查看完整版本: [-- شەرىئەتتىكى بەزى جىنايەت ئاتالغۇلىرى(ھەمزە) --]

كەڭ ساي مۇنازىرە مۇنبىرى -> پەندى نەسھەت -> شەرىئەتتىكى بەزى جىنايەت ئاتالغۇلىرى(ھەمزە) [打印本页] 登录 -> 注册 -> 回复主题 -> 发表主题

ھەمزە 2011-06-25 20:09
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ۋەرەھمەتۇللاھى ۋەبەركاتۇھ!
بىز كۇندىلىك تۇرمىشىمىزدا ھەرخىل دىننىي ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىمىز ھەم ئاڭلايمىز.بەزىلىرىنى بىلسەكمۇ بەزىلىرىنىڭ قانداق مەنادا ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى بىلەلمەيمىز. مەن مۇشۇ نۇقتىنى كۆزدە تۇتۇپ ئىسلام شەرىئىتىدە بىر قەدەر كۆپ ئاتىلىدىغان بەزى جىنايەت ئاتالغۇلىرى توغرىسىدا ئازراق قەلەم تەۋرەتمەكچىمەن.
1.  مۇشرىك. مۇشرىك دىگەن ئاللاھقا شىرىك كەلتۇرگۇچى دىگەن بۇلىدۇ. بىزلەر مۇشرىك دىگەن نامنى پەقەتلا بۇتقا ئىبادەت قىلىدىغان كىشىلەر ئۈچۈنلا ئىستىمال قىلىپ كەلگەن. بۇ ئۇمۇمىي ئاتالغۇ بۇلۇپ ئاللاھقا شىرىك كەلتۇرىدىغان ئەمەللەرنى قىلىدىغان بارلىق كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. شىرىك كەلتۇرۇش ئاللاھ قەتئىي كەچۇرمەيدىغان دەۋزەختە ئەبەدىلئەبەد قالدۇرىدىغان ئىشتۇر. مۇشرىكلار ھەرقانچە ياخشى ئەمەللەرنى قىلسۇن ھەممىسى بىكار. ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنى ئىتىبارغا ئالمايدۇ.    ئاللاھ قۇرئاندا مۇشرىكلىقنىڭ چوڭ گۇناھ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ.{ اﷲ ھەقىقەتەن اﷲ غا شېرىك كەلتۈرۈش گۇناھىنى مەغپىرەت قىلمايدۇ، خالىغان ئادەمنىڭ ئۇنىڭدىن باشقا گۇناھىنى مەغپىرەت قىلىدۇ. كىمكى اﷲ غا شېرك كەلتۈرىدىكەن، چوڭ گۇناھ قىلغان بولىدۇ}سۈرە نىسا 48.ئايەت. بۇ ئايەتتە شىرىك كەلتۈرگەن پېتى ئۈلۈپ كەتكەنلەرنىڭ مەڭگۈ دەۋزەختە قالىدىغانلىقى،ئۇنىڭ گۇناھنىڭ قەتئىي كەچرۇم قىلمايدىغانلىقى سۆزلەنگەن. مۇشرىك ھالەتتە ئۈلۈپ كەتكەنلەرگە قىلىنغان مەغپىرەت ھەممىسى بىكارچى.
ئاللاھ شىرىكتىن ئۆتمەيدۇ. بۇ توغۇرلۇق كەلگەن ئايەتلەر ئىنتايىن كۆپ.
شىرىك ئككى تۈرگە بۇلنىدۇ. يەنى چوڭ شىرىك كىچىك شىرىك.
ئىبنى قەييۇم مۇنداق دەيدۇ: ئاللاھتىن باشقا نەرسىلەرگە سېغىنىش،ۋە شۇ نەرسىلەرنى ئاللاھنى ياخشى كۆرگەندەكلا ياخشى كۈرۈش.ئاللاھنىڭ غەيرى ئۈچۈن نەزىر قىلىش،ئاللاھنىڭ غەيرى ئۈچۈن قۇربانلاق قىلىش.... بۇنداق شىرىكنى ئاللاھ ھەرگىزمۇ مەغپىرەت قىلمايدۇ.پەقەتلا ئۈلۈشتىن ئىلگىرى تەۋبە قىلسا ئاندىن كەچۇرىدۇ.
ئۇ يەنە كىچىك شىرىك توغۇرلۇق توختۇلۇپ مۇنداق دەيدۇ.
