باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1417 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دوستلار تۈرى< دوست تاللاش >
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8218
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 2
ئۇنۋان:يېڭى ھازىرغىچە2دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 30 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-19
ئاخىرقى: 2011-07-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-19 14:09

دوستلار تۈرى< دوست تاللاش >

دوستلار تۈرى
ئەي يىگىت! قۇلىڭىزغا قەغەز ۋە قەلەم ئېلىپ ھەممە دوستلىرىڭىزنىڭ ئىسىملىرىنى يېزىڭ،ئاندىن ئۇلارنى تۈرلەرگە بۆلۈڭ،سىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھەقىقى دوست ئەمەسلىرىنىڭ بارلىقىنى بايقايسىز،ئۇلارنىڭ ئىچىدە سىز ھەر كۈنى ماشىنىدا ، ياكى ئاپتۇبۇستا كۆز ئالدىڭىزدا ئۇچرىشىپ ، ئۆز-ئارا سالاملىشىپلا ئۆتۈپ كىتىدىغان دوستلارمۇ بار ،ۋە ئۇلارنىڭ ئىچىدە ئۆز-ئارا قارىشىپ تۇرۇپ خىزمەت قىلىدىغان خىزمەتداشلارمۇ بار،
سىز ياخشى سۈپەتلەرگە ، سالىھ ئەمەللەرگە ئىگە دوستنى خالىسىڭىز دوست-ھەمراھلىرىڭىزنىڭ ئىسىملىرىنى يېزىپ ،ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى تەكشۈرۈڭ؛ ئۇ ھەقىقى سالىھمۇ ياكى ئەمەسمۇ؟ ،ئۇ دوستىغا سەمىيمىمۇ  ياكى شەخسىيەتچىمۇ؟ .ئۇ ھەمراھى بىلەن چىقىشالامدۇ ياكى ئۇنى بىئارام قىلامدۇ؟ سىىز مۇشۇنداق قىلسىڭىز دوستلارنىڭ بىر قانچە تۈرلۈك بولىدىغانلىقىنى بايقايسىز:
1. ئۇلارنىڭ ئىچىدە روزىدار ، نامازخان ، تەقۋا ۋە سالىھلارنىڭ سىموۋلىغا ئىگە كىشىلەر بار، بىراق ئۇ ئاشۇنى مال- دۇنيانىڭ ۋاستىسى قىلىدۇ،سىز ئۇنىڭ ئىچى بىلەن تېشىنىڭ قارمۇ-قارشى ئىكەنلىكىنى بايقايسىز،سىز ئۇنىڭغا ئەھدە قىلسىڭىز سىز گە خىىيانەت قىلىدۇ، مۇئامىلە قىلسىڭىز سىز نى ئالدايدۇ،
2. سىز ئۇلارنىڭ ئىچىدە مۇئامىلىدە راستچىل، ئامانەتدار كۆرۈنىدىغان ،بىراق روزا تۇتمايدىغان ، ناماز ئۇقۇمايدىغان،پەقەت مۇسۇلمان دىگەن نامغا ئىگە كىشىلەرنىمۇ بايقايسىز ، ئۇنداق كىشىلەر سىز نىڭ دىنىڭىزنى بۇزىدۇ،
3. سىز ئۇلارنىڭ ئىچىدە سالىھ، ئىبادەتگۇي ، ئىشەنچىلىك ،مۇئامىلىدە راستچىل كىشىلەرنىڭ بارلىقىنى بايقايسىز ، بىراق ئۇلار شەھۋەتپەرەس ، پەقەت شەھۋەت توغرىلىقلا گەپ قىلىدۇ، ئۇنداق كىشىلەر سىزنىڭ تۇرغۇن ھېسياتىڭىزنى قوزغاپ ، سىزگە ئەزىيەت بېرىدۇ،
4. سىز ھەقىقىي سالىھ ،مۇئامىلىدە ئىشەنچىلىك كشىنى ئۇچرىتىسىز،لېكىن ئۇ دوستىغا پايدا يەتكۈزمەيدۇ، ھەمراھىنى خۇرسەن قىلمايدۇ،
5. سىز دوستىغا خىزمەت قىلىپ ،ئۇنى خۇشال قىلىدىغان كىشىنى بايقايسىز، بىراق ئۇ شۇ ئىشلىرىدا دوستىغا دىنىدا مەنپەئەت بىرەلەمدۇ ياكى بىرەلمەمدۇ ؟ بۇنىڭغا پەرۋا قىلمايدۇ ،شۇنىڭ بىلەن سىزنىڭ قولىڭىزنى تۇتۇپ نەتىجىدە سىزنى ئۆزى بىلەن بىرگە جەھەننەمگە ئېلىپ كىرىدۇ،
6. سىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىن دىندار ، دوستىغا ياردەم بېرىدىغان ،ئاللھنىڭ بەلگىلىمىلىرىگە رىئايە قىلىدىغان  كىشىلەرنى بايقايسىز ، لېكىن ئۇ ئۆز-ئارا مۇناسىۋەت يوللىرىنى بىلمەيدۇ،
7. سىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەخمەق ، ناچار كىشىلەرنى  بايقايسىز .
8. سىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىن پەقەتلا سىزنىڭ نەسەب ، مەنسىپىڭىز ئۈچۈنلا دوست بولىدىغان كىشىلەرنى بايقايسىز، بىراق ئۇ سىزنى بۈگۈنى ئۈچۈن زىننەت ، ئەتىسى ئۈچۈن دەسمايە قىلىدۇ، دېمەككى؛ سىز ئۇنىڭ نەزىرىدە تام زىنەتلەيدىغان بىر بۇيۇم خالاس.
9. سىز ئۇلارنىڭ ئىچىدىن ھەقىقىي سالىھ، مۇئامىلىدە ئىشەنچىلىك ، سۆزىدە راستچىل، دوستىغا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان. ھەمراھىنى خشال قىلىدىغان كىشىلەرنى بايقايسىز ، سىز ئەنە ئاشۇنداق دوستقا ئېرىشىپ، زەپەر قۇچۇڭ،
خۇلاسە: ھەمراھلار بەش تۈرلۈك. 1- بىھاجەت بولغىلى بولمايدىغان ھاۋاغا ئوخشاش ھەمراھ. 2- ئىنسان ئۇنىڭسىز ياشىيالمايدىغان تاماققا ئوخشاش ھەمراھ، لىكىن بەزىدە ئۇنىڭ تەمى ناچار، ھەزىم قىلىش قىيىن بولۇپ قالىدۇ. 3- سېسىق ،ئاچچىق دورىغا ئوخشاش ھەمراھ، لىكىن بۇ بەزىدە بولمىسا بولمايدۇ،4- ئىچكۈچىگە لەززەت بېغىشلايدىغان ، لىكىن سالامەتلىكنى ۋەئىززەت- ھۆرمىتىنى ھالاك قىلىدىغان ھەمراھ. 5-كېسەلگە ئوخشاش ھەمراھ.
 
