رەسىم:
ئەقلىمنى بىلسەم ئۆيدە ئاپام بىلەن ئۇكام بار ئىكەنتۇق.دادامنىڭ قانداق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلمەيتىم.مەكتەپ پۈتتۈرۈپ قەشقەرنىڭ مەلۇم بىر كەنتىگە خىزمەتكە چۈشتۈم ، بىزدەك شەھەردە ياغنىڭ ئىچىدىكى بۆرەكتەك چوڭ بولغان باللا ، قانداقمۇ ئۇيەرنىڭ تۇرمۇشىغا كۈنەلىسۇن ، ھايات ئەجەپ بۇلىدىكەن ، بىر كۈنى مەن خىزمەتداشلىرىم بىلەن سىرتتا تاماقتا بىللە بوپقالدۇق ، مەلۇم بىر ئاشپۇزۇلغا كىردۇق ، تاماق بۇيرۇتقاش ياندىكى ئۈستەلدە تاماق يەۋاتقان بىر قىز غا كۆزۇم چۈپقالدى ، ئىشقىلىپ قانداق قىلىپ تۇنۇشۇپ قالغىنىمنى تازا ئىسىمگە ئالالمىدىم ، شۇنداق قىلىپ بۇقىز بىلەن مۇھەببەت قاينىمىغا غەرىق بولدۇم ، 1يىل ئارلاشكاندىن كىيىن توي قىلىش تەكلىپىنى قويدۇم شۇنداق قىلىپ ئۆيىگە مىنى باشلىماقچى بولدى، ئۆيگە باردىم ،مەن بارغان دا ئۆيدە چوڭلا يوق ئىكەن ، ئاكىسى بار ئىكەنتۇق ، سالاملاشقاندىن كىيىن ھويلىدىكى كارۋاتتا ئولتۇرۇشقا تەكلىپ قىلدى. ئۆي ئاددى ئەمما چىرايلىق بىزەلگەن ، ھويلىدىكى كارۋاتتا بۈشۇك بارئىكەن بۈشۇكتە بىر نەچچە ئايلىق بولغان بۇۋاق ئۇخلاۋىتىپتۇ ، مىنىڭ كەلگىنىمدىن ئويغۇنۇپ كەتتى ، بۈشۈكنى تەۋرىتىپ ئۇخلۇتۇپ قويۇپتمەن،ھاياتىمدا تۇنجى قىتىم بالا ئۇخلىتىشىمكەن ، بىرتەرەپتىن ئۆزەمگە كۈلگۈم كەلكەتتى. تۇيۇقسىز دەرۋازىنىڭ ئىشىكى ئېچىلدى . مىنى كۆرگەن كەلگۈسى قىيىن ئاتا-ئانام جايىدا قىتىپلا قالدى . مەن خىجىللىقتىن بىشىمنى كۆتۈرەلمىدىم . قىيىنئاتام يىنىمغا كىلىپ بالام ئەسسالاممۇئەلەيكۇم دىدى ، مەنمۇ ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام دەپ يۇقۇرىغا ئۆتۈشكە شەرەت قىلدىم ، يۇقۇرىغا چىقىپ دۇئاغا قول كۆتەردۇق ، ئاندىن مەندىن ئائىلەم ئەھۋالىنى سورىدى ، مەن قاراماي شەھەردىن كەلگىنىمنى ئاندىن ئاپام ،ئۇكام بارلىقىنى ، دادامنىڭ كىچىك ۋاقتىمدا ئۆلۈپ كەتكىنىنى ، شۇندىن باشلاپ ئاپامنىڭ قايتا ئۆيلەنمەي يالغۇز ياشاپ كەلگىنىنى سۆزلەپ بەردىم ، ئاپام بىلەن ئۇكامنىڭ ئىسمىنى سورىدى ، مەن دەپ بەردىم ، تۇيۇقسىز بالام دەپ قۇچاقلاپ مەڭزىلىرىمگە سۆيۈپ كەتتى ، بولغۇسى ئايالىم ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلە ،ماڭغا ھەيرانلىق بىلەن قارىدى ، مەن ئۆزەممۇ نىمىش بىلمىدىم ، قىيىنئاتام يىغلاپ بېسىقتى ، مەن نىمىش بوپكەتتى بۇ دىدىم ئىچىمدە ،مەندە پەقەت ئىنكاس يوق ئىدى ،ئاندىن مەندىن قايتا قايتا كەچۇرۈم سوراپ كەتتى ، مەن ھەيرالىق بىلەن :< نىمىشقا مەندىن كەچۈرۈم سورايسىز !>دىدىم ، ئۇ ئادەم :<مەن سىنىڭ داداڭ > دىدى . مەن كۈلگەن ھالدا :<خاتا تۇنىۋالدىڭىزمۇ نىمە ؟ >دىدىم ،قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن ، ئاپام داداڭلا ئۆلۈپ كەتتى ، دىگەن تۇرسا ، بۇ ئاداشنىڭ سەل دەدى بامۇ نىمە ؟ دىدىم ئىچىمدە " ماڭغا بولغان ئىشلانى بىرەر قۇر سۆزلەپ بەردى ، مەن سۇلغۇن ھالدا ،بولغۇسى ئايالىم ۋە ئۇنىڭ ئۆيىدىكىلىرىگە خوشمۇ دىمەي ماشىنامنى ھەيدەپ يۈرۈپكەتتىم ، كەينىمدىن بولغۇسى ئايالىم يۈگۈرۈپ چىقتى ، ئەپسۇس مەن يولۇمغا راۋان بۇلىۋەردىم . ئۇدۇل ياتاققا باردىم ،مەن دۇنيادا مىھرىبان، ئىككى بالىنى قاتارغا قوشقان مەزلۇم ئاپامغا تېلفۇن قىلدىم.ۋە ئىشنىڭ جەريانىنى سۆزلەپ بەردىم . ئاپام ئۇكاملا كەلمەكچى بولدى . ئەتىسى ئايروپىلان بىلەن كەلدى ، ئاپام بىلەن ئۇكامنى بىرنەچچە ئاي كۆرمىگەچكىمىكىن ، خىلى ئۇزاق قۇچاقلىغانچە يىغلىشىپ كەتتۇق ، ئاندىن ئاشپۇزۇلغا بېرىپ تاماق يىدۇق ۋە يىلىقى مىنى بالام دەۋەلغان ئاتالمىش دادىنىڭ ئۆيىگە ئەلچىلىككە باردۇق ، ئۇلار بىزنى كۆرۈپ ھەيران قالدى. مەن توي قىلدىم . بالىلىق بولدۇم ، ئەمما ھىيىت-بايرامدىن باشقا ۋاقىتتا ئاتالمىش دادام ئەمما قىيىن ئاتامنىڭ ئۆيىگە زادى بارمىدىم مىنىڭ ئايالىم ، ئاتالمىش دادامنىڭ ئۆگەي بالىسىكەن . مانا مەن شۇنداق قىلىپ خىزمىتىمنى يەنە ئۆزەم تۇرغان شەھەرگە يۆتكۈدۈم ،ئايالىم ۋە بالام ئۈچىمىز ھازىر خاتىرجەم ياشاۋاتىمىز . ھايات ھەقىقەتەن ئادەمگە چاقچاق قىلىدىكەن،26يىل مابەينىدە دادام بارلىقى ئىسىمگە كەلمەيتى ئەمدى مىنىڭ دادام مىنىڭ قىيندادام بوپقالدى.
تۈگىدى.
(ئەسكەرتىش:تۇنجى قىتىم ئەسەر يوللۇشۇم قاملاشماي قالغان يەرلىرى بولسا تۈزۈتۈپ ئوقۇشۇڭلانى ئۈمۈت قىلىمەن . رەخمەت)