دۆلەت يىرىگە سىلىنغان ئۆيلەرنى قايتتۇرۋىلش ۋە تۆلەم بىرش توغرىسىدىكى نىزامى
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى دۆلەت كېڭىشى (گوۋۇيۈەن)نىڭ پەرمانى 590نۇمۇرلۇق "دۆلەت يىرىگە سىلىنغان ئۆيلەرنى قايتتۇرۋىلىش ۋە تۆلەم بىرش توغىرىسىدىكى نىزامى"2011-يىلى 1-ئاينىڭ 19-كۈنى دۆلەت كېڭىشى(گوۋۇيۈەن)نىڭ 141-قىتىملىق دائىمى ھەيئەتلەر يىغىنىدا ماقۇللاندى ۋە ئىلان قىلىندى،ئىلان قىلىنغان كۈندىن باشلاپ يولغا قويۇلسۇن. , ھۆكۈمەت رەئىسى ۋېنجىياباۋ
2011-يىلى 1-ئاينىڭ 21-كۈنى دۆلەت يىرىگە سىلىنغان ئۆيلەرنى قايتتۇرۋىلىش ۋە تۆلەم بىرش توغرىسىدىكى نىزامى
1-باپ ئومۇمى پىرىنسىپ
1-ماددا دۇلەت يىرىگە سىلىنغان ئۆيلەرنى قايتتۇرۋىلىش ۋە تۆلەم بىرىش خىزمىتىنى قىلىپلاشتۇرۇش،ئومۇمنىڭ مەنپەتىنى قوغداش،ئۆيى قايتتۇرۋىلىندىغان قانۇنى ئىگدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە كىشىنىڭ قانۇنلۇق مەنپەتىنى قوغداش ئۇچۇن بۇ نىزامنامە تۈزۈپ چىقىلدى. 2-ماددا ئومۇمنىڭ مەنپەتى ئېھتىياجى سەۋەبىدىن ،دۆلەت يىرىگە سىلىنغان، ئىدارە –ئورگان،ۋە شەخىسلەرنىڭ ئۆيلىرى چىقىلسا، قانۇنى ئىگدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە كىشى(تۆۋەندە قىسقارتىپ ئۆي ئىگىسى دەپ ئىلىنىدۇ )گە تۆلەم پۇلى بىرلىدۇ. 3-ماددا ئۆيلەرنى قايتۇرۋىلىشتا چوقۇم ، دىمۇدېراتىك ئۇسۇل ،قانۇنلۇق تەرتىپ ۋە ئاشكارا بۇلۇش پىرىنسىپى بويىچە بولشى كىرەك. 4-ماددا شەھەر،ناھىيە دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ، شۇ مەمۇرى رايۇننىڭ ئۆيلەرنى قايتتۇرۋىلىش خىزمىتىگە مەسئۇل بولىدۇ. شەھەر، ناھىيە دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بىكىتكەن ئۆيلەرنى قايتتۇرۋىلىش – چېقىش تارماقىلىرى (تۆۋەندە قايتتۇرۋىلىش تارماقىلىرى) شۇ مەمۇرى رايۇننىڭ ئۆيلەرنى قايتۇرۋىلىش ۋە تۆلەم بىرىش خىزمىتنى تەشكىللەيدۇ ۋە يولغا قويىدۇ. شەھەر،ناھىيە دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلار چوقۇم مۇشۇ نىرام بويىچە ئىش كۆرۇپ ،ئىش تەقىسىماتىدا ئۆز-ئارا ماسلىشىپ ،قايتتۇرۋىلىش ۋە تۆلەم بىرىش خىزمىتىنى ئوڭۇشلۇق ئىلىپ بىرىشى لازىم. 5- ماددا قايتتۇرۋىلىش تارماقىلىرى بۇ خىزمەتلەرنى ئۆي قايتتۇرۋالغۇچى ئورۇنلارغا ھاۋالە قىلسا بولىدۇ، بۇجەرياندا ھاۋالە ئالغۇچى ئورۇننىڭ پايدا قوغلىشىىشغا بىردەك يول قويۇلمايدۇ . قايتتۇرۋلىش تارماقىلىرى ئۆز دائىرىسىدە، ھاۋالە ئالغۇچى ئورۇننىڭ خىزمەتلىرىنى نازارەت قىلىدۇ ۋە ئاخىرقى قانۇنى مەسئۇلىيتىنى ئۆز ئۈستىگە ئالىدۇ. 6- ماددا يۇقىرى دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تۆۋەن دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ قايتۇرۋىلش ۋە تۆلەم بىرىش خىزمىتىگە بولغان نازارەتنى كۇچايتىدۇ. دۆلەت كېڭىشى(گوۋۇيۈەن) نىڭ ئولتۇراق ئۆي ،شەھەر يېزا قۇرلۇشى مەسئۇل تارماقلىرى ۋە ئۆلكە ،ئاپتۇنۇم رايۇن ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەر نىڭ ئولتۇراق ئۆي ،شەھەر يېزا قۇرلۇشى مەسئۇل تارماقلىرى ۋە ئوخشاش دەرىجلىك مالىيە ،دۆلەت زىمىن بايلىقى ،ئىسلاھات تەرەققىيات قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك تارماقلار ،ئۆيلەرنى قايتۇرۋىلىش ۋە تۆلەم بىرىش خىزمىتىگە يىتەكچىلىك قىلىدۇ. 