رەسىم:
رەسىم:
رەسىم:
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،تېكەس پۇتبۇلچىقى ھەققىدە يۇقىرىدىقى دوستىمىز ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى بوپتۇ،مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ سۆيۇندىم.
تېكەس پۇتبۇلچىلىقى ھەقىقەتەنمۇ سىز ئېيتقانداق بىر مەزگىل كىشلەر قەلبىنى لەرزىگە سالغان ئىدى.ئىلى دىيارى تەۋەسىدە بىرەر پۇتبۇل مۇسابىقىسى بولۇپ قالسىلا تېكەس كوماندىسى ياخشى نەتىجە قازانماي قالمايتتى.بولۇپمۇ 1997-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە بولغان 10 يىلنى تېكەس پۇتبۇلچىلىقىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋرى دېيىشكە بولىدۇ.تېكەس پۇتبۇل كوماندىسىنىڭمۇ يىراق-يېقىندا نامى بار ئىدى.ئەنە شۇ يىللىرى ئارلىقىدا توپ تەپكەن ئابلىكىم،ھەمرا-جورا ئاكا-ئۇكىلار،يارمۇھەممەت قاتارلىق ئەزىمەتلىرىمىز تېكەس پۇتبۇل كوماندىسىنى تونۇتقان تۆھپىكار ئەزىمەتلىرىمىز ئىدى.ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۇشى بىلەن بۇ ئەزىمەتلىرىمىزمۇ ئائىلە قۇرۇپ تىرىكچىلىك غېمىدە ،ئۆزلىرى ئەڭ سۆيىدىغان پۇتبۇل بىلەن خۇشلىشىپ ھاياتنىڭ ئەگىرى-توقاي يولىدا تاپ بېسىپ يۈرمەكتە.بۇ ھال دەرھەقىقەت تېكەس پۇتبۇلچىلىقىنى بىر مەزگىل كەينىگە چېكىندۇردى.ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن تېكەس پۇتبۇلچىلىقى بىر ئىزدا توختاپ قالغىنى يوق.ھازىر تېكەستە يېڭى بىر ئەۋلاد ياش پۇتبۇلچىلىرىمىز بارلىققا كېلىپ،ئەنە ئاشۇ دەۋىردىكى بىر تۈركۈم ئەزىمەتلەرنىڭ ئىزىنى بېىسىپ تېكەس پۇتبۇلچىلىقىنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.تېخى يېقىندىلا تېكەس بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ياشلاردىن تەشكىللەنگەن 6 كوماندا ئوتتۇرسىدا ئايلانما مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلدى.مۇسابىقىگە ئەينى يىللاردا توپ تېپىپ نام چىقارغان بەزى ئەزىمەتلىرىمىزمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.بىز ھەقىقەتەنمۇ يۇقىرىقى دوستمىز ئېيتقاندەك ئەينى يىللاردىكى تېكەس پۇتبۇلچىلىقىنى سېغىندۇق.ئىشىنىمىزكى تېكەس پۇتبۇلچىلىقى چوقۇم قايتا گۈللىنىدۇ...
سۈرەتتە:تېكەس پۇتبۇل كوماندىلىرىدىكى ئەزالار
[ بۇ يازمىنىarkam@ 2011-07-25 17:51قايتا تەھرىرلىدى ]