باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2806 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2111
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 342
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە342دانە
ئۆسۈش: 1760 %
مۇنبەر پۇلى: 4759 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-03-26
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-19 00:36

ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى

ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى  


ئىسا ئەلەيھىسسالام ئىسرائىل ئەۋلادى پەيغەمبەرلىرىنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسى بولۇپ، ئۇ مۇسا ئەلەيھىسسالامنىڭ شەرىئىتىنى تولۇقلىغان ھالدا كەلگەن. ئۇلار ئۆز زامانىسىنىڭ سەۋىيىسىگە كۆرە، تىببى ماھارەتلىرى بىلەن پەخرىلىنىۋاتقان دەۋرىدە ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامغا ئۇلارنىڭ تىببىي ماھارەتلىرىنىڭ تۈرىگە شەكلى جەھەتتىن ئوخشىشىپ كېتىدىغان مۆجىزىلەرنى ئاتا قىلىش ئارقىلىق ئىسرائىل ئەۋلادىنى تەۋھىدكە يېتەكلەش ئۈچۈن ئەۋەتكەن. ئۇلارنىڭ تىببى ماھارەتلىرى ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرى ئالدىدا ھېچنەرسىگە ئەرزىمەس بولۇپ قالغان.

ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ قولىدا تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنى بۇزۇپ تاشلايدىغان نۇرغۇن ئىشلارنى ئىجرا قىلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۆجىزىلەر ئەمەس ئىدى. بەلكى ئۇلارنىڭ جۈملىسىدىن ئىكرام مەنىسىدە بولغانلىرىمۇ، ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن لايدىن قۇش ياساپ پۈۋلەپ، جان كىرگۈزۈش، تۇغما كور ۋە بەرەسلەرنى ساقايتىش، ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش، ئاۋامنىڭ كۈندىلىك يەيدىغان ۋە ئۆيلىرىدە ساقلاپ قويغان نەرسىلىرىدىن خەۋەر بېرىش قاتارلىقلارغا ئوخشاش پەيغەمبەرلىكىنىڭ ھۆججىتى بولغان مۆجىزىلەرمۇ بار ئىدى.

ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاتىسىز يارىتىلىش ۋە بۆشۈكتىكى چېغىدىلا ئىنسانلار بىلەن سۆزلىشىش مۆجىزىسى

ھەزرىتى مەريەم نامىزىنى تۈگىتىپ، گۈلگە سۇ قۇيۇش ئۈچۈن ھۇجرىسىدىن چىقاي دەپ تۇرىشىغا، پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا مۇنداق خىتاب قىلدى:

{«ئى مەريەم! ئاللاھ ھەقىقەتەن سېنى (پۈتۈن ئاياللار ئىچىدىن تاللىدى، سېنى پاك قىلدى، سېنى پۈتۈن جاھان ئاياللىرىدىن ئارتۇق قىلدى»}.سۈرە ئال ئىمران 43 - ئايەت.

ھەزرىتى مەريەم بۇ كۈنلەردە روھىي ۋە جىسمانىي جەھەتتىن ئۆزگىرىش بولىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىدە ئالاھىدە روھىي كۈچ بولىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىۋاتاتتى.

ھەزرىتى مەريەم بۇ سۆزلەردىن ئاللاھ تائالانىڭ ئۇنى تاللىغانلىقىنى، پاكلىغانلىقىنى، ۋە شۇ زاماندىكى بارلىق ئاياللاردىن ئۈستۈن قىلغانلىقىنى چۈشەندى.

پەرىشتىلەر يەنە مۇنداق دېدى:

{«ئى مەريەم! پەرۋەردىگارىڭغا ئىتائەت قىل، سەجدە قىل ۋە رۇكۇ قىلغۇچىلار بىلەن بىللە رۇكۇ قىل»}سۈرە ئال ئىمران 42 - ئايەت.

خوش خەۋەردىن كېيىنكى بۇيرۇق ئۇنىڭ ئاللاھقا بولغان ئىخلاسىنى، سەجدىسىنى ۋە رۇكۇسىنى ئاشۇراتتى.

مەريەم گۈلنى ئۇنتۇپ قايتا ناماز ئوقۇشقا باشلىدى، ئۇ ناماز ئوقۇۋېرىپ يېرىم كېچە بولغانلىقىنى سەزمەي قالدى. نامىزىنى تۈگەتكەندىن كېيىن يادىغا يەنە گۈل كەلدى، چېلەككە ئازراق سۇ ئېلىپ، گۈل سۇغۇرۇشقا چىقتى. بۇ يەر مەريەمنىڭ ناماز – ئىبادەت قىلىشى ئۈچۈن ئايرىلغان يەر بولغاچقا ھېچكىم بۇ يەرگە يېقىنلاشمايتتى.

مەريەم گۈلگە سۇ قۇيدى، ئاندىن چېلەكنى يەرگە قۇيۇپ، ئىككى كىچىدە بىر ھەسسە ئۆسكەن گۈلگە دىققەت بىلەن قارىدى.

مەريەم ئۇشتۇمتۇت يېقىنلا يەردە توختىغان ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلىدى. بۇ، مېڭىۋاتقان ئاياغنىڭ تىۋىشى ئەمەس ئىدى...

بۇ، شېغىل، قۇم ۋە تۇپراقلارنىڭ ئۈستىدە تۇرغان ئاياغنىڭ تىۋىشى ئىدى.

