باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 7956 قېتىم كۆرۈلدى
«12»Pages: 1/2     Go
تېما: گۇگۇم ھەققىدە چۆچەك
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8162
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 12
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە12دانە
ئۆسۈش: 230 %
مۇنبەر پۇلى: 290 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-16
ئاخىرقى: 2012-07-21
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-16 12:52

گۇگۇم ھەققىدە چۆچەك

ئەسكەرتىش: بۇ يازما kangsay تەرىپىدىن نادىرلاندى(2011-07-16)
گۇگۇم ھەققىدە چۆچەك





گۈلچى قىز خىلۋەتتە ئىيىتماقتا چۆچەك،
قۇياشنىڭ چۈشىدەك كۆيمەكتە قولۇم.
ئانىنىڭ ئەللېيى ئۆچتى ئالۋوندەك،
بۆشۆكنىڭ بېشىدا يانماقتا گۇگۇم...

بىر چۈشۈم مىڭ بولدى ئۇپۇق قولىدا،
يۇلتۇزلار يۈرەككە ئارمان بوپ ئاقار.
كۆردۈڭمۇ؟ يولۇمدا قوقاس بىر نىدا
بەرگىدىن مىڭ يىللىق دەردلك قان تامار.

قان ئەمەس ئۇ پەقەت، چۆچەكلىرى بار
بۇۋامنىڭ ئات مىنىپ چوڭ تويغا ماڭغان.
ھەسرەتلىك ناخشامنى ئاڭلىغىن ئەي ! يار،
ئۇنىڭغا كۆكلەمنىڭ گۈللىرى تولغان.

سەھەردە سايرىغان ئوماق قۇشلارنىڭ،
پىغانلىق كۈيىدىن يانماقتا گۈلخان.
تارىسى ئۈزۈلگەن غېرىب ئەجەمنىڭ
ئەۋجىدەك كۆزلەردە دولقۇنلار قىيان.

گۇگۇمنىڭ ئۇۋىسى بولدى جانغا جام،
بۆرىنىڭ ئىزىدىن يانغاندا چولپان.
ئانا دەپ بىر نام بار، ھەسرەتلىك بۇ نام
گۈللەرنىڭ ئاغزىدا ئۇيىغان ئارمان.

گۇگۇمغا سايىدەك بۆرە ئىزلىرى،
تۈنلەرنىڭ بېشىدا ئەگىيدۇ ئۆلۈم.
بىر چىچەك جان پەقەت گۈلنىڭ ۋىسالى،
ئۆلۈمنىڭ قولىغا ئايلىنار يولۇم.

گۈلچى قىز خىلۋەتتە ئېيىتماقتا چۆچەك،
ئىپەتسىز ئەر ئۈچۈن ۋەتەن يات ئۇقۇم !
ئانىنىڭ ئەللىيى ئۆچتى ئالۋۇندەك،
بۆشۈكنىڭ بېشىدا يانماقتا گۇگۇم...


1
چۆچەك، گۇگۇم چۈشىشى بىلەن سۆزلىنىشكە باشلىدى. ئەتراپ تىمتاس ...ئىتلارنىڭ ئاندا - ساندا قاۋاشلىرىدىن ئۆزگە سادا يوق، ھەممە ئالتۇن رەڭ غېرىبلىق تونىنى كىيگەن. ئانىسىنىڭ يولىغان تەلمۈرگەن قۇش بالىلىرى مۇڭلۇق سايراشماقتا ... چىغىر يوللاردىن ئاتنىڭ كىشنىگەن غايىپ ئاۋازلىرى ئاڭلانماقتا. ئۇپۇق قان رەڭگىدە كەشتىلەنگەن ... بىر توپ تۇرنىلار ئۇپۇق قوينىدىن ئۇچۇپ چىقماقتا. ئەڭ ئالدىدىكى باشلامچى تۇرنىنىڭ مەغرۇر قانات قېقىشىنى كۆردۈڭمۇ؟ ئۇ ئەركەك تۇرنا ... ئۇ – ھەقىقىي ئەركەك بولۇشقا لايىق. ئۇنىڭدىكى مەغرۇرلۇق يەنە مىڭ يىلدىمۇ ئۆزگەرمەيدۇ. قاچانكى ئۇ كۆز يۇمغاندا، بۇ روھ ئۇنىڭ ئەۋلادىغا ئەبەدىي ئۆچمەس مىراس بولىدۇ، كىيىنكى ئەۋلات بۇنى ئۆز ھاياتى بەدىلىگە قوغدايدۇ. ئۇلار ھەقىقىي سۆيگۈدىن پۈتۈلگەن قەۋىمدۇر. سۆيگۈ، ۋەتەن ۋە قەۋىمنى ياۋدىن قوغداشتا ئۇلارنى يىمىرىلمەس قالقانغا ئايلاندۇرىدۇ. نۇمۇس، ئۇلار ئۈچۈن ئۆلۈم بىلەن باراۋار. قان، شەرەپ جۈملىسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئۇلار، ئەبەدىي ھۆرلىكنىڭ خوجايىنلىرىدۇر شۇنىڭدەك تەبىئەتنىڭ ھەقىقىي ئەركە قەۋىمىي. ئەي جانۋار ! ... جاھانغا ئۆزۈڭنىڭ ئەركەك ئىكەنلىكىنى جاكارلا ... تاغلار، ساڭا باش ئەگسۇن. شاماللار، نامىڭنى كۈللى ئالەمگە يەتكۈزسۇن. سۇلار، قاينىمىغا سېنىڭ ئىسمىڭنى پۈتسۇن. پەسىللەر، ساڭا باھادىرلىق تونىنى ئارىتسۇن. يەر، سەن ئۈچۈن باغۇ – بوستان ھازىرلىسۇن. شەمشىرىڭنى تاڭنىڭ قىزارغان ئۇپىقىدا سۇغارغىن... قۇلاق سال ! تۇلپىرىڭ سېنى چاقىرماقتا ... بۇلۇت ئۈستىگە قونىۋالغان ئايقىز چۆچىكىنى داۋام قىلماقتا ...

