6-ئاينىڭ 24-كۈنى، شىنجاڭنىڭ توقسۇن ناھىيەسىدە «توقسۇن ناھىيەسى تۆتىنچى نۆۋەتلك ‹كىروران روھى› قومۇل قوغىنى كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنى» دا، 10 دانە «كىروران روھى» قوغۇنى بىر نەچچە شىركەت تەرىپىدىن 960 مىڭ يۈەنلىك يوقىرى باھا بىلەن سېتىۋېلىنىپ، ئۆتكەن يىلىقى 840 مىڭ يۈەنلىك رىكورتنى يېڭىلىغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر دانە قوغۇن %21.90 لىك شېكەر تەركىۋى بىلەن «ئەڭ تاتلىق قۇمۇل قوغۇنى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەن، ھەمدە 300 مىڭ يۈەنگە سېتىلغان.

چۈشەندۈرۈشلەرگە قارىغاندا، بۇ قېتىم كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىلغان 10 دانە قوغۇن توقسۇن، پىچان قاتارلىق جايلاردىكى دېھقانلار ئېلىپ كەلگەن مىڭ دانىگە يېقىن قوغۇنلار ئارىسىدىن تاللاپ چىقىلغان بولۇپ، شۇ كۈنى «ئەڭ تاتلىق قوغۇن» بولۇپ باھالانغان قوغۇننىڭ شېكەر تەركىبى ئۆتكەن يىلىقى %21.20 دىن خېلىلا يوقىرى چىققان. شۇ كۈنى شىنجاڭدىكى 23 كارخانا ۋە گۇاڭدوڭ، جېجياڭ، جياڭسۇ ۋە بېيجىڭ قاتارلىق جايلاردىن كەلگەن 26 كارخانا نەق مەيدان كىم ئارتۇق قىلىپ سېتىش يىغىنىغا قاتناشقان.
چۈشەندۈرۈشلەرگە قارىغاندا، توقسۇن ناھىيەسىدىكى قوغۇن تېرىلىش كۆلىمى 25 مىڭ موغا يېتىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە سەر خىل قۇمۇل قوغۇنى 5000 مو. بۇنىڭ سەرخىل قومۇل قوغۇنى دەپ ئاتىلىشىدىكى سەۋەپ، بۇ قوغۇنلارنىڭ ھەممىسى ئورگانىك يىمەكلىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمىگە ئاساسەن ئۆستۈرۈلگەن يېشىل يىمەكلىكلەردۇر.
چۈشەندۈرۈشلەرگە قارىغاندا، توقسۇن ناھىيەسى جۇڭگودىكى بىردىنبىر دېڭىز يۈزىدىن ئىگىزلىكى نۆل مېتىر كېلىدىغان جاي ئىكەن.