باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 527 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: كىشىلىك ھاياتتا كۈتۈپ تۇرۇشقا بولمايدىغان ئۈچ پۇرسەت
دوستلىشىش
كوكتالالىق
دەرىجە: رەسمىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7902
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 137
ئۇنۋان:دائىملىق ھازىرغىچە137دانە
ئۆسۈش: 3750 %
مۇنبەر پۇلى: 3957 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-16
ئاخىرقى: 2011-09-09
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-28 00:23

كىشىلىك ھاياتتا كۈتۈپ تۇرۇشقا بولمايدىغان ئۈچ پۇرسەت

     نامراتلىقنى كۈتۈپ تۇرۇشقا بولمايدۇ.نامراتلىققا بېقىندى بولۇپ قېلىش تولىمۇ قورقۇنچلۇق بولۇپ،ئۆزىدىن غالىپ كېلىش پىسىخىكىسىنى چەكلەپ قويغان بولىدۇ. شۇڭا نامراتلىققا تەن بەرمەي تىنماي تىرىشىش لازىم. مۇشۇنداق قىلغاندا نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ ئۆز ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.
غايىنىڭ ئىشقا ئېشىشىنى كۈتۈپ تۇرماسلىق كېرەك. كىشىلىك ھاياتتا ئوخشىمىغان باسقۇچتا ،ئوخشىمىغان خىياللار پەيدا بولىدۇ.  
     20 ياشتا يەتمەكچىبولغان ئارزۇيىڭىزغا 60ياشتا يەتكەن بولسىڭىز،ئۇنداقتا تولىمۇ كېچىككەن بولىسىز. شۇڭا نەچچە يېشىڭىزدا نىمە قىلىشنى ئويلىسىڭىز ۋاقتىدا ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ تەييارلىقىنى قىلىڭ. ھەرگىز كەينىگە سۆرىمەڭ. بۇنداق قىلسىڭىز پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا تاپالماي قالىمىز.                  
    ئاتا-ئانا باقىۋەندە ئەمەس. بەلكى ھازىر بىز ياش بولغاچقا كەلگۈسىدە نۇرغۇن ۋاقىت بىزنىڭ ئىزدىنىشىمىزنى كۈتۈپ تۇرىدىغاندۇ،ئەمما ئاتا-ئانىمىز ئۈچۈن ئۇنداق بولمايدۇ. ئۇلارنىڭ نەتىجىمىزنى كۆرۈشكە ۋاقتى يار بەرمەسلىكى مۇمكىن. پۇل تېپىپ ئۇلارنى ياخشى يىگۈزۈپ، ياخشى كىيگۈزۈش بىزنىڭ شان-شەرىپىمىز.ئەمما ۋاقىتنى ئۆتكۈزۈۋەتسەك چەكسىز پۇشايماندا قالىمىز.                                                
      ئادەمنىڭ ئالدىنقى يېرىم ھاياتى ئىككىلىنىش بىلەن ،كېيىنكى يېرىم ھاياتى پۇشايمان بىلەن ئۆتىدۇ. ياشىغان ئىكەنمىز ھەر بىر پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇشىمىز لازىم، چۈنكى ھاياتلىق يولىڭىزنى تېپىپ بولغۇچە پۇرسەت قولدىن كېتىپ قېلىشى مۇمكىن .        

                                مەنبە؛خاتىىرەمدىن