مەريەم ئۆزىنىڭ يالغۇز ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىپ قورقتى. ئەتراپنى دىققەت بىلەن كۆزەتكەن بولسىمۇ، ھېچنەرسە كۆرۈنمىدى.
ئارقىدىنلا پارلىغان نۇر ئىچىدە بىر كىشىنىڭ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ چۆچۈپ كەتتى.

بۇ ئەھۋال ئۇنىڭغا ئاجايىپ بىر چۈشتەك بىلىندى. ئەمما بۇ چۈش ئەمەس ئىدى.

مەريەم ئۇنى بۇرۇن كۆرۈپ باقمىغان ئىدى. ئۇنىڭ پېشانىسى ئايدىنمۇ پارقىراق ئىدى، كۆزلىرى سۈرلۈك كۆرۈنسىمۇ، چىرايىدىن مۇلايىملىق چىقىپ تۇراتتى. ئۇنىڭ يۈزى مىليونلارچە يىلدىن بىرى ئاللاھ تائالاغا ئىبادەت قىلغان كىشىنىڭ يۈزىدەك شەرەپلىك كۆرۈنەتتى.

مەريەم ئۆز – ئۆزىدىن ئۇنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى سورىدى. ناتونۇش كىشى مەريەمنىڭ ئويلىغانلىرىنى بىلگەندەك:

- ئەسسالامۇ ئەلەيكى، ئى مەريەم! - دېدى.

مەريەم بۇنىڭ بىر ئىنسان ئاۋازى ئىكەنلىكىنى سەزدى. ئۇ سالامغا جاۋاپ قايتۇرمايلا: {«مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا سېغىنىپ سېنىڭ چېقىلىشىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ئەگەر سەن تەقۋادار بولساڭ (ماڭا چېقىلمىغىن)»}. سۈرە مەريەم 18- ئايەت.

مەريەم ئاللاھدىن پاناھلىق تىلىدى. ئۇنىڭ ئاللاھنى تونۇيدىغان ۋە تەقۋادار ياكى ئەمەسلىكىنى سورىۋىدى، ئۇ يەردە تۇرغان كىشى ئىللىق كۈلۈمسىرىگەن ھالدا:

{«مەن ساڭا بىر پاك ئوغۇل بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسىمەن» دېدى}. سۈرە مەريەم 19- ئايەت.

بۇ، پەرىشتىلەرنىڭ كاتتىسى، رۇھۇل ئەمىن جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام بولۇپ، مەريەمنىڭ ئالدىغا بىر ئىنسان سۈرىتىدە كەلگەن ئىدى.

مەريەم ھاياجانلىنىپ، تىترىگەن ھالدا بېشىنى كۆتۈردى، رۇھۇل ئەمىن ئىنسان سۈرىتىدە ئۇنىڭ ئالدىدا تۇراتتى.

مەريەم ئۆزىنىڭ تېخى ياتلىق بولمىغان قىز ئىكەنلىكىنى، ئۆزىگە ھېچقانداق كىشىنىڭ قۇلى تەگمىگەنلىكىنى ئويلىدى. ياتلىق بولماي تۇرۇپ بالا تۇغۇش مۇمكىنمۇ؟

بۇلارنى ئويلىغان مەريەم رۇھۇل ئەمىنگە:

{«ماڭا كىشى يېقىنلاشمىغان تۇرسا، مەن پاھىشە قىلمىغان تۇرسام، قانداقمۇ مېنىڭ ئوغۇل بالام بولسۇن؟» دېدى}. سۈرە مەريەم 20 – ئايەت.

رۇھۇل ئەمىن - جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام:

{«ئەمەلىيەت سەن دېگەندەكتۇر، (لېكىن پەرۋەردىگارىڭ ئېيتتى: ئۇ ماڭا ئاساندۇر. ئۇنى كىشلەرگە قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل ۋە بىز تەرەپتىن بولغان مەرھەمەت قىلدۇق، بۇ تەقدىر قىلىنىپ بولغان ئىشتۇر»}. سۈرە مەريەم 21 – ئايەت.

مەريەمنىڭ ئەقلى رۇھۇل ئەمىننىڭ سۆزلىرىنى قوبۇل قىلدى.

ئاللاھ خالىسا، ھەرقانداق ئىش بولىدىغان تۇرسا، ئۇنىڭغا ھېچبىر ئىنساننىڭ قۇلى تەگمەي تۇرۇپ بالا تۇغۇشى غەلىتىلىكمۇ؟ ئۇلۇغ ئاللاھ ئادەم ئەلەيھىسسالامنى تېخى ئەركەك ۋە ئايال يوق چاغدا ئاتىسىز، ئانىسىز ياراتقان، ھاۋانى ئادەمدىن ياراتقان يەنى ئۇنىمۇ ئايالسىز، ئەركەكتىن ياراتقان ئىدى. ئەمدى مەريەمنىڭ ئوغلىنىمۇ ئاتىسىز يەنى ئەرسىز ئايالدىن ياراتماقچى ئىدى.

ئادەتتە، ئىنسان ئەر ۋە ئايالدىن يارىتىلىدۇ، ئۇنىڭ ئاتا ۋە ئانىسى بولىدۇ. بىراق مۆجىزە ئاللاھنىڭ خالىشى بىلەن ۋۇجۇدقا كېلىدۇ.