:-كىچىك شىرىك بولسا رىيا قىلىش(يەنى ساۋاب بۇلىدىغان ئەمەللەرنى ئاللاھ ئۈچۈنلا قىلماستىن باشقىلارغا كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن قىلىدىغان ئەمەللەرنى كۆرسىتىدۇ. ئاللاھ خالىسا رىيا توغۇرلۇق تەپسىلى بىر تىما يازىمىز)ئاللاھنىڭ باشقىسى بىلەن قەسەم قىلىش، بۇ توغۇرلۇق رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن«كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن ئۇ ئاللاھقا شىرىك كەلتۈرگەن بۇلىدۇ»(ئەھمەد،تىرمىزى،ھاكىم رىۋايەت قىلغان سەھىھ)
بىر كىشىنىڭ يەنە بىر كىشىگە‹ئاللاھ خالىسا ۋە سەن خالىساڭ› دىيشى، ‹بۇ ئىش ئاللاھتىن ۋە سەندىن › دىيىشى، ۋە يەنە‹ مەن ئاللاھ بىلەن ھەم سەن بىلەن› دىيىشى، ‹مەن ئاللاھقا ۋە ساڭا تەۋەككۇل قىلىمەن› دىيىش،‹ئەگەر سەن بولمىغان بولساڭ بۇ نەتىجە قولغا كەلمەيتتى›دىيىش... بەزى ۋاقىتلاردا يۇقارقى كىچىك شىرىك دىيىلگەن سۆزلەرمۇ  شۇ سۆزنى قىلغۇچىنىڭ نىيتىنىڭ قانداقلىقى بىلەن چوڭ شىرىككىمۇ ئېلىپ بارىدۇ.
2.كاپىر. كاپىر دىگەن  تانغۇچى دىگەن بۇلىدۇ.ئالىملار كاپىر دىگەن بۇ نامنى كۇفرۇلئەكبەر(چوڭ كاپىر)،كۇفرۇلئەسغەر(كىچىك كاپىر) دەپ ئىككىگە بۆلگەن. چوڭ كاپىر دىگىنىمىز ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى ئىتراپ قىلمىغان،ئىتراپ قىلغان بولسىمۇ ئاللاھنىڭ تىللىغان،پەرىشتىلەرنى تىللىغان،پەيغەمبەرلەرنى تىللىغان،قۇرئاننى ياكى قۇرئاننىڭ بىرەر ئايەتلىرىنى يامان كۆرگەن ياكى ئىشەنمىگەن ناماز ئوقۇمىغان (بەزى ئالىملار ناماز ئوقۇمايدىغان كىشىنى كىچىك كۇپۇر قاتارىدا سانىغان) قۇرئان ئايەتلىرىنىڭ ياكى سەھىھ ھەدىسلەرنىڭ بىرەر ئايتىنى يالغانغا چىقارغان كىشىلەر چوڭ كاپىر قاتارىغا كىرىدۇ. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن{ كىمكى اﷲ نى، اﷲ نىڭ پەرىشتىلىرىنى، پەيغەمبەرلىرىنى ، جىبرىئىلنى، مىكائىلنى دۈشمەن تۇتىدىكەن (اﷲ نى دۈشمەن تۇتقان بولىدۇ)، شۇبھىسىزكى اﷲ كاپىرلارنى دۈشمەن تۇتىدۇ} سۈرە بەقەر 98.ئايەت».
ئۇمۇمەن قىلىپ ئېتقاندا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا مەنمەنچىلىك قىلىپ بويسۇنمىغان كىشىنىڭ كاپىر بۇلىشىدا شەك يوق. بۇ ھەقتە قۇرئاندا { ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە :«ئادەمگە سەجدە قىلىڭلار» دېدۇق، ئىبلىستىن باشقا ھەممىسى سەجدە قىلدى، ئىبلىس (سەجدە قىلىشتىن)باش تارتتى، تەكەببۇرلۇق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى}  دىگەن.سۈرە بەقەر 34.ئايەت. ئىبلىس ئاللاھنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇنمىغانلىقى تۇپەيلى كاپىر بۇلۇپ كەتكەن.
