查看完整版本: [-- ئويغانما!!!  (رەسىملىك) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> ئويغانما!!!  (رەسىملىك) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

kichikoghul 2011-07-10 23:33
ئويغانما
[attachment=11480] 
شۈكىرى يالقىن
ئەزىز خەلقىم كۆتەرمە باش،ھامان ئويغانما ئۇخلاۋەر،
بېشىڭ يارسۇن ئېتىلغان تاش،ھامان ئويغانما ئۇخلاۋەر،
ساڭا بولسۇن جاھالەت ئاش ھامان ئويغانما ئۇخلاۋەر،
غەرەز ئۇقماس بولۇپ بەڭباش،ھامان ئويغانما ئۇخلاۋەر،
ئۆمۈر كۆرسەڭمۇ گەر يۈز ياش،ھامان ئويغانما ئۇخلاۋەر.
 
جاھان سىمدىن چىراغ ياقسا،ئۇيالما سەن زىغىر ياغ  ياق،
جاھان كۆكتە ئۇچۇپ يۈرسە،ئىشەك ھەيدە يالاڭئاياق،
كىمىكى ئالدىسا،ئالدان،ئىشەن كۆمۈر دىسە ئاپئاق،
يىسە ھالۋىنى ھاكىملار،يىگىن سەنلا تاياق-توقماق،
كۈنىڭ ئۆتسۇن شۇنىڭ ئوخشاش،ھامان ئويغانما ئۇخلاۋەر.
 
ئىلىم-پەن،مەرىپەتتىن قاچ،بالادىن قاچقىنىڭدەك قاچ،
ئىشىكنى چىڭ ياپ ئىرپانغا،ئىشانغا دەرۋازاڭنى ئاچ،
مائارىپتىن بولاپ تاپقاننى ۋەخپە قىل،مازارغا چاچ،
غوجام بول،تۆرە بول ئەرلەر،ئايال بولساڭ بۈۋىم-قۇشناچ،
جىمى پەسلىككە سەن ماسلاش،ھامان ئويغانما ئۇخلاۋەر.
 
بۇلۇپ تۇرساڭمۇ بىر مىللەت ۋە بىرلا تەڭرىگە بەندە،
قېرىنداشلار سوقۇش-موشتلاش،ئىناقلىق بولمىسۇن سەندە،
بولۇپ ئوت-يەم رەقىپلەرگە ۋەيا قىغ ئورنى دەپسەندە،
قىرىل-ئۆل،جان-جىگەر دوستلار نەسلىنى ئەيلە شەرمەندە،
بىرىڭ قىلغىن ئونىڭنى پاش،ھامان ئويغانما ئۇخلاۋەر.
 
ئەدەپ-ئەخلاق نىمە ھاجەت،يامان ياقلارغا يول باشلا،
ئۆزۈڭدىن كۈلدۈرۈپ ياتنى،قاياشنىڭ كۆزىنى ياشلا،
شىلىپ دوست تېرىسىنى سەن،ئۇنى دۈشمەن ئۈچۈن ئاشلا،
ئىلاجىكىم ئاتاڭ يۇرتىغا ئوت قوي،ئۇنى كۆيدۈرۈپ تاشلا،
رەزىللىكتە چىكىڭدىن ئاش،ھامان ئويغانما ئۇخلاۋەر.
 
جاھان«ئويغان»دىسە،تەنھا ئۆزۈم«ئويغانما»دەپ تۇردۇم،
شىرىن خورەك تۈگەرمۇ دەپ تۈمەن مىڭ غەمنى يەپ تۇردۇم،
شۇ ۋەسۋەسسە بىرلە ئەللەيلەپ،داۋام سوسكامنى سەپ تۇردۇم،
چۈشەنگەي سۆزنى خەلقىم دەپ،تۈشەك ئالدىغا كەپ تۇردۇم،
ھامان بولساڭ قاپاقباش سەن،ھامان ئويغانما ئۇخلاۋەر.

مەنبە:«شىنجاڭ تارىخ ماتىرىياللىرى»مەجمۇئەسى


ئويغان 
 [attachment=11481]
موللا نازىم 
غەپلەتتە ياتما ، ئۇخلىما بىخۇت،
كۆز ئاچمىساڭ ئەل بولىسەن نابۇت.
غەرىپتىن ئوغىرلار،شەرقتىن قاراقچى!
تىكىلىپ دەشھەت ، ئاغزىنى ئېچىپ!
تىرىك يۈتۈشچۈن زەھىرىنى چېچىپ!
يىلانغا ئوخشاش پايلاپ يۈرەر،
ساڭا تۇيدۇرماي پىنھان ئىش كۆرەر.
جېنىڭ ئوغىرلاپ،ھۆسنىڭ ئوغىرلاپ،
ئايرىلماقتىسەن گۆھەرلىرىڭدىن،
مىڭ يىل توپلىغان جەۋھەرلىرىڭدىن.
سىنى يۇتماققا تىكىلدى ئەجدىھار،
ئويغان ئۇيقىدىن بىدارلىق دەركار.
 
