查看完整版本: [-- راكنى يىسەم بولامدۇ؟ --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> كۆڭۈلدىكى سۆز -> راكنى يىسەم بولامدۇ؟ [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

تۇرپان 2011-07-18 21:28
          راكنى يىسەم بولامدۇ؟


بىرقانچە قېتىملىق ساۋاقداشلار ئولتۇرۇشىدا ساماۋەر شورپىسى يىدۇق،باشتا كۆنەلمىدىم،كىيىنچە يەۋەرگەچكە ياقتۇرۇپمۇ قالدىم.
بىراق دوسلىرىمدىن بىرقانچىسى راكنىمۇ شورپىغا سېلىپ يەپ مېنى بىر قىسما قىپلا قويدى،زادى بىز يەيدىغان نەرسىمۇ بۇ دەپ سورىسام،
كۆپىنچىسى يېسەڭ بولىۋېرىدۇ دەيدۇ،
قارىسام بۇ راك دىگەن،بىر قارىسا چوڭ چىكەتكىگە،يەنە بىرقارىسام قۇرۇتقىلا ئوخشايدىكەن،

biliwal 2011-07-18 21:47
بۈگۈنكى تېمىلاردا بىر-بىرسىدىن  ئېشىپ چۈشىدىغان مەزمۇنلار يوللىنىۋاتىدۇ   
يەنىلا 2-تېمىنىڭ مەزمۇنىغا يىتەلمىگۈدەك

saifulla 2011-07-18 22:04
راكقۇ ھالال لىكىن ئۇراسلا دىڭىز دىن كەلتۈرلەمدۇ ياكى ئۆزلىرى  باققانمۇ؟ بۇنامەلۇمدە....

abduwali123 2011-07-18 23:30
راك پاكىزە نەرسىمۇ  ؟

sad~da 2011-07-19 01:28
سىلەرنىڭ ۋە يولوچىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن سىلەرگە دېڭىز ھايۋانلىرى، دىڭىزدىن چىقىدىغان يېمەكلىكلەر ھالال قىلىندى،

سۈرە مائىد، 96 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى

تۇرپان 2011-07-19 09:46
قۇلۇلە ھالالمۇ؟

oghuzkhan 2011-07-19 11:33
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 5قەۋەتتىكى تۇرپان نىڭ 2011-07-19 09:46 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
قۇلۇلە ھالالمۇ؟

قۇلۇلىمۇ دېڭىز ھايۋىنى بولغان ئىكەن ، ھالال بولىدۇ ، 

horma 2011-07-19 12:47
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
بىلىشىمچە راكنىڭ  دېڭىز راكى ۋە دەريا راكى دەپ تۈرلىرى بار ،دېڭىز راكىنى يېيىشتە شۈبھە يوقتۇر ئەمما دەريا راكى قانداقتۇر ؟
قىسقۇچپاقىنىڭ دېڭىز قىسقۇچپاقىسى تۈرىنى يېيىشتە شۈبھە يوق ،دەريا قىسقۇچپاقىسى قوشماكانلىق بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ،توغرىسىنى بىلگۈچى ئاللاھ ،خاتالىشىشىتىن ئۆزى ساقلىسۇن !

نەزىرە 2011-07-19 13:40
ھەمزە قېرىندىشىمىز بولغان بولسا بۇ سۇئالغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرگەن بولاتتى ، ئەپسۇس........................................

cayyara 2011-07-19 15:39
مەنمۇ شۇنى ئويلاپ تۇراتتىم ،ئۇنىڭ قەدرى ھەر-بىر ئۆتىلىۋاتىدۇ ، ئويلىساملا موھىم نەرسەمنى يۈتتۈرۈپ قويغاندەك كۆڭلۈمنىڭ بىر يېرى يېرىملا ، بىلمىگەن يېرىمنى ئىككى يېنىمغا قارىماي سورايدىغان بىلىملىك توردىشىم بار ئىدى، سىڭلىم بىلەن بىرەر مەسلە ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىپ بىرلىككە كېلەلمەي قالساقمۇ  < ھەمزىدىن سورايلى قېنى ،كىمنىڭ توغرىكەن ....> دەيدىغان ،ھەمزىدەك بىلىملىك ، موھىم زاتتىن ئايرىلدۇق ، شۇڭلاشقا كۆڭلۈم يېرىم بۇلىدىغاندۇ بەلكىم .......