كىچىك كاپىر دىگەن ئاللاھقا ئاسىي بولغان كىشىلەرنى كۆرسىتىدۇ. ئۇندىن باشقا مۇسۇلماننى تىللىسا،نامازنى ئىنكار قىلغانلىقتىن ئەمەس ھۇرۇنلۇقتىن ياكى باشقا سەۋەبلەر تۇپەيلى ئوقۇمىسا،قېرىندىشىنى ئى كاپىر دەپ تىللىسا،كۇپرۇلئەسغەر قاتارىغا كىرىدۇ.
ئىبنى قەييۇم رەھىمەھۇللاھ بۇ توغۇرلۇق كەلگەن ھەدىسلارنى ئىزاھلاپ مۇنداق دەيدۇ:- كىچىك كۇپۇر سادىر بولغان ئادەم دەۋزەختە مەلۇم مىقداردا شۇ قىلغان گۇناھىنىڭ بارابىرىدە دەۋزەختە كۇيىدۇ.دەۋزەختە مەڭگۈ قالمايدۇ.
رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇنداق دىگەن‹مىنىڭ ئۇممىتىمدىن ئىككى تۈرلۈك كىشى بار. ئۇلار كاپىردۇر.بىرى نەسەبكە تېنىۋېلىش،مىيتقا ئۇن سېلىپ يىغلاش›(مۇسلىم ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان)
يەنە مۇنداق دىگەن«كىمكى ئايالنىڭ كەينىدىن كىلىدىكەن مۇھەممەدكە چۈشۈرۈلگەن نەرسىگە كاپىر بولدى»(ئەبۇ داۋۇد.تىرمىزى،ئىبنى ماججە رىۋايەت قىلغان)
يەنە بىر ھەدىستە« كىمكى كاھىن ياكى چىراغچىنىڭ قېشىغا كەلسە ۋە ئۇنىڭ دىگەن نەرسىلىرىگە ئىشەنسە ئاللاھ مۇھەممەدكە نازىل قىلغان نەرسىلەرگە كاپىر بولغان بۇلىدۇ»(ئەھمەد ۋە ھاكىم رىۋايەت قىلغان سەھىھ)  بۇ ھەدىسلەردىكى «كاپىر» سۆزى كۇپرۇلئەسغەر دەپ ئىزاھلانغان.
ئاسىيلىقلارنىڭ ھەممىسى كۇپرۇلئەسغەر قاتارىغا كىرىدۇ.
3.مۇرتەد بۇ ئسلام دىنىغا كىرىپ بۇلۇپ يېنۋالغان كىشىلەرنىڭ ئۇمۇمىي نامىدۇر. مۇرتەد بولغانلار ئاللاھنىڭ چوڭ غەزىپىگە ئۇچرايدۇ.      ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن[ئى مۆمىنلەر! سىلەردىن كىمكى مۇرتەد بولىدىكەن، اﷲ (ئۇنىڭ ئورنىغا)اﷲ ئۇلارنى دوست تۇتىدىغان، ئۇلارمۇ اﷲ نى دوست تۇتىدىغان، مۆمىنلەرگەكۆيۈنىدىغان، كاپىرلارغا شەپقەتسىز، اﷲ نىڭ يولىدا جىھاد قىلىدىغان ۋە مالامەت قىلغۇچىنىڭ مالامىتىدىن قورقمايدىغان بىر قەۋمنى كەلتۇرىدۇ. بۇ (يەنى يۇقۇردىكى سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلىنىش)اﷲ نىڭ پەزلىدۇركى، (اﷲ) ئۇنى (بەندىلىرىدىن) خالىغان كىشىگە بېرىدۇ، اﷲ (نىڭ پەزلى) كەڭدۇر، (اﷲ) ھەممىنى بىلگۇچىدۇر.]سۈرە مائىد 54.ئايەت
ئىسلام دىنىغا كىرىپ بۇلۇپ مۇرتەد بولغان ئادەمنىڭ شەرىئەتتىكى ئۇنىڭغا بىرلىدىغان جازاسى ئۆلتۈرۈشتۇر.
بۇ ھەقتە كەلگەن ھەدىسقا قاراپ باقايلى.
««مۇسۇلماننى تۈۋەندىكى ئۈچ ئىشتىن بىرنى قىلمىغۇچىلىك ئۆلتۇرۇش ھالال بولمايدۇ.
1.ناھەق ئادەم ئۆلتۈرۈش.

