20-ئەسرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرقى چاغلىرى ۋە 90-يىللىرىنىڭ باشلىرىدا "جۇڭگو مىللەتلىرى" نىڭ ئەسلىسى "مىللەتلەر ئىتتىپاقى" نىڭ ئىشخانىسى "شىنجاڭ گېزىتى" قورۇسىدا چاغدا ھەر كۈنى ئۇچرىشاتتۇق، ھەپتىدە بىرەر كۈن يىغىلىشىپ سىردىشاتتۇق!
سىرداش دوست ئىدۈك، ئون بەش يىل مۇقەددەم تىزىمىزدىكى ئوخشاش كېسەللىك ۋەجىدىن ئۇيغۇر شىپاخانىسىدا بىر بالنىتسىدا ئىككىمىز يالغۇز بىر ئاي بىللەن داۋالىنىپ مۇڭداشمىغان گېپىمىز قالمايتتى، ھەر ئىككىمىزنىڭ قارىغۇچىمىز يوق ئىدى، چۈنكى مەرھۇمنىڭ جانابىي ھەق رەھمىتىگە بالدۇر كەتكەن خانىمى غۇلجىدا ئاغرىق ئىدى. تېخى، بۇلتۇر 7-ئاينىڭ 30-كۈنى مەرھۇم ئاتامنىڭ نەزىرىگە كېلىپ ماڭا تەسەللىيلەر بەرگەن ئىدى، 8-ئاينىڭ 3-كۈنى مىللەتلەر نەشرىياتىدىن ساۋاقدىشىم ئەھمەتجاننى كەپتۇ، دەپ سىرداشلار يىغىلىپ مۇڭداشقان ئىدۈك، مۇشۇ نەچچە يىل مابەينىدە تىرىكچىلىك قىيامەتلىرىدە پات-پات دىدار- مۇلاقاتتا بولالمىغان ئىدۈك، مەرھۇمنىڭ چوڭ قىزى ۋە كېيىنكى قوشكېزەكلىرىنىڭ بېشىنى جانابىي ھەق سىيلاپ بەختىنى بەرگەي، مەرھۇمنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي! ...
بۇ خەۋەر ماڭا بەكلا تەسر قىلدى ، ئاغىينىلەر، قادىرئاللاھ بەرگەن تەننىڭ ساغلاملىقىنى ئۆزىمىز ئاسرايلى!