كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئوچاق مەملىكىتى قازان تېپى شەھرىنىڭ قاسقان مەھەلىسىدە ئولتۇرۇشلۇق مانتا بەگ ھاجىم بىلەن چۆچۈرە خىنىم،ئوز ھوجۇرلىرىدا ناھايىتى كاتتا زىياپەت ئۆتكۈزۈپتۇ.
زىياپەتكە ھەرقايسى ئىخلىملاردىن بولغان غىزا ئەرباپلىرىنى تەكىپ قىلىپتۇ.
دەستىرخانە مەيدانى ئېچىلىشتىن بۇرۇن،لۆڭگە مالاي،چىلاپچا گادايلارمۇ قول قوشتۇرۇپ خىزمەتكە ھازىرلىنىپتۇ.ئارقىدىنلا چەينەك ھاپىز،پىيالە مالايلارمۇ يېتىپ كەپتۇ.
مىھمانلارنىڭ ئالدى تۆرگە تەكلىپ قىلىنغاندىن كىيىن،ھەر-قايسىلىرى ئۆز مەرتىۋىلىرىگە لايىق دەستىرخان مەيدانىدىن ئورۇن ئىلىشىپتۇ.
ئالدى بىلەن تونۇر ئىخلىملىرىدىن چوڭ نان خوجام،توقاش خىنىم،گۆش نان ھاجىم،سامسا بېگىملەر تۆردىن ئورۇن ئاپتۇ.
ئاندىن تاتلىق ئىخلىملىرىدىن بولغان،شېكەر سۇلتان،ناۋات چوكانلارمۇ قەنىت سىڭنىسى،بوغۇزاق ئۇكىلىرىنى ئەگەشتۈرۈپ تۆرگە چىقىپتۇ.
ئاندەن كىيىن مىۋە-چىۋە ئىخلىملىرىدىن،چىلگە مەخسۇم،تاۋۇز قارىم،شېكەر سۈيى خانىم،ئاق ناۋات نوچى، كۆك ناۋات پوچى،ئالما ئىمام،نەشپۈت ئەيشان،ئانار چوكانلارمۇ يېتىپ كەپتۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا،شەھەر باشلىغى سەي دارىن ئۆزىنىڭ تەتىيى خامسەي خىنىم بېلەن ئوغلى چىلىغان سەينى ئېلىپ زىياپەتكە كېلىپ، داستىرخانىدىن ئورۇن ئاپتۇ.
كەينىدىنلا تەكلىپ بىلەن زىياپەتكە ئاتنىشىش ئۈچۈن چەت-ئەللەرنىڭ ئوچاق مەملىكىتىنىڭ پايتەختى قازان شەھرىدە تۇرۇشلۇق دايىمى باش ئەلچىسى ۋوتكا ئەپەندىم،ۋالىلداپ تۇرغان ئالتۇن رەڭ تونىنى كىيىپ،بېشىغا سىلىياودىن گاز ياغلىق ئاتقان،كوك-كۆزىنى قىپ-قىزىل بوياپ ياسىنىۋالغان بەيلەندى خانىمنى قولتۇقلاپ كېلىپ ئۆزىگە خاس ئالدىن تەيارلانغان ئورۇنغا كېلىپ ئولتۇرۇپتۇ.ئۇلارنىڭ رۇمكا كانىۋايلىرىمۇ كېرىپ ئۇلارنىڭ ئككى يىنىدا قاتار تېزىلىپ تۇرۇپتۇ.
مېھمانلارنىڭ ئالدى يېغىلىشى بېلەن مانتا بەگ ھاجىمنىڭ بۇيرىغى بېلەن زىياپەتكە ھۆسنە قوشۇش ئۈچۈن چەينەك ھاپىز پېيالە مالايلىرىنىڭ ياردىمىدە،سامارۋاي موتىۋەرلىرىدىن كەلتۈرۈلگەن سىڭچاي قىزلار دەستىرخان مەيدانىنىڭ چۆرۈسەگە كېلىپ خىزمەتكە ھازىرلىنىپتۇ.
