شوپۇر
يولوچىلارغا لىق تولغان پاساژىر ئاپتۇبۇسىنىڭ كەينىدىن كەڭساي ئەپەندىم يۈگۈرگىلى تۇرۇپتۇ. ئەمما ئاپتۇبۇس يۇقرى سۈرئەتتە كېتىۋىرىپتۇ. تۇختاپ قال دەپتۇ ئوغلان دېرىزىدىن بېشىنى چىقىرىپ يۈگۈرۋاتقان كەڭسايغا ،- يىتىشەلمەيسەن! مەن چۇقۇم يىتىشۋېلىشىم كېرەك، دەپتۇ يۈگۈرۈۋاتغان كەڭساي نەپەس ئالالمىغان ھالدا،- مەن دېگەن شوپۇر!
گال قايچا
كەڭساي ئەپەندىمنىڭ ئايالى قىزىغا چاپان تىكمەكچى بۇلۇپ، رەخىتنى كېسىشكە تەمشىلىپ: «تېخى تۈنۈگۈنلا قايچىنى بىلەپ خېلى ئۆتكۈر قىلىپ قويغان، رەختنى پەقەتلا كەسكىلى بولمايدىغۇ؟!» دەپ قاقشاپ كىتىپتۇ. « ئۇنداق ئەمەستىغۇ، ئەتىگەن تۆمۈرنى كەسكەندە خېلى ئىتتىك قىلۋاتاتتىغۇ» دەپ جاۋاپ بىرىپتۇ كەڭساي .
يالغانچى
كەڭساينىڭ ئايالى ئۆي يۇغۇشتۇرۋىتىپ كەڭساينىڭ ناتۇنۇش بىر ئايال بىلەن چۈشكەن سۈرىتىنى كۆرۈپ قېلىپ، ئېرىدىن بۇنىڭ قانداق ئىشئىكەنلىكىنى سوراپتۇ:
- بەش يىل بۇرۇنقى سۈرەت، مەن ئاللىبۇرۇن ئۇنىڭ بولغان مۇناسىۋىتىمنى ئۈزگەن.
- سىز كىمنى ئالداۋاتىسىز، ئەجەبا مەن بۇلتۇر تۇقۇپ بەرگەن مايكىنى بەش يىل بۇرۇنلا كىيگەنمىدىڭىز؟
تەبىر بىرىش
مۇنبەرنىڭ ئادەتتىكى بىرئەزاسى شەخلا خانقىزدىن سوراپتۇ:
-كەڭساي ئۇيۇن كۆرگەندە نىمە ئۈچۈن ئالدىنقى رەتتەئولتۇرىدۇ؟
- مۇنبەر ئەزالىرىنى يىتەكلىگەنلىك.
- كىنو كۆرگەندە ئوتتۇردا ئولتۇردىكەنغۇ؟
- مۇنبەر ئەزالىرىغا چۆكەنلىك.
- يۇقىردىن مىھمانلار كەلگەندە، تاماقتا بىللە بۇلىدىكەنغۇ؟
- مۇنبەر ئەزالىرىغا قىلغانلىق.
- لىكىن كەڭساي كۈندە بىكار ئوينايدىكەنغۇ ؟؟؟؟ ...
ئەمدى مۇنبەر ئەزالىرى بۇنىڭغا قانداق تەبىر بىردىغاندۇ ؟