2. مۇرتەد بۇلۇش.يەنى دىندىن يېنۋېلىش
3.
توي قىلىپ بولغان تۇرۇقلۇق زىنا قىلىش»
بۇ ھەدسىتىن مۇرتەدكە ئۈلۈم جازاسى بىرىش چىقىدۇ.
4.مۇناپىق بۇنىڭ مەنىسى ئىككى يۈزلىمىچى دىگەن بۇلىدۇ. يەنى مۇناپىق دىگەن دىنسىزنىڭ يېنىغا بارسا شۇلارنىڭ سۈرتىدە ئالىم-ئۆلىمالارنىڭ يېنىغا بارسا ئالىملارنىڭ سۈرتىدە بۇلالايدۇ. بۇنداق كىشىلەر مۇناپىقلاردۇر.
رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مۇناپىقنىڭ ئالامىتى توغۇرلۇق مۇنداق دىگەن«تۆت ئىش بار.قانداق بىر ئادەمدە شۇ تۆت ئىش تېپىلىدىكەن ئۇ خالىس مۇناپىق بۇلىدۇ. ئەگەر شۇ 4ئىشتىن بىرەرى تېپىلسا مۇناپىقلىقتىن بىر خىسلەت بولغان بۇلىدۇ ھەتتاكى شۇ خىسلەتنى تاشلىۋەتكەنگە قەدەر. بۇ 4خىسلەت 1.ئامانەت قويسا خىيانەت قىلىدۇ.2.سۆزلىسە يالغان سۆزلەيدۇ3.ۋەدە قىلسا خلاپلىق قىلىدۇ4.تىللاشقاندا ئېغىزىنى بۇزىدۇ » بىرلىككە كەلگەن ھەدىس
مۇسلىمنىڭ بىر رىۋايىتىدە ئەگەر ئۇ ناماز ئوقىسىمۇ،روزا تۇتسىمۇ،مۇسۇلمانلارنىڭ ئىچىدە بولسىمۇ يەنىلا مۇناپىق دىيىلگەن.
مۇناپىقلارنىڭ مۇسۇلمانلارغا بۇلىدىغان زىينى دىنسىزلارنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە زىيادىدۇر. رەسۇلۇللە سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ دەۋرىدىمۇ شۇنداق بولغان ھازىرمۇ ھەم شۇنداق بۇلۋاتىدۇ. شۇڭلاشقىمۇ ئاللاھ {مۇناپىقلار چوقۇم دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىنقى قەۋىتىگە (يەنى قەئىرىگە)تاشلىنىدۇ، ئۇلارغا ھەرگىزمۇ (ئازابتىن قۇتقۇزىدىغان) مەدەتكار تاپالمايسەن} سۈرە نىسا145.ئايەت
دىگەن.
مۇناپىقلارنىڭ ھۆكمى كاپىرلار بىلەن ئوخشاشتۇر.
ئاللاھ مۇنداق دەيدۇ{ئى مۆمىنلەر! نېمىشقا مۇناپىقلار توغرىسىدا ئىككى گورۇھقا بۆلۈنۈپ كېتىسىلەر؟ اﷲ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ئۇلارنى كاپىرلار ھۆكمىدە قىلدى، اﷲ ئازدۇرغان كىشىلەرنى سىلەر ھىدايەت قىلماقچى بولامسىلەر؟ كىمنىكى اﷲ گۇمراھ قىلىدىكەن، سەن ئۇنىڭغا ھەرگىز توغرا يول تېپىپ بېرەلمەيسەن}  سۈرە نىسا 81.ئايەت
مۇناپىقلارنىڭ قىلغان ئەمەللىرى ۋە نەپىقە قىلغان ماللىرى ئۇلار تەۋبە قىلىپ مۇناپىقلىقنى تاشلىمىغۇچىلىك قۇبۇل قىلىنمايدۇ.
ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دىگەن{ئېيتقىنكى، «(ئى مۇناپىقلار جامائەسى!) سىلەر ئىختىيارى ياكى مەجبۇرىي يوسۇندا (قانچىلىك پۇل- مال سەرپ قىلساڭلارمۇ) ھەرگىز قوبۇل قىلىنمايدۇ، چۈنكى سىلەر اﷲ نىڭ ئىتائىتىدىن چىققان قەۋم بولدۇڭلار} سۈرە تەۋبە 53.ئايەت».
5.پاسىق. بۇ ئاتالغۇ يۇقاردا تىلغا ئېلىنغانلاردىن تۈۋەنرەك ئۇرۇندا تۇرىدۇ. يەنى پاسىقلار دەۋزەختە مەڭگۈ قالمايدۇ. بۇ دۇنيادا قىلغان گۇناھى ئۈچۈن مەلۇم مۇددەت دەۋزەختە كۆيگەندىن كىيىن جەننەتكە چىقىدۇ.
پاسىقلار توغۇرلۇق قۇرئاندا كەلگەن ئايەتلەرگە قاراپ باقايلى.
{پاسىقلار اﷲ ۋەدە ئالغاندىن كىيىن بەرگەن ۋەدىسىنى بۇزىدۇ. اﷲ ئۇلاشقا بۇيرىغان شەيئنى ئۈزۈپ قويىدۇ (يەنى سىلە- رەھىم قىلمايدۇ)، يەر يۈزىدە بۇزۇقچىلىق قىلىدۇ؛ ئەنە شۇلار زىيان تارتقۇچىلاردۇر}سۈرە بەقەر 27.ئايەت
پاسىقلار توغۇرلۇق بەزى ئالىملار‹ سىلى رەھىمنى ئۈزۈش،يالغان خەۋەرلەرنى يەتكۈزۈش،ۋەدىسىدە تۇرماسلىق،نامازنى ئاللاھ تەرپىدىن نازىل قىلىنغانلىقىنى ئىنكار قىلماستىن ناماز ئوقۇمايدىغان كىشى،باشقىلارنى مەسخىرە قىلىدىغان كىشى ....›دىگەن. قۇرئاندا يەنە ئاللاھنىڭ كىتابى بىلەن ھۇكۇم قىلمايدىغانلارنىمۇ ھەم پاسىقلار قاتارىدا سانىغان.
تىما ئۇزراپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن مۇشۇ يەرگىچە بولسۇن.
خاتا كەتكەن يەرلىرى بولسا كۆرسىتىپ قۇيشۇڭلارنى سۇرايمەن.
تەييارلىغۇچى - ھەمزە
 