7-ماددا ھەرقانداق بىر تەشكىلات ياكى شەخىسنىڭ، مەزگۇر نىزامنامىغا خىلاپلىق قىلىش ھەركىتى كۆرۈلسە .ھەرقانداق ئادەمنىڭ قايتتۇرۋىلىش تارماقلىرىغا ،ياكى باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلارغا پاش قىلسا بولىدۇ. پاش قىلىشنى تاپشۇرۇپ ئالغان خەلق ھۆكۈمەتلىرى قايتۇرۋىلىش تارماقىلىرى ۋە باشقا مۇناسىۋەتلىك تارماقلار چوقۇم ئۆز ۋاقىتدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كىرەك. تەپتىش ئورۇنىلىرى ، قايتۇرۋىلش ۋە تۆلەم بىرىش خىزمىتىگە قاتناشقان ھۆكۈمەت ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇن،ئىدارە ۋە ئۇلارنىڭ خىزمەتچى خادىملىرىغا بولغان نازارەتنى كۇچايتىش كىرەك 2-باپ (ئۆيلەرنى )يىغىۋىلىش قارارى
8-ماددا دۆلەت بىخەتەرلىگىگە كاپالەتلىك قىلىش ،خەلق ئىگىلىگنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە جەمىيەت تەرەققىياتى قاتارلىق جامائەت مەنپەتىنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن .تۆۋەندىكى ئەھۋاللارنىڭ بىرىگە ماس كەلسە ،ھەقىقەتەن ئۆيلەر قايتتۇرۋىلىشقا تىگىشلىك بولغان، شەھەر ،ناھىيە دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى قايتتۇرۋىلىش –چىقىش قارارى چقىرىدۇ. (1) دۆلەت مۇداپەسى ۋە تاشقى سودا ئېھتىياجى . (2) ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان ئېنىرگىيە ،قاتناش، سۇ ئىشلىرى قاتارلىق ئۇل –ئەسلىھە قۇرۇلىشىنى يولغا قويۇش ئېھتىياجى. (3) ھۆكۈمەت ئورۇنلاشتۇرغان پەن –تىخنىكا ،مائارىپ .مەدىنيەت،سەھىيە،تەنتەربىيە ،موھىت ۋە بايلىقىلارنى قوغداش،ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئىلىش،مەدىنى مىراسلارنى قوغداش،جامائەت پاراۋانلىق ،شەھەر جامائەت ئىشلىرى قاتارلىق جامائەت ئىشلىرى قۇرۇلىشىنى يولغا قويۇش ئېھتىياجى. (4)ھۆكۈمەت ئۇرۇنلاشتۇرغان كاپالەت خاراكتىرلىق تۇرالغۇ قۇرۇلىشنى يولغا قويۇش ئېھتىياجى. : (5)خەلق ھۆكۈمەتلىرى "شەھەر-يېزا پىلانلاش قانۇنى"نىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىرىگە ئاساسەن ، كونا –خەتەرلىك ئۆيلەر رايۇنى،ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلىشى ئارقىدا قالغان كونا رايۇنلارنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئېھتىياجى. (6)قانۇن ۋە مەمۇرىي قانۇن نىزاملاردا بەلگۈلەنگەن باشقا جامائەت مەنپەتىنىڭ ئېھتىياجى. 