باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1789 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئىسلامدىكى توي جەريانى
دوستلىشىش
ئىزھار1
كۆپ كۈلۈش قەلىبنى ئۆلتۈرىدۇ
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8187
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 187
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە187دانە
ئۆسۈش: 440 %
مۇنبەر پۇلى: 2270 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-17
ئاخىرقى: 2012-08-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-26 13:29

ئىسلامدىكى توي جەريانى

ئىسلامدىكى توي جەريانى

1 .توي قىلىشتىن بۇرۇ ن
جۈپ تاللاش
توي قىلماقچى بولغاندا، بىز بىرىنچى بۇلۇپ، تاللىماقچى بولغان ئادەمنىڭ ئىسلامغا قانچىلىك سادىقلىقىغا قارىشىمىز كىرەك. پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:«بىر ئايال ئۇنىڭ مال-دۇنياسى، چىرايى، نەسەبى ياكى دىيانىتى(ئىسلامغا بولغان سادىقلىقى) گە قاراپ خۇتۇنلۇققا ئىلىنىدۇ. لىكىن دىيانىتى بار ئايالنى تاللىغىن، ئۇ ساڭا بەخت-سائادەت ئىلىپ كىلىدۇ.» دىگەن. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) پەيغەمبىرىمىز يەنە:«بىر ئايال ئۇنىڭ 4 نەرسىسى ئۈچۈن خۇتۇنلۇققا ئىلىنىدۇ، يەنى ئۇنىڭ مال-دۇنياسى، ئائىلە كىلىپ چىقىشى، چىرايى ۋە دىينىتى. سەن چۇقۇم بىر دىيانەتلىك ئايال بىلەن توي قىلىشىڭ كىرەك، بولمىسا زىيان تارتقۇچىلاردىن بۇلۇپ قالىسەن.» (بۇخارى رىۋايەت قىلغان) ئۇ يەنە:«پۇتۇن دۇنيا بىر چوڭ تەمىنات، ئۇنىڭ ئىچىدە پۇتۇن دۇنيا بۇيىچە ئەڭ پايدىلىق بولغان نەرسە تەقۋادار ئايال.» دىگەن. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)  
بۇ ئۆلچەم ئوخشاشلا ئەرلەرگىمۇ ئىشلىتىلىدۇ. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيىتقاندەك: «ئەگەر دىنى ۋە مىجەز خارەكتىرى سىنى رازى قىلالايدىغان بىرسى قىزىڭ بىلەن توي قىلىشنى سوراپ كەلسە، ئۇنىڭ تەلىپىگە ماقۇل بولغىن، ئەگەر بۇنداق قىلمىساڭ، چۇقۇم چوڭ زىيان ۋە ئاۋارچىلىق كىلىپ چىقىدۇ.» (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.)  
ئەلۋەتتە، قىز ئوغۇل ئىككىلا تەرەپنىڭ توي قىلىش ماقۇللىقى بۇلىشى كىرەك ۋە ئۇلار توي قىلىشقا مەجبۇرلانماسلىقى كىرەك. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئېيىتقاندەك: «بىر توي قىلىپ بولغان ئايال ۋەلىسىگە قارىغاندا ئۆزىنىڭ ئىشلىرى توغرىسىدا كۆپرەك ھۇقۇقى بۇلىدۇ. لىكىن تېخى توي قىلمىغان قىزنىڭ توي ئىشىنى بىكىتكەندە ئۇنىڭ ئۈزىنىڭ ماقۇللىقىنى ئېلىش كىرەك…» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) 
خۇتبە (بىر ئايال بىلەن توي قىلىش تەلىپى ۋە ئۇنىڭ قۇبۇل قىلىنىشى) نىڭ قائىدىلىرى :
توي قىلىشنى بىكىتىشتىن بۇرۇن، ئوغۇل قىزنىڭ يۈزىنى كۆرۈپ بېقىشقا يول قۇيلىدۇ. ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:« بېرىپ ئۇ(يەنى سەن توي قىلىشنى ئويلىشىۋاتقان قىز) نى كۆرگىن، چۈنكى بۇ سىلەر بىللە بولغاندىن كىيىن مۇھەببىتىڭلارنىڭ كۈچىيىشىگە پايدىلىق.» دىگەن. (ئەھمەد رىۋايەت قىلغان).
