بۇ مەزمۇن 7قەۋەتتىكى general نىڭ 2011-06-27 18:02 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
مۇنبەرگە يوللانغان سوپىزىملىق توغرىسىكى يازمىلارنى ئوقۇسام، بىزنى خۇددى مۇشۇ سوپىلار (سوپى بولساق)لا جەننەتكە كىرگۈزەلەيدىغاندەك قاراشقا كېلىپ قالىمەن.سوپىلارنىڭ تەشۋىقاتى ئارقىلىق مۇسۇلمانلارنى مەزھەبلەرگە بۆلۈشنى،پىكرىمگە قوشۇلمىغانلاردىن چەك-چېگرا ئاجرىتىشنى،سوپى بولمىغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھەق يولىدا ئەمەسلىكىنى...بىلىۋالىدىغان ئوخشايمەن.
تونۇش-بىلىشلەر ئارىسىدا سوپىلىق تەشۋىقاتى قىلىپ ھۆرمەتكە ئېرىشىۋالسام،ئۇلارنىڭ مېنى پىر تۇتۇشىدا گەپ يوق.ئاندىن بىز بىرلىشىپ باشقىلارنى پىرقىمىزگە تارتىمىز.تارىخنى قايتىدىن يازىمىز.ئاپپاق خوجىنى تېخىمۇ مەدھىيىلەپ...