9-ماددا بۇ شۇ بەلگىلىمىنىڭ 8- ماددىسىدا بەلگۈلەنگەن ، قايتۇرۋىلىش تۈر قۇرلۇش پائالىيىتى ،چوقۇم خەلق ئىگىلىگى ۋە جەمىيەت تەرەققىيات پىلانىغا ،يەر ئىشلىتىش ئومۇمى پىلانىغا ،شەھەر- يېزا پىلانلاش پىلانلىرى ۋە مەخسۇس تۈر پىلانلىرىغا ماس كىلىش كىرەك. كاپالەت خاراكتېرلىق تۇرالغۇ قۇرۇلۇشى ،كونا شەھەر رايۇنىنى ئۆزگەرتىش چوقۇم شەھەر ، ناھىيە دەرىجلىك خەلق ئىگىلىگى ۋە ئىجتىمائى تەرەققىيات پىلانىغا كىرگۈزلىشى كىرەك. خەلق ئىگىلىگى ۋە ئىجتىمائى تەرەققىيات پىلانى، يەر ئىشلىتىش ئومۇمى پىلانى، شەھەر- يېزا پىلانلاش پىلانلىرىنى تۇزگەندە ،چوقۇم جەمىيەتتىن كەڭ كۆلەمدە پىكىر يىغىپ ،ئىلمى ئىسپاتلاشتىن ئۆتكۈزۈش كىرەك. 10- ماددا قايتتۇرۋىلىش ئورۇنلىرى ، قايتۇرۋىلىش ۋە تولۇقلىما بىرىش لاھىيەسىنى شەھەر ،ناھىيە دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىگە يوللايدۇ. شەھەر ،ناھىيە دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى بۇ لاھىيىگە نىسبەتەن قاراپ چىقىپ ،ئاممىغا ئاشكارىلايدۇ ، پىكىر يىغىدۇ. ئاممىنىڭ پىكىر تەلەپلىرىنى يىغىش ،ئاڭلاش مۇددىتى 30 كۇندىن كەم بولمايدۇ. 11-ماددا ناھىيە دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى جەمىيەت پىكىرنىڭ ئومۇمى ئەھۋالىغا ئاساسەن . قايتۇرۋىلىش لاھىيسىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزىدۇ ۋە ۋاقىتدا ئاممىغا ئاشكارىلايدۇ. كونا شەھەر رايۇنىنى ئۆزگەرتىش ئېھتىياجى بىلەن ،ئۆيلەرنى چاققاندا ،كۆپ ساندىكى ئۆيى چىقىلغۇچى نارازى بولسا ،ناھىيە دەرىجلىك خەلق ھۆكىمىتى چوقۇم ئۆيى چىقىلغۇچىلارغا ۋە جامائەت ۋەكىللىرىگە ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى تەشكىللەيدۇ. شۇنداقلا ئىسپات ئاڭلاش يىغىننىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىغا ئاساسەن لاھىيەگە ئۆزگەرتىش ئىلىپ بارىدۇ. 12-ماددا شەھەر ،ناھىيە دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى – يىغۋىلىش قارارىنى چىقىرىشتىن بۇرۇن ،چوقۇم مۇناسىۋەتلىك قائىدە –تۈزۈملەر بويىچە ،مەزكۈر لاھىيەنىڭ جەمىيەت مۇقىملىقىغا ئىلىپ كىلىدىغان جەۋىپىنى مۆلچەرلەپ كورۇشى لازىم. مەزكۈر لاھىيە گە مۇناسىۋەتلىك ئۆيى چىقىلغۇچىلار بىر قەدەر كۆپ بولسا ،بۇ لاھىيەنى ھۆكۈمەت دائىمى ھەيئەتلەر يىغىنى مۇلاھىزە قىلىپ بىكىتىدۇ. قارار قىلىشتىن بۇرۇن ، يىغىۋىلش چېقىش تۆلەم پۇلى تولۇق سوممىسى بىلەن ئىدارە ھىسابىغا كىرىشى،مەخسۇس نامدا ھىساپ ئىچىلىپ ،مەخسۇس پۇل مەخسۇس ئىشلىتىلىدۇ. 13-ماددا شەھەر ،ناھىيە دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى چېقىش- يىغىۋىلىش قارارىنى چىقارغاندىن كىيىن چوقۇم ۋاقتىدا ئىلان قىلىشى كىرەك. ئۇقتۇرۇشتا، ۋە تۆلەم بىرىش لاھىيسى،مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ ،مەمۇرىي دەۋا ھوقۇقى قاتارلىق تۈرلەر ئىنىق يىزىلغان بولۇش كىرەك. ناھىيە دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۆي تارماقىلىرى، ئۆيلەرنى ۋە تۆلەم بىرىش تەشۋىقات خىزمىتى ،چۇشەندۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىلىپ بىرىش كىرەك.