جىبرىئىل ئەلەيھىسسالام تەكرار مۇنداق دېدى:

{«ئى مەريەم! ئاللاھ ساڭا (ئاتىنىڭ ۋاسىتىسىسىز) ئاللاھ نىڭ بىر كەلىمىسى (دىن تۆرەلگەن بىر بوۋاق) بىلەن خۇش خەۋەر بېرىدۇكى، ئۇنىڭ ئىسمى مەسىھ مەريەم ئوغلى ئىسادۇر، ئۇ دۇنيا ۋە ئاخىرەتتە ئابرويلۇق ۋە ئاللاھ غا يېقىنلاردىن بولىدۇ. ئۇ بۆشۈكتىمۇ (يەنى بوۋاقلىق چېغىدىمۇ)، ئوتتۇرا ياش بولغاندىمۇ كىشىلەرگە (پەيغەمبەرلەرنىڭ سۆزىنى) سۆزلەيدۇ ۋە (تەقۋادارلىقتا كامىل) ياخشى ئادەملەردىن بولىدۇ»}. سۈرە ئال ئىمران 45 – 46 – ئايەتلەر.
تېخى ھامىلدار بولماي تۇرۇپ تۇغماقچى بولغان ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ئاڭلىغان مەريەم ھەيرانلىققا چۆمدى. ئوغلىنىڭ دۇنيا – ئاخىرەتتە، ئابرۇيلۇق ۋە ئاللاھقا يېقىنلاردىن بولىدىغانلىقىنى، بوۋاق چېغىدىمۇ، چوڭ بولغاندىمۇ ئىنسانلار بىلەن سۆزلىشىدىغانلىقىنى بىلگەنىدى. رۇھۇل ئەمىن قولىنى كۆتۈرۈپ ھاۋانى مەريەم تەرەپكە ئىتتىرگەندىن كېيىن كۆزدىن غايىب بولدى.

{ئۇنىڭغا بىزنىڭ تەرىپىمىزدىن بولغان روھنى پۈۋلىدۇق (پۈۋلەنگەن روھ ئۇنىڭ ئىچىگە كىرىپ، ئۇ ئىساغا ھامىلدار بولدى)، ئۇنى ۋە ئوغلىنى ئەھلى جاھان ئۈچۈن (بىزنىڭ قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل قىلدۇق}. سۈرە ئەنبىيا 91 – ئايەت.

كۈنلەر ئۆتتى... مەريەم ھامىلدار بولغانلىقىنى بىلدى. ئۇنىڭ ھامىلدارلىقى باشقا ئاياللارنىڭكىگە ئوخشىمايتتى. مەريەم بىر كۈنى خورما دەرەخلىرى قاپلىغان، يىراقلىقتىن ھېچ كىشى بارمايدىغان بىر يەرگە كەلدى. خەلق ئۇنىڭ ھامىلدار ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى.

مەريەم دەم ئېلىش ئۈچۈن بىر تۈپ ئېگىز ۋە يوغان خورما دەرىخىنىڭ ئاستىدا پىكىر قىلىپ ئولتۇردى.

{تولغاقنىڭ قاتتىقلىقى ئۇنى (يۆلىنىۋېلىش ئۈچۈن) بىر خورما دەرىخىنىڭ يېنىغا كېلىۋېلىشقا مەجبۇر قىلدى. مەريەم: «كاشكى مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ! كىشلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن (ئەرزىمەس) نەرسىگە ئايلىنىپ كەتسەمچۇ!» دېدى}. سۈرە مەريەم 23- ئايەت.

مەريەمنى تۇغۇت سانچىقى بىلەن بىللە باشقا ئاغرىق – كۈلپەتلەرمۇ كۆتىۋاتاتتى، خەلق نېمە دەپ قېلىشى مۇمكىن؟ ئۇلار مەريەمنى پاك دەپ بىلەتتى. خەلق ئىنسان قولى تەگمىگەن مەريەمنىڭ بالا تۇغىشىغا قانداق ئىشىنىدۇ؟ ئۇلارنىڭ گۇمانلىق قاراشلىرىنى، قالايمىقان سۆز – چۆچەكلىرىنى ئويلىغان مەريەمنىڭ كۆڭلى ئىنتايىن يېرىم بولدى.

دەل شۇ چاغدا، ئاللاھنىڭ تەقدىرى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئازاپلىرىنى قەلبىگە يۈكلىگەن ئوغۇل تۇغۇلدى. مەريەم ئۆزىنىڭ ئۆلۈمىنى ۋە ئۇنتۇلۇپ كېتىشىنى تىلەپ تۇرۇشىغا:

{جىبرىئىل ئۇنىڭغا خورما دەرىخىنىڭ ئاستىدىن نىدا قىلدى: «غەم قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ئاستىڭدىن (ئېقىپ تۇرىدىغان) بىر ئېرىقنى پەيدا قىلدى. خورما دەرىخىنى ئۆز تەرىپىڭگە ئىرغىتقىن، ئالدىڭغا پىشقان يېڭى خورمىلار تۆكۈلىدۇ. (بۇ شېرىن خورمىدىن) يېگىن، (بۇ تاتلىق سۇدىن) ئىچكىن ۋە خۇرسەن بولغىن، بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭ (ئۇ بالا توغرۇلۇق سورىسا): مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ۋەدە بەردىم، بۈگۈن ھېچ ئادەمگە سۆز قىلمايمەن, دېگىن»}. سۈرە مەريەم 24 – 26.

بوۋاقنىڭ يۈزى ئىنتايىن سۆيۈملۈك ئىدى. سۆيۈملۈك ئوغلىغا مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ، شىرىن خورمىلارنى يەپ، تاتلىق سۇدىن ئىچكەن مەريەمنىڭ قەلبى ھۇزۇرغا تولۇپ، كۆڭلى ئارامىغا چۈشتى.

پاك مەريەمنىڭ كۆڭلى بىردەم ھۇزۇر ۋە راھەتكە تولغان بولسىمۇ، زېھنى باشقا نەرسىنى ئويلاپ، يەنە ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى.

