查看完整版本: [-- تېكەس پۇتبۇلچىلىقى ؟ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> تەنتەربىيە مەخسۇس سەھىپىسى -> تېكەس پۇتبۇلچىلىقى ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

yattasu8023 2011-07-25 13:57
   بارچىگە ئايان يېڭى ئەسىر كىرىشتىن ئاۋۋال،بىزنىڭ ئىلى تەۋەيىمىزدە، غۇلجا شەھەر پۇتبۇلچىلىقى بىلەن تېكەس پۇتبۇلچىلىقى تەڭ پۇت تىرەپ تۇراتتى.  باشقىسىنى قويۇپ ھازىرنى دەيلى. دۇنيا شەھەر قۇرۇلۇشىدىكى مۆجىزىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان بۇ يۇرتنىڭ يىگىتلىرىگە نېمە بولدى؟! 90 -يىللاردىكىدەك ‹‹ۋاھ،تېكەسنىڭكىكەن!›› دېگۈزىۋېتىدغان توپچىلارنى كۆرۈش ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. ساياھەت ياكى باشقا ئىشلار بىلەن تېكەسكە نەچچە قېتىم باردىم.بىرەر قېتىم بىرى-ئىككى بالىنىڭ بولسىمۇ پۇتبۇل كۆتۈرۈپ ماڭغىنىنى كۆرۈپ باقمىدىم(ئۇلار يا تازا كۆزگە چېلىقمايدىغان يەردە تېپەمدۇ بۇنى بىلمىدىم). ‹‹چىمپيۇنلۇقنى پالانى يەر بىلەن تېكەس تالىشىپ قالدى ››دېگەنلەرنى تېخىمۇ ئاڭلاپ باقماپتىمەن...
   مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم: شۇنداق تېزلا،شۇنداق ئۇزاق يوقاپ كېتەمدۇ دەيمەندە ؟! بۇنداق بولىشىدا زادى نېمە سەۋەب بولغاندۇ؟! شەھەر قۇرۇلۇشى؟؟ مەكتەپلەرنى قوشۇۋېتىش؟؟ پۇتبۇلغا قىزىقمايدىغان باشلىق؟؟ پۇتى ئىشلىمەس مەشقاۋۇل؟؟ ؟؟        قېنى،قايسى تېكەسلىك چۈشەنچە بېرىپ باقىدۇ؟!؟!؟!


arkam@ 2011-07-25 17:36
ئەسسالامۇ-ئەلەيكۇم قېرىنداشلار،تېكەس پۇتبۇلچىقى ھەققىدە يۇقىرىدىقى دوستىمىز ئۆزىنىڭ كۆڭلىدىكى گەپلەرنى ئوتتۇرغا قويۇپ كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى بوپتۇ،مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ سۆيۇندىم.
تېكەس پۇتبۇلچىلىقى ھەقىقەتەنمۇ سىز ئېيتقانداق بىر مەزگىل كىشلەر قەلبىنى لەرزىگە سالغان ئىدى.ئىلى دىيارى تەۋەسىدە بىرەر پۇتبۇل مۇسابىقىسى بولۇپ قالسىلا تېكەس كوماندىسى ياخشى نەتىجە قازانماي قالمايتتى.بولۇپمۇ 1997-يىلىدىن 2006-يىلىغىچە بولغان 10 يىلنى تېكەس پۇتبۇلچىلىقىنىڭ ئەڭ گۈللەنگەن ئالتۇن دەۋرى دېيىشكە بولىدۇ.تېكەس پۇتبۇل كوماندىسىنىڭمۇ  يىراق-يېقىندا نامى بار ئىدى.ئەنە شۇ يىللىرى ئارلىقىدا توپ تەپكەن ئابلىكىم،ھەمرا-جورا ئاكا-ئۇكىلار،يارمۇھەممەت قاتارلىق ئەزىمەتلىرىمىز تېكەس پۇتبۇل كوماندىسىنى تونۇتقان تۆھپىكار ئەزىمەتلىرىمىز ئىدى.ئەمما ۋاقىتنىڭ ئۆتۇشى بىلەن بۇ ئەزىمەتلىرىمىزمۇ ئائىلە قۇرۇپ تىرىكچىلىك غېمىدە ،ئۆزلىرى ئەڭ سۆيىدىغان پۇتبۇل بىلەن خۇشلىشىپ ھاياتنىڭ ئەگىرى-توقاي يولىدا تاپ بېسىپ يۈرمەكتە.بۇ ھال دەرھەقىقەت تېكەس پۇتبۇلچىلىقىنى بىر مەزگىل كەينىگە چېكىندۇردى.ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن تېكەس پۇتبۇلچىلىقى بىر ئىزدا توختاپ قالغىنى يوق.ھازىر تېكەستە يېڭى بىر ئەۋلاد ياش پۇتبۇلچىلىرىمىز بارلىققا كېلىپ،ئەنە ئاشۇ دەۋىردىكى بىر تۈركۈم ئەزىمەتلەرنىڭ ئىزىنى بېىسىپ تېكەس پۇتبۇلچىلىقىنى داۋام قىلىپ كەلمەكتە.تېخى يېقىندىلا تېكەس بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن ياشلاردىن تەشكىللەنگەن 6 كوماندا ئوتتۇرسىدا ئايلانما مۇسابىقە ئېلىپ بېرىلدى.مۇسابىقىگە ئەينى يىللاردا توپ تېپىپ نام چىقارغان بەزى ئەزىمەتلىرىمىزمۇ تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.بىز ھەقىقەتەنمۇ يۇقىرىقى دوستمىز ئېيتقاندەك ئەينى يىللاردىكى تېكەس پۇتبۇلچىلىقىنى سېغىندۇق.ئىشىنىمىزكى تېكەس پۇتبۇلچىلىقى چوقۇم قايتا گۈللىنىدۇ...

سۈرەتتە:تېكەس پۇتبۇل كوماندىلىرىدىكى ئەزالار

ڭمڭنقھن 2011-07-25 18:35

0999 2011-07-25 19:19
تېكەس ياشلىرى ئىچىپلا يۈرمەي،تېپىڭلا...جۇمۇ...

yattasu8023 2011-07-25 22:46
رەھمەت <<ئەركەم>>،رەھمەت!  پۇتبۇل تەشۋىقاتىنى ياخشى ئىشلەپ،تېكەسنىڭ 90-يىللىرىنى قايتا نامايان قىلىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن!!!

kuwruk 2011-07-26 21:07
راس،،،90-يىللاردا تىكەس پوتبۇلچىلىرى غۇلجا شەھەر پوتبۇلچىلىرنىڭ ئەڭ كۇچلوك رەقىبى ئىدى،،،،،،شىنجاڭ بۇيىچە ئىلىپ بىرىلغان مۇسابىقىلەردە غۇلجا كۇماندىنىڭ رەقىبى قەشقەر كۇماندىسى ئىدى،،،،،،،!!!!!!!!   


查看完整版本: [-- تېكەس پۇتبۇلچىلىقى ؟ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.048473 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us