باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1456 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئاپتۇبۇستىكى قىزىقارلىق پاراڭلار
ئەسسالام ئەخمەتجان قاسىم تاغا
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3762
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 32
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە32دانە
ئۆسۈش: 480 %
مۇنبەر پۇلى: 698 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-11
ئاخىرقى: 2011-08-22
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-09 12:49

ئاپتۇبۇستىكى قىزىقارلىق پاراڭلار

رەسىم:
كۈندىكى ئاپتۇبۇس قىستاڭچىلىقىدىن خويمۇ بىزار بولدۇم، سىلەرمۇ شۇنداق ئويلامسىلەر؟ بەزىدە ئاپتۇبوستىكى كىشىلەرنىڭ چىرايىغا قاراپ بەزىدە شۇنداق ئىشلارنى ئويلاپ قالىمەن، بەلكىم ئۇلارمۇ ئويلايدىغاندۇ، قېنى سىلەرمۇ ئويلىغىنىڭلارنى دەپ بېقىڭلار.

بالىلارنىڭ ئويلىغانلىرى:

ۋاي ۋۇي، ما چوڭلار نىمىدىگەن ئەدەبسىز، بىزنى دەسسەپلا ماڭىدىكەن، سومكىلىرىمىز قىسىلىپ قالسا تېخى بىزنى تىللايدىكەن، شۇملار دەپ، بىزدە نىمە ئامال "تاغدەك سومكىنى كۆتۈرۈپ، شۇ تاغلارنى كۇكۇم تالقان قىلغىلى ماڭدۇققۇ!"

تېخى بىز قاراپ تۇرساق ئا بۇرتلۇق ئادەم ئا چىرايلىق ھەدەمگە سوزۇلۇپ قاراۋاتىدۇ(ياق، ماراۋاتىدۇ) نىمىدىگەن، ھەي.ھەي...

مانا، ئا ئاكاش ئاۋۇ ھەدەشنىڭ يېنىدىن ئۆتكەن بولۇپ، بىر يەرلىرىنى سىلىغاندەك قىلىۋاتامدۇ نىمە، بىزنى قىلماڭلار دىگەننىڭ ھەممىسىنى قىلىدىكەن بۇلار، ئاڭلىمىساقمۇ بولغۇدەك، جۈرۈڭلار، بالىلار...
بالا كۆتۈرىۋالغان ئايالنىڭ ئويلىغانلىرى:

"شۇنداق تۇرساممۇ بىرەرى قارىمىدى، ئادەتتە ئۆيدە شۇنداق يىغلايدىغان ما شۇم بۇ يەرگە چقىپ، جىم مېڭىۋاتىدۇ، يىغلا دەيمەن، يىغلا، ئۇھ، ھېچكىم ئورۇن بېرەي دىمىدى، ما ئاپتۇبۇس يا ئاستا ماڭمىدى، سىلكىنىپ، قانداق ماڭامەن ئەمدى"

قىزلارنىڭ ئويلىغانلىرى:

"توۋا، ما كىشىلەر نىمىدىگەن سەت قارايدۇ، ئادەمگە، بۇ كىيىممنى ئاپام بەك ئوچۇقكەن، كىيمەڭ، دىسە ياق دەپ كىيىۋاپتىكەنمەن، ما ئادەم ھەجەپ ئوچۇق يەرلىرىمگە قارىغاندەكلا بىلىنىۋاتىدا، ۋاي، كىم تۇتتى مېنى، تۇيە، ئۇچۇق كىيىم كىيگەنگە. ما ئارقامدىكى ئادەم يەنە سىلىسا، ئىگىز پاشىنىلىق ئايىقىم بىلەن بىرنى قويايمىكىن، ئۆتكەندە، ماھىرەنىمۇ بىرى شۇنداق بوزەك قىپتىكەندۇق، نىمە قىلىۋاتىسەن، دىسە: سەن نىمە قىلىۋاتىسەن، كۆزۈمگە قاراپ، قولۇمنى سىلايسەنغۇ، دەپ بىردەمدە گۇناھنى ئۇنىڭغا ئارتىپ قويۇپتۇ، ئۇ پوق ساقال، قىز بالا بولماق نىمەدىگەن تەس. ئۆزىمىزگىغۇ ئاز، مۇشۇ كىيىملەر بىلەن ئاپتۇبۇسقا چىققاندىكىن"
چوڭلارنىڭ ئويلىغانلىرى:

"يائاللا، ھازىرقى زاماننىڭ بالىلىرى نىمە بولۇپ كېتىۋاتقاندۇ؟ بىز قاراپ تۇرساق ......قىلىشىپ، ۋاييەي، بىزنىڭمۇ ياشلىقىمىز ئۆتكەن، شۇنداق ئۇياتچان ئىدۇق، چوڭلار بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى ئۇقسا خۇددى بىر ئىش بولىدىغاندەك، ھازىر باشلانغۇچنىڭمۇ بالىلىرى سۆرۈشۈپ يۈرگەن، ئورۇن بېرىش ئېغىر كېلىپ، يېنىغا كېلىپ بولغۇچە تېلفوننى چىڭ قۇچاقلاپ ئولتۇرىدىكەن، سۆزلەشكەندەك، يا بولمىسا ئۇخلىغان بولىۋالىدىكەن، ۋاي باللىرىم، بىزگە ئورۇنمۇ كېرەك ئەمەس، چىققان گۇناھ بىزدە بولغاندىكىن، ئۆزىمىز تۇرۇپ قايتايلى، ئۇھ..."

ئەرلەرنىڭ ئويلىغانلىرى:

"كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك قىزلار، چوكانلار چىقىدىغان بولۇپ كەتتى ھازىر، ئاپتۇبۇسقا، قاچاي دىسەڭمۇ، ماگنىتتەك چىڭ چاپلىشىپ تۇرغان بەزىلەر، ھەي...... مۇشۇ نەپسىمىزنى يىغقان بولساق، قىزلىرىمىزنى قوغدىغان بولساق دەپمۇ ئويلايمەن، لېكىن ئاشۇ، يەنىلا كېتىپ قالىمەن..ھىھ..ھىھ...."
ئەسسالام ئەخمەتجان قاسىم تاغا
دوستلىشىش
dulbarqin310
ئاللاھ خالىسا كۈلۈپ ياشايمەن.
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5357
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 917
ئۇنۋان:مۇنبەرداش ھازىرغىچە917دانە
ئۆسۈش: 530 %
مۇنبەر پۇلى: 9643 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-31
ئاخىرقى: 2012-01-08
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-07-09 16:12

ھەقىقەتەن قىزىقارلىق پاراڭلار ئىكەن.
دانالار توغرا ئېيتقان ئۆمۈر ئاتقان ئوق،
ھەممىمىز ئۆلۈپ كېتىمىز بۇنىڭ دورىسى يوق.