باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 2750 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: شەرىئەتتىكى بەزى جىنايەت ئاتالغۇلىرى(ھەمزە)
ھەق گەپ ئاچچىق بولسىمۇ ھەق سۆزلىگىن
دەرىجە: سەھىپە مەسئۇلى

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 65
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 13
ئومۇمىي يازما: 1676
ئۇنۋان:سۆيۈملۈك ھازىرغىچە1676دانە
ئۆسۈش: 5125 %
مۇنبەر پۇلى: 19322 سوم
تۆھپىسى: 29 كىشى
ياخشى باھا: 5 نۇمۇر
تىزىملاش: 2010-05-31
ئاخىرقى: 2011-06-30
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-25 20:09

شەرىئەتتىكى بەزى جىنايەت ئاتالغۇلىرى(ھەمزە)

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھ!
بىز كۇندىلىك تۇرمىشىمىزدا ھەرخىل دىننىي ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىمىز ھەم ئاڭلايمىز.بەزىلىرىنى بىلسەكمۇ بەزىلىرىنىڭ قانداق مەنادا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلەلمەيمىز. مەن مۇشۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىسلام شەرىئىتىدە بىر قەدەر كۆپ ئاتىلىدىغان بەزى جىنايەت ئاتالغۇلىرى توغرىسىدا ئازراق قەلەم تەۋرەتمەكچىمەن.
1.  مۇشرىك. مۇشرىك دىگەن ئاللاھقا شىرىك كەلتۇرگۇچى دىگەن بۇلىدۇ. بىزلەر مۇشرىك دىگەن نامنى پەقەتلا بۇتقا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈنلا ئىستىمال قىلىپ كەلگەن. بۇ ئۇمۇمىي ئاتالغۇ بۇلۇپ ئاللاھقا شىرىك كەلتۇرىدىغان ئەمەللەرنى قىلىدىغان بارلىق كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. شىرىك كەلتۇرۇش ئاللاھ قەتئىي كەچۇرمەيدىغان دەۋزەختە ئەبەدىلئەبەد قالدۇرىدىغان ئىشتۇر. مۇشرىكلار ھەرقانچە ياخشى ئەمەللەرنى قىلسۇن ھەممىسى بىكار. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى ئىتىبارغا ئالمايدۇ.    ئاللاھ قۇرئاندا مۇشرىكلىقنىڭ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ.{ اﷲ ھەقىقەتەن اﷲ غا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى اﷲ غا شېرك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ}سۈرە نىسا 48.ئايەت. بۇ ئايەتتە شىرىك كەلتۈرگەن پېتى ئۈلۈپ كەتكەنلەرنىڭ مەڭگۈ دەۋزەختە قالىدىغانلىقى،ئۇنىڭ گۇناھنىڭ قەتئىي كەچرۇم قىلمايدىغانلىقى سۆزلەنگەن. مۇشرىك ھالەتتە ئۈلۈپ كەتكەنلەرگە قىلىنغان مەغپىرەت ھەممىسى بىكارچى.
ئاللاھ شىرىكتىن ئۆتمەيدۇ. بۇ توغۇرلۇق كەلگەن ئايەتلەر ئىنتايىن كۆپ.
شىرىك ئككى تۈرگە بۇلنىدۇ. يەنى چوڭ شىرىك كىچىك شىرىك.
ئىبنى قەييۇم مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھتىن باشقا نەرسىلەرگە سېغىنىش،ۋە شۇ نەرسىلەرنى ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەكلا ياخشى كۈرۈش.ئاللاھنىڭ غەيرى ئۈچۈن نەزىر قىلىش،ئاللاھنىڭ غەيرى ئۈچۈن قۇربانلاق قىلىش.... بۇنداق شىرىكنى ئاللاھ ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ.پەقەتلا ئۈلۈشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلسا ئاندىن كەچۇرىدۇ.
ئۇ يەنە كىچىك شىرىك توغۇرلۇق توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ.