ئۆي چىقىلغۇچىنىڭ ئۆيى قانۇن بويىچە چىقىلغاندا ،ئۆي چېقىلغۇچىغا تەۋە بولغان ئۆينىڭ زىمىننى (تىگى)ئىشلىتىش ھوقۇقمۇ (دۆلەت يىرىنى ئىشلىتىش ھوقۇقى ) قايتۇرۋېلنىدۇ. 14 –ماددا ئۆيى چىقىلغۇچى ،شەھەر ناھىيە دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ۋە ئۆي تارماقىلىرىنىڭ ئۆيلەرنى ۋە تۆلەم بىرىش قارارىغا نارازى بولسا ،قانۇن بويىچە مەمۇرىي جەھەتتىن قايتا قاراپ چىقىشقا ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.ياكى قانۇن بويىچە مەمۇرىي دەۋا قىلسىمۇ بولىدۇ. 15-ماددا ئۆي تارماقىلىرى ۋە تۆلەم بىرىش تەۋەلىكىدىلكى ئۆيلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ، ئورۇن –رايۇنى ،ئىشلىتىش ئورنى ،قۇرلۇش كۆلىمى قاتارلىقلارنى تەشكىللىك تىزىملايدۇ . بۇ جەرياندا ئۆيى چىقىلغۇچى ماسلىشىپ بىرىشى كىرەك.تەكشۇرۇش نەتىجىسى، چوقۇم شۇ رايۇندىكى ۋە تۆلەم بىرىش تەۋەلىكگە كىرگەن ئۆي ئىگىلىرىگە ئىلان قىلىنىشى كىرەك.
16- ماددا چېقىش دائىرىسى بىكتىلىپ بولغاندىن كىيىن ،شۇ رايۇندا يىڭىدىن قۇرۇلۇش قىلىش ، قۇرۇلۇش دائىرسىنى كىڭەيتىش ،ئۆزگەرتىش ئىلىپ بىرىش قاتارلىق كۆپ تۆلەم پۇلىغا ئىرىشش مەقسىدىدىكى نامۇۋاپىق قىلىمىشى چەكلىنىدۇ.خىلاپلىق قىلغانلارغا تۆلەم پۇلى بىرىلمەيدۇ. چېقىش – قايتتۇرۋىلىش تارماقلىرى ، مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئالدىنقى تارماقتا دىيىلگەن نۇقتىلارنى تەكىتلىگەن ئاساستا ،ئۆي سىلىشقا مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلەرنى بىجىرىشنى ۋاقىتلىق توختۇتۇشنى يازمىچە ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ. ئۇقتۇرۇشتا رەسمىيەتلەرنى بىرىشنى ۋاقىتلىق توختۇتۇش مۇددىتى ئىنىق يىزىلىدۇ . رەسمىيەتلەرنى بىجىرىشنى ۋاقىتلىق توختۇتۇش مۇددىتى بىر يىلدىن ئىشىپ كەتمەيدۇ. 3-باپ تۆلەم بىرىش
17-ماددا ئۆيلەرنى قايتۇرۋىلىش قارارىنى چىقارغان شەھەر ، ناھىيە دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرىنىڭ ئۆيى چېقىلىغۇچىغا بىرىدىغان تۆلىمى تۆۋەندىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
(1) چېقىلغان ئۆينىڭ قىممىتى تۆلىمى.
(2)ئۆي چېقىلىش سەۋەبىدىن كۆچۈش ۋە ۋاقىتلىق ئورۇنلىشىش تۆلىمى
(3)ئۆيى چېقىش مەزگىلىدە ئىشلەپچىقىرىش،تىجارەت توختتىش سەۋەپلىك كىلىپ چىققان ئىقتىسادى زىيان تۆلىمى.
ناھىيە، شەھەر دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى مۇكاپاتلاش ۋە يارىدەم بىرىش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ ،ئۆيى چىلىغۇچىلارغا يارىدەم قىلىدۇ ۋە ئۇلارنى مۇكاپاتلايدۇ.
18- ماددا شەخشىلەرنىڭ تۇرالغۇ ئۆيىنى قايتۇرۋالغاندا ،ئەگەر ئۆيى چېقىلغۇچى تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى شەرتىگە ئۇيغۇن كەلسە . ئۆيلەرنى قايتۇرۋىلىش قارارىنى چىقارغان شەھەر ،ناھىيە دەرىجلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى ئۆيى چېقىلغۇچىنى چوقۇم تۇرالغۇ ئۆي كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشى كىرەك.كونكىرىتىنى چارىسىنى ئۆلكە ،ئاپتۇنۇم رايۇن ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر بەلگۈلەيدۇ.
19-ماددا قايتتۇرۋىلىنغان ئۆيگە تۆلەم بەرگەندە ،بەرگەن تۆلەم ئۆلچىمى مەزكۇر رايۇندىكى ئۆيلەرنى قايتۇرۋىلىش ئۇقتۇرشىنى ئىلان قىلغان كۈندىكى ، ئۆي مۆلۇك بازار باھاسىدىن تۆۋەن بولمايدۇ. قايتتۇرۋىلىنغان ئۆيلەرنىڭ باھاسىنى مۇناسپ سالاھىيەتكە ئىگە بولغان ئۆي –مۆلۈك باھاسىنى باھالاپ بىكىتىش ئورگانلىرى ، ئۆيلەرنى قايتتۇرۋىلش باھالاش چارىسىگە ئاساسەن باھلاپ بىكىتىدۇ.