era13 2011-06-25 20:19
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! كەرىملىك ئاللاھ  رەھمەت قىلسۇن !
مەن چۇشۇنەلمىگەن بىر ئىش بار !  « ماۋۇ نەرسەم ساڭا ئامانەت » دىسەك  بۇ شىرىككە ياتامدۇ؟!

saifulla 2011-06-25 21:11
چۈشۈنەلمىگىدەك ئىش ئەمەس كەنغۇ ....سىز بىرنەرسىڭىزنى ئۇنىڭغا ساقلاشقا بەرگەندىن كىيىن ئەلۋەتتە ساڭا ئامانەت دەيسىزدە..

asanat 2011-06-25 22:46
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم.
ياخشى تىمىلىرىڭىز ئۇزۇلمىسۇن قىرىندىشىم.بىزلەنى كۇپ ئىلىم بىلەن تەملىگىنڭىزگە.ئاللاھ رازى بۇلسۇن.

مەرىپەت 2011-06-26 00:36
ئاللاھ ئەجرىڭىزنى قېرىندىشىم،،،،خاۋارىجلار مۇرتەدلەر قاتارىغا كىرمەمدۇ؟؟؟

دولاتا 2011-06-26 01:35
ياخشى تېمما يوللاپسىز قېرىندىشىم ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن، ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

oychan 2011-06-26 09:42
ئىشلىتىش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى era13 نىڭ 2011-06-25 20:19 يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ! كەرىملىك ئاللاھ  رەھمەت قىلسۇن !
مەن چۇشۇنەلمىگەن بىر ئىش بار !  « ماۋۇ نەرسەم ساڭا ئامانەت » دىسەك  بۇ شىرىككە ياتامدۇ؟!

ھەدىستە:" ئامانەتنى ئىگىسىگە تولۇق قايتۇرۇڭلار" دېيىلگەن. بۇ ئادەملەر ئوتتۇرىسىدىكى ئامانەتنى كۆرسىتىدۇ. يەنە ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق توغرىسىدا ئايەت- ھەدىسلەر بار.   
شۇڭا، نەرسىنى كىشىگە ئامانەت قويۇش ئىسلام دىنىدا چەكلەنمەيدۇ.

namsiz_nur 2011-06-26 12:17
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم!
مۇنبەرگە  يوللىغان تېمىلىرىڭىز  بىر-بىرىدىن  ئېسىل،ھەر بىر مۇسۇلمان  بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك  مۇھىم  ئۇقۇملار ئىكەن. ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم.  مۇشۇنداق  تېمىلارنى  داۋامىلىق  يوللاپ  تۇرۇڭ.

era13 2011-06-26 21:43
قېرىنداشلار مەنمۇ شۇنداق قارايمەن ، لىكىن بىزنىڭ بىر قېرىندىشىمىز دائىم «پەقەت ئاللاھقا ئامانەت دەڭ  بولمسىا شىرىككە ياتىدۇ»  دەپ  تۇرىۋالىدۇ ، شۇڭلاشقا كىچىك مەسىلە دەپ يۇرۇپ چوڭ مەسىلىگە يۇلۇقمايلى دەپ باشقىلار قېرىنداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ باقاي دەيمەنغۇ؟!

