باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3529 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئەڭ يىڭى تەتقىقات نەتىجىسى: ئۇيغۇرلار ...
دوستلىشىش
muhtarbay
ئارسلان ئىكەنسەن ئارسلاننىڭ بەدەلىنى تۆلەيسەن.
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5216
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 542
ئۇنۋان:تېرىشچان ھازىرغىچە542دانە
ئۆسۈش: 2100 %
مۇنبەر پۇلى: 7644 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-26
ئاخىرقى: 2012-05-10
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-29 13:07

ئەڭ يىڭى تەتقىقات نەتىجىسى: ئۇيغۇرلار ...

مەنبە: [جېك بىلوگىدىن كۆچۈرۈلمە. http://jeckblog.com]
 
بۇ ماقالا ئامرىكىدا چىقىدىغان ئىلىم -پەن(Science ) ئىلمى ژورنىلى 4-ئاينىڭ 21-كۈنىدىكى سانىنىڭ «يىڭى فوكۇس»(NEWS FOCUS) سەھىپىسىدە خەۋەر تەرىقىسىدە بىرىلگەن.تەتقىقات نەتىجىسى  بۇ يىل ئېچىلغان ئامرىكا ئارخىئولۇگىيە جەميىتىنىڭ 76-قېتىملىق يىللىق يىغىلىشىدا جامائەتكە سۇنۇلغان.  ماقالا شۇ پېتى تەرجىمە قىلىندى.
ئەسلى مەنبە:
Science 22 April 2011:
Vol. 332 no. 6028 pp. 416-417
DOI: 10.1126/science.332.6028.416-a 

 
قاقاس يايلاق تەكتىدە، مۇڭغۇلدا قالدۇق ھەيراندا
Beneath a Barren Steppe, a Mongolian Surprise
بۇ يىل ئېچىلغان ئامرىكا ئارخىئولۇگىيە جەميىتىنىڭ يىللىق يىغىلىشىدا مەركىزى موڭغۇلىيەنىڭ ئورخۇن جىلغىسى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى ئورۇنلاردا كەڭ كۆلەمدە ئولتۇراقلاشقان ئورۇنلار بايقالغانلىغى ۋە ۋاقىت جەھەتتىن بۇ ئولتۇراق رايۇنلارنىڭ مىلادى  8-،9-ئەسىر ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئىمپيرىيسى (Uigher empire) دەۋرىگە توغرا كىلىدىغانلىغى ئىلان قىلىنغان بولۇپ، بۇندىن بۇرۇن بۇ يىراق رايۇنلاردا  كەڭ كۆلەمدە ئولتۇراقلىشىش بولغانلىغى مەلۇم ئەمەس ئىدى.
موڭغۇل ئىمپرىيسى دۇنيا تارىخىدا ئۆتكەن ئەڭ باي ۋە چوڭ بولغان ئىمپرىيەلەرنىڭ بىرى بولۇپ ئۇنىڭ تىرىتورىيەسى موڭغۇلىيەنىڭ يايلاقلىرىنى مەركەز قىلىپ ۋېيتنامدىن ۋىنگىرىيەگىچە سوزۇلغان. چىڭگىزخان ھەتتا غەربى ياۋرۇپاغىمۇ تەھدىت سالغان ئىدى. شۇڭلاشقا بۇرۇن موڭغۇل پايتەختى قاراقۇرۇم (Karakorum) نى قىزىپ چىققان بون ئۇنۋېرسىتى (University of Bonn ) ئارخىلوگى جەن بېممان (Jan Bemmann) يىقىندا يىراق ئورخۇن جىلغىسىدا چوڭ كۆلەمدىكى قەدىمقى ئولتۇراقلىشىشنى بايقىغاندا ئۇ ئولتۇراقلىششىنى 13-ئەسىردىكى موڭغۇلىيەنىڭ گۈللەنگەن دەۋرىگە توغرا كىلىدۇ دەپ پەرەز قىلغان. لېكىن ئۇنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغىنى، ئۇ بۇ غايەت زور ئولتۇراق رايون ۋە ئەتراپىدىكى جايلارنىڭ  ۋاقىت جەھەتتىن بۇرۇن بۇ جايدا كەڭ كۆلەمدە ئولتۇراقلاشقانلىغى مەلۇم بولمىغان مىلادى  8-،9-ئەسىر ئەتراپىدىكى ئۇيغۇر ئىمپيرىيسى دەۋرىگە توغرا كىلىدىغانلىغىنى بايقىغان. «بىز ئەسلى نۇرغۇنلىغان موڭغۇل توپا دۆۋىلىرىنى بايقايمىز دەپ ئويلىغان ئىدۇق، لېكىن پۈتۈنلەي خاتالىشىپتىمىز» دەيدۇ  ئارخىلوگ جەن بېممان يىغىندىكى دوكلاتىنى ئاخىرلاشتۇرغاندا.