باھالاپ بىكىتىلگەن باھادا تۆلەم باھاسىدا بىنۇرماللىق بايقالسا ، ئۆي –مۆلۈك باھاسىنى باھالاپ بىكىتىش ئورگانلىرىغا قايتا قاراپ چىقىشقا سۇنسا بولىدۇ. قايتا قاراپ چېقىش نەتىجسدە يەنە مەسىلە بولسا ، ئۆي –مۆلۈك باھاسىنى باھالاش مۇتەخەسسلەر ھەيئىتىگە باھالاپ بىرىشكە ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.ئويلەرنى باھالاپ قايتۇرۋىلىش چارىسىنى دۆلەت كېڭىشىنىڭ ئولتۇراق ئۆي، شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشىنى باشقۇرۇش ئورۇنلىرى تۈزۇپ چىقىدۇ.تۈزۇپ جەريانىدا، جەمىيەتتىن ئوچۇق ئاشكارا پىكىر يىغىدۇ.
20- ماددا ئۆي –مۆلۈك باھاسىنى باھالاپ بىكىتىش تارماقلىرىنى بىكىتىشتە ،ئۆي چېقىلغۇچى تەرەپ بىلەن كېڭىشىپ ئاندىن بىكىتىدۇ.ئەگەر بىرلىككە كىلەلمىسە ،ئاۋاز بىرىشكە قويۇلۇپ ،ئاۋاز سانى كۆپ بولغىنى ئىختىيارلىق ئاساستا تاللىنىدۇ. كونكىرىتىنى چارىسىنى ئۆلكە ،ئاپتۇنۇم رايۇن ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر بەلگۈلەيدۇ. ئۆي –مۆلۈك باھاسىنى باھالاپ بىكىتىش تارماقلىرى ئىش بىجىرگەندە چوقوم ئادىل ،مۇستەقىل ،ئوبىكتىپ ھالدا خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش كىرەك.ھەرقانداق بىر ئورون ياكى شەخىسنىڭ قول تېقىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
21-ماددا ئۆيى چېقىلغۇچى نەق پۇل تۆلىمىنى تاللىسىمۇ بولىدۇ ياكى ئۆي مۆلۈك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرسىمۇ بولىدۇ. ئۆي مۆلۈك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇشقا ئىشلىتىدىغان ئويلەرنى ،شەھەر ،ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى تەمىنلەيدۇ ۋە ئۆيى چىقىلغۇچى بىلەن ھىساپلىشىپ ،چىقىلغان ئۆينىڭ باھاسى بىلەن ئۆي مۆلۈك ھوقۇقىنى ئالماشتۇردىغان ئۆينىڭ باھا پەرقىنى ئىنىق قىلىپ چىقىدۇ.
كونا شەھەر رايۇنلىرىنى يىڭىلاش سەۋەبىدىن ئۆيى چېقىلىدىغان شەخىسلەرنىڭ، يىڭىدىن سالىدىغان تۇرالغۇ ئۆي رايۇنىدىن ئۆي تاللاش ھوقۇقى بولىدۇ. شەھەر ،ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى، ئۆيى چېقىلغۇچىلارنى يىڭىدىن سالىدىغان تۇرالغۇ ئۆي رايۇنىدىن ياكى شۇنىڭغا يىقىن تەمىنلەيدۇ جايدىن تۇرالغۇ ئۆي بىلەن تەمىنليدۇ
22-ماددا ئۆيى چېقىلىش كۆچىدىغانلارغا ،ئۆي چاققۇچى تەرەپ كۆچۈش ھەققى بىرىدۇ.ئۆي مۆلۈك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇشنى تاللىغان ئۆيى چېقىلغۇچىلارغا ،ئۆي چاققۇچى تەرەپ ئالدىن ۋاقىتلىق ئورۇنلىشىش راسخۇتى بىرىدۇ ياكى يېڭى ئۆيگە كۆچۈپ كىرگىچە ئۇلتۇرۇپ تۇرىدىغان ئۆي بىلەن تەمىنلەيدۇ.
23-ماددا ئۆيى چېقىلىش سەۋەبىلىك ئىشلەپچېقىرىش ،تىجارەتنى توختۇتۇش ئىقتسادى زىيانغا تۆلەم بىرىشتە ،ئۆيى چېلغۇچىنىڭ كىرىمى ،تىجارەت توختىش ۋاقىتىنىڭ ئۇزۇن قىسقا بولشى قاتارلىق ئوبىكتىپ ئامىللارغا قاراپ بەلگۇلەيدۇ. كونكىرىتىنى چارىسىنى ئۆلكە ،ئاپتۇنۇم رايۇن ،بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلەر بەلگۈلەيدۇ.
