باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3585 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئايالنىڭ كۆزيېشى
دوستلىشىش
مەنزىلگە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8227
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 27
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە27دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 320 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-20
ئاخىرقى: 2011-11-01
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-20 11:49

ئايالنىڭ كۆزيېشى

(ئاياللار بىلەن ئۇنسى-ئۈلپەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن ئۇلارنى سىلەرنىڭ ئۆز تېپىڭلاردىن ياراتقانلىقى،ئاراڭلاردا مېھىر-مۇھەببەت ئورناتقانلىقى ، ئاللانىڭ (كامالى قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان)ئالامەتلىرىدىندۇر، پىكىر يۈرگۈزىدىغان قەۋم ئۈچۈن، بۇنىڭدا نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار)سۈرە رۇم21-ئايەت
ئاددىيغىنە كۆيۈنۈش ھېسسىياتى ئايالنىڭ قايغۇسىنى خۇشاللىققا ئۆزگەرتىدۇ .  

كۆز ياش بولسا ھېسىسيات ئېقىنى ، نازۈك كۆڭۈلنىڭ شېرىن-تاتلىق سۇ مەنبەسى . شائىر لار ئۇنى يامغۇرلۇق بۇلۇتقا ھەممنى ئېقىتىپ كېتىدىغان يۈگەنسىز كەلكۈنگە ئوخشىتپ مىسرالارنى قالدۇرغان.كەلكۈنلەردىن دەريا ھاسىل بولىدۇ.، دەريادىن قالسىلا دېڭىز تىنىق ۋە بىپاياندۇر. كۆز ياش  ئايالنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرى ئېتىلىپ چىقىدىغان ئەڭ كۈچلۈك قورال. ئۇ كۆز يېشى ئارقىلىق پىنھان مۇھەببىتىنى، يۇشۇرۇن ئازاۋىنى ۋە ياكى ئەر ئۇنىڭ سىرىنى چۈشىنەلمەي ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدىغان باشقا تۈرلۈك ئىغىر ھېسسىياتلىرىنى ئىپادىلەيدۇ.
ئەر ئايالىنىڭ ئىچكى ھېسسياتىدا بولىۋاتقان داۋالغۇشلارنى ئۇنىڭ كۆزى ئارقىلىق ئوقۇيالايدۇ. ئۇنىڭ چېھرىدىكى ئېنچىكە قىياپەتلەردىن ، مېھر- مۇھەببەتكە تولغان زېل ئاۋازىدىن ، ئۇنىڭغا ئېگىلگەن نازۈك بويلىرىدىن بۇ كۆز ياشلارنىڭ سىرىنى ھېس قىلالايدۇ. كۆز يېشىنىڭ ئۆزىگە خاس سىرى بار . ئەر بۇ سىرلارنى چۈشەنمىگەچكە ، ئايالىنى ئۆزى سەۋەپلىك ئۇنىڭ ھېسسىياتى بىلەن ئويناشقانلىقى ياكى كۆڭلىگە تىگىدىغان قوپال گەپ –سۆزىدىن ۋە ياكى باللىرى بىلەن سىرىتقا ئوينىتىشقا ئىپ چىقىشقا قىلغان ۋەدىسىگە ئەمەل قىلالمىغانلىقىغا يېغلىدى- دەپ ئىشەنگەنلىكى ئۈچۈن ، بەزى پاكىتلارنى كەلتۈرۈپ  ئۆزىنى ئاقلىماقچى بولىدۇ.  

