا                                                                                  646 -    ؟
       3. توميد                                                                                646 - 648
       4.  بايان                                                                               648 - 661
       5. بازخان                                                                              661 - 681
       6. توغۇچى                                                                             681 - 715
       7. ئۇتىبەگ                                                                             715 - 719
       8. چىنزون                                                                              719 -  ؟
       9. ئۇتىنان                                                                              727 -   ؟
       10. غوشۇ                                                                                727 -     ؟
       11. ئېتمىش بىلگە  ( قۇتلۇق بىلگە قاغان )                                       742 - 747
       12. بايانچۇر  ( تەڭرىدە بولمىش ئېل تۇتمىش بىلگە قاغان )                747 - 759
       13. ئېل تېكىن ( ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئېل تۇتمىش ئالىپ قۇلۇق بىلگە قاغان )   759 - 779
       14. تون باغا     ( ئالىپ قۇتلۇق بىلگە قاغان )                                 779 - 789
       15. تاراس   ( تەڭرىدە بولمىش قۇتلۇق بىلگە قاغان )                         789 - 790
       16. ئايچۇر  ( قۇتلۇق بىلگە قاغان )                                               790 - 795
       17. قۇتلۇق  ( ئاي تەڭرىدە ئۇلۇغ بولمىش ئالپ قۇلۇق بىلگە قاغان )    795 - 805
       18.   ؟        ( ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش قۇلۇق بىلگە قاغان )              805 - 808
       19.   ؟        ( ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش ئالپ بىلگە قاغان )               808 - 821
       20.   ؟        ( كۈن تەڭرىدە ئۇلۇغ بولمىش قۇچ كۈچلۈك بىلگە قاغان )    821 - 824
       21. ھازار تېكىن ( ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش قۇچ بىلگە قاغان )             824 - 832
       22. خوتېكىن    ( ئاي تەڭرىدە قۇت بولمىش كۈچلۈك بىلگە قاغان )        832 - 839
       23. كىچىك تېكىن                                                                       839 - 840
       24. ئۈگى تېكىن                                                                         841 - 845
       25 . ئىنەن تېكىن                                                                        845 - 846



     مەنبە:     تارىخىي يىلنامىلەر.

دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8215
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 31
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە31دانە
ئۆسۈش: 420 %
مۇنبەر پۇلى: 665 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-19
ئاخىرقى: 2011-12-07

بۇ  ماقالىدە  نەدىمۇ   ئۇيغۇرلارنىڭ   كىلىپ  چىقىشى   توغۇرلۇق   سۆزلىنىپتۇ
دوستلىشىش
تۇپراق0999
قۇشۇلما پىتنىخۇرغا بارمايىقىن،ئۇنىڭكىم تىلىدىن ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7376
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 71
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە71دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 810 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-13
ئاخىرقى: 2011-11-25
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-30 12:23

جاپاتارتىپسىز رەخمەت قىرىندىشىم
ئۆلومگە بىر داۋا  ئىزلەپ  جاھاندىن ئۆتتى  كۆپ  دانا،
كۆزۆڭنىڭ بارىدا شە كۆ
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8183
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 647
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە647دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 6839 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2012-01-07
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-30 13:51

بۇ ماقالىنىڭ  ئالدىنىقى قىسىملىرىمۇ  كەڭسايدا بارما؟
ئادىيات
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3774
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
ئۆسۈش: 480 %
مۇنبەر پۇلى: 1095 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2011-12-20
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-30 16:02

شۇنداق ئالدىنقىلىرى بار.  ئالدىنقىلىرىنىمۇ  بۇ مۇنبەرگە يوللىغىلىمۇ خېلى ۋاقىت بولدى.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3301
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 169
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە169دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1710 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-01-02
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-30 17:33

بولسا  داۋامى  ئۇزلۇپ قالمىغاي  بارماقلىرىڭىز تالمىغاي  
ئەللەر  ياخشى بىز  يامان ، ئەللەر بۇغد ..
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3034
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 764
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە764دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 7881 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-01-06
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-31 01:34

تۈمەن تەڭرىقۇتنى ئوغۇزخان دىسەك تازا ئەقلىگە ئۇيغۇن بولماي  قالامدىكىن  ؟

بىلىشىمچە  قاراخان ئوغۇزخاننڭ دادىسىغۇ  دەيمەن ؟
ئەللەر  ياخشى بىز  يامان ، ئەللەر بۇغداي بىز سامان ...
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3774
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 76
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە76دانە
ئۆسۈش: 480 %
مۇنبەر پۇلى: 1095 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2011-12-20
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-31 09:10

6-قەۋەت (alpacino) نىڭ يازمىسىغا

ھەي سىز تارىخ ئوقۇغانمۇيا قېرىندىشىم ئوغۇزخان قاراخاندىن بۇرۇن ئۆتكەن تۇرسا، قانداقسىگە قاراخان ئوغۇزخاننىڭ دادىسى بولغۇدەك.............
باشقىلار ھازىر كىتاب كۇرىۋاتىدۇ...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 112
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 10
ئومۇمىي يازما: 764
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە764دانە
ئۆسۈش: 2345 %
مۇنبەر پۇلى: 8137 سوم
تۆھپىسى: 25 كىشى
ياخشى باھا: 1 نۇمۇر
گۇرۇپپا: ئوغلان
تىزىملاش: 2010-06-02
ئاخىرقى: 2012-01-03
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-01 00:29

كەڭساي چ چ توپى نۇمۇرى:9745592  ھەمىمز بۇيەردە...
ئەللەر  ياخشى بىز  يامان ، ئەللەر بۇغد ..
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3034
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 764
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە764دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 7881 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-17
ئاخىرقى: 2012-01-06
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-01 00:58

Re:6-قەۋەت (alpacino) نىڭ يازمىسىغا

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى @bayawan@ نىڭ 2011-07-31 09:10 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل 6-قەۋەت (alpacino) نىڭ يازمىسىغا :
ھەي سىز تارىخ ئوقۇغانمۇيا قېرىندىشىم ئوغۇزخان قاراخاندىن بۇرۇن ئۆتكەن تۇرسا، قانداقسىگە قاراخان ئوغۇزخاننىڭ دادىسى بولغۇدەك.............


قاراخانىيلار ئۆزىنىڭ سۇلالىسنىڭ  نامىنى  دەل شۇ  ئوغۇزخاننىڭ  دادىسى قاراخاننىڭ  نامى بىلەن  ئاتىغان ..  مەنمۇ بىلگىنمنى دەۋاتىمەن  ، .  ئوغۇزخاننىڭ دادىسىدىن بۇرۇن ئۆتكەن  شەخىس  بوپ  قالغىنى  دەل  مېنىڭ كاللامدىن ئۆتمەيۋاتقان ئىش .   
ئەللەر  ياخشى بىز  يامان ، ئەللەر بۇغداي بىز سامان ...