ئەمما ھاۋاغا ئوخشاش دوستقا كەلسەك ، ئۇ سىزگە دىن ۋە دۇنيايىڭىزدا پايدا يەتكۈزىدۇ. تاماققا ئوخشاش دوستقا كەلسەك ، ئۇ سىزگە دىن ۋە دۇنيادا پايدا يەتكۈزىدۇ، لىكىن ئۇ بەزىدە قۇپاللىقى ، يىرىك تەبىئىتى بىلەن سىزنى بىئارام قىلىپ قويىدۇ. دورىغا ئوخشاش دوستقا كەلسەك ، ئىھتىياج سىزنى ئۇنىڭغا مەجبۇرلايدۇ، سىزگە ئۇنىڭدىن مەنپەئەت يىتىدۇ،  بىراق ئۇنىڭ دىنى سىزگە ياقمايدۇ، ئۇنىڭ مۇئامىلىسى سىزنى خۇشال قىلالمايدۇ. ئەمما ھاراققا ئوخشاش دوستقا كەلسەك ، ئۇ سىزگە لەززەت بېغىشلايدۇ ، سىزنى ئارزۇيىڭىزغا يەتكۈزىدۇ،بىراق سىزنىڭ ئەخلاقىڭىزنى بۇزىۋېتىپ ،ئاخىرىتىڭىزنى ھالاك قىلىدۇ. ئەمما كېسەلگە ئوخشاش دوستقا كەلسەك، ئۇ سىزگە دىن ۋە دۇنيادا مەنپەئەت يەتكۈزمەيدۇ، سىزگە مۇناسىۋىتى ۋە سۆزى بىلەنمۇ ھۇزۇر بېغىشلىمايدۇ، بىراق سىز ئۇنىڭغا ھەمراھ بولماي ئامال يوق.
سىز دىننى ئۆلچەم ، ئاللاھ رازىلىقنى مىيزان قىلىڭ، كىمىكى سىزگە دىنىڭىزدا مەنپەئەت يەتكۈزسە ئۇنى چىڭ تۇتۇڭ،( لىكىن سىز مۇناسىۋەت باغلاشقا قادىر بۇلالمايدىغان كىشىلەر بۇنىڭ سىرتىدا،)،. كىمىكى سىزنى رازى قىلمايدىكەن ، ئۇنى تاشلاڭ، لىكىن سىز ئۇنىڭ ھەمراھلىقىغا  ئىھتىياجلىق بولسىڭىز
بۇ ھەمراھلىق زۈرۈر بولسا،  زۈرۈرىيەت دائىرىسىدىن ئاشۇرۋەتمەسلىك شەرتى بىلەن بولسا بۇلىدۇ.
ئەمما سىزگە دىنىڭىزدا زىيان يەتكۈزمەيدىغان ، دۇنيايىڭىزدا مەنپەئەت يەتكۈزمەيدىغان كىشى بولسا ،بۇ بىر ھۇزۇر بېغىشلايدىغان ،زېرەك ھەمراھ، سىز ئۇنىڭ زېرەكلىكىدىن پايدىلىنىش بىلەنلا بولدى قىلىڭ،لىكىن شەرت شۇكى بۇ ھەمراھدارچىلىق سىزنى مەجبۇرىيەتلىرىڭىزدىن تۇسۇپ، بىھۇدە، گۇناھ ئىشلارغا ئېلىپ بارماسلىقى كېرەك.
تەرجىمە قىلغۇچى: نۇر ئەلى
[ بۇ يازمىنىsirik 2011-07-19 20:33قايتا تەھرىرلىدى ]
تۇرانى
دوستلىشىش
قارگۇلى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8196
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 395
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە395دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 4091 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-18
ئاخىرقى: 2012-05-09

