باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2047 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: لەنەت ساڭا،ئەي «ئانا»!!!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4358
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 67
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە67دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 413 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-06
ئاخىرقى: 2012-02-02
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-24 09:38

لەنەت ساڭا،ئەي «ئانا»!!!

  پۈتكۈل دۇنيادىكى شەيئىلەر پەيدا بولۇش،تەرەققى قىلىش،يوقىلىشتىن ئىبارەت باسقۇچلارنى بېشىدىن ئۆتكىزىدۇ،ئادەملەرمۇ بۇنىڭدىن مۇستەسنا ئەمەس،ھەر بىر ئادەم قىسقىغىنا ھاياتىدا نۇرغۇن ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكىزىدۇ،بەزى ئىشلاردىن خوشاللانسا بەزى ئىشلاردىن مەيۈسلىنىدۇ،ھەتتا بەزى ئىشلاردىن نەپرەتلىنىدۇ.كىشىلىك ھايات كىشى تەلەپ قىلغاندەك ئۇنچىلىك مەنىلىك،ئوڭۇشلۇق بولىۋەرمەيدۇ،ھەر بىر كىشى ھاياتىدا نۇرغۇن سىناقلارغا دۇچ كېلىدۇ.
   مەنمۇ بۇ ھايات سەپىرىمدە نۇرغۇن سىناقلارغا دۇچ كەلدىم،كۆپ سىناقلاردىن ئوڭۇشلۇق ئۆتۈپ كەتكەن بولساممۇ،ئەمما ئىككى كىشىلىك قولۋاقلىق بۇ سەپىرىمدە دەرياغا غەرىق بولدۇم،ئاللانىڭ بۇيرۇق-تەقدىرى بىلەن بىر دوستۇمنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن ماڭا تەقدىرداش بىرى بىلەن تونۇشۇپ پىكىر ئورتاقلىقى ھاسىل قىلدۇق،بىر كۈنى ئۇ مېنى ھەدىسى بىلەن كۆرۈشتۈرمەكچى بولدى،بىز بىر ئاشپۇزۇلغا كىرىپ بىرگە غىزالاندۇق،سورۇندا بولغۇسى ئايالىم،ئۇنىڭ ھەدىسى،ھەدىسىنىڭ 13-14 ياشلاردىكى قىزى قاتارلىقلار بار ئىدۇق،بىر كەمدە ھەدىسىنىڭ يانفونى سايرىدى،ھەدىسى تېلېفون ئۇرغۇچىنى ئاشپۇزۇلغا كېلىشىنى ئېيتتى،ئالاھەزەل ئون مىنوتلاردا بىر ئەر كىرىپ كەلدى،سالام-سائەتتىن كېيىن ئۇ شىرەگە ئورۇنلاشتى،قىزغىن پاراڭلار بىلەن غىزالاندۇق،مەن دەسلىپىدە ئۇ ئەرنى ھەدىسىنىڭ ئېرى ئوخشايدۇ دەپ چۈشەندىم،ۋاقىت ئۆتكەنسېرى سەزگۈلىرىم غەلىتىلىك ھېس قىلدى،شۇ مىنوتلاردا ئارتۇق سوئال سوراشمۇ ئەنئەنىمىزگە توغرا كەلمەيتتى،شۇنداق قىلىپ ئاشپۇزۇلدىن چىقىپ ھەرقايسىمىز مەنزىلىمىزگە قايتتۇق،كېيىنكى كۈنلەردە بولغۇسى ئايالىم مېنى ئاكىسى ۋە ھەدىسىنىڭ ئۆيىگە باشلاپ باردى،بۇ ئائىلىدىكىلەر بىلەن بەكمۇ چىقىشىپ كەتتىم، ئۇلار مېنى شۇنداق قىزغىن كۈتىۋالدى،بۇ جەرياندا ھەدىسىنىڭ ئۆيىگە بىرنەچچە نۆۋەت باردۇق،ئەمما ھېلىقى غەلىتە ئەرنى ھەدىسىنىڭ ئۆيىدە بىرنەچچە قېتىم ئۇچراتتىم،ئۇ ئەر بەزىدە بولغۇسى ئايالىمنىڭ ھەدىسىنى تاپالمىسا بىزگە تېلېفون قىلىپ سۈرۈشتۈردى،مەن ئاخىرى بولغۇسى ئايالىمدىن ھەدىسى بىلەن ئۇ ئەرنىڭ مۇناسىۋىتىنى سورىدىم،ئۇ ماڭا،ھەدىسىنىڭمۇ تۇرمۇشتا مەغلۇپ بولغانلىقىنى،ئۇ ئەر بىلەن تۇرمۇش قۇرۇشقا پۈتۈشكەنلىكىنى ئەمما تېخى توي قىلمىغانلىقىنى ئېيتتى،ئەمما ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەت ۋاقتىنى ئاڭلاپ سەزگۈلىرىم سەزگەنلەر ئىسپاتلىنىشقا باشلىدى،ھەر ئىككىلىسىنىڭ شارائىتى بار شارائىتتا ئون يلغىچە توي قىلمىغانلىقى ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش ئىدى.