بىر قىز بىلەن ئوغۇل توي قىلىشقا قۇشۇلۇپ بولغاندىن كىيىن، ئۇلار شۇنى ئىسىدە مەھكەم تۇتىشى كىرەككى، بۇ ئوغۇل تېخى بۇ قىزنىڭ مەھرىمى ئەمەس. (مەھرەم: قىزنىڭ دادىسى، ئاكا-ئىنىسى، ئوغلى، ئانا ۋە دادا تەرەپ تاغىسى ۋە جىيەنى قاتارلىق توي قىلىشى چەكلەنگەن ئەرلەر.) بۇ دىگەنلىك ئۇلار ھەرقانداق ئىشتا بىر بىرىگە تېخى بىر جۈپلەردەك مۇئامىلە قىلىشقا بولمايدۇ (مەسلەن، قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈش، بىر بىرنىڭ كۆزىگە تىكىلىپ قاراش، ئىككىسىلا بىر يەردە يالغۇز قېلىش، بىللە سىرىتلارغا چىقىش قاتارلىقلار)، ياكى غەرپ ئەللىرىدىكى كىشىلەردەك بىر بىرى بىلەن سىرىتلارغا چىقىشقا بولمايدۇ. پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:« كىمكى ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىشىنىدىكەن، ئۇ بىر مەھرەمسىز ئايال بىلەن يالغۇز بىر يەردە تۇرمىسۇن.» (ئەھمەد رىۋايەت قىلغان)  
2. توي مۇراسىمى (نىكاھ) '  
تۆۋەندىكىلەردىن تەرتىپ تاپقان:  
1-ماقۇللۇق: ئائىشە رازىيەللاھۇ ئەنھا پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋە سەللەمدىن توي قىلىشتا چۇقۇم قىزنىڭمۇ ماقۇللىقىنى سۇراش كىرەكمۇ دەپ سورىغاندا، پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم «شۇنداق.» دەي جاۋاب بەردى. ئۇ يەنە «تويى بولماقچى بولغان قىز ئۇنىڭ قۇشۇلۇش قۇشۇلمايدىغانلىقىنى سورىغاندا سۈكۈت قىلىپ تۇرىدىغۇ؟» دىدى. پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:«ئۇنىڭ سۈكۈت قىلىشى ئۇنىڭ ماقۇللىقىنى بىلدۈرىدۇ.»دىدى.(بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
2-ۋەلى: پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:«بىر ۋەلىنىڭ قاتنىششى بولمىغان نىكاھ نىكاھ بولمايدۇ.» دىگەن. (ئەھمەد، ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزىلار رىۋايەت قىلغان)-ئىككى گۇۋاھچى: پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:«ۋەلى ۋە ئىشەنچلىك گۇۋاچىلارسىز توي بولمايدۇ.»دىگەن (سەھىھ-بەيھەقى). يەنە بىر ھەدىستە: «بىر ۋەلى ۋە ئىككى گۇۋاھچىسىز توي بولمايدۇ.» (سەھىھ ئەلجەمى) -  
4-مەھر: ئاللاھ قۇرئاندا:«ئاياللارغا ئۇلارنىڭ مەھرلىرىنى خۇشاللىق بىلەن سوغا قىلىپ بىرىڭلار. ئەگەر ئۇلار ئۇنىڭدىن بىر قىسمىنى سىلەرگە ئۆتۈنۈپ بەرسە، ئۇنى مەززىلىك، سىڭىشلىك(يەنى پاك-ھالال دەپ بىلىپ) يەڭلار.» دىدى. (سۇرە نىسا 4-ئايەت) مەھر قانچىلىك مىقداردا بولسا بۇلىدۇ. پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:«بىر تۈمۈر ئۈزۈك بولسىمۇ تېپىپ مەھر قىلىپ بەرگىن.» دىگەن. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) ئاياللار باشقا بەزىبىر مەدەنىيەتلەردىكىدەك، توي ۋاقتىدا ئەرلەرگە بىرەر نەرسە بىرىشكە مەجبۇرلانماسلىقى كىرەك.