كۈلكە ۋە يىغا
(ئاللا ئىنساننى كۈلدۈرەلەيدۇ ۋە يىغلىتالايدۇ)سۈرەنەجم-43-ئايەت  
ئايال كىشى يىغلاڭغۇ كىلىدۇ .يوپكىسىدا پەيدا بولۇپ قالغان ئانچىكى بىر تۈشۈك، چېچىىنى ياسىتىشقا كىچىكىپ قالغاندەك ئادديغىنە ئىشلار ئۈچۈنمۇ يىغلايدۇ.ئايال كېشىنىڭ ئەنە شۇنداق ئاجايىپ غەلىتە، قىزىقارلىق ھالەتلىرى بار. ئەر كىشى ئۇنىڭغا قانداق مۇئامىلە قىلىش سەنئىتىنى ئۆگىنىشى كېرەك . پىخسىكا تەتقىقاتلىرىنىڭ بىرىدە بۇ تۈردىكى كۆز ياشقا تاقابىل تۇرۇشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى ئۇنىڭ يۈزىگە قاراپ كۈلۈمسىرەش-دەپ كۆرسىتىلىدۇ. ئاياللارنىڭ بۇ تۈردىكى يېغىسىنى ھىچقانداق نەرسە كۈلۈمسىرەشكە ئوخشاش تىز توختىتالمايدۇ.
ھەممە چاغلاردا كۆز ياش قايغۇنىلا ئىپادىلەپ بەرمەيدۇ –ئەلۋەتتە،خانىمىڭىز خۇشاللىق شاد-خۇراملىق مىنۇتلىرىدىمۇ يېغلايدۇ،بولۇپمۇ نەتىجە –مۇۋەپپەقىيتىنىڭ خۇش خەۋىرى يىتىپ كەلگەن چاغلاردا.
قايغۇغىلا تالىق ئەمەس كۆز يېشى، ۋە بەخىتكە خاس ئەمەستۇر كۈلكىلا.
ئويلىمىغىن يېغا كۆرسەڭ غەملا دەپ ھايات دېگەن ئاددى ئەمەس ئۈنچىلا .
 