چولپاننىڭ ئاخىرقى ئۇچقۇنى ئۆچۈپ،
ئەركەك بوپ تۇغۇلماق بولدىمۇ چۆچەك؟
كۆزلەردىن كۆزلەرگە غېرىبلىق كۆچۈپ،
ئۆلۈمگە ئېسىلدى بىر سۇنۇق يۈرەك.
باغدا گۈل باھارى بولمىسا، نىچۈن
تاڭدا گۈل ئېچىلغاي، كۈلۈپ كىم ئۈچۈن؟
......


2
چۆچەك، كېچە قوينىدا داۋام قىلىنىۋاتىدۇ ... ئۇيقۇ شامىلى ھەممە يەردە ئۇچۇپ يۈرمەكتە. سۇس ئايدىڭ دالا ئۆزىگە كۈمۈش رەڭ كىمخاپ ئارىتقان، پاقىلارنىڭ كۇركىرىشىدىن ھاسىل بولغان رىتىملىق سىمفۇنىيە كېچىگە جان كىرگۈزمەكتە. كەپسىز بۆجەنلەر بولسا ئۇيانبۇيان چېپىشىپ يۈرمەكتە. ئۇلار ھەممىدىن غەمسىز. غەم ئۇلار ئۈچۈن ئۆز مەۋجۇدىيىتىنى يوقاتقان ... قاراڭغۇدا يەنە نىمىلەردۇر يالىت – يۇلىت قىلىپ يانماقتا. ئۇ، كىشىگە ئەينى چاغدا مەختۇمسۇلانىڭ تاپىنىنى تەشكەن يالماۋۇزنىڭ كۆزىنى ئەسلىتەتتى. لىكىن چىن تۆمۈر باتۇر ھازىر يوق، قىلىچنىڭ بىسى يانغان، دات بېسىپ سۇنغان ! قوللاردا قاداقنىڭ ئىزناسى يوق ... ئۇ يىراق ئۆتمشنىڭ گىرىمسەن ئۇپۇقلىرىدا بىر قۇچاق ئارماننى قۇچاغلاپ ئېغىر تىنماقتا ... ئاي نۇرىدا يۇلتۇزلار بىلەن پىچىرلىشىپ ياتقان دۆۋە – دۆۋە قەبرىلەر ئانا يەرگە كۆكسىنى يىقىپ ئۆكسۈپ-ئۆكسۈپ يىغلىماقتا. ئۇلار، نۇرغۇن-نۇرغۇن كەچمىشلەرگە گۇۋاھ ! ... قانغۇچە يىغلىۋال، ئەي قان تۆكسىمۇ ياش تۆكمىگۈچى! ... ياشلىرىڭدىن سۇغۇرۇلغان تۇپىراقتىن يەنە تۈمەنمىڭلىغان باھادىر ئەزمەتلەر تەۋەللۇد بولغۇسى... ئىشەنكى! ئۇلارنىڭ سۆيگۈسى كەلگۈسىدە ھەمشىرلىرىگە قالغان، ئۆز جۈپتىگە قالقان، چىمدىم تۇپرىقىغا قالقان شۇنىڭدەك ۋەتەن-قەۋمىگە قالقان... چىن پۈتكىنكى ئۇلارنىڭ ئەقىل-ئىدىراكى تۈن كېچىلىرىگە ماياك، دۈشمەننى دوستتىن ئايرىشقا ماياك، گۈزەل ئارمان قىرغاقلىرىغا يىتىپ بىرىشقا ماياكتۇر... يەرنىڭ تىۋىشلىرىغا قۇلاق سالدىڭمۇ؟ ئەي ئۆز - ئۆزىنى ئەركەك سۈپىتىدە بايان قىلغۇچى... بىر توپ كۆك بۆرە ئايغا قاراپ ئۇنىڭ چۆچەكلىرى ئاڭلىماقتا ...

