باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1568 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: دانكونىڭ قىز نەۋرىسى (گېنېرال)
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1543
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1543دانە
ئۆسۈش: 2420 %
مۇنبەر پۇلى: 10700 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-05-11
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-27 20:42

دانكونىڭ قىز نەۋرىسى (گېنېرال)

 
ئاپتورى:  ئەزىم ناسىر
ئۇ سۆلەتلىك گۈزەل قىز ئىدى.

ئۇ ئۆز قەدرىنى بىلىدىغان ئەقىللىق قىز ئىدى.

ئۇنىڭ ئۆزى بىلمەيدىغان نۇقسانلىرىمۇ بار ئىدى.ئۇ ھاكاۋۇر،مەنمەنچى،مەغرۇر ئىدى.ئۆز بوۋىسىنى پەش قىلىپ باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشنى تەلەپ قىلاتتى.

ئۇ ئۆزىگە ئىشىنىدىغان قىز ئىدى.باشقىلاردىن ئېشىپ چۈشۈشنى ئارزۇ قىلاتتى،ئۇنىڭ بوۋىسىنىڭ چوقۇنغۇچىلىرى چۈمۈلىدەك كۆپ ئىدى،ئۇلار بۇ مەغرۇر قىزنى پەرىشتىدەك كۆرۈشەتتى.ئۇنىڭ ئۈچۈن جانپىدالىق كۆرسىتىشەتتى،ئۇنىڭ ئۈچۈن ھەر قانداق ئىشنى قىلىشقا تەييار ئىدى.

  ئۇنىڭ ئۆزىگە چوقۇنغۇچىلىرىمۇ ساناقسىز ئىدى.ئۇ ھەممە كىشىنىڭ ئۆزىگە بۇ قەدەر چوقۇنىدىغانلىقىدىن پەخىرلىنەتتى،خوشاللىقىدىن بېشى ئاسمانغا يېتەتتى.بىراق خوشاللىقىنى قىلچىمۇ چاندۇرمايتتى،مەغرۇر كېرىلىپ ماڭاتتى.ئۇنىڭ چوقۇنغۇچىلىرى ئۇنى بىر - بىرسىدىن قىزغىنىشىپ ئۇنىڭ ئارقىسىدىن قالماي ئەگىشىپ يۈرەتتى،ئۇنى ناھايىتىمۇ ئۇلۇغ بىلىشەتتى،ئۇنىڭغا ئېرىشىشنى ئەڭ مۇقەددەس ئىش ھېسابلىشاتتى.

قىز ئۇلارنىڭ ساداقىتىنى سىناپ باقماقچى بولدى.ئۇنىڭ چوقۇنغۇچىلىرى ئىچىدە ئۆسمۈر بالىلارمۇ،قۇرامىغا يەتكەن يىگىتلەرمۇ،ئوتتۇرا ياشقا قەدەم قويغان كىشىلەرمۇ بار ئىدى،ئۇ ئۆزىگە ئەڭ پىداكار دەپ ئىشەنگەن يىگىتلەرنى تاللىدى.ئۇ ئۆز چوقۇنغۇچىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ بىر ئورمانغا يېتىپ كەلدى.كۈن ئولتۇرۇپ قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىدى،يۇلتۇزلار بىر - بىرلەپ ئۆچۈپ ئالەمنى زۇلمەت قاراڭغۇلۇق قاپلىدى،بۇ زۇلمەت قاراڭغۇلۇقتا ھېچقانداق نەرسىنى ئىلغا قىلىش مۈمكىن ئەمەس ئىدى.ئۇنىڭ چوقۇنغۇچىلىرى يول تاپالماي تۇرۇپ قېلىشتى،ئورمانلىقنىڭ ئىچكىرىسىدىن ئېچىرقىغان بۆرىلەرنىڭ ئوزۇق ئىزلەپ ھۇۋلىغان ئاۋازلىرى ئاڭلىنىشقا باشلىدى.قاراڭغۇلۇق بارغانسېرى كۈچىيىشكە،بۆرىلەر ۋەھىمىلىك ھۇۋلاپ تۆت ئەتراپتىن قىستاپ كېلىشكە باشلىدى.ئادەملەر توپى بىردىنلا پاتپاراق بولۇپ كەتتى.قىيا - چىيا،ئوپۇر - دۈپۈرلەر ئورماننى بىر ئالدى،ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىنى قورقۇنچ،ئۆلۈم ۋەھىمىسى كېزەتتى،ئۇلار ئالاقزادىلىك بىلەن بىر - بىرىنى ئىتتىرىشەتتى.ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئاچ بۆرىلەرگە يەم بولۇپ كېتىشنى خالىمايتتى.ۋۇجۇدىدا ھايات قېلىش ئىستىكى غالىبلىق بىلەن ھۆكۈم سۈرەتتى،ئۆزلىرى چوقۇنغان مەبۇتنى ئەللىقاچان ئېسىدىن چىقىرىپ قويۇشقانىدى.