قايغۇ يېشى
(يەئقۇب ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈپ <<ئىسىت يۈسۈپ>>دېدى. قايغۇدىن( كۆپ يىغلاپ)ئىككى كۆزى ئاقىرىپ كەتتى » سۈرە يۈسۈپ84-ئايەت
ئەمما قايغۇ يېشى كىشىگە ئىنتايىن ئېغىر كىلىدۇ . بىراق ئۇ قەلىبنىڭ ھارارىتىنى سوغىتىدۇ ، كۆڭۈلنى تىنجىتىدۇ.ھەدىسلەردە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئىبراھىم ۋاپات بولغان چىغىدىكى كۆز ياشلىرىنى تۆكۈپ تۈرۈپ قىلغان مۇنۇ مۇبارەك سۆزلىرى نەقىل قىلىنىدۇ.<<كۆزىدىن ياش تۆكۈلگەنلىكى كۆڭۈلنىڭ ئازاپلانغانلىقىدىن ،بىراق بىز پەقەت ئاللا رازى بولدىغان گەپنىلا قىلىمىز. ئى ئىبراھىم، بىز سەندىن ئايرىلىپ قالغانلىقىمىزغا ئەلۋەتتە قايغۇرىمىز>>  
ئەر كىشى ئايالىنى قايغۇ- سىناق ياشلىرىنىڭ تامچىلىرى ئىككى مەڭزىگە تۆكۈلگەن ھالىتىنى كۆرۈشكە ئەسلا چىدىيالمايدۇ.ئۇ بىر بولسا ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىغا ئورتاقلىشىدۇ ، ياكى قولى بىلەن ئاۋايلاپ ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتىدۇ. <سەبىر قىلغىن قىشىڭدىمەن دائىم، 
كۆز ياشلىرىڭ ئاقسۇن مەڭزىمگە.
يۈرىكىڭنىڭ ھەسرەت داغلىرى،
يېلتىز تارتسۇن مىنىڭ قەلبىمگە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆز ياشقا تۇتقان پوزۇتسيەسى نېمە دېگەن گۈزەل ۋە تەسىرلىك! ئۈزۈنغا سوزۈلغان ھەج سەپىرى، ھەممە سەپىرىنى تىزراق تاماملاش ئارزۈسىدا ئالغا ئىلگىرلىمەكتە..مۇشۇ پەيتىتە رەسۇلىللانىڭ خانىمى مۆمىنلەرنىڭ ئانىسى ھەزىرىتى سەپىيەنىڭ-ئاللا ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن- تۆگىسىنىڭ چۆكىۋىلىپ ماڭغىلى ئۇنىمايۋاتقانلىق سەۋەبىدىن قايغۇرۇپ يېغلاۋاتقانلىق خەۋىرى يىتىپ كىلىشى بىلەنلا  پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭ قىشىغا كىلىپ مۇبارەك قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتىشكە باشلىدى.. ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ يېغىسىدىن توختاتماقچى بولغانسېرى ئۇ تىخىمۇ ئىسەدەپ يېغلاپ كەتتى ، شۇنىڭ بىلەن رەسۇلىللا  ئۆزى خالىمىغىنىغا قارىماي كىشلەرنى تۆگىلىرىدىن چۈشۈشكە بۇيرىدى.  
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالىنىڭ يېشىنى سۈرتۈش بىلەن مۇبارەك قولى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن كۆيۈنۈش ھېسسىياتى..بەئەينى قان چىقىپ تۇرغان يارىنى ساپ روھاني پۇۋلەشلەر بىلەن دەۋالىغانغا ئوخشاپ كەتكەن ئىدى، سەپىيە-ئاللا ئۇنىڭدىن رازى بولسۇن-مېھر-مۇھەببەتنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلغان ، ھەبىبىنىڭ خۇش بۇيىنى ھىدلىغان چىغىدا يېغىسى تىخىمۇ ئەۋزەيلەپ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئىسەدەپ كەتكەن ئىدى