3.ساقلىنىشقا تىگىشلىك ئىشلار \  
بىز تويلىرىمىزدا دىنسىزلار تويلىرىدا قىلىدىغان ئىشلارنى سادىر قىلىشتىن ناھايىتى ئىھتىيات قىلىشىمىز كىرەك، مەسلەن ئەرلەر يىپەك كىيىم، ئاياللار ئاق توي كۆينىكى كىيىش، ئەر-ئايال ئۈزۈك ئالماشتۇرۇش قاتارلىقلار.) پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:«كىمكى باشقا بىر قەۋمگە ئوخشاش بۇلىۋالسا، ئۇ شۇلارنىڭ بىرسى بۇلىدۇ.» دىگەن. (ئەبۇ داۋۇد رىۋايەت قىلغان)  
\  
4.تويدىن كىيىن
ئايالنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش  
ئەرلەر ئاياللارنىڭ تۇرمۇشىنى قامداشقا مەسئۇل بۇلىدۇ. ئاللاھ قۇرئاندا ئېيىتقاندەك:«باي ئادەم (ئايالىنى ۋە بالىسىنى) ئۆزىنىڭ بايلىقىغا يارىشا تەمىنلىسۇن، رىزقى تار ئادەم ئاللاھنىڭ ئۇنىڭغا بەرگىنىگە يارىشا تەمىنلىسۇن (يەنى ھەر ئادەم ئۈزىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىغا يارىشا خىراجەت قىلسۇن). ئاللاھ ئىنساننى پەقەت تاقىتى يىتىدىغان ئىشقىلا تەكلىپ قىلىدۇ (يەنى پېقىر ئادەمنى باينى تەكلىپ قىلغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايدۇ)، ئاللاھ قىيىنچىلىقتىن كىيىن ئاسانلىقىنى بىرىدۇ (يەنى پېقىرلىقتىن كىيىن بايلىقنى بىرىدۇ).» (سۇرە تەلەق 7-ئايەت) ئەگەر ئەر كىشى ۋاقتى ۋاقتىدا تەمىنلەپ تۇرمىسا، ئىسلام ئاياللارنىڭ ئەرلىرىدىن مەخپى پۇل ساقلىشىغا يول قۇيىدۇ. ئەبۇ سۇفيەننىڭ ئايالى ھىند كىلىپ پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمغا دىدى:« ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى، ئەبۇ سۇفيەن ناھايىتى پىخسىق، مەن ئۇ بىلمەستە ئازراق نەرسە ئېلىۋاممىسام، ئۇ ماڭا ۋە باللىرىمغا يىتەرلىك تەمىنات بەرمەيدۇ.» پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:«ئەسلىدە قائىدە بۇيۇنچە ساڭا ۋە باللىرىڭغا يىتەرلىك بىرىلىشى كىرەك بولغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىنى ئالغىن.» (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان) k1R`1,  
ئائىلىسىدىكىلەرنى تەربىيلەش
ئەر بولغان كىشى ئۆز ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى قامداش مەسئۇلىيتىنى ئۈستىگە ئالغان بولغاچقا، ئۇ يەنە ئائىلىسىدىكىلەرنى دوزاق ئوتىدىن ساقلاش ئۈچۈن، ئۇ يەنە ئائىلىسىدىكىلەرگە مۇۋاپىق بولغان ئىسلام تەربىيىسىنى بىرىشى كىرەك. ئاللاھ قۇرئاندا:«ئى مۇئمىنلەر! ئۆزەڭلارنى ۋە بالا-چاقاڭلارنى ئىنسان ۋە تاشلار يېقىلغۇ بۇلىدىغان، رەھىم قىلمايدىغان قاتتىق قول پەرشتىلەر مۇئەككەل بۇلغان دەۋزەختىن ساقلاڭلار، ئۇ پەرىشتىلەر ئاللاھنىڭ بۇيرىقىدىن چىقمايدۇ، نىمىگە بۇيرۇلسا شۇنى ئىجرا قىلىدۇ.» دىدى. (سۇرە تەھرىم 6-ئايەت) ئەر ۋە ئايال بىرلىكتە تىرىشىپ، ئۇلارنىڭ ئائىلىسىنىڭ داۋاملىق ئاللاھ ئەسلىنىپ تۇرىدىغان، ئائىلە ئەزالىرىدا ئاللاھنىڭ پەرىزلىرى ئەكىس ئىتىپ تۇرىدىغان ۋە ئۇتۇندۇلىدىغان جاي بۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى كىرەك. پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:«ئاللاھ ئەسلىنىپ تۇرىدىغان ئۆي ۋە ئەسلىنىپ تۇرمايدىغان ئۆي تىرىك ۋە ئۈلۈكنىڭ سىمۋولى.» دىگەن. (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)  