قارگۇلى 2011-07-19 16:29
مەنچە بولغاندا ھازىر بازاردىكى راكلارنى پاكىرە تازلىمايدۇ،   مەن راك يېيىشنى ياخشى كۆرىمەن،باشتا تاماقخانىلاردىكى راكلارنى يەۋېرىپتىكەنمەن،كېيىنچە ئۇنىڭ ئەلمى-تەلمىنى بىلگەندىن كېيىن بازاردا يىمەس بولدۇم، بولسا ئۆيدە ساقال-بۇرۇتلىرىنى ،ۋە ئۇستى تەرىپىدىكى گۆشنىڭ ئارىسىدا ئۇچىيى بار،شۇلارنى پاكىرە تازلىۋېتىپ ،ئۆزۇم ھەر خىل ئۇسۇلدا تەييارلاپ يەيدىغان بولدۇم. ئەڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، ئەگەر بۇنىڭ كېلىش مەنبەسىگە ،بېقىلىشىغا قارىتا كۆڭلىڭىزدە گۇمان ياكى شۇبھە بولسا ئەڭ ياخشىسى  شۇنھىلىكتىن يىراق تۇرغان ياخشى.

kelem 2011-07-19 19:00
[quote]بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى نەزىرە نىڭ 2011-07-19 13:40 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
ھەمزە قېرىندىشىمىز بولغان بولسا بۇ سۇئالغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرگەن بولاتتى ، ئەپسۇس........................
...........................................................................................................
راس دەيسىز ،،،، ئەپسۇس،،،،  ئەپسۇس!!!

yawuz2 2011-07-20 13:33
بۇ مېنىڭ شەخسى كۆز قارشىم ئۇمۇمغا ۋەكىللىك قىلمايدۇ .كەڭ تورداشلارنىڭ توغرا چۈشىنىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن . مىنىڭچە ۋۇجۇدىدا ئاز-تولا بولسىمۇ ئىماننىڭ ساقىندىسى بار ئۇيغۇر راك يىسە بولمايدۇ ، قۇرئان كېرىمدا دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ھالال دىيىلگەن لىكىن ھەممىسىنى ھالال دىمىگەن .بىز ئۇيغۇرلارنىڭ ياشاۋاتقان جۇغراپىيلىك ئورنى دېڭىزدىن بەك يىراق بولغاچقا بىز ئۈچۈن بىر قىسىم دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ئىنتايىن ناتۇنۇش كۆرگەن ھامان شۈبىھلىنىمىز دىمەك ئەقلى بار ئادەمنىڭ ھەممىسى شۈبىھلەنگەن ھەر قانداق يىمەكلىكنى يىمەيدۇ ،بۇ بىر لوگىكىغا ئۇيغۇن بولغان قانۇنيەت .مەن ئۆزەممۇ بىر نەچچە قېتىم تاماق يىيىش جەريانىدا راك يىگەن تۇنۇشلارنى كۈرۈپ قالدىم ھەمدە يىمەسلىكنى ئېيتىم ،ئۇلار مۇنداق دەپ جاۋاپ بەردى: راك بولسا دېڭىز مەھسۇلاتى ،ئەرەبلەرمۇ يەيدىكەن شۇنىڭ ئۈچۈن بىزمۇ يىسەك بۇلىدۇ . شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇلارغا مۇنداق دەپ چۈشەنچە بەردىم : دېڭىز مەھسۇلاتلىرنىڭ ھەممىسى ھالال بولسا مىدوزا،تاشپاققا،قىسقۇچپاققا قاتارلىقلارنىمۇ يىيىشكە بولامدۇ ؟ ئۇلارمۇ ھالالمۇ ؟ ئەمسە سىز نىمىشقا ئۇلارنىمۇ يىمەيسىز ! بىز ئەرەبلەرمۇ يەيدۇ شۇڭا ھالال دەپلا يىسەك بولامدۇ ؟ ئىسلام دىنى يالغۇز ئەرەبلەرگە ۋەكىللىك قىلمايدۇ ، ئەرەبلەرنىڭ ھەممىسى ئىسلام دىنىغا ئىتقاد قىلمايدۇ ،ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇسۇلمان ئەمەس ،باشقا دىنغا ئىتقاد قىلدىغان ئەرەبلەرمۇ بار ،بىز ھەممە ئىشتا ئەرەبلەرنى ئۆلچەم قىلىپ ياشىساق بولمايدۇ ،مىنىڭچە مىدوزا،تاشپاققا،قىسقۇچپاققاۋە راكنى بىز ئۇيغۇرلار يىسەك بولمايدۇ ،مۇبادا كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئەرەبلەر چوشقا يەپ قالسا ئەرەبلەرمۇ ھالال دەپ يەيدىكەن دەپ سىزمۇ چوشقا يەمسىز ؟ دەپ چۈشەنچە بەردىم .مەن ئۆزەمنىڭ تاللاپ ،ئېلغاپ ،ھالال ۋە ھارام دەپ ئايرىپ ئىستىمال قىلدىغان بىر قەۋىمنىڭ ئەزاسى بۇلۇپ قالغىنىمدىن ئىككى دۇنيالىق رازىمەن ،بىز كىشلىك تۇرمۇشتا بارلىق ئىشلىرىمىزدا ئەرەبلەرنى ئەمەس بەلكى ئىسلام دىنىنى ئۆلچەم ۋە مىزان قىلىشىمىز كېرەك !!! ؟؟؟ ......

