بىر كۈنى چىرايلىق،ناھايىتى خۇشپۇراق،رەڭلىرى جەلەپكار بىر گۈل دېڭىزنىڭ ئەڭ تىگىدە ياشايدىغان،ئۇنىڭدايۇقارقى گۈلدە بار بۇلغان سۇپەتلەدىن بىرسىمۇ تىپىلمايدىغان بىر مەرۋايىت بىلەن ئۈچرىشىپ قاپتۇ ئىككىسى سالاملاشقاندىن كېيىن گۈل مەرۋايىتقا ئۈزىنى تۇنۇشتۇرۇپ مۇنداق دەپتۇ:بىز ئىنتايىن چۇڭ ئائىلە،بىز گۈل، چىچەك دەپ ئىككىگە ئايرىلىمىز، بۇ ئىككىسىنىڭ ھەر بىرىنىڭ ناھايىتى كۇپ تۇرلىرى بار بۇلۇپ مەن ئۇنى ساناپ بۇلۇشقا ئامالسىز.لىكىن بىز بىر بىرىمىزدىن باشقىلانىڭ دىققىتىنى تاتىدىغان ئۈزىمىزگە خاس شەكىل،جامال،خۇش پۇراق،رەڭلە بىلەن پەرىقلىنىمىز.گۈل سۇزلەپ مۇشۇ يەگە كەلگەندە تۇيۇقسىز گۈلدە ئېغىر بىر قايغۇرۇش پەيدا بۇلۇپتۇ دە سۇزدىن تۇختاپتۇ،بۇنى كۇرگەن مەرۋايىت ھەيرانلىق ئىچىدە گۇلدىن مۇنداق سۇراپتۇ:يۇقارقى دەپ ئۇتكەنلىرىڭىز سىزنى قايغۇرتىدىغان ئەمەس بەلكى سىزنى خۇشاللاندۇرىدىغان بايانلا، شۇنداق تۇرۇغلۇق سىز نىمىشقا قايغۇرىسىز؟گۈل مەرۋايىتقا جاۋابەن مۇنداق دەپتۇ:دىگىنىڭىز تۇغرا لىكىن قايغۇرىدىغان يىرىمىز شۇكى ئىنسانلا بىزگە پارۋاسىزلىق،كۈزگە ئىلماسلىق مۇئامىلىسىدە مۇئامىلە قىلىدۇ.ئۇلار بىزنى ياخشى كۈرەپ ئەمەس بەلكى بىزنىڭ گۇزەل جامالىمىزدىن ھۇزۇر ئېلىش،خۇش پۇرىقىمىزنى پۇراش،چىرايلىق رەڭلىرىمىزنى تاماشاقىلىش ئۇچۇن تىكىدۇ، ئۇلا ربىزدىن بىزگە ئەڭ قىممەتلىك بۇلغان يۇقارقى نەرسىلىرىمىز گە ئىرىشىپ بۇلغاندىن كېيىن بىزلەنى بۇلۇڭ پۇشقاقلاغا،ئەخلەت ساندۇقلىرىغا چۇرۇپ تاشلىۋىتىدۇ ئەمەسمۇ!!!! گۈل ئېغىر بىر ئۇھ سىنغاندىن كىيىن مەرۋايىتقا سىزمۇ ماڭا ئۈز ئەھۋالىڭىزنى سۇزلەپ بىرىڭ دەپتۇ.ئۇنىڭغا جاۋابەن مەرۋايىت مۇنداق دەپتۇ:مىنىڭ گۈزەل رەڭلەدىن،كۈچلۈك خۇشپۇراقلادىن سىزنىڭ نەسىبىڭىزگەئۇخشاش نەسىبەم بۇلمىسىمۇ لىكىن مەن كىشىلەنىڭ نەزىرىدە ئەڭ قىممەتلىك ئۇلارمىنى ئىزدەپ ئۇزۇن سەپەرلەنى بېسىپ دېڭىز ساھىلىگە كىلىدۇ، ماڭا ئىرىشىش ئۈچۈن ھاياتىنى دوغا تىكىپ دېڭىز نىڭ تىگىگە شۇڭغۇيدۇ،مەن كىشىلەدىن قانچىلىكى يىراق بۇلسام شۇنچە چىرايلىق،پارقىراق بۇلىمەن،ھەمدە كىشىلەر شۇنچە قەدىرلەيدۇ ،مەن قېلىن سەدەپنىڭ ئىچىدە،قاپ قاراڭغۇ دېڭىزنىڭ ئەڭ تەگىدە ياشىساممۇ مەن يەنىلام ئەڭ بەخىتلىك ئەڭ بەخىتلىك ،ھەمدە قىممىتىم ئەڭ يۇقۇرى چۈنكى مەن مىنى ئۇينايدىغان قۇللادىن نېرى. {3!E8~
قېنى دەپ بېقىڭ گۈل كىم؟مەرۋايىت كىم؟