توققۇز سۇ بىرلەشكەن گۈزەل ۋادىدا،
تۈمەن تال گۈل ئىدى تۈمەن قۇشقا يار.
ئانا ! ، دەپ قىزارغان دەريا، دالىدا،
سۆيگۈسى ئاتالغان مەرد ئوغلانى بار.
جان ! ، دەر - جان تېپىلماس ئىپەتسز ئەردە،
قانلار - ئاچالماس گۈل، سۆيگۈسىز يەردە.
......


3
تۈن قوينى ... چۆچەك تۈننىڭ بىر پىشىدە مۇڭلانماقتا. ئۇ، ئادىتى بويىچە ئۇخلىمىدى. ئۇ، تۈن قوينىدىن ئۆزىنى تىڭشىماقتا ... كىملەردۇر كۈلۈپ ، كىملەردۇر ياقا يىرىتماقتا ... گىرىمسەن ئايدىڭ دالا، ئەتراپنى سۇس يامغۇر پەردىسى قاپلىغان. ئېچىلغان گۈللەر يامغۇردا ھېجران كۈيلىرىگە ھەمجۆر بولماقتا. ئېھتىمال، ئۇ غۇنچە ۋاقلىرىغا قايىتقۇسى باردۇر؟ ... دەل – دەرەخلەر ياشىرىپ قالغاندەك قىلاتتى. بەلكىم، ئۇ نوتا ۋاقلىرىغا ھەۋەس قىلىۋاتسا كېرەك... يىللارنىڭ بوران-چاپقۇنى ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئەسلىمە تاشلاپ ئۆتتى. قاچانلاردىدۇر بىر توپ ناكەسلەر مۇشۇ خىلۋەتتە يىڭى بىر غۇنچىنى نابۇت قىلدى، غۇنچە ئۆزىنى دەرياغا تاشلاپ بۇ بىۋاپا دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلاشتى ... قاچانلادىدۇر بىر چاغلاردا بىر يىگىت ئۆز سۆيگۈسى ئۈچۈن مۇشۇ يەردە رەقىبىنىڭ كۆكسىگە خەنجەر ئۇردى، قاننى قان بىلەن يۇيدى... يەنە قاچانلاردىدۇر بىر چاغدا بىر توپ قۇزغۇن مۇشۇ زىمىندا ئۆز قەۋمىنىڭ بىر ئوتلۇق شۇڭقارىنى چەمبەرچاس باغلاپ تۈلكىگە تاشلاپ بەردى. ئۈشبۇ چاغ بۇ ئوتلۇق ئەمدىلا 23 ياشتا ئىدى. كۆزلەر تالاي ئارمان بىلەن يۇمۇلدى. مەغرىپتىن مەشرىق تامام ھەممە قول قۇشتۇرۇپ سۈكۈتتە... دەرەخ، خاتىرىسىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى. ئۇ بۇنى قانداقمۇ ئۇنتۇپ قالسۇن؟... بۇنىڭدىن بەتەر شەرمەندىلەر بولمىسا كېرەك!؟...قاچانلاردىدۇر بۇ يولدا بىرى كۆيدۈرۈلدى، بىرلا ئەمەس بارلىقى كۆيدى... ئەتراپتا تاماشا كۆرگۈچىلەر ئۆز يۈرىكىنى ئۆزلىرى يۇلۇپ ئېلىپ ئوتقا تاشلاپ قاقاھلاپ كۈلۈشتى... زىمىن قاتتىق سىلكىندى. دەرەخ ئۆز كۆكسىگە « تەۋپىق » دەپ ئويۇپ قويدى... يەنە قاچانلاردىدۇر جەنۇپ ئاسمىنىدا « ئويغان » دىگەن ياڭراق ئاۋاز ياڭرىدى، كۈندۈز ئاسمىنىدىن بىر يۇلتۇز ساقىدى. قاتتىن ئاۋازدىن چۆچىگەن بۆرە كۆزىنى ئاچتىيۇ ئەتراپتىكى جىمجىتلىقتىن يەنە ئۇيقۇ دېڭىزىغا غەرىق بولدى... يامغۇر پەسەيدى، لىكىن بوران چىقشقا باشلىدى. زىمىن مۇڭلانماقتا... ۋادەرىخ ! ، سۇ بويىدا ئېچىلغان بىر تال چوغلۇق، چۆچەكنى ياپراقلىرىغا يازماقتا ...