anawatan 2011-07-20 14:02
ھالال دېڭىز مەھسۇلاتى دېگىنىمىز سۇدىن ئايرىلسا ئۆلۈپ قالىدىغان ھەمدە زەھەرسىز  مەھسۇلاتلارنى دېمەكچى.

aliplar 2011-07-22 17:54
يەنىلا بوۋىمىز يىگەننى يەيلى  

saifulla 2011-07-22 21:40
قېرىندىشىم   بۇيەردە لوگىكا قانۇنىيەت دەپقاپسىز... ئاللاھ ھاللال قىلغاننى  ھاللال دەپ يەيمىز ،ھارام قىلغاننى ھارام دەپ  يىمەيمىز. بۇيەردە قانداقتۇر لوگىكا قانۇنىيەت دىگەنلەر  ئاللاھنىڭ ھۈكۈمىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ.سىز ھاللال ھارام توغۇرسىدا ئوبدان بىر ئىزدىنىپ ئاندىن ھۆكۈم چىقىرىڭ. بۇيەردە دىيىلىۋاتقىنى دېڭىز جانلىقلىرى.قوشماكانلىق ھايۋانلار ئەمەس.

قىساس 2011-07-23 20:43
مىنىڭچە يەپ ئادەتلەنمىگەن نەرسىنى باشقىلارغا قاراپ دوراپ يىيىشكە بولمايدۇ.كۆپرەك سۈرۈشتۈرۈپ باققايسىز ،مەنمۇ مۇشۇنداق ئەھۋالغا بىر نەچچە قىتىم يولۇققان،

قىساس 2011-07-23 20:45
مەن ئۆزەمنىڭ تاللاپ ،ئېلغاپ ،ھالال ۋە ھارام دەپ ئايرىپ ئىستىمال قىلدىغان بىر قەۋىمنىڭ ئەزاسى بۇلۇپ قالغىنىمدىن ئىككى دۇنيالىق رازىمەن ،بىز كىشلىك تۇرمۇشتا بارلىق ئىشلىرىمىزدا ئەرەبلەرنى ئەمەس بەلكى ئىسلام دىنىنى ئۆلچەم ۋە مىزان قىلىشىمىز كېرەك !!! ؟؟؟ ......