مەريەم مەسجىدكە يېقىنلاشقاندا، خەلق ئۇنىڭ بىر بوۋاق كۆتۈرۈۋالغانلىقىنى، ئۇنى باغرىغا باسقان ھالدا ئاستا كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى.

{مەريەم بوۋاقنى كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇلار ئېيتتى: «ئى مەريەم! سەن ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش قىلدىڭ. ئى ھارۇننىڭ ھەمشىرىسى! سېنىڭ ئاتاڭ يامان ئادەم ئەمەس ئىدى، ئاناڭمۇ يولدىن چىققان خوتۇن ئەمەس ئىدى»}. سۈرە مەريەم 28 – ئايەت.
بۇ سۆزدە مەريەمگە ئىپپەتسىزلىك تۆھمىتى بار ئىدى. رەزىل پىتنىخورلار ئېنىقلىماستىن، تەكشۈرمەستىن ئۇنىڭغا تۆھمەت چاپلاۋاتاتتى. ياخشى بىر ئائىلىنىڭ قىزى تۇرۇپ قانداقلارچە بۇ ئىش يۈز بەردى؟ دەپ ئۇنى ئەيىبلەۋاتاتتى. ئۇلار پاك مەريەمنى توختىماي قارىلاۋاتاتتى. ئەمما مەريەمنىڭ كۆزلىرى غۇرۇر ۋە ئانىلىق ھېسسىياتى بىلەن چاقنايتتى، يۈزدە ئىشەنچ نۇرى پارلايتتى. ئۇ بەكمۇ چارىسىز ئىدى، سوئاللار كۆپەيگىلى تۇردى، ئەمما ئۇ ھېچ كىمگە جاۋاپ بەرمەيتتى. ئاخىرى ئۇ قولى بىلەن بوۋاققا ئىشارەت قىلدى. ئىنسانلار ھاڭ – تاڭ قېلىشتى. ئۇلار مەريەمنىڭ گەپ قىلمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ نېمە ئىش ئىكەنلىكىنى بوۋاقتىن سورىشىنى تەلەپ قىلىۋاتقانلىقىنى چۈشۈنۈپ، مەريەمگە:

{«بۆشۈكتىكى بوۋاققا قانداق سۆزلەيمىز» دېدى}. سۈرە مەريەم 29 – ئايەت.

{بوۋاق ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن، ماڭا كىتابنى بەردى ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلدى. قەيەردە بولاي مېنى بەرىكەتلىك قىلدى، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ماڭا نامازنى، زاكاتنى ئادا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى. مېنى ئانامغا كۆيۈمچان قىلدى، مېنى مۇتەكەببىر، شەقى قىلمىدى. مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ۋاپات بولغان كۈنۈمدە، تىرىلىىپ قەبرەمدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنۈمدە (ئاللاھ تائالا تەرىپىدىن بولغان) ئامانلىققا ئېرىشىمەن»}. سۈرە مەريەم 30 – 33.

پىتنە – پاساتچىلارنىڭ يۈزلىرى بوۋاقنىڭ سۆزى تۈگىمەستىلا سارغىيىپ تاترىپ كەتتى.

ئۇلار كۆزلىرىنىڭ ئالدىدا ئوچۇقتىن – ئوچۇق بىر مۆجىزىگە شاھىت بولۇۋاتاتتى. بوۋاقنىڭ سۆزى ئۇلارنىڭ ھاكىمىيىتىنىڭ يىقىلىش ئالدىدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرەتتى. بوۋاق چوڭ بولغاندا ئۇلارنىڭ ھەممىسى كېرەكسىز بولۇپ قالاتتى. ئۇ چاغدا ھېچقايسىسى ئىنسانلارغا "كەچۈرۈم" بىلەتلىرىنى ساتالمايدىغان، ئۆزلىرىنى "كۆكنىڭ يەردىكى ۋەكىللىرى" قىلىپ كۆرسىتىپ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلالمايدىغان بولۇپ قالاتتى.

قۇش شەكلىدىكى لايغا پۈۋلەپ ئۇنى راست قۇشقا ئايلاندۇرۇش مۆجىزىسى

ئىسا ئەلەيھىسسالام لايدىن قۇشنىڭ ھەيكىنىلى ياساپ، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلىسە، ئۇ ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ھەقىقىي راست قۇشقا ئايلىناتتى.

ھەر قانداق بىر ئىنسان لايدىن قۇشنىڭ ھەيكىلىنى ياسىيالىشى مۇمكىن لېكىن ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامغا لايدىن قۇش ياساپ، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلىسە، ئۇنىڭ ھەقىقىي قۇشقا ئايلىنىش مۆجىزىسىنى ئاتا قىلغان.

ئىسا ئەلەيھىسسالام خەلقنىڭ ئالدىدا لاينى قۇش شەكىلدە ياساپ، ئاندىن ئۇنى پۈۋلەيتتى – دە، ئۇ قۇشقا ئايلىنىپ ئۇچاتتى.

ئاللاتائالا مۇنداق دەيدۇ: {ئۇنى بەنى ئىسرائىلغا پەيغەمبەر قىلىپ ئەۋەتىدۇ. (ئۇ دەيدۇ): «شۈبھىسىزكى، سىلەرگە مەن رەببىڭلار تەرىپىدىن بولغان (پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقىنى كۆرسىتىدىغان) بىر مۆجىزە ئېلىپ كەلدىم، مەن سىلەرگە لايدىن قۇشنىڭ شەكلىدەك بىر نەرسە ياسايمەن، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلەيمەن - دە، ئاللاھ نىڭ ئىزنى بىلەن، ئۇ قۇش بولىدۇ»}. سۈرە ئال ئىمران 49 – ئايەت.

