باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3859 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: بۈگۈن غۇلجىدا بايرام شاتلىغى !
AYATLIK,BIR KURAX
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4058
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 2
ئومۇمىي يازما: 1533
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1533دانە
ئۆسۈش: 5080 %
مۇنبەر پۇلى: 19086 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-27
ئاخىرقى: 2012-03-26
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-23 14:59

بۈگۈن غۇلجىدا بايرام شاتلىغى !




 


 


 
  
  ماقالىنىڭ تېمىسنى كۆرۈپ بۈگۈن قايسۇ بايرامدۇ دەپ قېلىۋاتامسىز ؟   ,ئەلۋەتتە بايرامدە بۈگۈن ، بۈگۈن ئەتىگەندىلا بىز ئويدە بايرام تەنتەنىسىنى باشلىۋەتتۇق، ئەتىگەنلىك چايدىلا بىز بۈگۈنكى قۇتلۇق كۈننى قانداق كۈتىۋىلىش ئۈچۈن مۇزاكىرە باشلىۋەتتۈڭ . ئىككى  ئوغلۇم سورايتى :ئاتا بۈگۈن نىمە بايرام ؟  
ئوغلۇم بۈگۈن بىزنىڭ غۇلجىنىڭ بايرىمى ، بۈگۈن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بايرىمى ، بۈگۈن مەرىپەتپەرۋەر ئانىمىز ئايغان ئانىنىڭ بايرىمى ، بۈگۈن ئۇيغۇر پۇتبول مەستانىلىرىنىڭ بايرىمى ! بىلەمسەن بۈگۈن سېنىڭ قېرىنداشلىرىڭ ، سېنىڭ ئاكىلىرىڭ ، ساڭا ئوخشاش تومۇرلىرىدا ئۇيغۇرۇم ، يۇرتۇم ، ۋەتىنىم، غورۇرۇم دەپ قان ئېقىۋاتقان، ئېلى دەيراسىنىڭ ئەركەك سۇيىنى ئېچىپ چوڭ بولغان ، ئۆز جاسارىتى  ، باتۇرلىقى ، چىدامچانلىغى بىلەن جەڭگە چىقىپ ، يۈرىكىگە ئۆز مىللىتىنىڭ، ئەزىزانە ئانا دىيارىنىڭ  پۈتكۈل  خەلقىنىڭ ئۈمىد ئارزۇسى، دۇئاسىنى پۈكۈپ، كۆكرەكنى كېرىپ، توسالغۇلارنى بۆسۈپ، رەقىپلىرنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ يۈكسەك ئۇستۇنلىگىنى پۈتكۈل جوڭگۈ خەلقىغە نامەيەن قىلىپ، پۈتبول مەيدانىدا، چولپاندەك چاقناپ، مۇداپىيەدە يىمىرىلمەس تامدەك ، ھۇجۇمدا قاپلاندەك ، تىيانشان قارغايلىرىنى يىلتىزىدەك ئىتىپاقلىغىنى جارى قىلدۇرۇپ، ھاتەمدەك غەيرىتى بىلەن نەرە تارتىپ، تاغ دەريانى تىترىتىپ، خەلقىنىڭ دۇئاسى ئىجابەت بولۇپ، قوش چىنپىيونلۇققا ئېرىشكەن ئايغان ئانا كاماندا ئەزالىرىنىڭ غۇلجىغا قايتىپ كەلگەن كۈنى ، ئۇيلاپ باقە ئوغلۇم ، بۈگۈن غۇلجىدا بايرام ئەمەسمۇ؟ بۈگۈن بىزگە بايرام ئەمەسمۇ؟ ئۆز قەۋمىنىڭ غەلبە مارشىنى ئاڭلاپ . ئۇزغۇنلىرىنى بېشىدا ئېگىز كۆتۈرۈپ تەنتەنە قىلىدىغان كۈندىن ئېسىل بايرام كۈنى بارمۇ ؟ بىز باتۇرلىرمىزنى كەلگىن مىنىڭ پەخرىم ، كەل سىنى باغرىمغا باساي دىيىشىمىز كېرەك  ئەمەسمۇ ؟ ئۈنىڭ ئىچدە ئابلىمىت ئاكىدەك ( غۇلجا شەھرى كوك قوشقار تاماقخانىسىنى خوجايىنى ) مەرىپەتپەرۋە ئاكىلىرمىزمۇ بار ئۇلارغا گۈل تۈتقىڭلار كەلمىدىمۇ ؟ ئوغلۇم ئېسىڭدە تۇت، قەۋمىڭ ئۈچۈن شان شەرەپ ئېلىپ كەلگەن ھەر بىر كىشنى سەن بېشىڭدا كۆتۈر، سەن ئۇلارنىڭ چاكىرى خىزمەتكارى بول، سەن قەۋمىڭ ئۈچۈن شەرەپ ئەكىلىدىغان يىگىتلەرنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئال !  
سىز كۆرۋاتقان بۇ تېمىنىڭ مەنبەسى★ھۇررا مۇنبىرى ★
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1435
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1435دانە
ئۆسۈش: 360 %
مۇنبەر پۇلى: 15240 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-03-27
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-08-06 09:29

بىزنىڭ بالىلار
باشلانغۇچتا جوڭگونى سورايدۇ ،
تۇلۇقسىزدا تاماكا شورايدۇ ،
ئالىي مەكتەپتە ئەتراپىدا قىزلار ،
كەيىپ ئىچىدە ئاستا يوقايدۇ ،

مانا بۇ مۇتلەق كوپ قسىم تالانتتى بار ئىنىلىرىمىزنىڭ پاجىئەسى ،،،  يىللاردىن بىرى غۇلجا قەشقەر ئاتۇش كىچىك بالىلىرىنىڭ غەلبە خەۋىرى ئوزۇلگىنى يوق ،، ئەمما ئۇزۇلۇپ قالغىنى ئاشۇ ناچار شارائىت بىلەن ئىچكىردىكى سىلىشتۇرغۇسىز ياخشى شارائىتتا تەربىيلەنگەن بالىلار كوماندىسىنى يەڭگەن ئۇيغۇر بالىلارنىڭ كىينكى ھاياتى ، ئۇلار ئۇن تىنسىز يوقاپ كىتىۋاتىدۇ ،، ھەر نىمە بولسا ئاللاھقا شۇكۇر ، ئابدۇلبارى مىر ئەخمەتلەر چىقتى ،، ئەمما بۇلار بىزنىڭ قېنىدا پۇتپول ھۇجەيرىسى بار ئىنىلىرىمىزگە نسبەتەن ئىيتقاندا بەك ئاز سان بۇلار ،، مۇتلەق كوپى يوقارقى سەۋەبلەر تۇپەيلى زايە كەتتى ،،، مۇستەھكەم ئىتىقادقا قايتىڭلار ئىنىلىرىم ،، ئەنە شۇ ئىتىقاد سىلەرنى ھەر قانداق كەيىپتىن ئاسراپ ، مەنزىلگە يىتىشىڭلارغا ياردەم قىلالايدۇ ،،، ئاللاھ بۇ ئىنىلىرىمىزنى يوقارقىدەك قىسمەتتىن ساخلىسۇن