ۋىجدانى تۇيغۇ
(ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە تىرىكچىلىك قىلىڭلار)سۈرە نىسا 19-ئايەتلەر  
ئايال كىشى ئېرىنىڭ ئۆزىنى سۆيىدىغانلىقىنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى ، ھېس قىلىشى ئۈچۈن مانا مۇشۇنداق ۋىجداني تۇيغۇ ،مۇھەببەتلىك پوزىتسىيەگە مۇھتاج. بولۇپمۇ ئۇ يېغلىغان چاغلىرىدا ئانا بوۋىقىنىڭ يۈزىگە كۈلۈمسىرەپ باققىنىدەك، ئېرىنىڭ مېھرىبانلىق بىلەن كۈلۈمسىرەپ ياشلىرىنى سۈرتىشىنى ، ئۇنىڭ بىلەن موڭدىشىپ روھىي ئازاپلىرىنى يېنىكلىتىشىنى،ئۇنىڭغا يېقىن كىلىپ ئولتۇرۇپ بارماقلىرى بىلەن چاچلىرىنى تارىشىنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئەگەر ئەر يېڭى ئۈمىد بېغىشلاش، تۇرمۇشتىكى خۇشاللىقنىڭ مەيىن شاماللىرىنى قايتىدىن  قوزغىتىش ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرۇپ بىر ئىستىكان قەھۋە ياكى بىر پارچە تاتلىىق تۈرۈم ئىلىپ كەلسە گۈل ئۈستىگە گۈل بولمامدۇ؟!  
ئەرنىڭ ئايالىنى ئادديغىنە بىر ياخشى سۆز بىلەن خۇشال قىلىشى ، ئۇنىڭ يېغىسى ئۈچۈن تەڭ يېغلاپ ئۇنىڭ سەۋەبىنى سورىشى، ئۇنىڭ بىلەن تەڭ ئازابلىنىشى ھېسسى ئورتاقلىقتۇر. ئەر- ئايالنىڭ بىر بىرىگە بولغان مۇھەببەت-كۆيۈنىشى تەننىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇكى ئۇنىڭ بىر ئەزاسى ئاغىرسا ئۇنىڭغا ئەگىشىپ  باشقا ئەزالارمۇ تەڭ ئاغرىدۇ. ئەر كىشى ئايالىنىڭ مەڭزىگە سەلدەك ئىقىۋاتقان ياشلىرىدىن تاسادىپيلىق ھېس قىلىپ نىمە قىلىشنى بىلەلمەي قالىدۇ.يېغلىشىغا ئۇ سەۋەبچى بولمايدۇ، بەلكى باشقا بىرى ئۇنىڭ ھېسسىياتىغا تەگگەن ھەمدە ئۇنى مەڭستكەن بولىشى مۇمكىن. بۇنداق ئەھۋالدا ئەركىشى چوقۇم ئۇنىڭ ئورنىنى كۆتىرىدىغان ئۇنىڭ ئارتۇقچىلىق پەزىلەتلىرىنى ئەسلىتىدىغان سۆزلەرنى قىلىشى كېرەك بولىدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ بۇنداق ھالەتكە تۇتقان پوزىتسىيەسىگە قاراڭ- بىر كۈنى رەسۇلۇللا  سەپىيەنىڭ قىشىغا كېرىپ ئۇنىڭ يېغلاۋاتقانلىقىنى كۆرىدۇ، <<سە پىيەسىزنى نىمە يېغلاتتى؟>> دەپ سورايدۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام، -ھەپسە مىنى يەھۇدىنىڭ قىزى دەۋاتىدۇ،دەپ جاۋاپ بىرىدۇ ،سەپىيە. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭغا مۇنداق –دەپ تەسەللى بېرىدۇ،<<سىز دېگەن پەيغەمبەرنىڭ قىزى،سىزنىڭ تاغىڭىز ھەم پەيغەمبەر،ھەمدە سىز پەيغەمبەرنىڭ ئەمرى ئاستىدا ،يەنە سىزگە قارشى كىم پەخىرلىنەلەيدۇ>> ئاندىن ھەپسەگە<< ئى ھەپسە ئاللادىن قورۇقۇڭ >>دەيدۇ.  