شۇ ئەسنادا ھەش-پەش دىگىچە ئارلىقتا شېكەر سۇلتاننىڭ مەرھۇم دادىسى قىزىلچا ئاخۇنۇم بېلەن تاۋۇز قارىمنىڭ بۇرۇن ئېتىز بېشىدا سۇ تالىشىپ قالغان ئېغىر زىدىيىتى بولغانلىغى ئۈچۈن قاتتىق گەپ تالىشىپ قاپتۇ.بۇنى كۆرگەن شېكەر سۇلتان،پىچاق دۇغىنى كۈشكۈرتۈپ،نەق مەيداندا تاۋۇز قارىنىڭ بېشىنى كېسىپ،قارنېنى يېرىپ تاشلاپتۇ.بۇنى كۆرگەن شېكەر سۈيى خېنىم ئالا-توۋا سېلىپ،يىغلاپ پىچاق دوغىغا ئېسىلماقچى بولۇپتۇ.كۆزلىرى قانغا تولغان پىچاق دوغا ئارقىغا بۇرۇلۇپ،شېكەر سۈيى خېنىمغا ئېتىلغان ئىكەن بەكمۇ ھاياجانلىنىپ كەتكەن شېكەر سۈيى خېنىم ئاچچاقىغا پايلىماي،پىچاق دوغىغا يىقىن كەلگىچە يېرلىپ كىتىپتۇ.بۇنىڭغا چىدىمىغان چىلگە مەھسۇم چاپانلىرىنى يىشىپ ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن پىچاق دوغىغا ئېتىلىپ مەيدانغا چۈشۈپتۇ.
بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ تۇرغان ئالما ئىمام تىخسىگە يۇشۇرنالماي دۇملاپ چۈشۈپتۇ.چىرايى سارغىيىپ كەتكەن ئۈزۈم سوپىنىڭمۇ پۇت-قوللىرى بوشۇشۇپ كېتىپ،ساپ-سىپىدىن ئايرىلىپ كېتىپتۇ.
بىر چەتتە قاراپ تۇرغان چەينەك ھاپىز قالايمەقانچىلىقتا پۇتلىشىپ كېتىپ ئوڭدىسىغا يىقىلىپ چۈشكەنلىكتىن بېشى يېرىلىپ قۇلىغى ئاجىراپ كېتىپتۇ.كۆپچىلىك دەرھال ئوتۇرغا چۈشۈپ،چىلگە مەھسۇم بىلەن پىچاق دوغىنى توسۇۋاپتۇ.
دەل مۇشۇ ماجىرا بولىۋاتقان چاغدا نەق مەيدانغا كېچىكىپ كەلگەن مېھمانلاردىن يۇتازا ئاخۇنۇم،شويلا بۇۋۇم،سۇيقاش ئايىم،لەڭمەن شاڭيۇ،ە-گاڭپەن كېجاڭ، خوشاڭ يايى،ئەتكەنچاي ھارۋۇكەش،شوۋا گۈرۈش يۈز بېشى،ئوماش ئون بىشى، شورپا دەللا،ئۆپكە-ھىسىپ ئاغمىچى قاتارلىقلار بۇ ۋەقەنى كۆرۈپ ھاڭ-تاڭ قېتىشىپتۇ.
بۇ ئىشتىن قورقۇپ كەتكەن يۇتازا ئاخۇنۇمنىڭ سەللىسى چۇۋۇلۇپ،سۇيقاش ئايىمنىڭ سۈيلىرى تۆكۈلۈپ كېتىپتۇ.
ھەممىدىن بەكىرەك ۋەھىمىگە چۈشكەن شورپا دەللالنىڭ قورقىنىدىن كۆزلىرى پالىلداپ كېتىپتۇ.
كۆپچىلىك بۇ ئىشنى دەرھال بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلىپتۇ،ھۇدىققىنىدىن نىمە قىلىشىنى بۈلەلمەي قالغان مانتۇ بەگ ھاجىم ئالمان-تالمان قوشۇق چاپەرۋەنلىرىنى يورغۇلۇتۇپ،قاتلىما غۇجام بىلەن جۇۋاۋا ئايىملارنى چاقىرىپ كېلىشكە بۇيرۇپتۇ.
زىياپەتكە باغاق تەگمەي خاپا بولۇپ ئولتۇرغاندا،بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان قاتلىما غۇجامنىڭ خاپا بولغانلىغىدىن قۇلاقلىرى سالپىيىپ بارمايدىغانلىغىنى ئېيتىپتۇ.