ئەجەپ يۈرۈگمدىكى گەپنى قىپسىز  يىگىت ياشاپ كىتىڭ  ئاللاھ رازى بولسۇن

ڭمڭنقھن 2011-07-26 00:01
meningqa      rak   wa   kulula   har  ikkilisini    yiyixka   bolmaydo

yawuz2 2011-07-27 23:30
مەن ھاللال بىلەن ھارامغا ھۆكۈم چىقىردىغان مەھكىمە شەرھىنىڭ  قازىسى ياكى مۇپتىسى، پەتىۋاچىسى ۋە ياكى داموللىسى ئەمەس .مەن باشتىلا ئۆزەمنىڭ شەخسى قارىشى ئىكەنلىكىنى دەپ ئۆتكەن ،ئەگەر مىنىڭ ئېيتقانلىرىم كاللىڭىزدىن ئۆتمىسە ،دېڭىز جانلىقلىرىنى خاتىرجەم تۇتۇپ يەۋىرىڭ  

hap 2011-07-28 00:11

unqa 2012-03-21 16:20
ئاللاھ بىزگە نىسىپ ئەتكەن ئەتىراپىمىزدىكى  شۇنچە كۆپ يىمەكلىك  ئازلىق قىۋاتامدۇ  ؟ بىز ئاجايىپ تويماس ئىكەنمىز .

aliya 2012-03-23 00:43
بىلۋالدىم .

tugrul525 2012-03-23 04:03
ۋاھ!! مانا تېما دىگەن!!!  راك يسەم بۇلامدۇ؟ ئىنكاس يازماي دىگەن. بوشلۇق بىكارلىق بولغاندىكىن يېزىپ قۇياي.  يېسىڭىز بۇلىدۇ.

رىشتە 2012-03-23 11:22
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم !
بىلىشىمچە راكنىڭ  دېڭىز راكى ۋە دەريا راكى دەپ تۈرلىرى بار ،دېڭىز راكىنى يېيىشتە شۈبھە يوقتۇر ئەمما دەريا راكى قانداقتۇر ؟

oguzhan 2012-03-24 23:20
سىلەرنىڭ ۋە يولوچىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن سىلەرگە دېڭىز ھايۋانلىرى، دىڭىزدىن چىقىدىغان يېمەكلىكلەر ھالال قىلىندى،

سۈرە مائىد، 96 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى

بۇ ئايەتكە ئالىملارنىڭ پىققى سۈننىي كىتاپلىرىدا چىقارغان ھوكۈمىدە  پەقەت دېڭىزدىن قۇرۇغلۇققا قەتئى چىقمايدىغان ھايۋانلار  ھالالدۇر.  ئەمما دېڭىزدىن قۇرۇغلىققىما چىقىدىغان  قوش ماكانلىق ھايۋانلار ھارامدۇر. دەپ ھوكۈم بار
بىرنەسىنىڭ ھالاللىقى ئىېنىق بولسا ئۇ نەسىنى  ئاشپەزلەرنىڭ پاكىزە يۇمۇغانلىق سەۋەبى بىلەن ھارام بولۇپ قالمايدۇ. بۇ  تازىلىقىتىكى مەسىلە  بۇنى ھالال ھارام مەسىلىسىدىن ئايرىپ چۈشۈنىشىمىز لازىم

ohho~duqu 2012-03-25 00:29
مەن بىرسىدىن قوش ماكانلىق(سۇدىمۇ قۇرۇقلۇقتىمۇ ياشىيالايدىغان) ھايۋانلارنى يىيىشكە بولمايدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم ئەجەبا ؟؟؟؟؟

dunyazad12 2012-03-25 00:37
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 26قەۋەتتىكى ohho~duqu نىڭ 2012-03-25 00:29 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مەن بىرسىدىن قوش ماكانلىق(سۇدىمۇ قۇرۇقلۇقتىمۇ ياشىيالايدىغان) ھايۋانلارنى يىيىشكە بولمايدۇ دەپ ئاڭلىغانتىم ئەجەبا ؟؟؟؟؟

شۈبىھدىن ساقلىنىش ئۈچۈن راك يىيىشكە زۈرۈر ئىھتىياجلىق بولمىسا يىمىگەن ياخشى .

eltabir9 2012-03-25 01:07
خاتىرجەم بىلىق يىگەنگە يەتمەيدۇ يەنىلا

بىناۋا 2012-03-25 05:52
دېڭىز ھايۋانلىرى دۇنيادىكى ئەڭ پاكىزە يىمەكلىك.

anjura 2012-03-25 09:04
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 8قەۋەتتىكى نەزىرە نىڭ 2011-07-19 13:40 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھەمزە قېرىندىشىمىز بولغان بولسا بۇ سۇئالغا قانائەتلىنەرلىك جاۋاب بەرگەن بولاتتى ، ئەپسۇس........................................

