ھەرقانداق مىللەتنىڭ ئۆرلەيدىغان ،پەسلەيدىغان دەۋرى بولىدىكەن،ئورخۇن ئۇيغۇر ئىمپىريەسى زامانىدا ئۇيغۇرلار شۇنچىلىك قۇدرەتلىك ئىكەنكى باشقا مىللەتلەرمۇ باشقىلارغا بوزەك بولماسلىق ئۈچۈن ئۆزىنى ئۇيغۇر دەۋالىدىكەن.
بىزلەر ئاق تاغلىق،قارا تاغلىق دەپ ئايرىمىچىلىق قىلىپ ،يۇرتۋازلىق قىلىپ ،مەزھەپچىلىك قىلىپ بالا ئاتىغا ،قېرىنداشلار بىر-بىرىگە قىلىچ تەڭلىشىپ ،چېقىمچىلىق ،سۇخەنچىلىك،ساختىپەزلىك،قىلىپ چاك-چېكىمىزدىن پارچىلىنىپ ئۆزىمىزنى ئۆزىمىز باشقۇرالمايدىغان ھالغا كەلگەندە باشقىلارنىڭ باشقۇرىشىغا ئۆتۈپ قالغان بولىشىمىز مۇمكىن.ھەممىنى بىلگۈچى ئاللاھتۇر.
قاچانكى بىز بىرلىككە كېلىپ ئىللەتلىرىمىزنى تۈگەتكەندە ئاندىن ئاللاھ ئەجرىمىزنى بېرىدۇ دەپ ئويلايمەن.