رادار نوقتىسىدىن بەك يىراقلىغى ۋە يەر يۈزى شەكلىنىڭ كەمتۈكلىگى تۈپەيلىدىن بۇ چاققىچە موڭغۇلىيەنىڭ نۇرغۇنلىغان يەرلىرى رادارنىڭ تەكشۇرۇشىدىن چۈشۈپ قالاتتى. لېكىن ئارخىلوگ جەن بېممان ۋە يىڭى بىر ئەۋلاد تەكشۈرگۈچىلەر يىراق، ئادەملەر ئاز ئولتۇراقلاشقان رايۇنلارنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن يىڭى ئىلغار تېخنىكا ئىشلەتكەن. بۇ گېرمان قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئۈمىكى بىر سەككىز قانات (octocopter) ، يەنى ئىچى نۇرغۇنلىغان ئەسۋاپلارغا لىق تولغان كىچىك تىپتىكى تىك ئۇچارنى قويۇپ بىرىپ ئۇ ئارقىلىپ يەر يۈزىنىڭ رەقەملىك مودىلىنى قۇرغان. تۈۋەندە بولسا دەرىجىدىن تاشقىرى ئۆتكۈزگۈچلۈك كۇۋانتۇم كاشىلا ئەسۋابى (superconducting quantum interference devices) ئارقىلىق يەر يۈزىنىڭ، تىز، يۇقىرى ئىنىقلىقتىكى ماگىنىت مەيدانىغا رەسىمىگە ئىرىشكەن. بۇ ئىرىشكەن مەلۇماتلار  بولسا يەر يۈزىنىڭ ئاستىدىكى قۇرۇلمىنىڭ تەپسىلى خەرىتىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ، چۇنكى چىڭ مۇستەھكەم قۇرۇلمىلار ئاەتتىكى تۇپراققا نىسبەتەن مانا مەن دەپلا كۈرۈنۇپ تۇرىدۇ. «مۇڭغۇللار بىزنى مازاق قىلىپ كۈلۈشۈپ كەتتى»، دەيدۇ  جەن بېممان ، « ئۇلار بۇ يەردە ھىچنىمە يوق دىيىشىتى».
لېكىن ئىشلەتكەن يۇقىرى تېخنىكا ئەسۋاپلىرى شۇنى كۆرسەتتىكى، بۇ يەرگە تىك-تۆت بولۇڭ شەكلىدە تامدا قورشالغان، يەر مەيدانى 30 كۇۋادىرەت كىلومىتېر دائىرىسىدا بولغان ئولتۇراق رايۇن جايلاشقان بولۇپ ئىسمى قارابالغاش( Kharbalgas)، بۇ ئورۇننىڭ يەر مەيدانى موڭغول پايتەختى قاراقۇرۇمدىن 10 ھەسسە چوڭ. ئۇنىڭ ئەتراپىدا يەنە نۇرغۇنلىغان توخۇمىسمان تاملار بولۇپ بۇ بەلكىم ئات-ئۇلاق قوتىنى بولىشى مۇمكىن. بۇ ئورۇننىڭ ئىنىق ۋاقىت دەۋرىنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ تەكشۈرۈشكە توغرا كىلىدۇ، لېكىن بەزى قىزىپ چىقىلغان چىنە ۋە باشقا ئاسارە ئەتىقىلەر بۇ ئولتۇراق رايۇننىڭ ئۇيغۇر ئېمپېرىيسى ( Uigher empire)دەۋرىگە توغرا كىلىدىغانلىغىنى كۆرسەتتى. ئۇيغۇرلار تۈركى خەلىقلەر بولۇپ ئۇلار شۇ دەۋىردە موڭغۇلىيەنى كونتىرول قىلغان ۋە جۇڭگۇغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. ئۇلارنىڭ يېزىقى، تىلى ۋە مەدىنىيتى كىيىنكى دەۋىردىكى موڭغۇللارغا كۆچلۈك تەسىر كۆرسەتكەن. لېكىن ھىچكىم ئۇلارنى بۇ رايۇندا شەھەرلەرنى قۇرغان دەپ ئويلاپ باقمىغان.
باشقا تەكشۈرۈشلەر يەنە شۇ جىلغىدا نۇرغۇنلىغان ئولتۇراق رايۇن نوقتىلىرىنى كۆرسەتتى. «بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدىغان يىڭى ئۇچۇر ئىكەن » دەيدۇ  ئۇيغۇر ئېمپېرىيسى دەۋرى تارىخى مۇتەخەسسىسى،  ۋاشىڭتوندىكى سىمىسونىيان ئىنستىتوتى تەبىئەت تارىخى دۆلەتلىك مۇزىيى (the Smithsonian Institution National Museum of Natural History in Washington, D.C) دىن  ئارخىلوگ دەن روجىرز ( Dan Rogers) « موڭغۇللارغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، ئۇيغۇرلار ئوخشىمىغان سىتىراتىگىيە بىلەن موڭغۇلىيەدىكى ئەڭ چوڭ شەھەرلەرنى قورۇپ چىقىپتىكەن. موڭغۇللار يايلاق تۇرمۇشىنىڭ تەلىۋى بىلەن شەھەرلەردىن يىراق ياشايدۇ ». موڭغۇلىيەدە جىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان، كالىفورنىيەنىڭ پالو ئالتودىكى ستانفورد ئۇنۋېرسىتىنىڭ ئارخلوگى جۇشۇۋا رايت ( Joshua Wright) يەنە بۇ يىڭى بايقاشلار يىراق يايلاقلاردا يۇقىرى پەن-تېخنىكا ئەسۋاپلىرىنى ئىشلىتىشىنىڭ قىممىتنى بىلدۈردى دىدى.
جەن بېممان يەنە بون ئۇنۋېرسىتىدىن  Hans-Georg Hüttel ۋە ئۆزىنىڭ موڭغۇل كەسىپدىشى  Ulambayar Erdeneba قاتارلىقلارنىڭ يەنە بۇ شەھەرنىڭ پىلان قىلىنىشى ۋە بىنالىرىنىڭ رولى توغرىلىق تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلارنى تېپىش ئۈچۈن بۇ شەھەرنى قىزىۋاتقانلىغىنى بىلدۈردى.