ھەمزە 2011-06-27 00:01
شۇ قېرىندىشىڭىز بەك توغرا دەپتۇ.

نۇرس 2011-06-27 15:41
شىرىك بولمايدۇ قېرىندىشىم. ۋەسۋەسىگە چۈشمەڭ. ئەلبەتتە مۇلك ئومۇمەن ئاللاھنىڭ. ئەمما بىزگە ئاللاھ مەنلىكتى ئىبارەت بىر  مەسئۇلىيەتنى بەردى. ۋە تۈرلۈك نىئمەتلەرنى بىزگە ئامانەت بەردى، تا بىز ئۇنى ئىشلىتىپ  ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى قولغا كەلتۈرىشىمىز ئۈچۈن. ئىگىدارچىلىقىمىزدىكى ھەممە نەرسە نېئمەت بولۇش يۈزىسىدىن بىزدىن ئاسراشنى، قوغداشنى، شۈكۈرنى خالايدۇ. ئەلبەتتە بىر ئېشەكنى ئاۋال بىريەرگە باغلاپ، ئاندىن ئاللاھقا ئامانەت قىلىمىز. ئۆزىمىز قوغدىيالمىغان نەرسىلىرىمىزنى باشقىلارغا ئامانەتكە بېرىمىز،  تا ئۇ ئاللاھ بىزگە بەرگەن ئامانەت زەخمەتسىز، ئىسراپسىز ساقلانسۇن. سىز ئۇ نەرسىگە ئاللاھ بىر زەخمەتنى تەقدىر قىلغان بولسا، مەن ئامانەت تاپشۇرغان مۇشۇ كىشى ئۇ ئامانىتىمنى زەخمەتتىن  ساقلىيالايدۇ دېگەندەك شىرىككە ياتىدىغان ئوي-خىيالدا بولمىغان بولسىڭىزلا شىرىك بولمايدۇ. نەتىجىنىڭ ئاللاھتىن ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭىز كېرەك. دېمەكچى، ئامانەتنى ساقلىغان ئۇ ئادەم سەۋەپتۇر.  ئۇ نەرسىنى زەخمەتسىز ساقلىغان ئۇ كىشى ئەمەس، بەلكى ئاللاھ.

hamiwang 2011-07-01 11:55
ياخشى تېمما يوللاپسىز قېرىندىشىم ئاللا ئىشلىرىڭىزنى ئاسان قىلسۇن،

rayhan 2011-07-01 12:21
قېنى ھەمزە قېرىندىشىم ئەمدى  ماۇۇ ئاددىي بولسىمۇ پەقەت شەرىئەت ئەھكاملىرىنى سوزلىگەندە كوپ تىلغا ئېلىنىدىغان ئاتالغۇلارنى چۇشەندۇرۋىتىڭە ....بىلمىگەنلەر پايدىلىنىۋالسۇن ،
1.ھارام
2.مەكرۇ
3.مۇستەھەپ
4.ئەۋزەل
5.ۋاجىپ
6.جايىز
...................

زىكرۇللاھ 2011-07-01 12:36
رەھمەت بەزى چاغدا شەرىئەت نى قاتتىق جانلىق سۆزلىمەيمۇ بوممايدۇ ،بەزىلەر ھەقاچان ئۆزىنىڭ كاپىر مۇناپىق  مۇسۇلمان..ۋە باشقا ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۆۋە قىلۋاتقاندۇ......

maniwer2010 2011-07-11 23:43
ھەمزە قارىم قېنى سىلە ،سۇئاللار سەل ئېغىر كەلدىمۇيا ،،،،،

arzuyum 2011-07-14 23:56
ساقىلىۋالاي


查看完整版本: [-- شەرىئەتتىكى بەزى جىنايەت ئاتالغۇلىرى(ھەمزە) --] [-- top --]


Powered by PHPWind v7.3.2 Code © 2003-08 PHPWind
Time 0.059100 second(s),query:3 Gzip enabled

You can contact us