ئەيدىز كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى HIV ۋېرۇسى ،ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دۆلەتلەردە ياشايدىغان ئىنگىلىسچە"apes" خەنزۇچە"يۈەن"دەپ ئاتىلىدىغان،مايمۇن ئائىلىسىگە كىرىدىغان بىر خىل ھايۋاننىڭ بەدىنىدە ياشاۋاتقانلىغىغا بىرنەچچە مىڭ يىل بولغان بولۇپ،بۇ ۋېرۇس بۇخىل ھايۋاننىڭ بەدىنىدە كېسەل پەيدا قىلمايدىكەن.
ئەيدىز كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان HIV ۋېرۇسى ،20-ئەسىرنىڭ دەسلىۋىدە ئافرىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى دۆلەتلەردە ئادەم بەدىنىگە تارقالغان بولۇپ،بىراق كىشىلەر تەرىپىدىن بايقالمىغان ئىكەن.
لاتىن ئامېرىكىسىغا جايلاشقان ھايتى دىگەن دۆلەتتىكى ئافرىقىلىقلار،ئەينى ۋاقىتتىكى ھايتى زومىگەر ھاكىمىيىتىنىڭ زۇلمىغا چىدىماي،يۇرتىغا قايتىپ كېتىشكەن. ھايتى زومىگەر ھاكىمىيىتى تەخىتتىن چۈشكەندىن كىيىن ،ئۇ ئافرىقىلىقلار HIV ۋېرۇسىنى ھايتىغا ئېلىپ كەلگەن . شۇندىن باشلاپ دۇنيانىڭ ھەرقايسى يەرلىرىگە تارقىلىشقا باشلىغان ئىكەن.
ئەيدىز كېسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقارغۇچى HIV ۋېرۇسى ،1981-يىلى تۇنجى قىتىم ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئېشتاتىدا بايقىلىپ،HIV دىگەن بۇ نامنى ئالغان.
ئافرىقىنىڭ زايىر دىگەن دۆۋلەتتىكى كەنساشا دىگەن دوختۇرخانىدا ساقلىنىۋاتقان،50-يىللاردا ئۆلۈپ كەتكەن بىر جەسەتنىڭ بەدىنىدىن،كىيىن HIV ۋېرۇسى دەپ ئاتالغان بۇ ۋېرۇس بايقالغان.
1978-يىلى ھايتىغا بېرىپ كىلىپلا ،بىر خىل غەلىتە كېسەلگە گىرىپتار بولغان ،شىۋېتسىيەلىك بىر بىمارنىڭ بەدىنىدىمۇ HIV ۋېرۇسى تېپىلغان.
1981-يىلى تۇنجى قىتىملىق ئەيدىز كېسىلى بايقالغاندىن ھازىرغىچە 20 نەچچە يىل ئىچىدە ،پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 60 مىليون كىشى HIV ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ 95% تەرەققىي قىلىۋاتقان ياكى كەمبەغەل دۆلەتلەردە ئىكەن.
2003-يىلى ،بىر يىل ئىچىدىلا 5 مىليون كىشى يېڭىدىن HIV ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان ،يېڭى يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇقى 15 ياشتىن 24 ياشقىچە بولغان ياشلار ئىكەن.
پۈتۈن دۇنيادا ،ھەر كۈنى تەخمىنەن 15000دىن 20000 كىشى ،يېڭىدىن HIV ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملىنىدىكەن.
ھەر 100مىڭ كىشى ئىچىدىكى HIV ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ئامېرىكىدا 400،جۇڭگودا 80 ،ئاۋۇستىرالىيەدە 115،تايلانتتا 2100،ئۇگاندادا 20000،بوستۋانادا 50000 ئىكەن.
ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىمۇ HIV ۋېرۇسى بىلەن يۇقۇملانغان كىشىلەر شىددەت بىلەن كۆپەيمەكتە ئىكەن .مەملىكىتىمىز سەھىيە تارماقلىرى تەرىپىدىن بەرگەن مەلۇماتلاردا 2004-يىلىنىڭ ئاخىرىدا 8153 ئادەمنىڭ يۇقۇملانغانلىقىنى خەۋەر قىلغان(بۇ سان كۈندە ئېشىپ ماڭماقتا).يۇقۇملىنىش سۈرئىتى بويىچە مەملىكىتىمىزدە بىرىنجى ئورۇندا تۇرىدىكەن.
زەھەرلىك چىكىملىكنى ئوكۇل بىلەن سېلىش -ئەڭ ئاساسلىق ئەيدىز تارقىلىش يولى.
يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئاساسلىقى ئەر.يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ تولىسى ياش،80%نىڭ يېشى 30دىن كىچىك.
98% يۇقۇملانغۇچىلار شەھەرلىك ھەم ئاساسلىقى مەكتەپ يۈزى كۆرگەن.
پاھىشۋازلىق ، پائىشىلېر ۋە ئەر-ئاياللارمۇناسىۋىتى -ئىككىنجى تارقىلىش يولى.
ئانىدىن بالىغا يۇقۇش-ئۈچىنجى يول.جۇڭگودا بىرىنجى بولۇپ بۇ خىل يۇقۇش غۇلجىدا باشلانغان.
ئەيدىز قېرى-ياش،گۈزەل-سەت دەپ ئايرىپ يۈرمەيدۇ،ئەمما گۈزەل ئەخلاق بار يوقلىغىنى ئايرىيدۇ، ئۇ ئەيدىزدىن ساقلىنىشنىڭ ئاددى بىر يولى!!!