تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسى خەۋىرى:
ئەنقەرەدىكى مىللىي نانو تېخنىكىسى تەتقىقات مەركىزىدە خىزمەتلىرىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان دوكتۇر مەھمەت بايىندىر، ماددىنى 10 مىليون ھەسسە كىچىكلىتىش مۇمكىن بولىدىغان تېخنىكىسى بىلەن نانو سىم ئىجاد قىلدى.
پەن -تېخنىكا دۇنياسىدا يېڭى يول يارىتىدىغان بۇ تېخنىكىنىڭ پاتېنت ھوقۇقىنى ئېلىش ئۈچۈن چەت ئەللەردىن تەكلىپلەر ياغماقتا.
دوكتۇر مەھمەت بايىندىر 15 كىشىلىك بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى بىلەن 3 يىلدا ياساپ چىققان بۇ تېخنىكا، ئىلىم -پەن دۇنياسىدا بۇرۇلۇش پەيدا قىلىدۇ.
مەھمەت بايىندىر تەرىپىدىن ئىجاد قىلىنغان بۇ تېخنىكا ئارقىلىق ماددا تەكرار ۋە مۇۋازىنەتلىك شەكىلدە قىزىتىلىپ سوزۇلۇشى بىلەن كىلو مېتىرلارچە ئۇزۇنلۇقتا نانو سىملارنى ئوتتۇرىغا چىقارغىلى بولىدۇ. بۇ ئۇسۇل بىلەن بىر مىللىمېتىر سىمنى ئون مېتىرلىق سىمغا ئايلاندۇرۇش مۇمكىن بولىدۇ.
بۇ سىستېما ئارقىلىق، قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىشلەپچىقىرىش سىستېمىسىنىڭ زاپاس ساقلاش كۈچى ئاشىدۇ. بۇ ئالەمشۇمۇل كەشپىياتنى تېببىي ساھەدىكى سۈرەتكە ئېلىش ئىشلىرىدىمۇ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.