گۈل - گۈل بولالماي توزىدى، نەۋاق
پايخان بولدى گۈلىستانلار، ئۆچمەكتە.
ھاياتقا قىيالماي سارغايدى ياپراق،
يۈرەكتىن - يۈرەككە چۆچەك كۆچمەكتە .
قان - شېئر ئەمەس ئىدى چېچىلماستا،
ئۈمۈد - نۇر ئەمەس ئىدى ئېچىلماستا.
......


4
چۆچەك چېچەكلەشكە باشلىدى ... ئۇيىغان قان رەڭگى ئۇنىڭغا چۆمۈلگەن. ۋىسال ، ئازاپ شەربىتىگە جام ... جام ، ئوت بولۇپ يانماقتا... جامنى قولۇمغا ئالدىم. ئالدىم، - يۇ، تۇرۇپ قالدىم. جام ئىچىدە گۈزەل بىر ئايال خىرامان ئۈزۈپ يۈرەتتى. جامدىكى ئوت قولۇمغا تۇتاشتى. ئوتنى ئۆچۈرمەك بولدۇم ئوت يۈرەككە تۇتاشتى... تۇيۇقسىز كۆزۈمدىن بىر تامچە ياش قەغەز يۈزىگە تامچىدى. تامچە بىر دۇمىلاپ قانغا ئايلاندى. مەن خەنجىرىم بىلەن ئۇنى ئوتتۇردىن ئىككىگە بۆلىۋەتتىم. قان تامچىسى يۈزگە ئايرىلدى... بۇ يۈزنىمۇ يەنە ئىككىگە بۆلدۈم. قان دانچىلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. قولۇم قان، ئاغزىم قان، كۆزۈم قان، كۆڭۈل ۋادىرىلىم ھەم قان... قان ھېدى ئەتراپنى قويۇق قاپلىدى. ئەتراپتا قان غەمكىن ئۈزۈپ يۈرمەكتە، تاپچى قۇشلار ئاسمانىم قەھرىدە ئەگىشىپ يۈرمەكتە... سىرتىدا يەڭگىل شامال چىقماقتا. قۇلۇقۇمغا بىر دەرۋىشنىڭ ساپايە چىلىپ ئۆتكەن ئاۋازى كىردى. قان دانچىلىرى قەغەز يۈزىدە شېئر بولۇپ تىزىلدى...

ۋىسالنىڭ جامىنى سۇنمىغىن ئەي ! يار
ئۇنىڭغا گۈللەرنىڭ ھەسرىتى تولغان .
بىر تامچە ھەسرەتتە چوغ بولۇپ يانار
كۈندۈزۈم بىناۋا، كېچىلەر سۇلغان.
ئەر دېدى يىغلىدى تاغلار لەبزە يوق!
مىڭ ئەردە بىر ئەر يوق، يۈرىكى پۇچۇق.
......


5
چۆچەك بىخ سۈردى... ئۇ بارلىق ھەسىرەتتى دېڭىزنىڭ تەكتىگە كۆمىۋەتتى. دېڭىز، قىرغاققا مەۋىج ئۇرۇپ تاشقىنلىماقتا. بېلىقلار نىشانسىز ئۈزۈشۈپ يۇرمەكتە . دېڭىزنىڭ قاق ئوتتۇرسىدا قۇيۇن چىقىشقا باشلىدى، بىر بوران قۇشى قۇيۇننى تېشىپ چىقىپ شەرىق تامام ئۇچماقتا...
بىخ، قاقاھلاپ كۈلگەنچە تۈمەنمىڭلىغان نۇر لەشكىرىگە ئايلاندى. ئۇ تاڭ نۇرىدا ئاجايىپ سىرلىق، نۇرلۇق نۇر چاچماقتا. سۈزىلىۋاتقان ئۇپۇق ئۇنىڭ نۇرىدا خۇنۈك گۈزەللىكىنى ئاشكارلىدى... نۇر لەشكەرلىرىنىڭ قولىدا ئوقيا، كىرىچى تاڭدىن تۈنگە تارتىلغان... ئاھ ! مېنىڭ چەۋەندازلىرىم ... كىرىچىڭنى يۈرەككە توغۇرلا ! ... تېنىمنى شوراپ ياتقان يالماۋۇزنى جەھەننەمگە يولغا سال ! ... ئاھ جامىدىن تېشىۋاتقىنىمنى كۆرىۋاتامسەن ؟ زىمىن ئەسلىگە قايىتسۇن ... زەئىپ ئاۋازىم گۈلدۈرمامىدەك جاراڭلاشقا باشلىدى ... قوللار تىتىردى، كۆڭۈلدىن پىغانلىق ، نادامەتلىك سۆيگۈ، ۋولغان كەبى تاشماقتا... كىرىچتىن ئوق ئۈزۈلدى. ئوق تۈننىڭ كۆكسىگە قادالدى. تاڭ سۈزىلىشكە باشلىدى...

