查看完整版本: [-- ئاپتۇبۇستىكى قىزىقارلىق پاراڭلار --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> يۇمۇر لەتىپىلە -> ئاپتۇبۇستىكى قىزىقارلىق پاراڭلار [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ataman411 2011-07-09 12:49
كۈندىكى ئاپتۇبۇس قىستاڭچىلىقىدىن خويمۇ بىزار بولدۇم، سىلەرمۇ شۇنداق ئويلامسىلەر؟ بەزىدە ئاپتۇبوستىكى كىشىلەرنىڭ چىرايىغا قاراپ بەزىدە شۇنداق ئىشلارنى ئويلاپ قالىمەن، بەلكىم ئۇلارمۇ ئويلايدىغاندۇ، قېنى سىلەرمۇ ئويلىغىنىڭلارنى دەپ بېقىڭلار.

بالىلارنىڭ ئويلىغانلىرى:

ۋاي ۋۇي، ما چوڭلار نىمىدىگەن ئەدەبسىز، بىزنى دەسسەپلا ماڭىدىكەن، سومكىلىرىمىز قىسىلىپ قالسا تېخى بىزنى تىللايدىكەن، شۇملار دەپ، بىزدە نىمە ئامال "تاغدەك سومكىنى كۆتۈرۈپ، شۇ تاغلارنى كۇكۇم تالقان قىلغىلى ماڭدۇققۇ!"

تېخى بىز قاراپ تۇرساق ئا بۇرتلۇق ئادەم ئا چىرايلىق ھەدەمگە سوزۇلۇپ قاراۋاتىدۇ(ياق، ماراۋاتىدۇ) نىمىدىگەن، ھەي.ھەي...

مانا، ئا ئاكاش ئاۋۇ ھەدەشنىڭ يېنىدىن ئۆتكەن بولۇپ، بىر يەرلىرىنى سىلىغاندەك قىلىۋاتامدۇ نىمە، بىزنى قىلماڭلار دىگەننىڭ ھەممىسىنى قىلىدىكەن بۇلار، ئاڭلىمىساقمۇ بولغۇدەك، جۈرۈڭلار، بالىلار...
بالا كۆتۈرىۋالغان ئايالنىڭ ئويلىغانلىرى:

"شۇنداق تۇرساممۇ بىرەرى قارىمىدى، ئادەتتە ئۆيدە شۇنداق يىغلايدىغان ما شۇم بۇ يەرگە چقىپ، جىم مېڭىۋاتىدۇ، يىغلا دەيمەن، يىغلا، ئۇھ، ھېچكىم ئورۇن بېرەي دىمىدى، ما ئاپتۇبۇس يا ئاستا ماڭمىدى، سىلكىنىپ، قانداق ماڭامەن ئەمدى"

قىزلارنىڭ ئويلىغانلىرى:

"توۋا، ما كىشىلەر نىمىدىگەن سەت قارايدۇ، ئادەمگە، بۇ كىيىممنى ئاپام بەك ئوچۇقكەن، كىيمەڭ، دىسە ياق دەپ كىيىۋاپتىكەنمەن، ما ئادەم ھەجەپ ئوچۇق يەرلىرىمگە قارىغاندەكلا بىلىنىۋاتىدا، ۋاي، كىم تۇتتى مېنى، تۇيە، ئۇچۇق كىيىم كىيگەنگە. ما ئارقامدىكى ئادەم يەنە سىلىسا، ئىگىز پاشىنىلىق ئايىقىم بىلەن بىرنى قويايمىكىن، ئۆتكەندە، ماھىرەنىمۇ بىرى شۇنداق بوزەك قىپتىكەندۇق، نىمە قىلىۋاتىسەن، دىسە: سەن نىمە قىلىۋاتىسەن، كۆزۈمگە قاراپ، قولۇمنى سىلايسەنغۇ، دەپ بىردەمدە گۇناھنى ئۇنىڭغا ئارتىپ قويۇپتۇ، ئۇ پوق ساقال، قىز بالا بولماق نىمەدىگەن تەس. ئۆزىمىزگىغۇ ئاز، مۇشۇ كىيىملەر بىلەن ئاپتۇبۇسقا چىققاندىكىن"
چوڭلارنىڭ ئويلىغانلىرى:

