ساۋاقداشلار
سالام خەت يازالمىدىم ئۇزاق بولدى،
ئادرېسلار ئېنىق ئەمەس ھەممىمىزگە.
قۇشلاردەك قانات قېقىپ ئۇچۇپ كەتتۇق،
بىر ئېغىر يۈكنى ئېلىپ زىممىمىزگە.


تاغدىمۇ، باغدىمۇ، چۆللەردىمۇ
ئېھتىمال قالدى تالاي ئىزلىرىمىز.
بىرىمىز سۈزمەكتىمىز قارا ئالتۇن،
مەرىپەت بۆشۈكىدە بىرلىرىمىز.


بالىلىق بولۇپ قالدۇق يىللار ئۆتۈپ،
تاڭلا ھەم ئايلىنىمىز مويىسىپىتكە.
نەۋرىلەر چۇرۇقلىشىپ، چوڭ بولۇشۇپ
ئايلىنار بەرنا، جەسۇر قىز، يىگىتكە.


سالام خەت يېزىشمايمۇ ئۇنتالمىدىم،
ئۈزۈلمەس رىشتە ئىكەن ساۋاقداشلىق.
ئالبۇمدا تۇرماقتىمىز كۈلۈمسىرەپ،
كۆزلەردىن يېلىنجايدۇ گۈزەل ياشلىق.


بەك يىراق ئايرىپ تۇرغان مۇساپىمۇ،
لېكىن بىز يىراق ئەمەس سېغىنغاندا.
خىيالەن تۇرالايمىز پىچىرلىشىپ،
قەلبنىڭ ئالبۇمى ھەر ئېچىلغاندا.

ئاپتورى:ئىبراھىم نىياز
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى