باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 3588 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: سۈكۈتتىكى تىنىق(تۈن لىرىكىسى)
ئۈمىد ئۆلۈمنى يېڭىدۇ، كۆرەش زۇلۇمنى...
دەرىجە: چولپان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 39
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 11
ئومۇمىي يازما: 714
ئۇنۋان:قەلىبداش ھازىرغىچە714دانە
ئۆسۈش: 1870 %
مۇنبەر پۇلى: 5868 سوم
تۆھپىسى: 85 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-30
ئاخىرقى: 2011-08-18
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2010-06-02 12:06

سۈكۈتتىكى تىنىق(تۈن لىرىكىسى)

رەسىم:
سۈكۈتتىكى تىنىق
نىيازئەلى ئادىل(تۈن لىرىكىسى)
تاپالمىدىم تۇمانلار ئارا،
شۇنچەئىزلەپ ۋەسلىڭنى نىگار،
كۆزلىرىمدىن تۆكىلەر يامغۇر،
يۈرەكلىرىم سۈكۈتتە ياتار.
ھۆكۈم سۈردى تىنىچلىق بۇ دەم،
سېغىنىشلىق قەلىبلەر ئارا.
چوقۇم ئېسىيان كۆتىرەر سۆيگۈم،
تىلەكلىرىم بولغاندا ئادا.
بارسام دەيمەن ئۇچۇپ يېنىڭغا،
باغرىم بېسىپ سۆيسەم لىۋڭگە.
تۇيدۇرماستىن جىمى ئالەمگە،
تۈن نىسپىدە كىرسەم چۈشۈڭگە.
سېغىنىشلار دولقۇنلار بۇدەم،
قايسى چاغدا تاشقىنلار كۈتۈش.
ئىككى يۈرەك رىشتىسى ئارا،
ھۆكۈم سۈرەر ئازاپلىق ئۇنتۇش.
2007-يىلى 3-ئاپىرىل سەيشەنبە
ئالتاي ۋىلايىتى
مەيلى مىنى كۈتەلمىسەڭمۇ
سېغىنىمەن سىنى ھەر سەھەر،
جامالىڭنى كۆرەلمىسەممۇ.
تەلمۈرەرمەن يولۇڭغا ئۇزاق،
مىنى يوقلاپ كىلەلمىسەڭمۇ.
كۈلكىلەرگە كۆمدۈم قايغۇنى،
يار سىنىڭسىز كۈلەلمىسەممۇ.
ئۈمۈتۋار بوپ ياشايمەن ھامان،
گەرچە مىنى سۆيەلمىسەڭمۇ.
بىلىپ كەلدىم سىنى يارىم دەپ،
مىنىڭ بىلەن ئۆتەلمىسەڭمۇ.
مەن كۈتىمەن سىنى مەڭگۈگە،
مەيلى مىنى كۈتەلمىسەڭمۇ.
2008-يىلى 19-ئىيون پەيشەنبە
ئالتاي قابا ناھىيسى
[ tvnlirikisiتەرىپىدىن2010-11-13 01:45قايتا تەھرىرلە ]
ئاھ،ئاتىلار جەڭلەردە شېھىت،
بىز بەزمىدە ئاتالدۇق يىگىت.
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 113
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 14
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە14دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 14 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-06-02
ئاخىرقى: 2010-06-02
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2010-06-03 00:00

كىچىك مۇھەممەتجان راشىدىن دېسەك بولغۇدەككەن سىزنى!  غەيرەت قىلىڭ جۇمۇ!