   شۇنداق قىلىپ بىز توي قىلدۇق،تويدىن كېيىن ئۆيىمىزگە مۇبارەكلەپ كېلىدىغان مېھمانلار ئۈزۈلمىدى،بىر كۈنى ئايالىمنىڭ ھەدىسى ھېلىقى سىرلىق ئەرنى ئۆيىمىزگە باشلاپ كەلدى،بىز ئۇلارنى قىزغىن كۈتىۋالدۇق،مېنىڭ بىر سورۇندىكى ھەر بىر كىشىنىڭ گېپىگە بەكمۇ دىققەت قىلىدىغان ئادىتىم بار ئىدى،سۆھبەت جەريانىدا مەن ھېلىقى ئەرنىڭ بىرنەچچە گېپىگە توچكا ئۇرۇپ قويدۇم،ئۇلار كەتتى،مەن ئايالىمغا،"-سەن مېنىڭ ئايالىم،كىچىك ئىشلاردىنمۇ ماڭا بولغان سەمىمىلىكىڭ ئىسپاتلىنىدۇ،راستىڭنى ئېيت،ئۇ ئەر زادى كىم؟ئۇنىڭ ئايالى بار،شۇنداقمۇ؟"دېسەم جىملا بولدى،ئىشنىڭ تېگىگە يەتتىم،ئايالىممۇ ئېتىراپ قىلدى.مەن ئايالىمغا ئۇنى بۇ ئىشتىن توسۇشقا دەۋەت قىلدىم،مەن پەدىشەپنى قايرىپ قويۇپ ئۇنىڭغا تەربىيە قىلاي دىگۈچە ئۇ مېنىڭ تېلېفونۇمغا"سىز مېنىڭ ئىشىمغا ئارلاشماڭ،ئەگەر ئارلاشسىڭىز مەندىن رەنجىمەڭ"دەپ قىسقا ئۇچۇر يوللىدى،مەن ئاددىسى قىزى ئۈچۈن بولسىمۇ بۇ ئىشنى ئوڭشاش قارارىغا كەلدىم،ھەتتا قېرىنداشلىرى ئۇ يولدىن توسۇشقا ئامال قىلالماپتۇ،مەن بۇ ئىشقا بەكمۇ غەزەپلەندىم،تۇرمۇشتا زەربە يېگەن ئاشۇنداق بىچارە ئاجىزەلەرنى كۆڭۈل خوشى قىلىۋاتقان ئاشۇنداق لەنەتگەردى،مەلئۇن ئەرلەرگە  نەپرەتلەنسەم،يەنە بىر تەرەپتىن،ئۆز ئىززەت-ئابرويى،جەمەتى ۋە بالىلىرىنىڭ ئىززەت-ئابرويى بىلەن كارى بولمايۋاتقان،ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئويۇنچىقى قىلىپ بېرىۋاتقان ئاشۇنداق ئەقىلسىز ئاياللارغا لەنەتلەر ئوقۇدۇم.ھەي ئايال،ئويلاپ باقتىڭمۇ؟سەن بولساڭ مىللەت پەرزەنتلىرىنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى،سېنى بىز بىر قولىدا بۆشۇك تەۋرەتسە،يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرىتىدۇ،دەپ قارايمىز،سەن باك بىغۇبار بالا ياتقان بۈشۈكنى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئۆيى بولغان دۇنيانى ئاشۇ مەينەت،پاسىق بەدىنىڭ بىلەن،باشقىلارنىڭ ھەققىگە ئۇيالماستىن سۇنغان ئاشۇ ئوغرى قولۇڭ بىلەن تەۋرىتەمسەن؟كەلگۈسىدە ئۇ ئەرنىڭ ئىسسىق ئۆيىدە،سەن بولساڭ سېسىق نامىڭ بىلەن كوچىدا قالىدىغانلىقىڭدەك ھەقىقەتنى چۈشەنگۈدەك ئاددى تەپەككۇرمۇ يوقمۇ؟كەلگۈسىدە بىچارە بىتەلەي قىزىڭ چوڭ بولۇپ باشقىلار ئۇنى سۈرۈشتۈرگەندە"پالانى خانىمنىڭ قىزى دېمەي،پوكۇنچى بۇزۇقنىڭ قىزى"دەپ بىچارى گۇناھسىز قىزىڭنىڭ بەختى بىلەن ئوينىشىدىغانغا نېمە ھەققىڭ؟لەنەت ساڭا،ئەي "ئانا"!!!
   مەنبە:بىر دوستۇمنىڭ ئاغزىدىن.
ئەپسۇس، دۇنيا كۆز يىشىغا ئىشەنمەيدۇ~~!!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5023
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 437
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە437دانە
ئۆسۈش: 620 %
مۇنبەر پۇلى: 2780 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-20
ئاخىرقى: 2012-01-26

جەمىئىيەتتە بۇنداق ئىشلار ئاۋۇپ كەتتى، بۇ ئانچە قورقۇنچلۇق ئەمەس، ئەڭ قورقۇنۇچلۇقى كىشىلەرنىڭ پەرۋاسىز ھالدا بۇ خىل پەسكەشلىكلەرنى ئىتىراپ قىلىشى....ھەممىمىز لەنەت ئوقۇيلى بۇنداقلارغا....
دوستلىشىش
dulbarqin310
توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى ئىشلارغا.........
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1140
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1140دانە
ئۆسۈش: 580 %
مۇنبەر پۇلى: 12203 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-03-30
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-24 10:33

ھەقىقەتكە لايىق، ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلىپتۇ.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6506
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 65
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە65دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 685 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-14
ئاخىرقى: 2011-09-16
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-24 11:42

ئۇنداق جەمىيەت داشقاللىرىنى يوقىتىۋىتىدىغان ئامال بولسا -ھە...
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3126
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 36
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە36دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-21
ئاخىرقى: 2012-03-28
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-24 12:28

جەمىئىيەتتە بۇنداق ئىشلار ئاۋۇپ كەتتى، بۇ ئانچە قورقۇنچلۇق ئەمەس، ئەڭ قورقۇنۇچلۇقى كىشىلەرنىڭ پەرۋاسىز ھالدا بۇ خىل پەسكەشلىكلەرنى ئىتىراپ قىلىشى....ھەممىمىز لەنەت ئوقۇيلى بۇنداقلارغا....
دوستلىشىش
تۇپراق0999
قۇشۇلما پىتنىخۇرغا بارمايىقىن،ئۇنىڭكىم تىلىدىن ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7376
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 72
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە72دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 830 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-13
ئاخىرقى: 2012-03-22
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-24 15:44

ئاللاھ  دىن شۇ قارا دىللارغا ئىنساپ تىلەيمەن  .  ئاللاھ  ئىگەم شۇ ئاجىزەلەرگە ، شۇنارسىدلەرگە رەھمەت قىلسۇن...
ئاللاھ  ئىگەم  ئوزى ھىدايەت قىلسۇن .  بىزنىڭ ئۇلارنى ئۇنداق - بۇنداق بۇزۇق دىيىشكە سالايىتمىز تۇشمايدۇ ؟؟؟؟؟؟؟؟
ئۆلومگە بىر داۋا  ئىزلەپ  جاھاندىن ئۆتتى  كۆپ  دانا،
دوستلىشىش
تۇپراق0999
قۇشۇلما پىتنىخۇرغا بارمايىقىن،ئۇنىڭكىم تىلىدىن ..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7376
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 72
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە72دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 830 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-13
ئاخىرقى: 2012-03-22
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-24 16:00

بىز ئەڭ ئاۋال ئۆزمىزنى ئىسلاھ قىلايلى  ....ئاللاھ ھەممىنى بىلگۇچىدۇر.....
ئۆلومگە بىر داۋا  ئىزلەپ  جاھاندىن ئۆتتى  كۆپ  دانا،
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7172
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 248
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە248دانە
ئۆسۈش: -10 %
مۇنبەر پۇلى: 2540 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-04-18
ئاخىرقى: 2011-12-22
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-24 18:01

ئەرسىز ئايال يۈگەنسىز ئات باشقۇرۇشقا ئامال يوق.
ئۆزۈڭنى ئۆزۈڭ قۇتقۇز غايىپتىن قەھرىمان كەلگۈچە
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1412
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 343
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە343دانە
ئۆسۈش: 290 %
مۇنبەر پۇلى: 3740 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-01
ئاخىرقى: 2012-03-29
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-25 02:52

توۋا دەيلى ،،،، ئۇلارغا ئىنساپ تىلەيلى ، بىر ئىشنى بىر ئادەمگە قىلدۇرىمەن دەپ قىلدۇرغىلى ، قىلدۇرمايمەن دەپ توسۇپ قالغىلى بولمايدۇ ..... ئەڭ مۇھىمى شۇ ئادەمنىڭ ئىدىيسىگە باغلىق مەسىلە .....
توخۇنى پوك يىدىڭ دەپ ئۆلتۈرۋەتكىلى ، پىتنىڭ ئاچچىقىدا چاپاننى ئوتقا تاشلاپ كۆيدۈرۋەتكىلى بولمايدۇ ........
ئاشۇلارنى ياخشى يولغا باشلاپ يامان يولدىن توسۇش ئەتراپىدىكىلەرنىڭ تەدبىرىگە باغلىق ، قاھشاپ تىللاۋەرسەك تىخىمۇ پاتقاققا پىتىپ كىتىشى مۇمكىن ... شۇڭا تەسىرلەندۈرۈش كىرەك !
ياخشى سۆز تاشنى ئىرىتەر .............................
بەدەل تۆلەش بولمىسا ئېرىشىشمۇ بولمايدۇ
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8277
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 102
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە102دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 1211 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-24
ئاخىرقى: 2012-03-08
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-25 20:19

ئاللاھ ھەممىنى بىلگۇچىدۇر    .ئاللاھ  ئىگەم  ئوزى ھىدايەت قىلسۇن