ئېچىل دىسە ئېچىلارمەن، چۆچەكتىن
مىڭ يىللىق توغراقتەك كۈنگە سايە بوپ.
مىڭ جان بولۇپ چېچىلارمەن كۈيلەردىن
ھەر ئەۋجىدە ئەجەمنىڭ ۋىلىقلاپ كۈلۈپ .
تەمبۈرۈڭ تارى بولاي سازىڭنى چال،
بىناۋا كۈيىڭگە جان، جانىمدىن ئال.
......


6
چۆچەك ئېچىلدى ... ئۇ، ئۆلۈم جامىدىن تامچىپ گۈللەرنىڭ بەرگىدە بەرىخ ئۇرۇپ، ئوتقاشتەك نۇر چىچىپ ئېچىلدى... ئۇ شۇنداق ھەيۋەت ئىدىكى زىمىننىڭ ياشلىرىدىن تۇيۇنغان جىسمى ئەتىكى تۈننى دارغا ئاستى... دارنىڭ كۆزىدىن ۋىسال سۈيىدە يۇيۇنغان گۈل قىزى تۇغۇلدى... ئۇنىڭ قولىدا تۈمەنمىڭ جان تارىدىن ئېشىلگەن تار سېلىنغان ساتار تۇراتتى . قولۇمدىكى بىر دەستە قىزىل گۈلنى ئۇنىڭغا ئاستاغىنە سۇندۇم . ئۇ شەلپەردەك قىزارغىنىچە قولۇمدىن گۈلنى ئالدىدە ئاۋايلاپ يۈرىكىگە ياقتى . ئۇنىڭ يۈرىكىدىن قاتقىلى ئۇزۇن بولغان بىر پارچە مۇز ئوت بولۇپ ئېتىلىپ چىقتى... ئۇنىڭ كۆزلىرى نۇرلىنىشقا باشلىدى... ئەمدى چاقناشقا باشلىدى... شامال قۇلۇقىمغا لېرىك بىر ھېكايىنى سۆزلىمەكتە... ئەتراپتا يەنىلا شۇ مۇڭلۇق كۈي...

ئېچىلغان چۈشلەردەك ئەركىن قۇش كەبى،
بىر كۈي بار بەك مۇڭلۇق، پەقەتلا بىر كۈي !
ۋىسالنىڭ جامىدا جاراڭلار، پەسلى
باھارنى سۆيسەڭ گەر قېنىپ لېۋىن سۆي.
سۈبھىنىڭ نۇرلىرى ئاخىرقى پۇرسەت،
گۈزەللىك ئىزدىسەڭ ئاشىق بول ! ئەبەد.
......


7
تاڭ يورىدى... ئاسمان بۇلۇتلۇق، ئاسمان قەھرىدە بىر جۈپ بۈركۈت ئەركىن ئۇچۇپ يۈرمەكتە... توپ – توپ دېھقان ئېتىزدا ئېغىر كەتمەنلىرىنى ئىشقا سېلىپ يەر ئاغدۇرىۋاتىدۇ . يەر ئەمەس سېنىڭ يۈرەك – باغرىڭنى ئاغدۇرىۋاتىدۇ . كەتمەن سېپىدىن قاداق باسقان قوللار كەتمەن سېپىنى ئەمەس بەلكى سېنىڭ نەپەس يولۇڭنى چىڭ سىقماقتا ! ... ئۇنىڭ پىشانىسىگە پۈتۈلگىنى پەقەتلا شۇمىدى ؟ ... مەن ساڭا نىمىمۇ قىلىپ بېرەلىدىم ، ئەي تومۇرۇمنى تومرىغا ئۇلۇغۇچى ؟... قان بىر ، ئاقار مەنزىلى تۈمەن ... روھ بىر باشلار مەنزىلى يەنە تۈمەن ... ئاھ ! ... مىنىڭ قاغجىرىغان نەپەسلىرىم . توپا باسقان يوللاردا كىملەرگىمۇ تەلمۈرىۋاتقانسەن ؟ ... سۇنۇق كۆز نۇرلىرىم توغراق ئارىسىدىن نىمىلەرنىمۇ ئىستەۋاتقانسەن ؟ ... كۆڭۈل ۋادىلىرىڭ تاشلاندۇق خارابىلىكتە نەغمە قىلماقتا، كىملىكىڭ تاڭنىڭ يورىشى بىلەن ئۇپۇقتا كىرىمسەنلىشىپ يوقالدى ... بەس ! ئۇنى تۈن قوينىدىن ئىزدىمىگىن ... تۈن ساڭا پەقەت ئازابلا سوۋغا ئېتەلەيدۇ، پەقەت ئازاب ! ... ئېغىر قەدەملەر بىلەن ئاسمان گۈمبىزىگە يامىشىۋاتقان قۇياش ئازاب نۇرلىرىنى پەقەت ماڭىلا سوۋغا قىلماقتا ... ئەتراپ چۆچەكنىڭ قويۇق ھېدىغا تويۇنغان ... بۇلبۇللار ئېغىر نەپەس ئېلىشماقتا... شائېر ئۆز قېنىدا زىمىنغا ئاخىرقى قۇرلارنى يازماقتا...