ئەسسالامۇئەلەيكۇم:
گەرچە ھەمزە كەتكەن بولسىمۇ ئاللاھ بىزنى يەنە نۇرغۇن بىلىملىك،ئەقىلىدىلىك،ئۆزى ياخشى كۆرگەن، ئەڭ مۇھىمى بىلگەنلىرىگە ئەمەل قىلىدىغان بەندىللىرى (ھەمزە)نى بىزگە نىسىپ قىلىدۇ.
ئۇلۇغ ئاللاھ شۇ ھەمزە ساھابىمىزگە شۇنداقلا ھازىرقى دەۋىردىكى <ھەمزە>لەرگە رەھمەت قىلسۇن ئامىن!!!

alpacino 2012-03-25 15:07
شەرئەت  يول قويمىسا  سۇ  ئىچىشكىمۇ  بولمايدۇ ،  شەرئەت يول قويسا  قان تۆكۈشكىمۇ بولىدۇ ...

firdawis1 2012-03-25 17:11
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى sad~da نىڭ 2011-07-19 01:28 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سىلەرنىڭ ۋە يولوچىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن سىلەرگە دېڭىز ھايۋانلىرى، دىڭىزدىن چىقىدىغان يېمەكلىكلەر ھالال قىلىندى،

سۈرە مائىد، 96 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى

چىكەتكىنمۇ  ئاللاھ  ھالال  قىلغان  ھاشارەتكەن  .

pakdiyar 2012-03-25 19:01
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى sad~da نىڭ 2011-07-19 01:28 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سىلەرنىڭ ۋە يولوچىلارنىڭ مەنپەئەتلىنىشى ئۈچۈن سىلەرگە دېڭىز ھايۋانلىرى، دىڭىزدىن چىقىدىغان يېمەكلىكلەر ھالال قىلىندى،

سۈرە مائىد، 96 - ئايەتنىڭ بىر قىسمى





ھەممىنى ئىسمى بىلەن ساناپ  بەرمىسىمۇ  مۇشۇ ئايەت  يىتەرلىكقۇ   

umut123 2012-03-25 19:53
ھەر قانداق ھالال نەرسىگە ھارام ئارلاشسا  ھالالمۇ  ھارامغا ئايلىنىدۇ ،بىز راكنى ھالال دەپمۇ تۇرايلى لىكىن بىز راكنى زادى قەيەردە نىمىدە قانداق نەرسىلەر بىلەن قوشۇپ ئىستىمال قىلىۋاتمىز ؟ خوگوخانىدىما ؟رىستۇراندىمۇ ؟ياكى دوپپۇلۇق! دوپپسىز ! تۇغقانلارنىڭ تاماقخانىسىدىمۇ؟ ياكى ئۆزڭىزنىڭ ئۆيىدىمۇ ؟ بۇ ئەڭ مۇھىم ئامىل بۇرادەرلەر.
 ئۆتكەندە  CCTV قانىلىدا خوگونىڭ خۇرۇچلىرى تونۇشتۇرۇلدى ،باشقسىنى دىمەي تۇراي (ئاساسلىق )خۇرۇچلارنىڭ ئارىسىدا بىلىق مىيى كومۇلۇچى دەيدىغان بىر ئەڭگۈشتەر باركەن ئۇنىڭ ئاساسلىق تەركىۋى سالپاڭ قۇلاق تۈت پۇتلۇق قوتان بىلىقىنىڭ مىيىكەن ! راكنى سىز زادى نەدە يەۋاتىسىز ؟نەرىڭىزدە ؟نەرىڭىزگە يەۋاتسىز ؟ ھاراق سورىنىدا يىگەن بولسىڭىز بولدى ھەرگىز ئىككىلەنمەڭ تارتىنماي سورۇندىكى ئادەمدىن باشقىنىڭ ھەممىسىنى يەۋىرىڭ چۈنكى ھاراق بار سورۇندا سىزگە نىسبەتەن ھالال ھارامنىڭ پەرقى يوق !
بىزدىكى ئىماننىڭ ،ئەقىلنىڭ، ساپانىڭ قانچىلىق ئىكەنلىكى ھەر جەھەتتىن بىلىنىپ تۇرۇپتۇ مانا ،شەھەر كوچىللىرىدا غالتەك ھارۋىدا خوتۇيچاڭنى لازىغا بۇلاپ  سىتىۋاتقان  كىم؟ ئۇنى ئانىسى قۇيغان ئۈچەيدەك  خاتىرجەم يەۋاتقانلارچۇ ، نۈرۇمىيەننى لۈرۇمىيەن  قىلىپ ساتسا  ئانىسى ئەتكەن سۇيۇق ئاشتىن چارە كۈرۈپ ئىچكەنلەرچۇ  ،ھەتتا بۇ ئىشلار ئاشكارە بوپ ئامالسىز دۇكاننى بىر مەزگىل تاقاپ ئىسمىنى ئۆزگەرتىپ ئاچسا  يەنە خاتىرجەم كىرىپ رۇمىيەن  ئىچىۋاتقانلاچۇ ؟
قىسقىسى ھالال ھارامنى  ئاللاھ بەرگەن ئىمانىڭىز   بىلەن  ئەقىلڭزنى ئىشلەتسىڭىز ئاسانلا بىلەلەيسىز .