ئايالنىڭ ئەرگە ئىتائەت قىلىشى  
پەقەت ئەر ئايالىنى ھارام ئىشلارنى قىلىشقا بۇيرىمىسىلا، ئاياللار ھەرقانداق ئىشتا چۇقۇم ئىرىگە بوي سۇنۇشى كىرەك. ئاللاھ قۇرئاندا:«… ياخشى ئاياللار ئىتائەت قىلغۇچىلاردۇر، ئەرلىرى يېنىدا بولمىغان چاغلاردا ئاللاھنىڭ پاناھىدا ئەرلىرىنىڭ ھەقلىرىنى ساقلىغۇچىلاردۇر…» (سۇرە نىسا 34-ئايەت) ]
ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىش
ئاللاھ ئەرلەرگە ئاياللاردىن ئۈستۈنلۈك ھۇقۇقىنى بەردى، لىكىن ئاللاھ ئۇلارغا بۇ ھۇقۇقنى قالايمىقان ئىشلىرىش ھۇقۇقىنى بەرگىنى يوق. ئۇلار ئاياللىرىغا ئەڭ ياخشى پوزىتسىيدە مۇئامىلە قىلىشى كىرەك. ئاللاھ قۇرئاندا:«…ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار…» دىگەن. (سۇرە نىسا 19-ئايەت) پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم:«ئىتىقادى ئەڭ ياخشى بولغان مۇئمىنلەر مىجەز خارەكتىرى ئەڭ ياخشى كىشىلەردۇر، ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ ياخشىلىرى ئاياللىرىغا ئەڭ ياخشى مۇئامىلە قىلدىغانلاردۇر.» دىگەن. (تىرمىزى رىۋايەت قىلغان) پەيغەمبەر مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ئىش ھاياتىي ئىش ئىزلىرىدىن كۈرىۋالايمىزكى، ئۇ ئاياللىرىغا ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشقا ياردەم بىرەتتى ۋە ئۇلار بىلەن بىللە ئۇيۇنلارنى ئويناشقا كىرىشىپ كىتەتتى. بۇماقالە ئەلۋەتتە ئىسلامدىكى توينىڭ ھەممە تەرەپلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئەمەس، لىكىن بۇ ماقالەمنىڭ مۇسۇلمانلار ئۇچۇن ئازراق بولسىمۇ پايدا ئىلىپ كىلىشنى ئۈمۈد قىلىمەن. بۇ ماقالىدىكى ياخشى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھتىن ۋە توغرا بولمىغان تەرەپلىرى بولسا مەندىن. `  
مەنبەسى : داڭدارمۇنبىرى  
دۈشمەننىڭ پىلانى بۇيىچە ئىش قىلىپ  دۈشمەننىڭ پىلانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بۇلۇش نىمە دىگەن دانالىق ھە !
ئەجىر-يۈزۈڭ،ئەخلاق-ئۆزۈڭ.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6061
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 15
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە15دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 160 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-02-12
ئاخىرقى: 2012-01-31