ھېسسيات پىخسىقلىقى
(ئاللا سىلەرگە ئاشكارە ۋە يۇشۇرۇن (يەنى ماددى مەنىۋى) نېمەتلەرنى كامالەتكە يەتكۈزۈپ بەردى )سۈرەلوقمان20-ئايەتلەر
ئايالىڭىزنىڭ كۆزىنىڭ ياشقا تولغانلىقىڭىزنى بايقىسىڭىز ئۇنىڭ سەۋەبىنى بىلىشكە ئۇرۇنۇپ كۆرۈڭ. ئەگەر سەۋەبى سىز بولسىڭىز  ھېسسياتلىق سۆزلەر بىلەن ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سوراشقا تىرىشىڭ، بالىلار بىلەن بىرگە سېرتقا ئاچىقىپ ئوينىتىشتەك بەخىتلىك كۈنلەرنى ۋەدە قىلىڭ، خاتالىق سىزدە بولسا تۈزىتشكە تىرىشىڭ. بۇنداق ھالەتتە ئۇنى كۈلۈپ مەسخىرە قىلىشتەك سۇ چىچىشتەك قوپال ئۇسۇللارنى قوللانماڭ.  
ئايال بىلەن مۇئامىلە قىلىش سەنئەت ۋە زەۋقدۇركى ، ئۆيى ۋە ئۈگىسىدا بەخىت سائادەتنى تىكلەش ئۈچۈن ئاندا-ساندا پەيدا بوپ قالىدىغان ھېسسىيات سىرلىرىنى چۈشەنگىنىمىزدە ۋە كۆتۈرگىنىمىزدىلا ئۇنىڭ ھالاۋىتىنى ھېس قىلالايمىز.
قايسىكى بىر قەدەمنى ئىلىشتىن ئىلگىرى بولمىسۇن ئويلىنىڭ، ئىزدىنىڭ ، بۇ ياشلارنىڭ سىرىنى سوراڭ، ئاندىن تىنچ ھېكمەتلىك ئۇسلۇپتا بىر تەرەپ قىلىڭ.ئايالىڭىز سىزدىن ئالاھىدە بەدەللەرنى كۈتۈپ كەتمەيدۇ. ئۇ پەقەت ياخشى سۆز مېھر- مۇھەببەت بىلەنلا ئۆرە تۇرىدۇ ياشايدۇ،ئۇ جىق نەرسىلەرگە بەرداشلىق بەرسىمۇ كۆز يېشىنىڭ ئۆزى سۆيگەن ئادىمى تەرىپىدىن ئىتىبارسىز قارىلىشقا بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.ئادديغىىنىە سوۋغىتىڭىز ، كۆيۈنۇش ھېسسىياتىڭىز ۋە سېھىرلىك بىقىشلىرىڭىز بىلەن ئۇنىڭ يېغا كەيپىياتى  بەخىت، كۈلكە شادا-خوراملىققا تولغان ساپ ھاۋاغا ئۆزگىرىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سائادەت مۇكەممەللىنىدۇ.سىزدىن كىتىدىغىنى نىمە بولىدۇ ۋە ئېرىشىدىغىنىڭىزچۇ؟ ھېسسيات جەھەتتە پىخسىقلىق قىلماڭ.ئەر كىشى كىسەلگە زىيان يەتكۈزمەستىن مىكرۇپلارنى ئۆلتۈرىدىغان تىنچ ئوتتەك، كېمىنى غەرق قىلىۋەتمەستىن يەلكەننى قوغدايدىغان مەيىن شامالدەك بولىشى كېرەك. :
بىباھا كۆز ياشلار
(ئۇلار كېچىسى ئاز ئۇخلايتتى ئۇلار سەھەرلەردە مەغپىرەت تىلەيتتى)سۈرە زارىيات17-ئايەتلەر !
بەندە خالى قالغان پېنھان تۈنلەردە ، ھەممە ئۇيقۇغا غەرق بوپ كەتكەن تاڭ سەھەرلەردە رەببىگە ئىلتىجا قىلىپ تاۋازۇ ئەيلەپ سۇۋۇنۇپ تۆككەن كۆز ياشلىرى بىباھا ۋە قىممەتلىكتۇر! بۇ كۆز ياشلار  غەپلەت ،جىنايەت ئوتىنى ئۆچىرىدۇ، گۇناھ- مەسىيەتتىن قارداپ كەتكەن  قەلىبنى يۇيىدۇ، كۆڭۈلنى بەندىگە بولغان تېۋىنىش مۇھتاجلىقتىن تازلايدۇ،. ئۆزىگە ئارتىۋالغان ئارتۇق يۈكلەرنى ئىقىتىپ تاشلايدۇ. بۇ كۆز ياشلار ئۇلارنىڭ چېھرىگە مەرۋايىتتەك ئەسەرلەرنى تاشلايدۇ. ئۇ ئاللانىڭ رەھمىتى ۋە غۇپرانىگە ئۆرلىگەن مۇقەددەس سىرلىرىنى ئاللادىن باشقا ھىچكىم بىلمەيدىغان سۈيگۈچىلەرنىڭ ياشلىرىدۇر. )