سارغايغان ياپراقتەك تۆكۈلگەن، پەسلىم
قۇشلىرى تېنىمگە دەپنىدۇر، دەپنە .
ئاداققى يامغۇردەك تۆكۈلەر سىم - سىم
ياش ئەمەس ئۇ ئارمان قىزارغان يەنە .
ۋەتەنسىز بىر ئۆمۈر ئۆتمەك بەس مۈشكۈل،
ۋەتەنسىز قۇشلاردا نە ھايات، كۆڭۈل؟
......


8
قۇياش كۆتۈرۈلدى، زىمىن ئۈستىدە بىر توپ ئەرمەك مەخلۇقلار چىپىپ يۈرمەكتە... نىمانچىۋالا بىپەرۋا نىمىسەن؟! ئۈمۈد شامىنىڭ ئۇچقۇنلىرى يىنىشقا باشلىدى، كۈندۈزۈم يەنە سېنىڭ قاداقسىز قولۇڭدا ئاۋارە بولارمۇ؟ ... ئاخىرلاشقان ھاياتىڭ ئىبرەت مەنىسىنىمۇ سېنىڭ يولۇڭدا ئۆچمەكتە ... بولدى بەس! ، ھاياتنىڭ مەنىسى قاراڭغۇلىقىغا چۈشەلگەن بىپەرۋا مەحلۇق ۋىجدان دارىغا ئۆزۈڭنى ئېسىۋال ! ... چۆچەكچى قىز ئېغىر ئۇھسىندى ... قۇياش بارغانسىرى سوۋۇشقا، كىشىلەرنىڭ چىرايى ئۆچۈشكە باشلىدى ... كۈن غېرىپلىقتىن باشلاندى ...

ئۆزگەرگەن پەسىلدە قاتقان سۇلاردەك
قۇشلارنىڭ ناخشىسى جاراڭلار ئۈنسىز .
زىمىنغا يۈكلەنگەن قاقشال تاغلاردەك
بىر دەرىت بار يۈرەكنى ئېزىدۇ غەمسىز .
قۇشلارنى قەپەزگە سولىغان قولى
ئىنساننىڭ، ئۆزىگە زىندانى، چۆلى.
.......


9
چىڭقى چۈش، قۇياش قارايغان ... ھاياتلىق، ئۇنتۇلغان پەسىلگە ھازا بايرىقىنى يىرىم چۈشۈرگەن. بالا-ئانىدىن تانغان، ئانا - بالىنى ئۇنتىغان... ئەركەكلەر يۇرتىدا بۆرىنىڭ زەئىپ ھۇۋلىشى ئاڭلانماقتا ... مەن ، ئۆزۈم ئەمەستەك. زىمىن ئۇيقىغا جۆر بولغان. قېرى تاملار، سايىلەر ئىنسان گەۋدىسى بىلەن تولغان. كوچىلار بىر بۇردا نان ئۈچۈن زار. ئۇ - ئۆز ئۆزىگە سەل بوپ ئاقماقتا... قۇياشقا سوزۇلغان قوللار ماڭدامدا پېشىمغا ئېسىلماقتا. نە ئېتەي؟ ياخشىلىقنى يامانلىققا تېگىشىۋاتقان قانداشلىرىمدىن كۈتكىنىم بەركەتسىز نىمەت بولدى ... ئەي ئانا ! سېنىڭ كەچمىشلىرىنىڭ يۈرەكتە ئاخىرقى ئوق ئىزى بولۇپ قادالدى . باغرىڭنى يىرىپ چىققان بۇ بىناۋالار ئۈچۈن ئاداققى دۇئانى بەرگىن .... ئەي، سۇلغۇن ئانا ... يۈرەك سېنىڭ كەچمىشلىرىڭنىڭ ئەبەدىي خاتېرە مۇنارى بولسۇن ... چۆچەكچى قىز كىشىلەرنىڭ ئەڭ يۈكسەك روھىيىتىدىكى خارابىلىكىدە چۆچىكىنى سۆزلىمەكتە ...

قانىتى قايرىلغان ئاھ ! ... يىتىم قۇشتەك،
كۈندۈزلەر تىنماقتا تۈنلەردەك نەپەس.
ئەي، ئانا ! يۈرەكلەر بەئەينى مۇزدەك
سېنىڭسىز بۇ تەندە تۇغۇلماس ھەۋەس .
بۆشۈكتە بىر مۇڭ بار، ھەر كۆزدە چېقىن،
جۈپ ئېرىق ئاراسى جۇش ئۇرار ئېقىن.
......