:-كىچىك شىرىك بولسا رىيا قىلىش(يەنى ساۋاب بۇلىدىغان ئەمەللەرنى ئاللاھ ئۈچۈنلا قىلماستىن باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن قىلىدىغان ئەمەللەرنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ خالىسا رىيا توغۇرلۇق تەپسىلى بىر تىما يازىمىز)ئاللاھنىڭ باشقىسى بىلەن قەسەم قىلىش، بۇ توغۇرلۇق رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن«كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن ئۇ ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەن بۇلىدۇ»(ئەھمەد،تىرمىزى،ھاكىم رىۋايەت قىلغان سەھىھ)
بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىگە‹ئاللاھ خالىسا ۋە سەن خالىساڭ› دىيشى، ‹بۇ ئىش ئاللاھتىن ۋە سەندىن › دىيىشى، ۋە يەنە‹ مەن ئاللاھ بىلەن ھەم سەن بىلەن› دىيىشى، ‹مەن ئاللاھقا ۋە ساڭا تەۋەككۇل قىلىمەن› دىيىش،‹ئەگەر سەن بولمىغان بولساڭ بۇ نەتىجە قولغا كەلمەيتتى›دىيىش... بەزى ۋاقىتلاردا يۇقارقى كىچىك شىرىك دىيىلگەن سۆزلەرمۇ  شۇ سۆزنى قىلغۇچىنىڭ نىيتىنىڭ قانداقلىقى بىلەن چوڭ شىرىككىمۇ ئېلىپ بارىدۇ.
2.كاپىر. كاپىر دىگەن  تانغۇچى دىگەن بۇلىدۇ.ئالىملار كاپىر دىگەن بۇ نامنى كۇفرۇلئەكبەر(چوڭ كاپىر)،كۇفرۇلئەسغەر(كىچىك كاپىر) دەپ ئىككىگە بۆلگەن. چوڭ كاپىر دىگىنىمىز ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئىتراپ قىلمىغان،ئىتراپ قىلغان بولسىمۇ ئاللاھنىڭ تىللىغان،پەرىشتىلەرنى تىللىغان،پەيغەمبەرلەرنى تىللىغان،قۇرئاننى ياكى قۇرئاننىڭ بىرەر ئايەتلىرىنى يامان كۆرگەن ياكى ئىشەنمىگەن ناماز ئوقۇمىغان (بەزى ئالىملار ناماز ئوقۇمايدىغان كىشىنى كىچىك كۇپۇر قاتارىدا سانىغان) قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ ياكى سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ بىرەر ئايتىنى يالغانغا چىقارغان كىشىلەر چوڭ كاپىر قاتارىغا كىرىدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن{ كىمكى اﷲ نى، اﷲ نىڭ پەرىشتىلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ، جىبرىئىلنى، مىكائىلنى دۈشمەن تۇتىدىكەن (اﷲ نى دۈشمەن تۇتقان بولىدۇ)، شۇبھىسىزكى اﷲ كاپىرلارنى دۈشمەن تۇتىدۇ} سۈرە بەقەر 98.ئايەت».
ئۇمۇمەن قىلىپ ئېتقاندا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا مەنمەنچىلىك قىلىپ بويسۇنمىغان كىشىنىڭ كاپىر بۇلىشىدا شەك يوق. بۇ ھەقتە قۇرئاندا { ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە :«ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس (سەجدە قىلىشتىن)باش تارتتى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى}  دىگەن.سۈرە بەقەر 34.ئايەت. ئىبلىس ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنمىغانلىقى تۇپەيلى كاپىر بۇلۇپ كەتكەن.
كىچىك كاپىر دىگەن ئاللاھقا ئاسىي بولغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇندىن باشقا مۇسۇلماننى تىللىسا،نامازنى ئىنكار قىلغانلىقتىن ئەمەس ھۇرۇنلۇقتىن ياكى باشقا سەۋەبلەر تۇپەيلى ئوقۇمىسا،قېرىندىشىنى ئى كاپىر دەپ تىللىسا،كۇپرۇلئەسغەر قاتارىغا كىرىدۇ.
ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ بۇ توغۇرلۇق كەلگەن ھەدىسلارنى ئىزاھلاپ مۇنداق دەيدۇ:- كىچىك كۇپۇر سادىر بولغان ئادەم دەۋزەختە مەلۇم مىقداردا شۇ قىلغان گۇناھىنىڭ بارابىرىدە دەۋزەختە كۇيىدۇ.دەۋزەختە مەڭگۈ قالمايدۇ.
رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن‹مىنىڭ ئۇممىتىمدىن ئىككى تۈرلۈك كىشى بار. ئۇلار كاپىردۇر.بىرى نەسەبكە تېنىۋېلىش،مىيتقا ئۇن سېلىپ يىغلاش›(مۇسلىم ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان)
يەنە مۇنداق دىگەن«كىمكى ئايالنىڭ كەينىدىن كىلىدىكەن مۇھەممەدكە چۈشۈرۈلگەن نەرسىگە كاپىر بولدى»(ئەبۇ داۋۇد.تىرمىزى،ئىبنى ماججە رىۋايەت قىلغان)
يەنە بىر ھەدىستە« كىمكى كاھىن ياكى چىراغچىنىڭ قېشىغا كەلسە ۋە ئۇنىڭ دىگەن نەرسىلىرىگە ئىشەنسە ئاللاھ مۇھەممەدكە نازىل قىلغان نەرسىلەرگە كاپىر بولغان بۇلىدۇ»(ئەھمەد ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان سەھىھ)  بۇ ھەدىسلەردىكى «كاپىر» سۆزى كۇپرۇلئەسغەر دەپ ئىزاھلانغان.
ئاسىيلىقلارنىڭ ھەممىسى كۇپرۇلئەسغەر قاتارىغا كىرىدۇ.
3.مۇرتەد بۇ ئسلام دىنىغا كىرىپ بۇلۇپ يېنۋالغان كىشىلەرنىڭ ئۇمۇمىي نامىدۇر. مۇرتەد بولغانلار ئاللاھنىڭ چوڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ.      ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن[ئى مۆمىنلەر! سىلەردىن كىمكى مۇرتەد بولىدىكەن، اﷲ (ئۇنىڭ ئورنىغا)اﷲ ئۇلارنى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ اﷲ نى دوست تۇتىدىغان، مۆمىنلەرگەكۆيۈنىدىغان، كاپىرلارغا شەپقەتسىز، اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى كەلتۇرىدۇ. بۇ (يەنى يۇقۇردىكى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىش)اﷲ نىڭ پەزلىدۇركى، (اﷲ) ئۇنى (بەندىلىرىدىن) خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، اﷲ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (اﷲ) ھەممىنى بىلگۇچىدۇر.]سۈرە مائىد 54.ئايەت
ئىسلام دىنىغا كىرىپ بۇلۇپ مۇرتەد بولغان ئادەمنىڭ شەرىئەتتىكى ئۇنىڭغا بىرلىدىغان جازاسى ئۆلتۈرۈشتۇر.
بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسقا قاراپ باقايلى.
««مۇسۇلماننى تۈۋەندىكى ئۈچ ئىشتىن بىرنى قىلمىغۇچىلىك ئۆلتۇرۇش ھالال بولمايدۇ.
1.ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش.

2. مۇرتەد بۇلۇش.يەنى دىندىن يېنۋېلىش
3.
توي قىلىپ بولغان تۇرۇقلۇق زىنا قىلىش»
بۇ ھەدسىتىن مۇرتەدكە ئۈلۈم جازاسى بىرىش چىقىدۇ.
4.مۇناپىق بۇنىڭ مەنىسى ئىككى يۈزلىمىچى دىگەن بۇلىدۇ. يەنى مۇناپىق دىگەن دىنسىزنىڭ يېنىغا بارسا شۇلارنىڭ سۈرتىدە ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ يېنىغا بارسا ئالىملارنىڭ سۈرتىدە بۇلالايدۇ. بۇنداق كىشىلەر مۇناپىقلاردۇر.
رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇناپىقنىڭ ئالامىتى توغۇرلۇق مۇنداق دىگەن«تۆت ئىش بار.قانداق بىر ئادەمدە شۇ تۆت ئىش تېپىلىدىكەن ئۇ خالىس مۇناپىق بۇلىدۇ. ئەگەر شۇ 4ئىشتىن بىرەرى تېپىلسا مۇناپىقلىقتىن بىر خىسلەت بولغان بۇلىدۇ ھەتتاكى شۇ خىسلەتنى تاشلىۋەتكەنگە قەدەر. بۇ 4خىسلەت 1.ئامانەت قويسا خىيانەت قىلىدۇ.2.سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ3.ۋەدە قىلسا خلاپلىق قىلىدۇ4.تىللاشقاندا ئېغىزىنى بۇزىدۇ » بىرلىككە كەلگەن ھەدىس
مۇسلىمنىڭ بىر رىۋايىتىدە ئەگەر ئۇ ناماز ئوقىسىمۇ،روزا تۇتسىمۇ،مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدە بولسىمۇ يەنىلا مۇناپىق دىيىلگەن.
مۇناپىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا بۇلىدىغان زىينى دىنسىزلارنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە زىيادىدۇر. رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدىمۇ شۇنداق بولغان ھازىرمۇ ھەم شۇنداق بۇلۋاتىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ ئاللاھ {مۇناپىقلار چوقۇم دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە (يەنى قەئىرىگە)تاشلىنىدۇ، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ (ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) مەدەتكار تاپالمايسەن} سۈرە نىسا145.ئايەت
دىگەن.
مۇناپىقلارنىڭ ھۆكمى كاپىرلار بىلەن ئوخشاشتۇر.
ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ{ئى مۆمىنلەر! نېمىشقا مۇناپىقلار توغرىسىدا ئىككى گورۇھقا بۆلۈنۈپ كېتىسىلەر؟ اﷲ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى كاپىرلار ھۆكمىدە قىلدى، اﷲ ئازدۇرغان كىشىلەرنى سىلەر ھىدايەت قىلماقچى بولامسىلەر؟ كىمنىكى اﷲ گۇمراھ قىلىدىكەن، سەن ئۇنىڭغا ھەرگىز توغرا يول تېپىپ بېرەلمەيسەن}  سۈرە نىسا 81.ئايەت
مۇناپىقلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى ۋە نەپىقە قىلغان ماللىرى ئۇلار تەۋبە قىلىپ مۇناپىقلىقنى تاشلىمىغۇچىلىك قۇبۇل قىلىنمايدۇ.
ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن{ئېيتقىنكى، «(ئى مۇناپىقلار جامائەسى!) سىلەر ئىختىيارى ياكى مەجبۇرىي يوسۇندا (قانچىلىك پۇل- مال سەرپ قىلساڭلارمۇ) ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ، چۈنكى سىلەر اﷲ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققان قەۋم بولدۇڭلار} سۈرە تەۋبە 53.ئايەت».
5.پاسىق. بۇ ئاتالغۇ يۇقاردا تىلغا ئېلىنغانلاردىن تۈۋەنرەك ئۇرۇندا تۇرىدۇ. يەنى پاسىقلار دەۋزەختە مەڭگۈ قالمايدۇ. بۇ دۇنيادا قىلغان گۇناھى ئۈچۈن مەلۇم مۇددەت دەۋزەختە كۆيگەندىن كىيىن جەننەتكە چىقىدۇ.
پاسىقلار توغۇرلۇق قۇرئاندا كەلگەن ئايەتلەرگە قاراپ باقايلى.
{پاسىقلار اﷲ ۋەدە ئالغاندىن كىيىن بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ. اﷲ ئۇلاشقا بۇيرىغان شەيئنى ئۈزۈپ قويىدۇ (يەنى سىلە- رەھىم قىلمايدۇ)، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ؛ ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر}سۈرە بەقەر 27.ئايەت
پاسىقلار توغۇرلۇق بەزى ئالىملار‹ سىلى رەھىمنى ئۈزۈش،يالغان خەۋەرلەرنى يەتكۈزۈش،ۋەدىسىدە تۇرماسلىق،نامازنى ئاللاھ تەرپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلماستىن ناماز ئوقۇمايدىغان كىشى،باشقىلارنى مەسخىرە قىلىدىغان كىشى ....›دىگەن. قۇرئاندا يەنە ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۇكۇم قىلمايدىغانلارنىمۇ ھەم پاسىقلار قاتارىدا سانىغان.
تىما ئۇزراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن.
خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا كۆرسىتىپ قۇيشۇڭلارنى سۇرايمەن.
تەييارلىغۇچى - ھەمزە
 
دەرىجە: يېڭى ئەزا
ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 8025
جىنسى : يوشۇرۇن
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 81
ئۇنۋان:رەسمىي ھازىرغىچە81دانە
ئۆسۈش: 0 %
مۇنبەر پۇلى: 820 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-06-25
ئاخىرقى: 2011-08-15
يۇمشاق سافا  يوللانغان ۋاقت: 2011-06-26 01:35

ياخشى تېمما يوللاپسىز قېرىندىشىم ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن، ئەجرىڭىزگە رەھمەت!