بولىدىغان ئېسىل ،ئەھمىيەتلىك سوزلەركەن ،بولۇپمۇ ئاخىرىدىكى  خۇلاسە ماڭا بەك ياختى!!!!  ھاۋادەك دوستۇم  يوختەك تۇرىدۇ. تاماقتەك دوستۇم- يولدۇشۇمكەن.   دورىدەك دوستلاردىن بىر قانچىسى باردەك تۇرىدۇ.. ھاراقتەك ۋە كىسەلدەك دوستۇممۇ يوقكەن.   (مېنىڭ دوستۇم كوپ ئەمەس، مەن ئادەتتە ئۆي ،بالا ۋە خىزمەت بىلەن ئالدىراش، ئۇنىڭ ئۇستىگە  ئالاقىگە ئانچە ماھىر  بولمىغاچقا، باشقىلار بىلەن تىزلا دوستلۇشۇپ كېتەلمەيمەن)
ئۇنۇتمايلىكى :  <<بۇ دۇنيا بىر قونالغۇ...........بىز بولساق مىھماندۇرمىز!!!!!>>
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6663
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 62
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە62دانە
ئۆسۈش: 450 %
مۇنبەر پۇلى: 960 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-23
ئاخىرقى: 2012-01-21
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-21 11:10

دورىغا ئوخشاش دوستقا كەلسەك ، ئىھتىياج سىزنى ئۇنىڭغا مەجبۇرلايدۇ، سىزگە ئۇنىڭدىن مەنپەئەت يىتىدۇ،  بىراق ئۇنىڭ دىنى سىزگە ياقمايدۇ، ئۇنىڭ مۇئامىلىسى سىزنى خۇشال قىلالمايدۇ
بۇ تۈردىكى كىشىلەر ئەتراپىمىدا بەكلا  كۆپ  ،ھەي ،مال بولسىغۇ بىر پىچاق بىلەن بىر  تەرەپ قىلىۋەتسەم دەيمەن،بىراق ئېتى ئادەم ،يەنە كىلىپ ئاللاھ ئۈزى ئىنساپ ۋە ھىدايەت بەرمىگۈچە  سەۋرى قىلىپ ،ئاللاھقا ئىلتىجا قىلماقتىن باشقا چارە يوق!!!