   ئۇلارنىڭ بۇ ھالىتىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ بىردىنلا جۇدۇنى ئۆرلىدى،ئۇلاردىن بىردىنلا يىرگەندى،غەزەپ بىلەن ئۇلارغا قارپ ۋارقىرىدى:

ـــ تىنچلىنىڭلار!!!

ئۇلار بىردىنلا تىنچلاندى،قىز ئۇلارغا بۇيرۇق قىلدى:

ـــ ئوتۇن دۆۋىلەپ گۈلخان يېقىڭلار.

ئۇلار ئوتۇن دۆۋىلەشتى،لېكىن ئوت يېقىشقا ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىدا سەرەڭگە يوق ئىدى،قىز يەنە ئۇلارغا بۇيرۇق قىلدى:

ـــ بىرىڭلار،يۈرىكىڭلارنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ ئوتۇنغا ئوت يېقىڭلار.

ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسىدىن زۇۋان چىقمىدى،قىز ئۇلارنىڭ ئارىسىغا شىددەت بىلەن بۆسۈپ كىرىپ،ئۇلارنىڭ يۈرىكىنى بىر - بىرلەپ سۇغۇرۇپ ئېلىشقا باشلىدى.ھەر بىر يۈرەكنى ئالقىنىغا ئېلىپ ئېگىز كۆتەردى،يۈرەكلەردىن سۇس بىر ئۇچقۇن كۆتۈرۈلۈپ شۇئان غايىپ بولاتتى،ئۇ يۈرەكلەرنى غەزەپ بىلەن بىر - بىرلەپ يەرگە ئېتىشقا باشلىدى.يۈرەكنىڭ ئىگىلىرى ئۆز يۈرىكى ئۈستىگە ھەدەپ تاشلىناتتى.ئۇ ئاخىرىدا ئۆز يۈرىكىنى سۇغۇرۇپ ئالدى،ئالقىنىغا ئېلىپ ئېگىز كۆتەردى،يۈرەكتىن لاۋۇلداپ ئوت يېنىشقا باشلىدى،ئۇنىڭدىن چىققان يالقۇن ئورمانلىقنى كۈندۈزدەك يورۇتىۋەتتى،ئوت يالقۇنىدىن ھۈركىگەن بۆرىلەر تەرەپ - تەرەپكە پىتىراپ قېچىشقا باشلىدى.قىز ئادەملەرگە قارىدى،ئۇلار باشلىرىنى ساڭگىلاتقىنىچە تۇرۇشاتتى.ئۇ لاۋۇلداپ ئوت يېنىپ تۇرغان يۈرىكىنى غەزەپ بىلەن ئادەملەر توپى ئوتتۇرىسىغا چۆرۈپ تاشلىدى.