"يائاللا، ھازىرقى زاماننىڭ بالىلىرى نىمە بولۇپ كېتىۋاتقاندۇ؟ بىز قاراپ تۇرساق ......قىلىشىپ، ۋاييەي، بىزنىڭمۇ ياشلىقىمىز ئۆتكەن، شۇنداق ئۇياتچان ئىدۇق، چوڭلار بىزنىڭ ئىشلىرىمىزنى ئۇقسا خۇددى بىر ئىش بولىدىغاندەك، ھازىر باشلانغۇچنىڭمۇ بالىلىرى سۆرۈشۈپ يۈرگەن، ئورۇن بېرىش ئېغىر كېلىپ، يېنىغا كېلىپ بولغۇچە تېلفوننى چىڭ قۇچاقلاپ ئولتۇرىدىكەن، سۆزلەشكەندەك، يا بولمىسا ئۇخلىغان بولىۋالىدىكەن، ۋاي باللىرىم، بىزگە ئورۇنمۇ كېرەك ئەمەس، چىققان گۇناھ بىزدە بولغاندىكىن، ئۆزىمىز تۇرۇپ قايتايلى، ئۇھ..."

ئەرلەرنىڭ ئويلىغانلىرى:

"كۆزنىڭ يېغىنى يىگۈدەك قىزلار، چوكانلار چىقىدىغان بولۇپ كەتتى ھازىر، ئاپتۇبۇسقا، قاچاي دىسەڭمۇ، ماگنىتتەك چىڭ چاپلىشىپ تۇرغان بەزىلەر، ھەي...... مۇشۇ نەپسىمىزنى يىغقان بولساق، قىزلىرىمىزنى قوغدىغان بولساق دەپمۇ ئويلايمەن، لېكىن ئاشۇ، يەنىلا كېتىپ قالىمەن..ھىھ..ھىھ...."

dulbarqin310 2011-07-09 16:12
ھەقىقەتەن قىزىقارلىق پاراڭلار ئىكەن.

saifulla 2011-07-09 16:46
سەيفۇللا نىڭ ئويلىغانلىرى :مۇشۇ ياشانغانلار مۇ قىززىق.. ئاپتۇبۇستا شۇنچە ئادەمنىڭ قىستىلىشىپ تۇرغىنىنى كۆرۈپ تۇرۇپمۇ  خۇددى ئادەم يوقتەك خاتىرجەم چىقىپ  ئالدىدا ئولتۇرغانلارنىڭ كۆزىگە -قوپە! بۇئورۇن مىنىڭ' دىگەندەك قاراپ تۇرغان  ئورۇن بەرمىسىڭز تىخى ...  ياش بولغاندىنكىن دەمسىلە؟ .. ياش بولغان گۇنامىكەن ،ياشمۇ چارچايدۇدە. خىزمەت قىلىدۇدە... سەل ئادەم ئازلىغان ۋاقىتتا چىقسىمۇ بۇلىدىۇ قېرى بولغاندىن كىيىن...            

                                                                                        شۇنداققۇ ھە كۆۋرۈك قېرى؟

ataman411 2011-07-09 17:00
ماگەپنى ناۋاتتەك قىلدىڭلا جۇما ، ئىشتىن چۇشسەم ئاپتۇبۇستا لىق قىرىلا نەگە باراكىن دەيمەن ، بىر توپ بۇلاپ ، شۇڭلاشقىغۇ ھازىر ماشىنا ئىلىۋالدىم ، ھادۇقۇم چىقىپ قالدى جۇمۇ !

muzepper 2011-07-10 07:45
قىزىقارلىق گەپلەر ئىكەن ئەمما ھەممىسى كۈندۈلۈك تۇرمۇشۇمىزدا ئۇچراپ تۇرىدىغان ئىشلار ئىكەن.

kuwruk 2011-07-10 13:06
[quote]بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى saifulla نىڭ 2011-07-09 16:46 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل   :
گۇنامىكەن ،ياشمۇ چارچايدۇدە. خىزمەت قىلىدۇدە... سەل ئادەم ئازلىغان ۋاقىتتا چىقسىمۇ بۇلىدىۇ قېرى بولغاندىن كىيىن...            

                                                                                        شۇنداققۇ ھە كۆۋرۈك قېرى؟
------بىزنىڭ شەھەردە ياشلار قىرىلارغا ئۇرۇن بىرىدۇ،،،،،لىكىن ئاپتۇۋۇز شۇپۇرلىرى يالغۇز قىرى ئاداملەر بىكەتتە ساقلاپ تۇرسا تۇختىماي ئۇتۇپ كىتىدۇ،،،چۇنكى قىرىلىق كىنىشكىسى بىلەن ئاپتۇۋۇزغا چىقىمىز ئەمەسمۇ؟


查看完整版本: [-- ئاپتۇبۇستىكى قىزىقارلىق پاراڭلار --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.052225 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us