ھەسەنۇل بەسەري ئاشۇ قىممەتلىك كۆز ياشلار توغىرسىدا مۇنداق دەيدۇ:<<ئاللادىن قورۇققانلىقى ئۈچۈن ياشقا تولغان كۆزنىڭ ساھىبىگە ئاللا دوزاخنى ھارام قىلىدۇ، مۇبادا ئۇ ياش مەڭزىگە ئاقسا ئول چېھرىنى خارلىق ۋە قارىلىق قاپلىمايدۇ.ھەر قانداق بىر ئەمەلنىڭ ۋەزنى بار ھەم ساۋابى بار، پەقەت ئاللادىن قورۇققانلىقى ئۈچۈن تۆكۈلگەن  كۆز ياشلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا بولۇپ ئۇ ئاللانىڭ خالىغىنى بويچە دوزاخنىڭ ھارارىتىنى ئۆچىرىدۇ. ئەگەر بىر خەلىق ئچىدە ئاللادىن قورۇققانلىقى ئۈچۈن ياش تۆكىدىغان بىرلا كىشى بولسا ئۇنىڭ يېغىسىنىڭ سەۋەبى بىلەن پۈتكۈل خەلىققە رەھمەت قىلىنىشقا ئىشىنەتتىم>>  
بەندەئەسلى ھەقىقەت بىلەن قان قېرىنداش بولۇپ دەۋېرنىڭ بوران- چاپقۇنلىرىدا ئۇنى يوقىتىپ قويىدۇ.  تىنىمسىز ئىزدەش باسقۇچىدا نىشانىدىن ئادىشىپ مۇقەددەس ياشلارنىڭ ساھىبىگە ئايلىنالمايدىغانلاربار،يەنە نۇرغۇنلىغان كىشلەر ئۈزۈن مۇساپىلەردە مەنزىلىدىن ئاداشماي ئۆزىگە تونۇش ھەقىقەتنى تىپىۋلىدۇ، تونۇۋالىدۇ ، تۇتىۋالىدۇ . ھەقىقەتنى تونىغان چاغلىرىدا ئۇلارتاغدەك بەستى بىلەن شۇنداق روھاني مۇقەددەس ياشلارنى تۆكىدۇكى ۋاقتى كەلگەندە توپان سۈيىدەك دۇنيانى رەزىللىكتىن تازلىشى مۇمكىن.( ئۇلار پەيغەمبەرگە نازىل قىلىنغان قۇرئاننى ئاڭلىغان چاغلىرىدا ھەقىقەتنى تونىغانلىقلىرىدىن ، ئۇلارنىڭ كۆزىدىن ياش قۇيۇلغانلىقىنى كۆرىسەن،ئۇلار ئېيتىدۇ <<رەببىمىز بىز ئىمان ئېيتتۇق بىزنى ئىتراپ قىلغۇچىلار قاتارىدا قىلغىن. بىز نېمىشقا ئاللاغا ، بىزگە كەلگەن ھەقىقەتكە ئىشەنمەيلى؟ ھالبۇكى، بىز پەرۋەردىگارىمىزنىڭ بىزنى ياخشى كىشلەر قاتارىدا(جەننەتكە)كىرگۈزۈشىنى ئۈمىد قىلىمىز>>  -سۈرە مائىدە83-ئايەتلەر 
يەئقۇپ يېغلىدى .  
قايغۇدىن،
<<ئاقاردى كۆزى
ئىبراھىم يېغلىدى .  
ئاتىدى رەببى،
<<كۆپ ئاھ چەككۈچى>>  
(شەك –شۈبھىسىزكى ، سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە (نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتتۇق. ئۇلارنى ئاللاغا يېلىنسۇن دەپ نامراتلىق ۋەئاغىرىق-سىلاق بىلەن جازالىدۇق. ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىىز چۈشكەن چاغدا نېمىشقا يېلىنمىدى؟لىكىن ئۇلارنىڭ دىللىرى قاساۋەتلەشتى، شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى)   
"
ئەرەبچە ماتېرياللارغا ئاساسەن تەييارلاندى.
  بۇ ماڭا باشقا قېرىنداشلىرىم ئەبەرتىپ بەرگەن ئەسەر بۇلۇپ ئەسلى تەييارلىغۇچىنىڭ كىملىكىنى مەنمۇ ئۇقالمىدىم.بۇ ئەسەر سىزگە يارىغان بولسا دۇئا قىلپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭ
دوستلىشىش
dulbarqin310
توۋا دەيمەن، دۇنيادىكى ئىشلارغا.........
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1145
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1145دانە
ئۆسۈش: 580 %
مۇنبەر پۇلى: 12253 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-04-01