10
ۋاقىت قۇياش نۇرلىرىدىن ھاياتلىق غارىغا توختاۋسىز ساقىماقتا. ئىنسان تېندە ھەر دەقىقە، ھەر مىنۇت مىليۇنلىغان ھۆجەيرە ئۆلۈپ يەنە مىليۇنلىغان ھۆجەيرە ئاپرىدە بولماقتا. ئۆلگەن ھۆجەيرىلەرگە ھازا تۇتقۇچى يوق ! ... ئاپرىدە بولغۇچىغا شادلىق تىلەيدىغانلار ھەم يوق ! ... چۈنكى ، ئۇ كىم ئۈچۈن ئۆلۈپ كىم ئۈچۈن يارىلىۋاتىدۇ ؟ ... ئۆلۈم نىمە ؟ ئۇ ئىبرەت قەسرى شۇنىڭدەك يىڭى باشلىنىش ... ئۇنى ھېس قىلغۇچى روھ چۆلىدە پىيادىدۇر ... روھ چۆلى نىمە ؟ ئۇ ئىنسانغا تەئەللۇق بولغان ئەبىدىيلىك . بۇنىڭدىن ۋاز كەچمەك ئاخىرلىشىشتۇر ... پىيادە بېسىلغان مۇساپە تۈگىمەس قىش دالاسىدۇر ... يالاڭ ئاياق بۇ دالىدىن ئۆتمەك ئىككى دۇنيالىق ئىنساننى خار قىلىدۇ ... خارلىق نىمە ؟ ــــ ئۆز – ئۆزىنى دەپنە قىلىشتۇر ! ... دەپنىگەر ھايات ، گۈللەرنىڭ يېقىمسىز نالىسى، بۇلبۇلنىڭ ناۋاسىز كۈيلىرى مىنى خىيال باياۋانىدا ھەر دەقىقە دەم تارتىپ يىمەكتە ... ئەتراپنى تىنجىق ھاۋا قاپلىدى . ئۆلۈم كۆزلىرىمگە ئوت بولۇپ كۆرۈنمەكتە ...

ئوڭ كۆزۈم، باھارنىڭ گۈل – چېچەكلىرى،
كى كىرپىك ئارلىقى تۈمەن يىللىق يول !
سول كۆزۈم، قەھىرتان مۇز – قىراۋلىرى،
بىر قەترە قىراۋدا تەنلىرىم چۇل – چۇل ...
كەل ئۆلۈم لېۋىمنى لىۋىڭگە ياقاي،
ئارمانىم دەشتىدە گۈلىستان ياساي .
......


11
كۈن، «ئەسىر ئەگمىسى» گە يىقىنلاشتى... ھەممە قايتا تۇغۇلۇشقا تەمشەلمەكتە ... كۆز نالىسىدىن شەبنەملەر سەل كەبى زىمىننى يۇيماقتا ...
كۈن ، « ئەسىر ئەگمىسى » دىن ئۆتتى ... ھەممە يىشىللىق ئىچىدە تۇغۇلماقتا ... تۇغۇلغان بۇۋاقلارنىڭ تۇنجى تىلى « گۇگۇم » دەپ چىقماقتا ... چۈنكى بۇ ئەسىر ھالقىغان نادامەتلىك سۆز ... يۈرەكتىكى قارايغان داغدۇر ... ۋاقىت – توختاۋسىز ئۆتمەكتە ، قانچىلىغان جەمشىتتىن قالغان دۇنيا يەنە كىملەر تەرىپىدىن ئۇتۇلۇپ كىملەرگە سوۋغا بولارسەن ؟ ... ئۇنى ئۇتۇشنىڭ بىرلا يولى بار . ئۇ بولسىمۇ ئىنسان ئۆز روھىدىكى ئەبىدىيلىك قامچىسىنى قولىغا ئېلىشتۇر ... قانداق ئالىمەن ؟ ... قېنى دۇنيا ئۇنى ئۆزىڭنىڭ روھىيىتىدىن سورا ! ... گۇگۇم قايتا باشلاندى . قۇشلار توپى بىلەن ئۆيگە قايىتماقتا ...

ئېھ گۈلۈم، باغرىڭنى باغ ئەيلەپ ئېچىل !
مەپتۇنكار چېھرىڭگە بۇ كۆڭۈل شەيدا .
بىر ئۈچۈن دارىغا تۈمەنمىڭ ئېسىل !
ئۆلۈمنىڭ كۆزىدىن تۇغۇلۇپ قايتا .
بىل پەلەك بىز ئىزدا توختىماس ئەبەد،  
كېلەركى قېتىمدا ئەركەكنىڭ نۆۋەت !  
......

