ھەر قانداق ھالال نەرسىگە ھارام ئارلاشسا ھالالمۇ ھارامغا ئايلىنىدۇ ،بىز راكنى ھالال دەپمۇ تۇرايلى لىكىن بىز راكنى زادى قەيەردە نىمىدە قانداق نەرسىلەر بىلەن قوشۇپ ئىستىمال قىلىۋاتمىز ؟ خوگوخانىدىما ؟رىستۇراندىمۇ ؟ياكى دوپپۇلۇق! دوپپسىز ! تۇغقانلارنىڭ تاماقخانىسىدىمۇ؟ ياكى ئۆزڭىزنىڭ ئۆيىدىمۇ ؟ بۇ ئەڭ مۇھىم ئامىل بۇرادەرلەر.
ئۆتكەندە CCTV قانىلىدا خوگونىڭ خۇرۇچلىرى تونۇشتۇرۇلدى ،باشقسىنى دىمەي تۇراي (ئاساسلىق )خۇرۇچلارنىڭ ئارىسىدا بىلىق مىيى كومۇلۇچى دەيدىغان بىر ئەڭگۈشتەر باركەن ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىۋى سالپاڭ قۇلاق تۈت پۇتلۇق قوتان بىلىقىنىڭ مىيىكەن ! راكنى سىز زادى نەدە يەۋاتىسىز ؟نەرىڭىزدە ؟نەرىڭىزگە يەۋاتسىز ؟ ھاراق سورىنىدا يىگەن بولسىڭىز بولدى ھەرگىز ئىككىلەنمەڭ تارتىنماي سورۇندىكى ئادەمدىن باشقىنىڭ ھەممىسىنى يەۋىرىڭ چۈنكى ھاراق بار سورۇندا سىزگە نىسبەتەن ھالال ھارامنىڭ پەرقى يوق !
بىزدىكى ئىماننىڭ ،ئەقىلنىڭ، ساپانىڭ قانچىلىق ئىكەنلىكى ھەر جەھەتتىن بىلىنىپ تۇرۇپتۇ مانا ،شەھەر كوچىللىرىدا غالتەك ھارۋىدا خوتۇيچاڭنى لازىغا بۇلاپ سىتىۋاتقان كىم؟ ئۇنى ئانىسى قۇيغان ئۈچەيدەك خاتىرجەم يەۋاتقانلارچۇ ، نۈرۇمىيەننى لۈرۇمىيەن قىلىپ ساتسا ئانىسى ئەتكەن سۇيۇق ئاشتىن چارە كۈرۈپ ئىچكەنلەرچۇ ،ھەتتا بۇ ئىشلار ئاشكارە بوپ ئامالسىز دۇكاننى بىر مەزگىل تاقاپ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ ئاچسا يەنە خاتىرجەم كىرىپ رۇمىيەن ئىچىۋاتقانلاچۇ ؟
قىسقىسى ھالال ھارامنى ئاللاھ بەرگەن ئىمانىڭىز بىلەن ئەقىلڭزنى ئىشلەتسىڭىز ئاسانلا بىلەلەيسىز .