24- ماددا شەھەر ،ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكىمەتلىرى ۋە مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار ،قۇرۇلۇش قىلىش ھەركىتىگە قارىتا نازەتنى كۈچايتىپ ،خىلاپلىق قىلغانلارنى قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ.
ناھىيە دەرىجلىك ھۆكىمەتلىرى چىقىش قارارنى چىقىرىشتىن بۇرۇن ،شۇ رايۇندىكى رەسمىيتى تىزىملانمىغان ئويلەرگە قاراتا تەكشۇرۇش ئىلىپ بارىدۇ ۋە بىر تەرەپ قىلىدۇ. تەستىق مۇددىتى ئىچىدىكى قانۇنلۇق دەپ قارالغان قۇرۇلۇشلارغا تۆلەم بىرلىدۇ ،ئۇنداق بولمىسا تۆلەم بىرىلمەيدۇ.
25 –ماددا ئۆينى قايتۇرۋالغۇچى تەرەپ ۋەئۆيى چېقىلغۇچى تەرەپ چوقۇم تۆلەم شەكلى،تۆلەم قىممىتى ،تۆلەم پۇلى مۇددىتى توغرىسىدا .ئەگەر ئۆي مۆلۈك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرۇش شەكىلدە بولسا، ئالماشتۇرۇدىغان ئۆينىڭ ئورنى ،كۆلىمى، كۆچۇش ھەققى ،ئورۇنلىشش ھەققى،ۋاقىتلىق ئولتۇرۇپ تۇرۇدىغان ئۆي، ئىشلەپچىقىرىش تىجارەت توختۇتۇشتىن كىلىپ چىققان زىيان تۆلىمى،كۆچۈپ بىر مۇددىتى قاتارلىق جەھەتتە توختام تۈزۈش كىرەك.توختام تۈزۈلۇپ بولغاندىن كىيىن بىر تەرەپ توختام بويىچە ئىش قىلمىسا يەنە بىر تەرەپ سوتقا ئەرىز سۇنسا بولىدۇ.
26-ماددا ئۆينى قايتۇرۋالغۇچى تەرەپ ۋەئۆيى چېقىلغۇچى تەرەپ توختامدا كىلىشىم ھاسىل قىلالمىسا ياكى ئۆينىڭ قانۇنى ئىگسى ئىنىق بولمىسا ، ئۆينى قايتۇرۋالغۇچى تەرەپ شۇ شەھەر،ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكىمەتلىرىگە ئەھۋال ئىنكاس قىلىدۇ.خەلق ھۆكىمەتلىرى مۇشۇ بەلگۇلمىگە ئاساسەن قايتا قاراپ چىقىدۇ ۋە قايتا قاراپ چىقىش قارارىنى شۇ رايۇنغا چاپلايدۇ.تۆلەم بىرىشتە چوقۇم ھدىل بولۇش كىرەك .ئەگەر چېقىش قارارىغا نارازى بولغانلار بولسا ،قايتا قاراپ چىقىشقا ئىتىماس قىلسا بولىدۇ،ياكى بىۋاستە سوتقا ئەرىز سۇنسا بولىدۇ.
27 –ماددا كۆچۇش كۆچۇرۇشتە ئالدى بىلەن تۆلەم پۇلنى ئەمەلىيلەشتۇرۇپ ئاندىن كۆچۈش پىرىنسىپى قوللىنىدۇ.شەھەر،ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكىمەتلىرى ئالدىن تۆلەم پۇلنى بىرىدۇ،ئۆيى چېقىلغۇچى تەرەپ ئاندىن كىلىشكەن توختام بويىچە كۆچۈپ بىرىدۇ.بۇ جەرياندا ھەرقانداق شەخس ياكى ئورۇننىڭ زورلۇق قىلىش ،تەھدىت سىلىش ئۇسۇلى بىلەن ،ياكى بەلگۇلىمىگە خىلاپ ھالدا سۇ ،توك ،پار ،گاز يوللىرىنى ئۇزۇۋىتىش ماڭىدىغان يوللىرىنى توساپ قويۇش خاراكتىرىدىكى مەجبۇرلاپ كۆچۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللىنىشغا روخسەت قىلىنمايدۇ.قۇرۇلۇش ئورۇنلىرىنىڭ كۆچۇش كۆچۇرۇش ئىشلىرىغا ئارلىششغا قەتئى يول قويۇلمايدۇ.
