خەلقئارا بىئولوگلار ساھەسىدە ئېتىراپ قىلىندى
<<ئادەم مۇزىكا ئارقىلىقمۇ ئەڭ ئالى ھۆرلۈككە ئېرىشەلەيدۇ.>>
چىڭغىز ئايتماتوف
خەلقىمىز ئارىسىدا <<تەمبۇر شاھى>>نامى بىلەن تونۇلغان نۇرمۇھەممەت تۇرسۇن ۋاپاتىغا بىر يىل بولغانلىقىنى خاتىرىلەش،ئۇنىڭ نامىنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش
ئۈچۈن بىئولوگىيە پەنلىرى دوكتورى،ھاشاراتشۇناس--مۇھەببەت كامال خانىم يولدىشى پروفېسسور-دوكتور ئەخمەد ئۆمەر بىلەن بىللە بىرخىل نامسىز پەرۋانىگە<<نۇرى تەمبۇرىيا>>دەپ نام بەرگەن ۋە بۇ پەرۋانە ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىسى ئۈستىدە
غا نۇرى ئورۇندىغان تەمبۇر-ساتارمۇزىكىلىرىنى كىرىشتۈرگەن،VCD ئىشلەنگەن خەلقئارالىق جانلىقلارنى خەلقئارالىق جانلىقلارنى ئىسىملەندۈرۈش قائىدىسىگە ئاساسەن ،گېرمانىيىدىكى <<ئىسىملەندۈرۈش قائىدىلىرى بويىچە نازارەت قىلىش كومىسسىيونى>>نىڭ تەكشۈرۈپ-بېكىتىشىگە سۇنغان.(بىئولوگىيىە پېنى ھاشاراتشۇناسلىق ئىلمى ساھەسىدە ھەرقانداق بىر ئالىم-تەتقىقاتچى ئىلگىرى بايقالمىغان بىر جانلىقنى بايقىسا،ئۇنىڭغا مەڭگۈلۈك خاس ئىسىم قويۇشقا ھوقۇقلۇق.)
ھازىر <<نۇرى تەمبۇرىيا>>دېگەن بۇ نام خەلقئارادىكى بىئولوگلار تەرىپىدىن رەسمى ئېتىراپ قىلىنغان ۋە ئىشلىتىلىشكە باشلىغان.
پەرۋانە--ئوتقا ئاشىق جانلىق؛ بىزنىڭ نۇرى بولسا--مۇزىكا پەرۋانىسى،مۇزىكا ئاشىقىدۇر.
ئۇيغۇر مۇزىكانت--نۇرى تۇرسۇننى <<نۇرى تەمبۇرىيا>>ئىلمى ئىسىم بىلەن بىئولوگىيە دۇنياسىدا ئەبەدىيلەشتۈرگەن ئەر-ئايال تەتقىقاتچىلارغا مىننەتدارلىق بىلدۈرىمىز!
تۆۋەندىكى ئادرېسلار خەلقئارادا تونۇلغان،ئېتىراپ قىلىنغان مۇھىم تەتقىقات تۈرلىرى ۋە <<نۇرى تەمبۇرىيا>>غا مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر،ئېنتېرنېت سەھىپىلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر.
http://www.organismnames.com/advancedquery.htm?q=Nuritamburia&Submit=&searchType=partial&so=a0&pp=10 http://gni.globalnames.org/name_strings?page=5&search_term=ns%3ANUR*
http://en.wikipedia.org/wiki/Nuritamburia http://nature.berkeley.edu/~poboyski/Lepidoptera/Brad.htm http://relaxationnews.com/news/Nuritamburia.html http://www.biolib.cz/en/taxon/id868129/