ئەسسالامۇئەلەيكۇم،بەك ياخشى تېما يوللاپسىز.ھازىر رامىزان يېقىنلاپ قالغاچقا ئۇيغۇر جەمىيتىدە توي بەك كۆپ بولىۋاتىدۇ.شۇڭا ئەشۇ توي قىلىش ئالدىدا تۇرغانلارغا بۇ يازمىڭىز تەربىيە بەرگۈسى.مەنمۇ ئازىراق قوشۇپ قويسام:توي پەقەت ۋە پەقەت بىر كۈن بولىدۇ،ئىسلام قائىدىسىدە يۈز ئاچقۇ كۈنى،15كۈنلىكى دەيدىغان ئىش يوق.بىزلەر بۇ دېگەن ئۆرپ-ئادەت دەپ كۆپ بىدئەت ئىشلارنى پەيدا قىلىۋالدۇق.شۇڭا ھەربىرىمىز ھەقىقى ئىسلامى قائىدە بويىنچە توي قىلىشقا تېرىشايلى.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7383
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 8
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە8دانە
ئۆسۈش: 20 %
مۇنبەر پۇلى: 100 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-14
ئاخىرقى: 2012-08-26
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-26 17:10

ھەقىقتەن ياخشى تىما بوپتۇ  .  ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قىرىندىشىم
دوستلىشىش
قارگۇلى
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8196
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 629
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە629دانە
ئۆسۈش: 210 %
مۇنبەر پۇلى: 6704 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-18
ئاخىرقى: 2012-09-01
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-26 17:33

بەك ياخشى تېما يوللاپسىز!   
ئۇنۇتمايلىكى :  <<بۇ دۇنيا بىر قونالغۇ...........بىز بولساق مىھماندۇرمىز!!!!!>>
دوستلىشىش
ئاينۇر1
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8314
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 10
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە10دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 90 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-26
ئاخىرقى: 2011-08-04
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-26 18:36

ئاللاھ راھمات قىلسۇن پايدىلىق ئىلىملەر يەتكۇزگەنلەرگە  
دوستلىشىش
dulbarqin310
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر...
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1599
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1599دانە
ئۆسۈش: 600 %
مۇنبەر پۇلى: 16988 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-09-06
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-26 18:51

راست ياخىشى تېما بۇپتۇ. مەنمۇ ئوقۇپ بىلۋالدىم، كىچىك بولساممۇ.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4131
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 165
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە165دانە
ئۆسۈش: 280 %
مۇنبەر پۇلى: 1123 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-01
ئاخىرقى: 2012-04-30
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-26 22:03

تۇلىمۇ ئەھمىيەتلىك تىما يوللاپسىزقېرىندىشىم.
مۇنبەردىن مۇشۇنداق ئىسىل تىمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.
ئاللاھ ھەممىمىزنى توغرا يولغا باشلىسۇن
ئامىن...
سىز يۇرەك توختاپ كىتىشتىن ئىلگىرى تەۋبىگە ئالدىراڭ!.
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 10010
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 688
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە688دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 7131 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-12-11
ئاخىرقى: 2012-08-03
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2012-06-11 01:20

بەكمۇ ئىسىل تىمىكەن ، ئاللاھ ئەجىر بەرسۇن !