باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1069 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: تۇنجى پۇت كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7580
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 47
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە47دانە
ئۆسۈش: 860 %
مۇنبەر پۇلى: 1080 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-25
ئاخىرقى: 2012-06-19
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-14 10:01

تۇنجى پۇت كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى

 دۇنيادا تۇنجى قېتىم ئىككى پۇتنى بىراقلا كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلىندى.ئىسپانىيەدە دۇنيا تارىخىدا تۇنجى قېتىم كۆرۈلگەن بىر بىمارغا ئىككى پۇتنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى ئېلىپ بېرىلدى.
پۇت كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسىنىڭ ئىسپانىيەنىڭ ۋالېنىكا شەھىرىگە جايلاشقان لا فې دوختۇرخانىسىدا يېرىم كېچىدە باشلىنىپ، سەھەردە ئاياقلاشقانلىقى بىلدۈرۈلدى.
بۇ ئوپېراتسىيەنىڭ دۇنيادا تۇنجى قېتىم قىلىنغانلىقى ۋە ئىنتايىن خەتەرلىك ئىكەنلىكى شۇنداقلا ھازىرغىچە بۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئوپېراتسىيەنىڭ قىلىنىپ باقمىغانلىقى تەكىتلەندى. ئەمما بىمارنىڭ ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك ھېچقانداق مەلۇمات ئېلان قىلىنمىدى.
ئوپېراتسىيە قىلىنىپ ئاز دېگەندە 48 سائەت ئۆتكەندىن كېيىن بىمارنىڭ ئەھۋالىغا ئاساسەن مەلۇمات بېرەلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن مەسئۇللار، بىمار ۋە بەدەن ئورگانلىرىنى ئىئانە قىلغان كىشىنىڭ كىملىك ئۇچۇرلىرىنىڭ ئاخبارات ۋاستىلىرىدا ئېلان قىلىنماسلىقىنى تەلەپ قىلدى.
ئوپېراتسىيەگە باشچىلىق قىلغان دوختۇر پېدرو جاۋاداس ۋە ئۇنىڭ خادىملىرى، 2009 – يىلى 19 – ئاۋغۇست كۈنى دۇنيادىكى تۇنجى يۈز كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلغان بولۇپ، 43 ياشلىق ئەر بىمار ئوپېراتسىيە قىلىنىپ تەخمىنەن بىر ئاي ئۆتكەندە دوختۇرخانىدىن چىققان ئىدى.
جاۋاداس بۇنىڭدىن باشقا يەنە، 2006 – يىلى نويابىر ئېيىدا دۇنيادا تۇنجى قېتىم ئىككى قولنى كۆچۈرۈش ئوپېراتسىيەسى قىلغان ۋە بىمار 1 يېرىم يىلدىن كېيىن دختۇرخانىدىن چىققانىدى.
مەنبە:ترت