باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1256 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: خېنىم چىرايلاردىن بولۇپ قالماڭ
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 137
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە137دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-22 18:42

خېنىم چىرايلاردىن بولۇپ قالماڭ

     يېقىندىن بۇيان كوچىلاردا ئۇزۇن چاچ قويۇپ، ھەرەڭ-سەرەڭ كىيىملەرنى كىيىپ، ھەتتا زىبۇ-زىننەت تاقاپ، تاماكىسىنى پۇرقۇرىتىپ چېكىپ كېتىۋاتقان يىگىتلەرنى دائىم ئۇچرىتىدىغان بولدۇم. ھەر قېتىم ئاشۇنداق كۆرۈنۈشلەرنى كۆرگىنىمدە بەكمۇ ئازاپلىناتتىم. زامانلاردىن بېرى چەبدەس، باتۇر، چېچەن دەپ تەرىپلىنىپ كېلىۋاتقان يىگىتلىرىمىزنىڭ قىسمەنلىرى مانا ئەمدى ئاياللارغا ئوخشاش چاچلىرىنى ئۇزۇن قويۇپ، زىبۇ-زىننەت تاقاپ، ھەتتا گىرىم قىلىپ كوچىدا يۈرسە، ئۇلارغا كىممۇ لەنەت ئوقۇماي تۇرالىسۇن، دەپ ئويلىدىم.
    ئەلۋەتتە، بىراۋنىڭ قانداق كىيىنىشى، قانداق ياسىنىشى ئىختىيارلىقىدىكى ئىش، ئەمما ئەر-ئاياللارنىڭ تەن تۈزۈلۈشى، پىسخىك ئالاھىدىلىكى ياكى ئىجتىمائىي ئەخلاق ھەم تىببىي نۇقىتىدىن ئېيتقاندا، ئەرلەر ئەرلەرگە، ئاياللار ئاياللارغا خاس كىيىنىشى، ياسانمىقى زۆرۈردۇر.
    بەزىدە كوچىدا ئەر ياكى ئاياللىقىنى پەرقلەندۈرگىلى بومىغۇدەك دەرىجىدە كىيىنىۋالغان ياشلارنىڭ توپ-توپ بولۇپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيرانلىق ئىلكىدە قاراپ قاراپ قالىمىز، قىسمەن يىگىتلەرنىڭ چېچىنى ئاياللارنىڭكىدەك بوياپ، بۈدۈر قىلدۇرۇپ ئۇزۇن قويۇۋالغانلىقى، يۈزىگە گىرىم قىلىۋالغانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە، ئوغۇل بالا بولۇپ تۇغۇلغانلىقىنىغا ئەپسۇسلىنىمىز. ئەسلىدە ئۇلار دۇنياغا كۆز ئاچقاندا ئاتىسى ئۇلاردىن پەخىرلىنىش ھەم غۇرۇرلىنىش ئىلكىدە خۇش بولغان، ئانىسى سۆيۈنۈش ئىلكىدە زور ئۈمىدلەرنى كۈتۈپ، باغرىغا چىڭ باسقان بولغىيتتى. ھەرقانداق ئاتا-ئانا ئوغلىنىڭ ئەرلەرگە خاس جۇشقۇن، بەردەم بۇلۇشىدن پەخىرلىنىدۇ. ئەجەبا بۇ ئاتا-ئانىلار ئوغلىنىڭ ياشلىق بوسۇغۇسىغا قەدەم قۇيۇپلا ئاياللارغا ئوخشاش ياسىنىپ يۈرگەنلىكىنى كۆرسە، ئازاپتىن يۈرىكى لەختە بولماسمۇ؟
   يەر شارىلىشىشنىڭ چوڭ دولقۇنىغا ئەگىشىپ مەدەنىيەلەر گىرەلىشىپ ھەم ئارىلىشىپ سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ. سىنچىلاپ قاراپ باقساق. پاسونى غەلىتە، ھەتتا چاكىنا كىيىم-كېچەكلەر ئەتراپىمىزنى بىر ئالدى. ئەمەلىيەتتە ھەممە ئادەمنىڭ ئېستېتىك گۈزەللىكى ئوخشىمايدۇ، كېلىپ چىقىشى، مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى بىر-بىرىدىن پەرقلىنىدۇ. ئۆزىمىزنىڭ يارىشىملىق كىيىم-كېچەك مەدەنىيىتىمىز ھەم كىيىنىش-ياسىنىش ئادىتىمىز تۇرۇپ، ئۆزگە مەدەنىيەتكە قارىغۇلارچە يېپىشساق ئېنىقكى بىمەنىلىك ھېسابلىنىدۇ.« كۆككە باقماي، كۆپكە بېقىش»، تۇرمۇش چاكىنا رەڭۋازلىقىنى ئەمەس، ئاددىي-ساددا، ئېسىل گۈزەللىكنى تېپىش ئاقىلانىكتۇر. مېنىڭچە، كىندىكلىرى ئوچۇق، پۇچقاقلىرى يەرگە سۆرەلگەن، ھەتتا چۇچىلىرى، قىرلىرى سۆكۈلگەن، رەڭلىرى شۇقەدەر يېقىمسىز، دۇنيادىن رايى قايتقانلاردەك تۇيغۇ بېرىدىغان ياسىنىش چاكىنىلىقتۇر.
