باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 8640 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئويغانما!!!  (رەسىملىك)
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6651
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 13
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە13دانە
ئۆسۈش: 120 %
مۇنبەر پۇلى: 217 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-22
ئاخىرقى: 2012-03-24
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-10 23:33

ئويغانما!!!  (رەسىملىك)

ئويغانما

 
شۈكىرى يالقىن
ئەزىز خەلقىم كۆتەرمە باش،ھامان ئويغانما ئۇخلاۋەر،
بېشىڭ يارسۇن ئېتىلغان تاش،ھامان ئويغانما ئۇخلاۋەر،
ساڭا بولسۇن جاھالەت ئاش ھامان ئويغانما ئۇخلاۋەر،
غەرەز ئۇقماس بولۇپ بەڭباش،ھامان ئويغانما ئۇخلاۋەر،
ئۆمۈر كۆرسەڭمۇ گەر يۈز ياش،ھامان ئويغانما ئۇخلاۋەر.
 
جاھان سىمدىن چىراغ ياقسا،ئۇيالما سەن زىغىر ياغ  ياق،
جاھان كۆكتە ئۇچۇپ يۈرسە،ئىشەك ھەيدە يالاڭئاياق،
كىمىكى ئالدىسا،ئالدان،ئىشەن كۆمۈر دىسە ئاپئاق،
يىسە ھالۋىنى ھاكىملار،يىگىن سەنلا تاياق-توقماق،
كۈنىڭ ئۆتسۇن شۇنىڭ ئوخشاش،ھامان ئويغانما ئۇخلاۋەر.
 
ئىلىم-پەن،مەرىپەتتىن قاچ،بالادىن قاچقىنىڭدەك قاچ،
ئىشىكنى چىڭ ياپ ئىرپانغا،ئىشانغا دەرۋازاڭنى ئاچ،
مائارىپتىن بولاپ تاپقاننى ۋەخپە قىل،مازارغا چاچ،
غوجام بول،تۆرە بول ئەرلەر،ئايال بولساڭ بۈۋىم-قۇشناچ،
جىمى پەسلىككە سەن ماسلاش،ھامان ئويغانما ئۇخلاۋەر.
 
بۇلۇپ تۇرساڭمۇ بىر مىللەت ۋە بىرلا تەڭرىگە بەندە،
قېرىنداشلار سوقۇش-موشتلاش،ئىناقلىق بولمىسۇن سەندە،
بولۇپ ئوت-يەم رەقىپلەرگە ۋەيا قىغ ئورنى دەپسەندە،
قىرىل-ئۆل،جان-جىگەر دوستلار نەسلىنى ئەيلە شەرمەندە،
بىرىڭ قىلغىن ئونىڭنى پاش،ھامان ئويغانما ئۇخلاۋەر.
 
ئەدەپ-ئەخلاق نىمە ھاجەت،يامان ياقلارغا يول باشلا،
ئۆزۈڭدىن كۈلدۈرۈپ ياتنى،قاياشنىڭ كۆزىنى ياشلا،
شىلىپ دوست تېرىسىنى سەن،ئۇنى دۈشمەن ئۈچۈن ئاشلا،
ئىلاجىكىم ئاتاڭ يۇرتىغا ئوت قوي،ئۇنى كۆيدۈرۈپ تاشلا،
رەزىللىكتە چىكىڭدىن ئاش،ھامان ئويغانما ئۇخلاۋەر.
 
جاھان«ئويغان»دىسە،تەنھا ئۆزۈم«ئويغانما»دەپ تۇردۇم،
شىرىن خورەك تۈگەرمۇ دەپ تۈمەن مىڭ غەمنى يەپ تۇردۇم،
شۇ ۋەسۋەسسە بىرلە ئەللەيلەپ،داۋام سوسكامنى سەپ تۇردۇم،
چۈشەنگەي سۆزنى خەلقىم دەپ،تۈشەك ئالدىغا كەپ تۇردۇم،
ھامان بولساڭ قاپاقباش سەن،ھامان ئويغانما ئۇخلاۋەر.

مەنبە:«شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى»مەجمۇئەسى


ئويغان 
 

موللا نازىم 
غەپلەتتە ياتما ، ئۇخلىما بىخۇت،
كۆز ئاچمىساڭ ئەل بولىسەن نابۇت.
غەرىپتىن ئوغىرلار،شەرقتىن قاراقچى!
تىكىلىپ دەشھەت ، ئاغزىنى ئېچىپ!
تىرىك يۈتۈشچۈن زەھىرىنى چېچىپ!
يىلانغا ئوخشاش پايلاپ يۈرەر،
ساڭا تۇيدۇرماي پىنھان ئىش كۆرەر.
جېنىڭ ئوغىرلاپ،ھۆسنىڭ ئوغىرلاپ،
ئايرىلماقتىسەن گۆھەرلىرىڭدىن،
مىڭ يىل توپلىغان جەۋھەرلىرىڭدىن.
سىنى يۇتماققا تىكىلدى ئەجدىھار،
ئويغان ئۇيقىدىن بىدارلىق دەركار.
 
مەنبە:«تارىم»ژورنىلى
باھالاش خاتىرىسى:
  • مۇنبەر پۇلى:+2(huxdil) شىئىر بۇلا&nbs ..
  • ‹بارلىق ئەمەللەر نىيەت بىلەن بولىدۇ...›ھەدىس شە& ..
    دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
    ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 4954
    جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
    نادىر تېمىسى: 1
    ئومۇمىي يازما: 612
    ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە612دانە
    ئۆسۈش: 1670 %
    مۇنبەر پۇلى: 4755 سوم
    تۆھپىسى: 0 كىشى
    ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
    تىزىملاش: 2010-12-17
    ئاخىرقى: 2012-02-26
    يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-12 10:58

    پەيغەمبىرىمىز ئىتقاندەك شىئىردا ھىكمەت بار!!!!!
    ‹ئىنسان پەقەت ئۆزقىلمىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ›سۈرەنەجمە-39ئايەت