ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، كەڭسايدىكى كۆڭلى -كۆكسى شۇ سايدەك كەڭ دوستلار، ئالدى بىلەن ھەر قايسىڭلارغا مەزلۇمە قارگۇلىدىن ئوتلۇق سالام! مەخسەتكە كەلسەم، مەن بۈگۈن مۇنبەرگە ئەزا بولۇپ سىلەرنىڭ دوستۇڭلارغا ئايلانغانلىقىمدىن خوش بولدۇم! خېلىدىن بۇيان كەڭساينىڭ ئېسىل تېمىلىرىدىن بەھىرلىنىپ كېلىۋاتقان بولساممۇ لېكىن ئەزا بولمىغان ئىدىم، چۇنكى بىلىمىم چەكلىك بولغاچقا مۇنبەر ئۈچۈن كۆپ پايدا يەتكۇزەلمەيدىغانلىقىم ئۆزۈمگە ئايان ئىدى. پەقەت كۆپچىلىكنىڭ تېمىلىرىغا ئىنكاس يېزىپلا يۈرۈشنى ئانچە خالىمىغان ئىدىم. لېكىن ئالدىنقى كۈنى كەچتە يولدۇشۇم قېرىندىشىمىز ھەمزەنىڭ( مەن بۇ ئىنىمىزنىڭ بىلوگىنى ۋە ئەسەرلىرىنى بەكمۇ ياختۇراتتىم، بۇنىڭ تېخى 23ياشتا ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىم تېخىمۇ ئاشتى!ئاللاھ بۇ ئىنىمىزنىڭ ئەجرىنى زىيادەقىلسۇن) ۋاپاتىنى كەڭ سايدىن ماڭا كۆرسۇتۇپ قويدى، بۈگۈن مەن ئۆزۇم ئەڭ ياختۇرىدىغان مەرىپىەت مۇنبىرىنىڭ يېڭى نام بىلەن قايتا ئېچىلغانلىقىنى ھەم بۇ مۇنبەردىن كۆردۇم. شۇنىىڭ بىلەن ئەزا بولۇش قارارىغا كەلدىم. مەن ھىچ بولمىغاندا كۆپچىلىكنىڭ ئىسىل ئەسەرلىرىگە ئىشتىراكچى بولۇپ توغرا پىكىردە ئىنكاسچى بولۇشقا يارايمەن! ئاخىرىدا ئۆزۇمنى ئاددىي تونۇشتۇرۇپ ئۆتەي: مەن ئاللاھنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 1998-يىلى خىزمەت سەۋەبىدىن قارىمايغا كەلدىم ۋە 2000-يىلى بۇ شەھەردە ئۆي-ئوچاقلىق بولۇپ ،قارىمايلىق بولۇپ قالدىم، ئاللاھنىڭ ياردىمى بىلەن خاتىرجەم ،ئاددىي-ساددا تۇرمۇش كوچۈرۈپ كېتىپ بارىمەن، بالىلىرىمنىڭ چوڭى 10ياش،كىچىگى 4ياشقا ئاز قالدى. بولدى مۇشۇنچىلىك بولسۇن ! ئاخىرىدا كەڭ سايدىكى دوستلارنىڭ ئىشلىرىغا ئۇتۇق، تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك تىلەش بىلەن كۆڭۇل سۆزۇمنى ئاخىرلاشتۇراي!!