«ئىسا ئەلەيھىسسالام لايدىن قۇش ياساپ، ئاندىن ئۇنىڭغا پۈۋلىدى، ئۇ شۇ ھامان جانلىق قۇشقا ئايلاندى. ئۆز جىسمىدىن بولمىغان نەرسە جىسىمنىڭ ئىچىگە كىردى. مانا بۇ، جىسىم بولمىغان نەرسە روھتۇر. روھ قۇرۇق لاينىڭ ئىچىگە ئېقىپ كىردى ۋە قۇشقا جان كىردى. ھەقىقىي ئېتىبارغا لايىق بولغىنى بەدەن ئەمەس، بەلكى رۇھتۇر». (ئەھمەد بەھجەتنىڭ "ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى" دېگەن كىتابىدىن)
تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىش مۆجىزىسى

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ: {«تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىمەن»} دېگەنلىكىنى بايان قىلىدۇ. سۈرە ئال ئىمران 49 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

ئاللاھ تائالا ئىسا ئەلەيھىسسالامنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى ساقايتىش مۆجىزىسىنى ئاتا قىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆز زامانىسىدىكى دوختۇرلار داۋالاپ ساقايتالمىغان تۇغما كورنى ۋە بەرەس كېسىلىنى ساقايتالايتتى. ئۇنىڭ ئاددىي ۋە پاكىز كىيىمىنىڭ پېشى بىر كېسەل كىشىلەرگە تەككەن ھامان ساقىيىپ كىيەتتى. مۇبارەك قولىنى تۇغما كورنىڭ ياكى بەرەس كېسىلىگە مۇپتىلا بولغان كىشىنىڭ تېنىگە قويسا، ئۇ دەرھال ساقىياتتى.

ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ زامانىدا تىببىي ئىلىم شۇنچە تەرەققى قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ زاماننىڭ دوختۇرلىرى تۇغما كورنى، بەرەس كېسىلىنى داۋالاشتىن ئاجىز كەلگەن ئىدى. ئاللاھ تائالا پەيغەمبىرى ئىسا ئەلەيھىسسالامغا بۇ خىلدىكى كېسەللەرنى ساقايتىش مۆجىزىسىنى ئاتا قىلىپ، ئۇنىڭ ھەقىقىي پەيغەمبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىغان.

ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش مۆجىزىسى

ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە يەنە ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ: {«ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرىمەن»} دېگەنلىكىنىمۇ بايان قىلىدۇ. سۈرە ئال ئىمران 49 – ئايەتنىڭ بىر قىسمى.

ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ مۆجىزىلىرىنىڭ بىرى ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈش بولۇپ، ئۇ قەبرىدىكى ئۆلۈكلەرنى چاقىرغان ھامان ئۆلۈكلەر ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن تىرىلىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كېلەتتى.

مۇپەسسىرلەر ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ دوستى ئازەرنى، بىر ئەر – ئايالنىڭ ئوغلىنى بىر ئايالنىڭ يالغۇز قىزىنى ۋە نۇھنىڭ ئوغلى سامنى تىرىلدۈرگەنلىكىنى ئېيتىشىدۇ. ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئەۋۋەلقى ئۈچ كىشىنى تىرىلدۈرگەندە، يەھۇدىلار: سەن يېقىندا ئۆلگەنلەرنى تىرىلدۈردۈڭ، بەلكى ئۇلار ئۆلمەي يۈرىكى توختاپ قالغانلار بولۇشى مۇمكىن، - دېيىشىپ، ئۇنىڭدىن نۇھنىڭ ئوغلى سامنى تىرىلدۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى نۇھنىڭ ئوغلى سامنىڭ قەبرىسىنى كۆرسىتىشنى بۇيرىدى ۋە ئۇلار بىلەن بىرلىكتە سامنىڭ قەبرىسىگە يىتىپ كەلدى. ئۇ ئاللاھقا دۇئا قىلىۋىدى، سام چاچلىرى ئاقارغان ھالدا قەبرىسىدىن چىقتى. ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۇنىڭدىن: سىلەرنىڭ زامانىڭلاردا چاچ ئاقىرىش بولمىسا، سېنىڭ چېچىڭ نېمىشقا ئاقىرىپ كەتتى؟ - دەپ سورىدى. سام: ئى ئاللاھنىڭ روھى ئىسا! سەن مېنى چاقىرغاندا: ئاللاھنىڭ روھىغا جاۋاپ بەر! – دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم. قىيامەت قايىم بولغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ، دەھشەتلىك قورقۇنچتىن چېچىم ئاقىرىپ كەتتى، - دېدى.

ئىسا ئەلەيھىسسالام ئەزالىرى سېسىپ، چىرىپ، تۇپراققا ئايلىنىپ كەتكەن جەسەتنى چاقىرىۋىدى، ئۆلۈك تىرىلىپ، ئورنىدىن تۇردى.

