ئۇلار ئۆز ئورنىدىكى چاغلىرىدا خۇشاللىقىدىن ئۆزلىرىنى يوقىتىپ،تېرىسىگە پاتماي قالاتتى،ئورنىدىن ئايرىلىپ قالغاندا ئەپت-بەشرىسى ئاشكارىلىنىپ ،چاۋىسى چىتقا يېيىلىپ كەتتى.
ئەڭ غايىلىك خىيانەتچى ئەمەلدار يې شۇياڭ
<<بەش پىلان>>،<<بەشنى قىلماسلىق پىرىنسىپى>>غا قاتتىق ئەمەل قىلىش،<< جان كۆيدۈرۈپ>>19 يىل ئىشلەش،خىيانەت قىلغان پۇلنى 60 مىليون يۈەنگە يۈتكۈزۈش پىلانىنى تۈزۈپ چىققان گۇاڭدوڭ ئۆلكىسى شاۋگۇەن شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى يې شۇياڭ ئەڭ غايىلىك خىيانەتچى ئەمەلدار ،دەپ تەرىپلەندى.
كۈندىلىك خاتىرە يازىدىغان خىيانەتچى ئەمەلدار خەن فېڭ
2010 -يىل فېۋرالدا گۇاڭشى كۆك تاماكا تىجارىتى ئىدارىسى سېتىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان خەن فېڭنىڭ بىر نەچچە يىل ئىلگىرى يازغان كۈندىلىك خاتىرىسى توردا ئېلان قىلىنىپ زور غۇل-غۇلا قوزغىغانىدى.بۇنى كۆرگەن تورداشلار مۇنداق باھا بېرىشكەن:كۈندىلىك خاتىرىنىڭ ئىگىسىنىڭ ئاساسلىق خىزمىتى ھاراق ئىچىش،ئاشنا ئويناش.
ئەڭ بەتخەج خىيانەتچى ئەمەلدار ليۇ گۇاڭمىڭ
لياۋنىڭ ئۆلكىسى ئەنشەن شەھەرلىك دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى ليۇ گۇاڭمىڭ ئادەتتىكى باج باشقۇرغۇچىلىقتىن باج پونكىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ،باشلىقى،شەھەرلىك دۆلەت باج ئىدارىسى باج مەمۇريىتى بۆلىمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى،بۆلۈم باشلىقى ،شەھەرلىك دۆلەت باج ئىدارىسىنىڭ باشلىقى بولغانغا قەدەر ئۇنىڭغا بەخىت قۇشى قونۇپ كەلگەنىدى.ئۇ 5 مىليون يۈەن خەجلەپ شياڭگاڭ ،شاڭخەي قاتارلىق جايلارغا بېرىپ،ھۆسىن تۈزەتكۈزگەن،ساغرىسىنى تۈزەشكىلا 500 مىڭ يۈەن خەجلىگەن.
ئاشنىلىرىنىڭ چېچىنى يىغىپ ساقلىغان خىيانەتچى ئەمەلدار لى چىڭپۇ
خەينەن ئۆلكىسى تۇقۇمۇچىلىق سانائىتى ئىدارىسىنىڭ سابىق باشلىقى لى چىڭپۇنىڭ يىغىپ ساقلاش ئۆيىدىكى مەخپىي شىفىرلىق تۆت تۆمۈر ساندۇقىدا ،لى چىڭپۇنىڭ باشقا ئاياللار بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلىش جەريانىنى ئۆزقولى بىلەن خاتىرلىگەن 95 كۈندىلىك خاتىرىسى بولۇپ،كۈندىلىك خاتىرە ئارىسىدىكى نەپىس قەغەز بولاق ئىچىگە ئېلىنغان چاچ تۇراتتى. لى چىڭپۇ ئۆزى بىلەن بۇزۇقچىلىق قىلغان ئاياللارنىڭ چېچىنى ئاشۇ خاتىرىنىڭ ئىچىگە سېلىپ ساقلىغان.
ئەڭ ئويۇنچى خىيانەتچى ئەمەلدار چېن شىن
خۇنەن ئۆلكىسىنىڭ چاڭدې شەھىرى <<شىنيۈن>> گۇرۇھ پارتىكومنىڭ سابىق شۇجىسى چېن شىن ئىتنى ئىنتايىن ياخشى كۆرەتتى.
ئۇ ئۆزى ياقتۇرىدىغان ئىتلارنى كۆرۈپ قالسىلا ئۇنى قولغا كىرگۈزمىگىچە بولدى قىلمايتتى .ئەلۋەتتە ،ئۇ ھەرگىز ئۆز يېنىدىن پۇل چىقارمايتتى.ھالبۇكى،ئۇ ھوقۇقىدىن پايدىلىنىپ،ھەر ئامال بىلەن ئىتنى قولغا چۈشىرەتتى.ئۇنىڭ ئىتقا ئامراقلىغىنى بىلگەن بەزى خوجايىنلار ئۇنىڭغا ئىت سوۋغا قىلىدىغان بولغان.شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئىتى كۆپىيىپ كەتكەنلىكتىن ،قۇرۇلۇش ھۆددىگەرلىرى ،سودىگەرلەر ئۇنىڭغا <<ياردەم>>قىلىپ،مەخسۇس ئىت بىقىش مەيدانى قۇرۇپ بەرگەن.
مەنبە:ئامانلىق ژورنىلى