paris 2012-03-25 20:37
ياخشى پىكىر قوللايمەن!

erpan.0998 2012-04-29 13:53
ھۆ ....................... يىمەيلى پاسكىنا نىملەرنى

مەيمۇنە 2012-04-29 14:08
راك دېڭىز مەھسۇلاتى بولغاندىكىن ھالالدۇ؟

نارات 2012-04-29 14:57
مەن ئىشقىلىپ ئۈزەمگە ناتونۇش بولغان نەرسىلەرنى يىيىشنى خالىمايمەن.

دىڭىز 2012-04-29 15:10
تاش پاقا،راك، قىسقۇش پاقا قاتارلىق سۇ جانلىقلىرى ھەممىسى قوشماكانلىق جانلىقلار   .....يەنىلا قوي گۇشىگە يەتمەيدۇ

مۇرتىزا 2012-05-02 10:28
دېڭىزدىن كەلتۈرىلىدىغان راكلار مىنىڭچە بۇنداق كۆپ نوپۇسىنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرالمايدۇ. بۇ ئىھتىياجنى قامداش ئۈچۈن خۇددى تىز سۈرئەتتە چوڭايتىلغان توخۇ تېخىنىكىسىغا ئوخشاش دېڭىز مەھسۇلاتلىرىنىڭمۇ سۈنئى ئۇسۇلدا بېقىپ ساتىدىغان <باقمىچىلىق كەسپى ئائىلىلىرى> چوڭ-چوڭ كۆلچەكلەنى ياساپ...
ئۇنىڭ ئۈستىگە خوگو نىڭ ماتىرىياللىرى يەنى تەم-خۇرۇچلىرىدا سالپاڭ قۇلاق قوتان بىلىقى مېيى بار ئىكەن،بۇنى يىيىش ئۇنچە زۈرۈر ئەمەستۇ؟؟

yusuf 2012-05-02 11:07
ئەسسەلەمۇئەلەيكۇم!
ئويلاپ بېقىڭلار ؟ ئاللاھ بىز بەندىلىرىگە بەرگەن مۇشۇ ئۆزىمىز نىڭ دىيارىدىكى پاك ھالال ئىشەنچىلىك نەرسىلەر يەتمەمدۇ.
مەن سىزگە تۆگە كالا قوي گۆشلىرىنى تەۋسىيە قىلىمەن.بۇلار يەتمىسە ئختىيارىڭز باشقىلىرىنىمۇ يىگم باتى دىسىڭىز ھالال بولغىنىنى
تاللاپ يەڭ.
دۇنياداھالالنى تاللاپ يەممەي قىيامەت كۇنى زەققۇم يەپ قالمايلى.رەسىم. [attachment=16435]

1542731454 2012-05-06 11:28
ياخشى تىمىكەن، بىلمىگەنلەر بىلۋالدۇق.  ئۆزىمىزنىڭ شۇنداق قۇۋەتلىك  ياخشى تائاملىرىمىزنى يىمەي راڭپىزا، نىيۇرومىيەن......... قاتارلىقلارغا دۈم چۈشتۇق. لىكىن بىزگە شۇ تائاملارنى يەتكۈزگەنلەر ئۆزىنىڭ تامىقىنى يىمەي بىزنىڭ پولو، لەغمەن، كاۋاپ قاتارلىق تاماقلىرىمىزغا دۈم چۈشتى........  