مەنبە:«تارىم»ژورنىلى

turkizat 2011-07-11 10:42
قالتىس ياخشى يېزىلغان شيئېركەن.

karakax 2011-07-11 10:47
بەك ياخشى شىئېر ئىكەن.رەھمەت

تاھىربەگ 2011-07-11 10:53
نازىمىنىڭ ئاۋۇ شېئىرىنى ئوقۇپ باقماپتىكەن ، كۆپتىن كۆپ رەھمەت

natsist 2011-07-11 13:37
مۇشۇنداق شىئىر يازالايدىغانلارغا بەك ھەۋىسىم كېلىدۇ

xahrizad 2011-07-11 18:36
ئېسىل  يازمىكەن  يوللانمىڭىزغا  رەخمەت

مىسكىن 2011-07-11 19:09
بىرسى ئويغانما دىسە بىرسى ئۇخلىما دەپ قالتىس يېزىلغان شېئىرلاركەن

dralim919 2011-07-11 23:49
ھەي......، بولدىلا!
داۋاملىق ئۇيقۇمنى ئۇخلاي!

muzepper 2011-07-12 01:52
بەك ياخشى يېزىلغان شىئىرلار ئىكەن.
بۇ تېما نادىرلانسا بولغىدەك.

كۈرەش 2011-07-12 10:58
پەيغەمبىرىمىز ئىتقاندەك شىئىردا ھىكمەت بار!!!!!

كۇرۇنمەس 2011-07-12 20:56
شىېىئردەكلا  شېئىركەن...........................ئۇسسىغاندا  زەمزەم ئىچكەندەك بۇلدۇم

dulbarqin310 2011-07-15 12:52
ھەقىقەتەن ياخشى شېئىرلاركەن. لىكىن بايىلا مۇسىبەت خەۋىرىنى كۆرۈگەچكە باشقا ھىچنىمە دىيەلمەيۋاتىمەن.

yaxauyhur 2011-07-16 11:32
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان شىئركەن ...  قېرىنداشلار  ئۇخلامدۇق  ئويغىنامدۇق   تاڭ ئاتتىما  

رىشتە 2011-07-18 10:14
بەك ياخشى يېزىلغان شىئىرلار ئىكەن.

ئاپىرىدە 2011-07-18 18:57
ياخشى شېئېركەن،پەقەت كورۈپ باقماپتىكەنمەن...
رەخمەت سىزگە~

كۆكئاي 2011-07-18 19:27
قوللۇق-تەڭرىنىڭ ئۆزىگە بەرگەن مۇقەددەس ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى بىلمىگۈچىلەرگە بېرىلگەن جازادۇر.]

ما گىپىڭىز ئادەمگە ئامرىكا كىنولېرىدىكى پوپلارنى ئەسلىتىدىكەن راسلا شۇلادىن ئاڭلىۋالمىغانسىز

nazli0998 2011-07-18 19:40
مۇشۇنداق  ئىسىل  تىمىلىرىڭىز  ئۈزلۈپ  قالمىغاي  !

سەكىنە 2011-07-22 23:13
ئاجايىپ ئېسل شېئرلار ئىكەن بۇ .يۈرەكنىڭ بېغىشىغىلا تېگىدىغان شئېر ئىكەن .
ئەجرىڭىزگە رەھمەت قېرىندىشىم !

ناساددا 2011-07-26 18:39
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ، ناھايىتى ياخشى شىئېر  ئىكەن  ئاللاھ رەخمەت كىلسۇن ،  

مەنزىرە 2011-08-06 17:55
بەك ياخشى يېزىلغان شېئىرلاركەن ، نادىرلانسا ،مۇنبەر يۈزىدىن ئايرىلمىسا بولغۇدەك...........

alpacino 2011-08-06 18:22
ئەل ئامان جاھان تىچ ، بىغەم ئۇخلاڭلا  ...  

بۇنداق ئېسىل  شېئىرنى ئوقۇپ باقمىغىلى  خېلى زامان بوپتىكەن  ، تېما  ئېگىسىگە  كۆپ  رەخمەت ..

ئەتتىرگۇل 2011-08-07 03:11
بەك ئېسىل يىزىلغان شېئىر ئىكەن ....رەھمەت سىزگە.
مۇنبەردىن نادىر تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلۇپ قالمىغاي!!

xamxar901 2011-08-07 20:45
كۆپتىن كۆپ رەھمەت.........................

deyarem 2011-08-15 15:55
قالتىس ياخشى

uyokuguqi 2011-08-16 16:26
غەرىپتىن ئوغىرلار،شەرقتىن قاراقچى!

rabiya 2011-08-18 08:47
مەنمۇنلۇق ياخشى شېئىر ئىكەن

rayhan 2011-08-21 01:19
بەك جمجىت بۇلۇپ كەتسىمۇ ئادەم قورقۇپ ئۇخلىيالمايدىكەن دىسە...................

كارۋان21 2011-08-24 22:50
ئافاق غوجا دېگەن مۇناپىق توغۇرلۇقمۇ بىرەر ئەسەر يوللاپ قويسا بولامدۇ قانداق؟

muslima32 2011-08-25 01:14
ھەقىقەتەن ياخشى يېزىلغان شئېر ئىكەن،


查看完整版本: [-- ئويغانما!!!  (رەسىملىك) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.066001 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us