مەنبە:.ئىزدىنىش مۇنبىرى
دوستلىشىش
ohho~duqu
kvlgenning hemmisi dost emes
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5343
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 632
ئۇنۋان:كۆيۈمچان ھازىرغىچە632دانە
ئۆسۈش: 150 %
مۇنبەر پۇلى: 6641 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-12-30
ئاخىرقى: 2012-05-06

بۇ بىزنىڭ تارىخمىزنىڭ تېخىمۇ ئۇزۇنلىقىنى بىلدۈرىدۇ
man kangsay azasian
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8025
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 78
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە78دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 820 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-25
ئاخىرقى: 2011-08-15
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-29 23:57

بىزنىڭ تارىخىمىز ھەقىقەتەن ئۇزۇنكەن.
ئۆزۇمنىڭ ئۇيغۇر مىللىتى ئىكەن لىكىمدىن پەخىرلىن ..
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1367
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 268
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە268دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 2875 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-08-31
ئاخىرقى: 2012-05-07
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-30 11:41

ئەجداتلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن نۇرغۇن مەدەنىي مىراسلار بىزنىڭ شانلىق تارىخمزنىڭ شاھىدىدۇر.
دوستلىشىش
oghuzkhan
مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن -- ئوغۇزنامە
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2866
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 338
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە338دانە
ئۆسۈش: 230 %
مۇنبەر پۇلى: 1995 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2012-05-11
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-30 11:58

khar balgas -ئوردا بالىق  قەدىمى ئۇيغۇر ئىمپىرىيىسىنىڭ پايتەختى بولغان .بۇنداق جايلارنى موڭغۇل يايلىقلىرىدىن كۆپ ئۇچرىتىش مۈمكىن 
Men Uyghurlarning Khakanimen
دوستلىشىش
oghuzkhan
مەن ئۇيغۇرلارنىڭ خاقانىمەن -- ئوغۇزنامە
دەرىجە: تىرىشچان ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 2866
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 338
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە338دانە
ئۆسۈش: 230 %
مۇنبەر پۇلى: 1995 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-11
ئاخىرقى: 2012-05-11
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-30 12:04




Men Uyghurlarning Khakanimen
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 1661
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 19
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە19دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 190 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-09-08
ئاخىرقى: 2011-09-17
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-30 14:54

مەنچە بىز ئۇيغۇرلارنى ئىبراھىم پەيغەمبەرنىڭ ئەۋلاتلىرىدىنمىكىن دەپ ئويلايمەن. نەسبىمىزغۇ ئادەم ئاتىغا تۇتىشىدۇ. شۇ تارىختىكى ئۇيغۇرلار ھەممسىى قارا تۇپراق ئاسىتىغا كۈمۈلۈپ كەتتى دە.
دوستلىشىش
ئۈمىدسىزلىنمەن
دېسەم تىلىم كۆيىدۇ،دېمىسەم دىلىم...
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7732
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 37
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە37دانە
ئۆسۈش: 450 %
مۇنبەر پۇلى: 730 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-05
ئاخىرقى: 2012-03-10
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-30 21:09

رەخمەت سىزگە ياخشى تېمايوللاپسىز!
ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم قىرانداشلىرىم!  
دېسەم تىلىم كۆيىدۇ،دېمىسەم دىلىم...
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8025
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 78
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە78دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 820 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-25
ئاخىرقى: 2011-08-15
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-01 11:41

بەك ياخشى تېمما.
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3301
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 334
ئۇنۋان:ياراملىق ھازىرغىچە334دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 1750 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-10-28
ئاخىرقى: 2012-05-10
9-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-07-11 16:54

مەن ئىنكاسىم ئارقىلىق  ساقلىۋالاي  كۆپ رەىمەت  تېما ئىگىسى