ئەگەر بۇ ئۆلۈك يەھۇدىلارنىڭ ئېيتقىنىدەك، پەقەت جەسەتتىنلا ئىبارەت بولغان بولسا ئۇنىڭ تىرىلىشى مۇمكىن بولمايتتى. چۈنكى جەسەت چىرىپ كەتكەن ئىدى. ئەمما ئۆلۈك تىرىلدى. ئۇنىڭ جەسىتى ھاياتقا قايتىپ كەلدى. قەبرىدىن چىقتى ۋە سۆزلىدى. ئۇنداقتا بۇ يەردىكى ئىشنىڭ جەريانى قانداق؟

ئەسلىدە، ئىسا ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۇنىڭ روھىنى چاقىرغان. روھ جەسەتكە كىرگەندىن كېيىن، جەسەت ئورنىدىن تۇرغان. تۇپراق جەسەتكە ئۆزگەرگەن. دېمەك، ھاياتلىقنىڭ ھەقىقىي مەنبەسى رۇھتۇر. دېمەككى، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش ۋە قىيامەت كۈنى ئورنىدىن تۇرۇش ھەقتۇر. ئىسا ئەلەيھىسسالام ئۇلارنى خەلقىگە ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشنىڭ ۋە ئاخىرەت كۈنىنىڭ ھەق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن تىرىلدۈرگەن ئىدى.
ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرۈشى ھەققىدىكى قىسسىلەر قۇرئان كەرىمدە تەپسىلى بايان قىلىنمىغان. ئاللاھ تائالا پەقەت ئىسا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆزىنىڭ ئىزنى بىلەن ئۆلۈكلەرنى تىرىلدۈرگەنلىكىنىلا بايان قىلغان.

ــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــــ
پايدىلانغان مەنبەلەر:

1- قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى.

2- د. ئابدۇرەھمان جامالنىڭ: قۇرئان كەرىم ۋە ھەدىس شەرىف سايىسى ئاستىدا خارق ئادەت ئىشلار، دېگەن كىتابى.

3- ئۇستاز ئەھمەد بەھجەتنىڭ ئاللاھنىڭ پەيغەمبەرلىرى دېگەن كىتابىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى.



تەييارلىغۇچى: ئوبۇلقاسىم ئەھمىدى


مەنبە: ھەقىقەت ئىسلام تور بېكىتى

بىز تۇپراق ئۈستىدىكى تۇپراقمىز!
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7487
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 160
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە160دانە
ئۆسۈش: 180 %
مۇنبەر پۇلى: 1812 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-20
ئاخىرقى: 2011-09-25

ئېيسا يەھۇدىلارنىڭ قۇتقازغۇچىسى ، خىرىستىيان دىنىنىڭ ئاساسچىسى
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2111
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 342
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە342دانە
ئۆسۈش: 1760 %
مۇنبەر پۇلى: 4759 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-03-26
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-19 01:15

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى yoktiros نىڭ 2011-07-19 00:58 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ئېيسا يەھۇدىلارنىڭ قۇتقازغۇچىسى ، خىرىستىيان دىنىنىڭ ئاساسچىسى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
   ھۆرمەتلىك قېرىندىشىم، ئېيسا ئەلەيھىسسالام ھەم اللە ئىنسانلارغا ئەۋەتكەن بەرھەق پەيغەمبەردۇر! ھازىرقى خىرىستىئانلار ئىنجىلنى ھەم ئېيسا ئەلەيھىسسالامنىڭ يولىنى بۇرمىلىۋەتكەن مۇرتەدلەردۇر. بىز ئېمان دەۋاسىدا راستچىل مۇسۇلمانلاردىن بولىمىز دەيدىكەنمىز اللەنىڭ پەيغەمبەرلىرىنىڭ ھەممىسىگە تولۇق ئېمان كەلتۈرمىكىمىز لازىمدۇر! شۇڭا سىزنىڭ يەڭگىللىك بىلەن ئېيسا ئەلەيھىسسالامنى خاتا چۈشىنىپ قالماسلىقىڭىزنى، دىنىي جەھەتتە كۆپرەك ماتىرىيال كۆرىشىڭىزنى، بىلمىگەنلىرىڭىزنى بىلىدىغان قېرىنداشلىرىمىزدىن سوراپ بىلىۋېلىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن. اللە ھەممىمىزنى ھېدايىتىدىن مەھرۇم قىلمىسۇن، پۇتىمىزنى ھەقتە مەزمۇت قىلسۇن، دىلىلمىزنى ھەقتىن بۇرىۋەتمىسۇن، امين!...
بىز تۇپراق ئۈستىدىكى تۇپراقمىز!
بىلمىگەن نەرسە توغرىلىق توختالما!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 396
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 566
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە566دانە
ئۆسۈش: 820 %
مۇنبەر پۇلى: 6424 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-24
ئاخىرقى: 2012-02-19
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-19 02:21

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۆمەرجان.
مۇسۇلمانغا نىسبەتەن، رەسۇلۇللاھتىن ئىلگىركى ۋەقەلىك، تارىخي شەخسلەر قۇرئان كەرىم، سەھىھ ھەدىس ئارقىلىق بىلىنىدۇ. ئەھلى كىتاب خەۋەرلىرىنى راست ياكى يالغان دېمەي،ئاڭلىماي قالساقلا كۇپايە.
مۇنۇ يازمىىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەنبەسى ئېلىنىپتۇ. ئەمما، باشقا جۈملىلەر مەنبەسى ئېلىنماي قاراقويۇقلا ئىككى كىتاب كۆرسىتىلىپتۇ. بۇ، مەنبەشۇناسلىق قائىدىسىگە ئۇيغۇن ئەمەس. سەۋەبى:ياكى ھەربىر جۈملە مەنبەسىنى يازماپسىز ۋە ياكى سىز ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋەقەسىگە شاھىد ئەمەسسىز. بۇنىڭدىن:
بىرى،سىزنىڭ بۇ ھەقتە سەۋىيىڭىزنىڭ تۆۋەنلىكى، شۇڭا، قايتا ئىزدىنىپ، ھەربىر جۈملە مەنبەسىنى ئايەت، سەھىھ ھەدىستىن دەلىللەپ يوللىسىڭىز.
يەنە بىرى، ئۇنداق بولمىغاندا، قۇرئان ئايەتلىرىگە سەپسەتىلەرنى ئېلەشتۈرۈپ خرىستىئانلىقنى تەشۋىق قىلغۇچى ناسارا، دەپ بىلىنىسىز.