 


مەنبە:
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8016
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 21
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە21دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 210 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-23
ئاخىرقى: 2012-03-22

ياخشىكەن........
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1543
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1543دانە
ئۆسۈش: 2420 %
مۇنبەر پۇلى: 10700 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-05-11
2-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-14 22:49

ئىنكاس يېزىپ ئالدىغا چىقىرىپ قوياي،ماڭا خېلى تەسىر قىلغان . ياخشى ئەسەركەن.
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general
دوستلىشىش
samanyoli
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇكى،،،،،،،،،،،،،،
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 5487
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 1
ئومۇمىي يازما: 1746
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1746دانە
ئۆسۈش: 8090 %
مۇنبەر پۇلى: 23692 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 30 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-01-05
ئاخىرقى: 2012-05-10
3-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-14 22:53

ئالە شەرىڭنى ،،،،،،،،       ،،،قىينالغىچە چوققىلاپ قويسىڭىزلا بولمىدىمۇ ،،ھا،،ھا،،ا،ا،،ھا،ھ،،،،،
ھەراست،،،،،،،،بىر  كىلون گېنىرال پەيدا بوپتۇ جۇما ما كەڭ سايدا،،،،،،،،
دوستلىشىش
شەھىدە432
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7310
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 34
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە34دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 490 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-09
ئاخىرقى: 2012-01-07
4-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-14 23:01

   ياخشى يېزىلغان ئەسەر . ئەسەردىكى قىزنىڭ تەسۋىرى خېلى مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان.
[ بۇ يازمىنىشەھىدە432 2011-11-14 23:10قايتا تەھرىرلى ]
قۇللارنىڭ ۋەتىنى بولمايدۇ.
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1543
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1543دانە
ئۆسۈش: 2420 %
مۇنبەر پۇلى: 10700 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-05-11
5-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-11-14 23:43

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 4قەۋەتتىكى samanyoli نىڭ 2011-11-14 22:53 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئالە شەرىڭنى ،،،،،،،،       ،،،قىينالغىچە چوققىلاپ قويسىڭىزلا بولمىدىمۇ ،،ھا،،ھا،،ا،ا،،ھا،ھ،،،،،
ھەراست،،،،،،،،بىر  كىلون گېنىرال پەيدا بوپتۇ جۇما ما كەڭ سايدا،،،،،،،،

كەڭساينىڭ قوينى كەڭ. مارشال،گېنېرال،جەڭچى،ئەسكەر...لەرنىڭ گازارمىسى بۇ يەر. 
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general
دوستلىشىش
مەلىكەم
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 9675
جىنسى : ئايال (قىزچاق)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 51
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە51دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 520 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-11-21
ئاخىرقى: 2012-04-23
6-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-01 13:03

كاپىتانلا يوق ،مەن كاپىتان بولساممۇ بوپتىكەن....................
    گېنرال ئەپەندىم باشقۇرغۇچى بولغاندىكىن شۇنداق بولىدۇ-دە ،ئاستا-ئاستا كۆپلىگەن ئەسكەرلەرمۇ بولىدۇ بۇكەڭ سايدا .............
ياخشىلىق  قىل قولۇڭدىن كەلسە!!!!
گېنېرال تارىخنى يارىتىدۇ
دەرىجە: ئالىي باشقۇرغۇچى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 3744
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1543
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1543دانە
ئۆسۈش: 2420 %
مۇنبەر پۇلى: 10700 سوم
تۆھپىسى: 8 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-11-10
ئاخىرقى: 2012-05-11
7-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-01 14:07

ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى مەلىكەم نىڭ 2011-12-01 13:03 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
كاپىتانلا يوق ،مەن كاپىتان بولساممۇ بوپتىكەن....................
    گېنرال ئەپەندىم باشقۇرغۇچى بولغاندىكىن شۇنداق بولىدۇ-دە ،ئاستا-ئاستا كۆپلىگەن ئەسكەرلەرمۇ بولىدۇ بۇكەڭ سايدا .............

رەھمەت سىزگە مەلىكەم.
گېنېرالنىڭ يازمىلىرى كەڭساي مۇنبىرىگە خاس،باشقا مۇنبەرگە كۆچۈرۈشكە بولمايدۇ!  
there are no poor soldiers under a good general
دەرىجە: رەسمىي ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 7275
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 230
ئۇنۋان:ياخشى ھازىرغىچە230دانە
ئۆسۈش: 550 %
مۇنبەر پۇلى: 2651 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-05-07
ئاخىرقى: 2012-05-01
8-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-12-02 18:49

ياخشىكەن !!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!!