   بىر ئادەمنىڭ رەتلىك پاكىزە كىيىنىپ يۈرۈشى ئۆزىنى ھۆرمەتلىگىنى، كىشىلىك قەدىر-قىممىتىنى ئۆزىدىن باشلاپ ياراتقىنى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ، بىراق مۇئەييەن توپتا ياشاۋېتىپ، شۇ توپتىكىلەرنىڭ كىيىنىش ئەدەپلىرىدىن چەتنىگەن ھالدا كىيىنىش چاكىنىلىقنىڭ ئىپادىسىدۇر. پەرىقلىق ياسىنىش ئارقىلىق باشقىلارنىڭ دىققىتىنى تارتقىلى بولىدۇ، بىراق زىيىنى بولسا بولىدۇكى، پايدىسى بولمايدۇ. بىر ئادەم ئۈزلۈكسىز تىرىشىپ ئەمەلىي نەتىجىلىرى ئارقىلىق خەلققە تۆھپە قوشسا، خەلق تەرىپىدىن ھەقىقىي ئېتىراپ قىلىنىپ، ئۆزلۈكىدىن نامايەن بولىدۇ ھەم ھۆرمەتكە ئېرىشىدۇ. خىتابىم شۇكى، يىگىتلىرىمزدە جۇشقۇن، سەمىمىي قەلب، ئەرلەرچە سالاپەت بولسۇن.
دوستلىشىش
dulbarqin310
ئاللاھ خالىسا كۈلۈپ ياشايمەن.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 917
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە917دانە
ئۆسۈش: 530 %
مۇنبەر پۇلى: 9643 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-01-08

دۇرۇس گەپ بۇپتۇ جۇمۇ!
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
ئى ئاللا بىر سلگە ئىبادەت قىلمىز ۋە بىر سلدىن ياد ..
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3898
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 520
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە520دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 5325 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-18
ئاخىرقى: 2012-01-06
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-22 23:37

توغرا گەپ قىپسىز  ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن   
adasdsadas
اللەنىڭ نەزىرىدىكى مەن ھەقىقى مەن!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7794
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 91
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە91دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 950 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-09
ئاخىرقى: 2011-08-12
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-23 11:17

اللە  ۋە   اللە  نىڭ   پەيغەمبىرى   ئەرچە  ياسىنىۋالغان   ئايالللارغا  ۋە   ئايالچە  ياسىنىۋالغان   ئەرلەرگە   لەنەت   بولسۇن  دىگەن .
سەن ياقتۇرمايدىغان بىر ئىشتا سەبىر قىل ، اللە كۆپ خەيرىيەتلەرنى پەيدا قىلىشى مۇمكىن.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6326
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 217
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە217دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 2190 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-01
ئاخىرقى: 2012-01-08
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-23 11:30

ناھايتىمۇ  ئورۇنلۇق  پىكىر  بوپتۇ  . مەن  قوللايمەن