ئىنسانىيەتكە ئورتاق ئەقەللىي قائىدە: ئۆزى شاھىد بولمىغان جەرياننى ۋاسىتىچىسىنى تاشلاپ قويۇپ ئۆزى كۆرۈپ تۇرغاندەك بايان قىلماسلىق. بولمىسا، ئۇ كىشى:كاززاب، دېگەن لەنەتكە قالىدۇ.

مۇنۇ مەريەم ئەلەيھەسسالام ۋە ئىسا ئەلەيھىسسالاملار قىسسەسى كىشىلەر توقۇۋېلىشقان ئەپسانىلەرگە قەتئىي ئوخشىمايدۇ. شۇڭا،ياخشىلىق قىلىمەن، دەپ گۇناھقا پېتىپ قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىشەنچلىك مەنبەگە مۇراجەت قىلىش، ئىشەنچسىز مەنبە باياندىن چوقۇم خالىي بولۇش نۇقتىسىدا تۇرۇپ يازما يېزىش كېرەك.
[ بۇ يازمىنىqutluq 2011-07-19 02:58قايتا تەھرىرلىدى ]
قەلبىنى مەزھەب مۇتەئەسسۇبلۇقى چىرماپ كەتكۈچىدە كامىل ئىمان بولمايدۇ. مۆرىتى كەلسە، مەزھەبنى دەپ قۇرئان، ھەدىستىن تانىدۇ. ۋەھالەنكى مەشھۇر 4ئىماملار: ئىشەنچلىك ھەدىس مەزھىبىمدۇر،دېيىشكەن.
بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2111
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 3
ئومۇمىي يازما: 342
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە342دانە
ئۆسۈش: 1760 %
مۇنبەر پۇلى: 4759 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-20
ئاخىرقى: 2012-03-26
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-19 05:45

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 3قەۋەتتىكى qutluq نىڭ 2011-07-19 02:21 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئۆمەرجان.
مۇسۇلمانغا نىسبەتەن، رەسۇلۇللاھتىن ئىلگىركى ۋەقەلىك، تارىخي شەخسلەر قۇرئان كەرىم، سەھىھ ھەدىس ئارقىلىق بىلىنىدۇ. ئەھلى كىتاب خەۋەرلىرىنى راست ياكى يالغان دېمەي،ئاڭلىماي قالساقلا كۇپايە.
مۇنۇ يازمىىدىكى ئايەتلەرنىڭ مەنبەسى ئېلىنىپتۇ. ئەمما، باشقا جۈملىلەر مەنبەسى ئېلىنماي قاراقويۇقلا ئىككى كىتاب كۆرسىتىلىپتۇ. بۇ، مەنبەشۇناسلىق قائىدىسىگە ئۇيغۇن ئەمەس. سەۋەبى:ياكى ھەربىر جۈملە مەنبەسىنى يازماپسىز ۋە ياكى سىز ئىسا ئەلەيھىسسالام ۋەقەسىگە شاھىد ئەمەسسىز. بۇنىڭدىن:
بىرى،سىزنىڭ بۇ ھەقتە سەۋىيىڭىزنىڭ تۆۋەنلىكى، شۇڭا، قايتا ئىزدىنىپ، ھەربىر جۈملە مەنبەسىنى ئايەت، سەھىھ ھەدىستىن دەلىللەپ يوللىسىڭىز.
يەنە بىرى، ئۇنداق بولمىغاندا، قۇرئان ئايەتلىرىگە سەپسەتىلەرنى ئېلەشتۈرۈپ خرىستىئانلىقنى تەشۋىق قىلغۇچى ناسارا، دەپ بىلىنىسىز.
.......

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام قېرىندىشىم قۇتلۇق!
    ئەتراپلىق يېزىلغان ئىنكاسىڭىزدىن خۇرسەن بولدۇم. دېگەنلىرىڭىزنىڭ ھەقىقەتەن ئاساسى بار. گەرچە مەقسىدىم توغرا بولسىمۇ ئۇسۇلغا دىققەت قىلماپتىمەن. بۇ ھەقتە بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلاي، سىزگە اللە رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم!
   يەنە بىرگەپ، مەن بۇ تېمىنى ئۆزۈم يازغىنىم يوق! ئۇنى تەييارلىغۇچىنىڭ ئىسمىنى، كېلىش مەنبەسىنى ئېنىق ئەسكەرتكەن ئىدىم. قارىغاندا تازا دىققەت قىلمىغان ئوخشايسىز. مەن پەقەت اللە رىزالىقى ئۈچۈن بۇ مۇنبەرگە يوللاپ قويغان ئىدىم. مېنىڭ ئېمانىمغا اللە گۇۋاھ! سىز دېگەندەك ئىنچىكە تەرەپلىرىنى ئەتراپلىق ئويلۇشۇپ كېتەلمىگەنلىكىمگە ئىقرارمەن. تۆۋەندە بۇ تېمىنىڭ كېلىش مەنبەسىنى يەنە بىر قېتىم سەمىڭىزگە سۇندۇم، قېنى مەرھەمەت:
     http://www.hakiket.com/quran-hadis/quransirliri/2011-06-15/651.html
بىز تۇپراق ئۈستىدىكى تۇپراقمىز!
بىلمىگەن نەرسە توغرىلىق توختالما!
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 396
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 566
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە566دانە
ئۆسۈش: 820 %
مۇنبەر پۇلى: 6424 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-24
ئاخىرقى: 2012-02-19
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-19 06:12

ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام، ئۆمەرجان.
مەنبەسىنى كۆرگەن. ئەمما تور دۇنياسىدا بىر ئادەمنىڭ بىر قانچە خىل نام قويىدىغانلىقى يادىمدا بولغاچ، تېما ئىگىسىنىڭ باشقا ئىكەنلىكى خىيالىمغا كەچمەپتۇ. سىزنىڭ ئىنكاسىمنى توغرا چۈشەنگىنىڭىزگە تەشەككۈر.
ئىنكاسىمنىڭ يېزىلىشىغا: توردا ياكى جەمئىيەتتە بولسۇن، بەزىلەرنىڭ نەزەرىدە ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقتىن توسۇش قىلمىشى بولسىلا مەنبە ۋە سەنەد(ھەدىس توپلىغۇچى بىلەن رەسۇلۇللاھ ئارىسىدىكى رەنجىرسىمان باغلىنىش) بولمىسىمۇ ئۇ جۈملىنى رەسۇلۇللاھ ياكى ساھابىلەر نامىدىن تەشۋىق قىلىشقا بولىدۇ، دېگەن خاتا خاھىش خېلى ئېغىر. مۇشۇلار بۇنىڭدەك تېمىلارغا ئىنكاس يېزىشىمغا سەۋەب بولغان ئامىللارنىڭ بىرى.
قەلبىنى مەزھەب مۇتەئەسسۇبلۇقى چىرماپ كەتكۈچىدە كامىل ئىمان بولمايدۇ. مۆرىتى كەلسە، مەزھەبنى دەپ قۇرئان، ھەدىستىن تانىدۇ. ۋەھالەنكى مەشھۇر 4ئىماملار: ئىشەنچلىك ھەدىس مەزھىبىمدۇر،دېيىشكەن.
ياردەم مەزمۇنى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 468
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 411
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە411دانە
ئۆسۈش: 240 %
مۇنبەر پۇلى: 3953 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-29
ئاخىرقى: 2011-11-22
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-19 09:10

تېما ئېگىسى ۋە باشقا مۇنبەرداشلار كەچۈرۈڭلار، قەستەن پۇتاق تاپقىنىم ئەمەس.  ېېقىندا توردا ئۇيغۇر خىرىستىيانلىرىنى كۆرۈپ ئسا پەيغەمبەر توغرىلىق خەۋەرلەرگە بەك دېھقەت قىلىدىغان بولۇپ قالدىم. (مەخسەت يازمىلارغا ئۇلارنىڭ ئىدىيىسى ئارلىشىپ كەتتىمۇ يوق ؟)ئاللاھنىڭ روھى ئىسا دېگەن گەپ قۇرئاندىمۇ بار سۆزمۇ يا ؟؟؟
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1701
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1701دانە
ئۆسۈش: 7950 %
مۇنبەر پۇلى: 22652 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-03-26
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-19 18:05


دوستلىشىش
قارگۇلى
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8196
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 305
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە305دانە
ئۆسۈش: 90 %
مۇنبەر پۇلى: 3171 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-18
ئاخىرقى: 2012-03-26
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-19 19:06

باشقىلىرىنى بىلمەيمەن،لېكىن ئۆتكەندە بىر  تەبلىغدە ئاللاھنىڭ مۆجىزىسى توغرىسىدا سالىھ ئەلەيھىسا لامنىڭ تۆگىسى،ئىبراھىم ئەلەيھىسالامنىڭ  ئوت ۋەقەسى، ئىيسا ئەلايھىسالامنىڭ سامنى تىرىلدۇرۇشى  قاتارلىقلارنى سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم!!!
ئۇنۇتمايلىكى :  <<بۇ دۇنيا بىر قونالغۇ...........بىز بولساق مىھماندۇرمىز!!!!!>>
كۈلىۋەر دۈشمەنلىرىم!
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1636
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 833
ئۇنۋان:مەشقاۋۇل ھازىرغىچە833دانە
ئۆسۈش: 1370 %
مۇنبەر پۇلى: 9403 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2012-03-26
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-19 19:35

 سام: ئى ئاللاھنىڭ روھى ئىسا! سەن مېنى چاقىرغاندا: ئاللاھنىڭ روھىغا جاۋاپ بەر! – دېگەن بىر ئاۋازنى ئاڭلىدىم

بۇ جۈملىلەردە مەسىلە باردەكقۇ!قۇتلۇق ئوستاز ، مۇمىكىن بولسا چۈشەندۇرۇپ قويسىڭىز!ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن مەريەم ئەلەيھىسسالامغا ئىيسانىڭ رۇھىنى كىرگۈزگەنلىكىنى - بۇنى بو تېمىدا قەيىت قىلنغاندەك «ئاللاھنىڭ روھى» دەپ ئاتاش توغرا دەپ چۇشەنسەك  خىرىستىيانلارنىڭ ئىيسانى« ئاللاھنىڭ بالىسى » دىگەن بوھتانىغا بەك يىقىن كەپ قالامدۇ - قانداق؟ 
سىلەرگە ئىشىنىمەن ، چۈنكى سىلەر قېرىنداشلىرىم ،
سىلەرنى سۆيىمەن ، چۈنكى سىلەر ۋەتەنداشلىرىم.