كۆزلەر چارچىدى . لىكىن شۇنچىلىك جەڭگىۋار ! ... قوللار تالدى، لىكىن شۇنچىلىك مەزمۇت ! ... ئۇپۇقتا غايەت زور قان رەڭگىدىكى ئوت شارى پەيدا بولدى. قەلەمنى قويدۇم- دە، ئىشىكنى ئاستا ئىچىپ سىرىتقا چىقتىم. ئالدىمدا ئاجايىپ ئۇستا رەسسامنىڭ كەم-كۇتىسىز بىر پارچە مەپتۇنكار رەسىمى جىلۋە قىلماقتا. تۇيۇقسىز كۈن چىقىشتىن ئوت ئۇچقۇنلىرى پەيدا بولۇپ چاقماق چىقىشقا باشلىدى...


 

مەنبە: قەلەم
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2274
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 476
ئۇنۋان:دوستانە ھازىرغىچە476دانە
ئۆسۈش: 30 %
مۇنبەر پۇلى: 2735 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-24
ئاخىرقى: 2012-10-30

ئاجايىپ  يارقىن ...........................
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7471
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 22
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە22دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 270 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-19
ئاخىرقى: 2012-08-03
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-17 11:51

بىكارچى تىمىلارغا ئىن كاس ساماندەك.........................
‹بارلىق ئەمەللەر نىيەت بىلەن بولىدۇ...›ھەدىس شە& ..
دەرىجە: چولپان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4954
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 612
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە612دانە
ئۆسۈش: 1670 %
مۇنبەر پۇلى: 4755 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-17
ئاخىرقى: 2012-08-05
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-19 08:33

ساپ ھىسيات بىلەن يىزىلىپتۇ.....
بۇندىن كىيىنمۇ ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن!
‹ئىنسان پەقەت ئۆزقىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ›سۈرەنەجمە-39ئايەت
سېنىڭ نىيىتىڭ شۇ بولسا كۆردىغىنىڭ ئالدىڭدا !..
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 883
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 90
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە90دانە
ئۆسۈش: 340 %
مۇنبەر پۇلى: 1195 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-07
ئاخىرقى: 2012-08-05
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-20 12:30

ئېسىل تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن !...
دوستلىشىش
dulbarqin310
بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتەر...
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1795
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1795دانە
ئۆسۈش: 630 %
مۇنبەر پۇلى: 18974 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-11-01
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-31 12:11

بۇ ھەقىقەتەن نادىرلاشقا تىگىشلىك تېمىكەن.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.
دوستلىشىش
مىرئادىل314
MIRADIL314
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8354
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 30
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە30دانە
ئۆسۈش: 60 %
مۇنبەر پۇلى: 325 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-28
ئاخىرقى: 2011-12-22
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-31 12:42

ياخشى يېزىپسىز دوستۇم بۇنداق ياخشى تىمىللىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن
all praise to allah , the lord of the worlds
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1232
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1694
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1694دانە
ئۆسۈش: 110 %
مۇنبەر پۇلى: 18769 سوم
تۆھپىسى: 1 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-27
ئاخىرقى: 2012-11-01
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-09 16:22

بۇ ئەسەردە ئاپتۇر ئىنتايىن ئۇستىلىق بىلەن ، ھەسرەتكە تولغان ئوتمۇشنى ، ئوزى ئارزۇ قىلغان ، ئۇمۇد كۇتكەن كەلگۇسىنى ئەسەر تىلىغا يۇغۇرۋىتىپتۇ ،،،
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ،،،،،   بىز كەڭسايدا تېخىمۇ كوپ ئەسەرلىرىڭىز بىلەن يۇز كورۇشسەك دىگەن ئۇمۇدتە مەن ،،،
تەپسىلى ئوقىساڭلار ، بەك ئىسىل ئەسەركەن ،،، بۇرۇن بىرلا ئىچىپ قاراپلا چىقىپ كىتىپتىكەنمەن ،،   كەڭساي ئەپەندىنىڭ كوزى مال تۇنۇيدىكەن جۇما
ياخشىلق قىل قولۇڭدىن كەلسە
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8509
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 88
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە88دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 935 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-08-08
ئاخىرقى: 2011-09-10
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-09 16:31

بۇنى ئۆزىڭىز يازغانمۇ؟  ھەقىقەتەن ياخشى چىقىپتۇ!
تىما ئگىسىگە رەھمەت!
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8258
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 23
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە23دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 240 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-07-22
ئاخىرقى: 2012-05-20
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-08-11 14:18

تىلى بەك گۈزەل،يېقىشلىق ئىكەن،تەبىئەتتىكى بارلىق ئۆزگىرىشلەر قەلەم ئۇچىدىن ئاجايىپ تۈس ئېلىپتۇ.تالانتىڭىزغا بارىكاللا!قۇلىڭزغا دەرت كەلمىسۇن،نادىر ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن.   
ئانىلار ئايىقى ئاستىدا جەننەت