ياخشى تېمىكەن. ھەراست، تورداشلار، نېمىشقا 65 ئادەم كۆرۈپمۇ بىر ئادەم ئىنكاس يازمايسىلەر؟
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8204
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 10 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-18
ئاخىرقى: 2011-07-20
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-20 17:45

ئاللاھ راخمات قىلسۇن
دوستلىشىش
ھۆكۈمران
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7950
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 37
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە37دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 430 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-18
ئاخىرقى: 2011-11-09
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-21 00:30

اللاھ رەھمەت قىلسۇن.
دوستلىشىش
قارگۇلى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8196
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 330
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە330دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 3441 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-18
ئاخىرقى: 2012-04-01
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-21 10:51

ئالاھ رەھمەت قىلسۇن، بەك ياخشى كەن،، بولۇپمۇ ئاۋۇ باش قىسمىنى ئەرلار تولۇق ئوقۇپ ئوبدانراق  ئۆزلەشتۇرسە بولغۇدەك!!!!ئاللاھ ھەممەيلەنگە مۇشۇ مەزمۇندا دىيىلگەندەك 'بىباھا كۆز ياشلىرىنى'تۆكۇپ ئاللاھنىڭ ياخشى كۆرۇشىگە نائىل بولالايدىغان  كۆرۋە ئاللاھدىن ھەققىقىي قورقۇيدىغان ئىمانلىق قەلىب ئاتا قىلسۇن! ( ئامىن!)
ئۇنۇتمايلىكى :  <<بۇ دۇنيا بىر قونالغۇ...........بىز بولساق مىھماندۇرمىز!!!!!>>
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6663
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 62
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە62دانە
ئۆسۈش: 450 %
مۇنبەر پۇلى: 960 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-23
ئاخىرقى: 2012-01-21
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-21 13:07

قايغۇغىلا تالىق ئەمەس كۆز يېشى، ۋە بەخىتكە خاس ئەمەستۇر كۈلكىلا.
ئويلىمىغىن يېغا كۆرسەڭ غەملا دەپ ھايات دېگەن ئاددى ئەمەس ئۈنچىلا .
  
ئالتۇنغا تېگىشكۈسىز سۆزلەركەن ،ھازىرقى دەۋرىمىزدە بەزى خانىم-قىزلىرىمىز بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۈرۈپ،يىراقنى كۆرەلمەيۋاتىدۇ، ئۇلار رەببىگە ئىلتىجا قىلىپ ، بىلىپ-بىلمەي قىلغان گۇناھلىرىغا ياش تۆكۈشنىڭ ئورنىغا ،ئەرزىمەس دۇنيا ئىشلىرى ئۈچۈن ئەرلىرىنى رەنجىتىپ ،ئەرلىرىدىن يەتكەن نەسىھەتنى ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەت ھېس قىلىىشىپ ياش تۈكىشىدۇ ،ھەمدە  ئاللاھنى ئۇنتۇپ  ئۇيۇن-كۈلكە، تاماشا بىلەن كۈن ئۆتكىزىۋاتقانلارغا ئۆزلىرىنى سېلىشتۇرۇپ  بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزلىرىنى بەخىتسىز ھېساپلاپ  كۆز-يېشىنى تۈكىشىدۇ..............ئاشۇ  ياشلىرىنى ئاللاھدىن قۇرقۇپ تۆككەن بولسا ئىدى،ئاللاھ ئۇلارنىڭ  شۇ كۆز-ياشلىرى بىلەن گۇناھ-مەسىيەتتىن قارداپ كەتكەن قەلبىنى يۇيۇپ ،دۇنيا ئىشلىرىدىكى ئارتۇقچە يۇكلەرنى ئېقىتىپ ،دۇنيا ۋە ئاخىرەتلىكىنى تېخىمۇ گۈزەل قىلماسمىدى!؟  ئەپسۇس...
ئى ئاللاھ شۇ قېرىنداشلىرىمنىڭ دىلىغا ھىدايەت بىرىپ ،سىز ئۈچۈنلا قۇرقۇپ ياش تۆكىدىغان مۆھمىن بەندىلىرىڭىز قاتارىدىن قىلغايسىز.


