باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2970 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئۈرۈمچى قوللانمىسى
دوستلىشىش
سالامدۇنيا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8223
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە1دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-19
ئاخىرقى: 2011-07-29
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-19 19:23

ئۈرۈمچى قوللانمىسى

مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ تۈرلۈك شېركەت، كارخانا، تىبابەت ئورۇنلىرى، مېھمانساراي، تېز تاماقخانىلارنىڭ بارلىققا كىلىشى بىلەن بەزى ئورۇنلارنىڭ  ئېنىق جايلاشقان ئورنى ۋە مۇلازىمەت دائىرىسىنى بىلىش قىيىنغا چۈشىدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتى(تېلىۋىزوردا ئېلان بىرىلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا). يېقىندا شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئىنىمغا بىر ئىشنى ھاۋالە قىلىپ, ئىش بىجىرىدىغان ئورۇننىڭ «مەرىپەت كىتاپخانىسى» نىڭ يېنىدا ئىكەنلىگىنى ئېيتسام، ئىنىم  «مەرىپەت كىتاپخانىسى» نىڭ قايسى كوچىدا ئىكەنلىگىنى بىلمەيدىغانلىغىنى ئېيىتتى، ئالدىراشچىلىقتا مەنمۇ قارشى تەرەپتىن سورىۋالماپتىمەن، قانداق قىلىشنى بىلەلمەي ئۆرۈمچىلىك بىر توردىشىمدىن سورىۋىدىم ئۇمۇ ئېنىق بىلمەيدىغانلىغىنى «ئۆرۈمچى قوللانمىسى» دەيدىغان بىر تور بەتنىڭ بارلىغىنى، شۇ يەردىن ئىزدىسىلا قايسى كوچىدا ئىكەنلىگىنى ۋە تېلىفۇن نۇمىرىنى  ئېنىقلىغىلى بولىدىغانلىغىنى ئېيتىپ بەردى، شۇ ھامان تورغا چىقىپ ئۇ ئېيتىپ بەرگەن ئادرېس بۇيىچە بۇ تور بەتنى تاپتىم. ۋاھ! نىمانچە ياخشى، قولايلىق-ھە!بۇ تور بەتتە ئۈرۈمچى تەۋەسىدىكى دوختۇرخانا، مائارىپ تەربىيىلەش ئورۇنلىرى، تۈرلۈك تېز تاماقخانا ۋە رېستۇرانلار، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، قاتناش مۇلازىمەت تارماقلىرى، مىھمانساراي ۋە قانۇن مۇلازىمەت، ھۆسۈن تۈزەش ئورۇنلىرى، شېركەت-كارخانا، ئۆي-زىمىن زىننەتلەش ئورۇنلىرى، تۈرلۈك سودا-سېتىق ئورۇنلىرى، ساياھەت نوقتىلىرى، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى، كىتاپخانا-نەشىريات....قاتارلىقلارنىڭ جايلاشقان ئورنى، مۇلازىمەت دائىرىسى ۋە ئالاقىلىشىش تېلىفونى بار ئىكەن. بۇ تور بەت كۆپ ساندىكى مىللەت سۆيەر قېرىنداشلارنىڭ خالىس ياردىمى ئارقىسىدا بارغانسىرى مۇكەممەللىشىۋېتىپتۇ. مۇشۇ بۇيىچە ماڭغىدەك بولسا ئۆرۈمچىلىكلەر ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز بۇيىچە ياخشى بىر قوللانما بولۇپ قالغۇدەك. قېنى سىزمۇ كۆرۈپ باقامسىز؟ ئۆز تەۋەيىڭىزدىكى يېڭىدىن قۇرۇلىۋاتقان ۋە ئېچىلىۋاتقان تۈرلۈك  مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىن ئىتىشنى خالامسىز؟ دوستلىرىڭىزغا تەۋىسسىيە قىلامسىز؟ قېنى مەرھەمەت!
                                                                                      http://www.xju114.com/
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1341
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 144
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە144دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 1515 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-30
ئاخىرقى: 2012-01-04
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-20 10:17

ھەقىقەتەن بولىدىغان تور بەتكەن، سىزگە كۆپ تەشەككۈر!