查看完整版本: [-- ئۈرۈمچى قوللانمىسى --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كومپىيوتېر تور بىلىملىرى -> ئۈرۈمچى قوللانمىسى [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

سالامدۇنيا 2011-07-19 19:23
مەركىزى شەھەر ئۈرۈمچىنىڭ تەرەققىياتىنىڭ تېزلىشىشىگە ئەگىشىپ تۈرلۈك شېركەت، كارخانا، تىبابەت ئورۇنلىرى، مېھمانساراي، تېز تاماقخانىلارنىڭ بارلىققا كىلىشى بىلەن بەزى ئورۇنلارنىڭ  ئېنىق جايلاشقان ئورنى ۋە مۇلازىمەت دائىرىسىنى بىلىش قىيىنغا چۈشىدىغان بولۇپ قېلىۋاتاتى(تېلىۋىزوردا ئېلان بىرىلگەنلىرى بۇنىڭ سىرتىدا). يېقىندا شىنجاڭ ئۈنۋىرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان ئىنىمغا بىر ئىشنى ھاۋالە قىلىپ, ئىش بىجىرىدىغان ئورۇننىڭ «مەرىپەت كىتاپخانىسى» نىڭ يېنىدا ئىكەنلىگىنى ئېيتسام، ئىنىم  «مەرىپەت كىتاپخانىسى» نىڭ قايسى كوچىدا ئىكەنلىگىنى بىلمەيدىغانلىغىنى ئېيىتتى، ئالدىراشچىلىقتا مەنمۇ قارشى تەرەپتىن سورىۋالماپتىمەن، قانداق قىلىشنى بىلەلمەي ئۆرۈمچىلىك بىر توردىشىمدىن سورىۋىدىم ئۇمۇ ئېنىق بىلمەيدىغانلىغىنى «ئۆرۈمچى قوللانمىسى» دەيدىغان بىر تور بەتنىڭ بارلىغىنى، شۇ يەردىن ئىزدىسىلا قايسى كوچىدا ئىكەنلىگىنى ۋە تېلىفۇن نۇمىرىنى  ئېنىقلىغىلى بولىدىغانلىغىنى ئېيتىپ بەردى، شۇ ھامان تورغا چىقىپ ئۇ ئېيتىپ بەرگەن ئادرېس بۇيىچە بۇ تور بەتنى تاپتىم. ۋاھ! نىمانچە ياخشى، قولايلىق-ھە!بۇ تور بەتتە ئۈرۈمچى تەۋەسىدىكى دوختۇرخانا، مائارىپ تەربىيىلەش ئورۇنلىرى، تۈرلۈك تېز تاماقخانا ۋە رېستۇرانلار، كۆڭۈل ئېچىش سورۇنلىرى، قاتناش مۇلازىمەت تارماقلىرى، مىھمانساراي ۋە قانۇن مۇلازىمەت، ھۆسۈن تۈزەش ئورۇنلىرى، شېركەت-كارخانا، ئۆي-زىمىن زىننەتلەش ئورۇنلىرى، تۈرلۈك سودا-سېتىق ئورۇنلىرى، ساياھەت نوقتىلىرى، دىنىي پائالىيەت سورۇنلىرى، كىتاپخانا-نەشىريات....قاتارلىقلارنىڭ جايلاشقان ئورنى، مۇلازىمەت دائىرىسى ۋە ئالاقىلىشىش تېلىفونى بار ئىكەن. بۇ تور بەت كۆپ ساندىكى مىللەت سۆيەر قېرىنداشلارنىڭ خالىس ياردىمى ئارقىسىدا بارغانسىرى مۇكەممەللىشىۋېتىپتۇ. مۇشۇ بۇيىچە ماڭغىدەك بولسا ئۆرۈمچىلىكلەر ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى ئاپتۇنۇم رايۇنىمىز بۇيىچە ياخشى بىر قوللانما بولۇپ قالغۇدەك. قېنى سىزمۇ كۆرۈپ باقامسىز؟ ئۆز تەۋەيىڭىزدىكى يېڭىدىن قۇرۇلىۋاتقان ۋە ئېچىلىۋاتقان تۈرلۈك  مۇلازىمەت ئورۇنلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى بىلەن تەمىن ئىتىشنى خالامسىز؟ دوستلىرىڭىزغا تەۋىسسىيە قىلامسىز؟ قېنى مەرھەمەت!
                                                                                      http://www.xju114.com/

tuprakbag 2011-07-19 20:48
باشقۇرغۇچىلار ئىملاغا دىققەت قىلىپ قويۇڭلار!     

almiliq 2011-07-19 22:03
خەلقىمىزدە يول سورىغاننى قۇرۇق قالدۇرمايدىغان، ئامالنىڭ بېرىچە باشقىلارنىڭ مەنزىلىگە يېتىۋىلىشىگە ياردەم بېرىدىغان ئېسىل ئەنئەنە بار، دىمەك يۇقارقى تور بەتنىڭ شۇ ئېسىل ئەنئەنىنىڭ داۋامىدۇر، مۇبارەك بولسۇن!!!

بۇندىن كېيىن مەزمۇنى تېخىمۇ موللىشىپ ھەممىگە زور قولايلىقلارنى ئېلىپ كەلگۈسى.

كۈرەش 2011-07-20 09:33
ياخشى توربەت كەن

saljuq 2011-07-20 10:17
ھەقىقەتەن بولىدىغان تور بەتكەن، سىزگە كۆپ تەشەككۈر!

xju114 2011-11-02 14:46
بىكەتكە يېڭىدىن ئۈرۈمچى  رايۇنىدىكى ئاپتوموبىللارنىڭ قائىدىگە خىلاپلىق قىلىش جەرىمانە ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش ، توردا رادىيو ئاڭلاش قاتارلىق ئىقتىدارلار قۇشۇلدى . يېڭىدىن ئۇچۇر يېڭىلىنىپ بىر قىسىم ئۇچۇرلار يېڭىدىن قۇشۇلدى .


查看完整版本: [-- ئۈرۈمچى قوللانمىسى --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.044749 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us