سەبىر قىلغىن قېشىڭدىمەن دائىم،
كۆز ياشلىرىڭ ئاقسۇن مەڭزىمگە.
يۈرىكىڭنىڭ ھەسرەت داغلىرى،
يېلتىز تارتسۇن مىنىڭ قەلبىمگە.
      
پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ كۆز ياشقا تۇتقان پوزۇتسيەسى بەك    گۈزەل ۋە تەسىرلىك ئىكەن.
دوستلىشىش
ھۆكۈمران
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7950
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 37
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە37دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 430 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-18
ئاخىرقى: 2011-11-09
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-22 00:58

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قارگۈلى،باش سۈرىتىڭىز سەل چاكىنا ئىكەن،ئۆزگەرتىۋېلشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمەن.
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5351
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 611
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە611دانە
ئۆسۈش: 760 %
مۇنبەر پۇلى: 6913 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-03-25
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-22 14:57

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىندىشىم ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن ھەقىقەتەن ئىسىل تىما ئىكەن مۇشۇ نىڭغا ئوخشاش ئىسىل تېمىلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن،
دوستلىشىش
مەنزىلگە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8227
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 27
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە27دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 320 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-20
ئاخىرقى: 2011-11-01
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-26 20:41

ئاللاھ نېسىپ قىلسا يەنە يېڭى تېمىلارنى يوللاپ تۇرۇمەن.
دوستلىشىش
مەنزىلگە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8227
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 27
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە27دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 320 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-20
ئاخىرقى: 2011-11-01
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-12 21:35

مەنمۇ يېقىندا تويۇمنى قىلىماقچى ئدىم،يېقىنىدن بېرى بىرخىل ھاياجانمۇ ياكى ئەندىشىمۇ بىلىمىدىم،ھاياجان دېسەم لايىقىم ئككمىز ئپىتىمىزنى ساقلاش ئۈچۈن ئاللاھقا بولغان تەقۋالىقتا تېخىمۇ يېقىن بولغىلى بۇلامدىكىن ۋە باشقا گۈزەل غايىلەرگە يەتكىلى بولامدىكىن دەپ ئويلاغلىق.
  ئەندىشەم بوسا ئككىمىزنىڭ مكتىپىنىڭ ئارلىقى بىر سائەت كېلىدۇ،ئۈزەم يېشىم بىر يەرلەرگە بېرىپ قالغىنى بىلەن تۇرمۇشتا خام قىزلار بىلەن بولغان مۇناسىۋېتىممۇ قۇيۇق ئەمەس شۇڭا قىزلارغا قانداق مۇئامىلە قىلىشنىمۇ بىلىپ كەتمەيمەن شۇڭا سەل ئەنسىرەيتىم.
  بۇنى قايتا ئوقۇپ بەكلا ھۇزۇرلاندىم خۇددى بىرسى مەن ئۈچۈن نەسىھەت قىلۋاتقاندەك،ماڭا قانداق ئەر بۇلۇشنى ئۈگىتىۋاتقاندەك ھۇزۇر لاندىم.ماڭا ئەۋەتىپ بەرگەن قېرىندىشىممۇ پايـتەخىتتە ئوقۇپ ئۇقۇشىنى بۇيىل پۈتۈرۈپ تويىنى قىلىشقا ئاز قالغان قىز ئدى،بەلكىم .ئۇ قىز بۇنى مەن ئۈچۈن ئەۋەتكەن بولسا كېرەك.
  ئاللاھىم سەن قەلىبلەرنى  باشقۇرغۇچى،مېنى ۋە دوسلۇرۇمنى ۋە شۇنداق ئەر بۇلۇشنى ئويلىغان قېرىنداشلىرىمنى مەقسىتىگە يەتكۈزگىن.
  بۇيىل مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان دوسلۇرۇمدىن ئككىسى تويينى قىلىپ بولدى ئاللاھ خالىسا ئۇلار تەتىلدە مەكتەپلىرىگە قايتىدۇ،مۇنەرداشلىرىم ماڭا خەيىرلىك دۇئايىڭلارنى ئايىماڭلار.