28 –ماددا ئۆيى چېقىلغۇچى قايتا قاراپ چىقىشقا ئىتىماس قىلمسا ياكى بىۋاستە سوتقا ئەرىز سۇنمسا ،شۇنداقلا كۆچۈپ بىرىشكە ئۇنىمىسا .مەسئۇل خەلق ھۆكىمەتلىرى ناھىيە دەرىجىلك خەق سوتىغا مەجبۇرى ئىجرا قىلىپ بىرىشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.«مەجبۇرى ئىجرا نامە»دا چوقۇم تۆلەم سوممىسى ،بانكا ھىساۋاتى نۇمۇرى،ئۆي مۆلۇك ھوقۇقىنى ئالماشتۇرغان ئۆي (يىڭىدىن بىرىلگەن ئۆينى كۆرسىتىدۇ) ،ۋاقىلىق ئولتۇرىدىغان ئۆي. ۋە جوغراپىيىلىك ئورنى ،كۆلىمى ،ماتىريالى قاتارلىقلار ئىنىق بولىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.
29-ماددا تۆلەم بەرگۇچى ئورۇن قانۇن بويىچە چىقىلغان ئۆيلەرنىڭ ئارخۋىنى تۇرغۇزۇپ ، ئۆي ئىگىلىرىگە ئەمەليلەشكەن تۆلەم پۇل سوممىسىنى باڭ قىلىپ شۇ رايۇنغا چاپلاپ ئۇقتۇرۇش قىلىدۇ.نازارەتچى تارماقلار تۆلەم پۇلىنى بىرىش خىزمىتىگە بولغان نازارىتى قاتتق كۈچايتىپ ،نەتىجىسىنى شۇ رايۇندىكى ئاممىغا ئاشكارىلايدۇ.
30- ماددا شەھەر ،ناھىيە دەرىجىلىك خەلق ھۆكىمەتلىرى ۋە چېقىش تۆلەم بىرىش خىزمىتگە مەسئۇل خادىملاردىن مەسئۇلىيىتى مۇشۇ نىزام بويىچە ئىجرا قىلمىغانلار، ھوقۇقىدىن پايدىلانغانلار،مەسئۇلىيەتسىزلىك قىلغانلار، خۇسۇسى يولغا ماڭغانلار يۇقىرى دەرىجىلىك خەلق ھۆكىمەتلىرى ياكى شۇ دەرىجىلك خەلق ھۆكىمەتىلىرى تەرپىدىن تۇزتۇشكە بۇيرۇلىدۇ ۋە ئومۇمى ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەنقىتلىنىدۇ.زىيان كەلتۇرگەنلەر قانۇن بويىچە زىياننى تۆلەيدۇ،باشقۇرغۇچى ياكى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك خادىملار بولسا جازا بىرلىدۇ.جىنايەت شەكىللەندۇرگەنلەرنىڭ قىلمىشى قانۇن بويىچە سۈرۈشتە قىلىدۇ.
31-ماددا زورلۇق قىلىش ،تەھدىت سىلىش ئۇسۇلى بىلەن ،ياكى بەلگۇلىمىگە خىلاپ ھالدا سۇ ،توك ،پار ،گاز يوللىرىنى ئۇزۇۋىتىش ماڭىدىغان يوللىرىنى توساپ قويۇش خاراكتىرىدىكى مەجبۇرلاپ كۆچۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللۇنۇپ زىيان كەلتۇرۇپ چىقارغانلار ،قانۇن بويىچە تۆلەم مەسئۇلىيىتىنىئۆز ئۈستگە ئالىدۇ. باشقۇرغۇچى ياكى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك خادىملار بولوپ جىنايەت شەكىللەندۇرگەنلەر نىڭ جىنايىتى سۇرۇشتە قىلىنىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۇرۇشكە توشمىسا ،قانۇن بويىچە جازا بىرلىدۇ.ئامانلىق باشقۇرۇش قىلمىشى شەكىللەنگەن بولسا،ئامانلىق باشقۇرۇش نىزامى بويىچە جازا بىرلىدۇ.
32- ماددا زورلۇق قىلىش ،تەھدىت سىلىش ئۇسۇلى بىلەن ئۆيلەرنى قانۇن بويىچە چىقىش خىزمىگە توسالغۇ بولغانلاردىن جىنايەت شەكىللەندۇرگەنلەر نىڭ جىنايىتى سۇرۇشتە قىلىنىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۇرۇشكە توشمىسا ،قانۇن بويىچە جازا بىرلىدۇ.ئامانلىق باشقۇرۇش قىلمىشى شەكىللەنگەن بولسا،ئامانلىق باشقۇرۇش نىزامى بويىچە جازا بىرلىدۇ.
