ئەبۇ بەكرى (رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ) ئۈگۈتلىرى:
1.اللەنىڭ ۋەدىسى بىلەن ھەيۋىسى باغلىنىپ كەتكەن ، شۇڭا بەندە تەلەپ قىلغۇچى بولۇش بىلەن بىرگە قورققۇچى بولۇشى كېرەك .
2.بالايى-قازا سەۋىرقىلغۇچىغا مەنسۇپ ئەمەس .
3. ئۆلۈم ئەڭ ئاسان ، ياشاش ئەڭ قىيىن .
4.ئىنسان ئۈچ خىل ھالەتتىن قول ئۈزۈشى كېرەك : پەسكەشلىك ، ۋاپاسىزلىق ، كاززاپلىق .
5.ئاياللارغا يۆلىنىۋالغان مىللەت ، خورلۇقتا قالىدۇ .
6.مۇكاپاتقا ئالاقىدار ئىشتا يالغان ئېيتىشقا بولمايدۇ ، ۋەدىگە ئالاقىدار ئىشتا قۇرۇق گەپ قىلىشقا بولمايدۇ .
7.ئەگەرسەندىن بىر ياخشى ئىش ئۆتۈپ كەتسە، ئۇنىڭغا قوغلاپ يىتىشىۋال.ئەگەر ئۇ يامان ئىش بوپقالسا،ئۇنىڭدىن ھالقىپ ئۆتۈپ كەت .
8. اللە سېنى كۆرۈپ تۇرۋاتىدۇ .
9. اللە قېرىنداشلىرىغا ياردەم قىلغان كىشىگە ياردەم قىلىدۇ .
10.غەزىپىنى باسالايدىغان كىشىلەر ئاللاھقا ئەڭ ئىتائەتمەن كىشىلەردۇر.
11.اللە سېنىڭ ئىچكى قىيىاپىتىڭ ھەم سىرىتقى قىياپىتىڭنى ئاشكارە كۈزۈتۈپ تۇرغۇچى.
12.اللەقا تەۋەككۈل قىلغان كىشىنى اللە ياخشى كۆرىدۇ .
13.ئۆزىنى تۈزىگەندە ئاندىن باشقىلارنى تۈزىگىلى بولىدۇ.
14.ئۈلۈمنى ئەسلەپتۇر ، ئۇ ساڭا ئىككىنچى قېتىملىق ھاياتلىق بېرىدۇ.
15.ھەممە ئادەمدە مەلۇم شارائىت ئاستىدا شەخسى ھەۋەس بولىدۇ.ئەگەر ئۇنىڭدا يېتەرلىك ۋاقىت بولسىلا.
16.ھېيىقىش بولسا زېرەكلىكنىڭ نادىرىدۇر . چېچىلاڭغۇلۇق بولسا زېرەكلىكنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىدۇر .
17.اللە ئاساسي تۇلۇق بولمىغان نەفلىنى خوپ كۆرمەيدۇ .
18. تۆۋەندىكى تۆت خىل خۇسۇسىيەتكە ئىگە كىشىلەر، اللەنىڭ ياخشى بەندىسىدۇر : ① خاتالىقىنى تونۇغانلارغا تەسەللى بېرىش .② ياخشىلىققا ماڭغانلارغا ياردەم قىلىش . ③خاتالىق ئۆتكۈزگەنلەرنىڭ گۇناھىنى تىلەش . ④ئىخلاس بىلەن ئىلتىجا قىلىش .
19. اللەنىڭ تارازىسىدا ، ھەقىقەتنىڭ سالمىقى ئەڭ ئېغىر . ساختىلىقنىڭ بولسا ئەڭ يىنىكتۇر .
شاد كۈلكە تەرجىمىسى ...