مۇھەممەد.ئەلى 2012-05-06 21:46
يولۋاسنى يېسە بولامدۇ؟...؟ بۇيەردەمۇنداق بىر مەسىلىگە جاۋاپ  بېرىشكە توغرا كېلىدۇ، يىمەكلىكلەرنىڭ ھالال- ھاراملىقىنى ئايرىشتا  قۇرئاندا ئېنىق ئىسمى ئاتالغان ـــ «چوشقا گۆشى، قان، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان ھايۋاننىڭ گۆشى ۋە اللە نىڭ نامى تىلغا ئېلىنماي ئۆلتۈرۈلگەن  ھايۋاننىڭ گۆشى» قاتارلىقلاردىن باشقا تەنە تۆۋەندىكى بىرنەچچە تەلەپ بويىچە ھوكۈم قىلىش كېرەك:1.زاتى ۋە سۈپىتى بويىچە ھۆكۈم قىلىش؛2.زەھەرلىك-زەھەرسىزلىكى بويىچە ھۆكۈم قىلىش؛3.گۆشىخور ياكى ئوتخورلىقى بويىچە ھۆكۈم قىلىش؛ 4. كېلىش مەنبەسىنىڭ دۈرۈس ياكى ئەمەسلىكى بويىچە ھۆكۈم قىلىش. مەسىلەن توخۇنى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ بەزىدە قۇرت - قوڭغۇز  نىجاسەتلەرنى يەپ قويغىنى بىلەن ئادەتتە داننى ئاساس قىلىدۇ، يەنە مەسىلەن توشقاننى يەپ ، مۈشۈكنى يېمەسلىكىمىز دەل بىرسىنىڭ يىرتقۇچ ئەمەس يەنە بىرسىنىڭ يىرتقۇچ ھايۋان ئىكەنلىگىدە. ئەمدى راككا كەلسەك، بىرنەنچىدىن  ئۇنىڭ  يىمەكلىك ئادىتىنى سۈرۈشتۈرۈش،يەنە بىر تەرەپتىن ئۇنىڭ ئىچ قارنىنىڭ ئېلىنغان ياكى ئەمەسلىكىگە قاراش لازىم. مۇنداق گەپلەر بار ئىدى«چۇغۇندەك 41كېسەلگە شىپا »دەيدىغان،مەن ئۇقۇمۇشلۇق كىشىلەردىن سورىسام، شىپا بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن چۇغۇندەكنىڭ تۇمشۇقى ئىلمەك، قارچىغا ئائىلىسىگە تەۋە يىرتقۇچ قۇش بولغاچقا ئۇنىڭ گۆشى ھارام ئىكەن!

newruz 2012-05-07 13:33
ئەقلى جايىدا ئىمانى بار ئادەم. ئوراپ قاچىلانغان ۋە بۇلارنىڭ فىرمىلاشتۇرۇپ باققان نەرسىلىرىدىن شۇبھەلىنىدۇ. سۈبھەلىك نەرسىدىن يىراق تۇرۇڭ. خوگورغا خەچلىگەن 200 سومغا بەش كىلو كالا گوشى كېلىدۇ...ئازراق ياڭيۇ ۋە سەۋزە قوشۇپ پىشۇرسىڭىز. ۋاھ 30 ئەدەم تويىدۇ. بىرىنجىدىن ۋاقت ئاز كېتىدۇ. ئىككىنجىدىن پاراڭلاشمايسىز....خوگو يىگندە پاراڭلىشىپ سائەتلەپ شەيتان بىلەن يەيدىغان گەپ. ئۇلارغا ئوخشىۋېلىش ياخشى ئەمەس.

samran 2012-05-07 19:53
راك ھالال بولغان بىلەن خوگو نىڭ شورپىسى ھارام خۇرۇچلاردىن تەييارلىنىدىكەن .


查看完整版本: [-- راكنى يىسەم بولامدۇ؟ --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.061153 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us