33-ماددا يۇتىۋىلىش ،يۆتكەپ ئىشلىتىۋىلىش،ئايرىۋىلىش،باستۇرۇپ قويۇش ،كەيىنىگە سۈرۈش قاتارلىق شەكىللەر بىلەن تولەم پۇلىنى ئىگەللىۋالغانلارغا ،مۇددەت ئىچىدە پۇلنى قايتۇرۇپ، خاتالىقىنى تونۇشقا بۇيرۇيدۇ.ئىدارىسى ئومۇمى ئۇقتۇرۇش قىلىپ تەنقىتلىدۇ. زىيان كەلتۇرۇپ چىقارغان بولسا ،قانۇن بويىچە تۆلەم مەسئۇلىيىتىنى ئۆز ئۈستگە ئالىدۇ. باشقۇرغۇچى ياكى بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك خادىملار بولوپ جىنايەت شەكىللەندۇرگەنلەر نىڭ جىنايىتى سۇرۇشتە قىلىنىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۇرۇشكە توشمىسا ،قانۇن بويىچە جازا بىرلىدۇ.ئامانلىق باشقۇرۇش قىلمىشى شەكىللەنگەن بولسا،ئامانلىق باشقۇرۇش نىزامى بويىچە جازا بىرلىدۇ. %
34- ماددا ئۆي –مۆلۈك باھاسىنى باھالاپ بىكىتىش ئورگانلىرى ياكى ئۆي –مۆلۈك باھاسىنى باھالاپ بىكىتىش خادىملىرىدا ساختىلىق قىلىش ياكى دوكلاتتا چوڭ خاتالىق كۆرۇلسە. كىنىشكە تارقاتقان ئورۇن مۇددەت ئىچىدە ئۇزتىشكە بۇيرۇيدۇ ،ۋە ئاگالاندۇرۇش جازاسى بىرلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۆي –مۆلۈك باھاسىنى باھالاپ بىكىتىش ئورگىنىغا 50مىڭ يۇۋەندىن يۇقىرى 200 مىڭ يۇۋەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويلىدۇ.خاتالق سادىر قىلغان ئۆي –مۆلۈك باھاسىنى باھالاپ بىكىتىش خادىمىغا 10مىڭ يۇۋەندىن يۇقىرى 30مىڭ يۇەندىن تۆۋەن جەرىمانە قويۇلۇپ ،ئارخىپقا خاتىرلىدۇ،قىلمىشى ئىغىرراق بولغانىلىرنىڭ «باھالاش سالاھىيەت گۇۋانامىسى»،«رويىخەتكە ئىلش گۇۋانامىسى » توختۇتۇپ قويلىدۇ. جىنايەت شەكىللەندۇرگەنلەر نىڭ جىنايىتى سۇرۇشتە قىلىنىدۇ.
35 -باپ قوشۇمچە پىرىنسىپ 35-ماددا مەزكۇر نىزامنامە ئىلان قىلىنغان كۇندىن باشلاپ يولغا قويلىدۇ،شۇنىڭ بىلەن بىرگە 2001-يىلى 6-ئاينىڭ 13-كۈنى دۆلەت كېڭىشى ئىلان قىلغان «شەھەر ئۆيلىرىنى چېقىش _كۆچۈرۈش »باشقۇرۇش نىزامنامىسى ئىناۋەتسىز قىلىدۇ. مەزگۇر نىزامنامە ئىلان قىلىنغان كۇندىن بۇرۇن چىقىش ئىجازەتنامىسى ئىلىپ بولغانلار ،ئەسلىدىكى نىزامنامە بويىچە ئىش كۆرسە بولۇدۇ.بىراق خەلق ھۆكىمەتلىرى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى مەجبۇرىي كۆچۈرسە بولمايدۇ. ئەسلى ھۆججەت ئادىرسىhttp://www.gov.cn/zwgk/2011-01/21/content_1790111.htm ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەنلەر مەن ئەسلى بۇ ھۆججەتنى بۇرۇنراق يوللىماقچى ئىدىم ،سەل ئالدىراش بولۇپ كىچىكىپ قالىدى ،ئەپۇ قىلارسىلەر سەۋىيەم چەكلىك بولغانلىقى ئۇچۇن ئىملا ۋە تەرجىمىدە خاتالىق بولىشى مۈمىكىن ،باشقۇرغۇچى دوسلارنىڭ ئىغىر كۆرمەي بىر قىتىم تەھىرلىۋىتشىنى ئۈمىت قىلىمەن (دۆلەت ھۆججىتى ئەمەسمۇ دىققەت قىلىش كىرەك ئەلۋەتتە) مۇنبەردىكى دوسلارنىڭ ئىمكانقەدەر باشقا مۇنبەرگە يوللاپ كۆپرەك قىرىنداشلىرىمىزنى خۋەردار قىلىشىنى ئۈمىت قىلىمەن. بولسا بىكەت باشلىقى مۇشۇ بىر تىمىنى كۆپچىلىكنى كۆزدە تۇتۇپ ،تورداشلارنىڭ چۇشۇرۋىلىشىغا روخسەت قىلسىكەن دەيمەن مەنبە
http://bbs.anatuprak.com/read.php?tid=10815