شۇ ئەسنادا بۇ قانلىق ۋەقەدىن خەۋەر تاوقان سوت ئەرباپلىرىدىن،لازا كوجاڭ،ئاچچىقسۇ سوجاڭ چوكا مىلتىقلىرىنى كۆتۈرشۈپ نەخ مەيدانغا يېتىپ كېلىشىپتۇ.ئەھۋلنى ئىنىقلاپتۇ،ھەم خاپا بولۇشۇپ كىتىپتۇ.بۇنى ھەل قىلىش ئۈچۈن پاتىشاغا ئەرىزنامە يېزىش كېرەك دەپتۇ.بۇنى ئاڭلىغان شېكەر سۈيى خېنىمنىڭ بىر نەۋرە ئىنىسى چىلگە مەخسۇم دەرھال پادىشانىڭ ئوردىسىغا ئەرزە قىلىپتۇ.
ئۇزاق ئۆتمەي پادىشا ئۆردىسىدىن خەۋەر كەپتۇ،بىرازدىن كىيىن ئوچاق بىشى مەككىمىسىنىڭ خاقانى بولغان شاھ سۇلتان پولۇ،گۆش تاجىسىنى كىيىپ،سەۋزە ئوقلىرىنى بەتلەپ،لېگەن مەپىسىدە ئولتۇرۇپ،داستىخان مەيدانىدىن ئورۇن ئاپتۇ.
شاھ سۇلتان پولۇ بىر-قۇر كوز يۈگۈرتۈپ بۇ كاتتا زىياپەتكە پۈتۈن مەملىكەتتىكى غېزا ئەرباپلىرىنىڭ تەل-تۆكۈس چاقىرغانلىغىنى،لېكىن ئۆزىنىڭ بۇ ئىشتىن قىلچىمۇ خەۋرى يوقلىغىنى بىلىپ ئۆز ئچىدە مانتۇ بېگى ھاجىغا نارازى بولۇپ ئالىيىپ قويۇپتۇ،پادىشانىڭ غەزىۋىدىن قورۇققان مانتۇ بېگى ھاخمنىڭ دىمى ئىچىگە چۈشۈپ كېتتىپتۇ،چۆچۈرە خىنىمنىڭ قورقىنىدن قۇلاقلىرى سالپىيىپ كېتىپتۇ،
شاھ سۇلتان پولۇ،بۇ ئەھۋالنى بىر قۇر سۈرۈشتۇرگەندىن كىيىن تۆۋەندىكىدەك ھۆكۈم چۈشۈرۈپتۇ.
پەرمان؛مەزكۇر قانلىق ۋەقەغە بىۋاستە سەۋەپچى بولغان،قانخۇر جىنايەتچى پىچاق دوغىنى،مىۋە-چىۋە ئىخلىمدىكىلەرنىڭ ئەرباپلىرى بىلەن داۋاملىق ئۆشلىشىپ كىلىۋاتقانلىغى ئۈچۈن مۇدەتسىز قاماق جازاسە بېرلىپ،ئاسما يامۇلىغا سولاپ،پۇتىنى باغلاپ،نازىر-بەنىت ئاستىغا ئېلىنسۇن.
قانۇنسىز ھالدا ھاكىمىيەتتىن رۇخسەتسىز دەستىرخان مەيدانى سېلىپ،قانلىق جىدەل ماجىراغا سەۋەپچى بولغان جىنايەتچى مانتا بەگ ھاجىمغا ئولۇم جازاسى بېرلىپ،نەق مەيداندىلا لازا كوجاڭ،ئاچچىقسۇ سوجاڭلار چوكا مىلتىقلىرى بېلەن قارنىنى يېرىپ تاشلىسۇن.
مەزكۇر جىنايەتچى قانخۇر مانتا بەگ ھاجىمنىڭ خوتۇنى چۆچۈرە خىنىمنى پىڭتۇزا .ئاغامچە بىلەن باغلاپ،بوسۇ قامچىسى بىلەن ئۇرۇپ دەرھال ھام-ھام يامۇلىغا سولاپ،قاتار تۇرغان 32چىشلىق جادا بىلەن توغراپ، كانەي دەرۋازىسىدىن ئۆتكۈزۈپ،ئاشقازان شەھىرىنىڭ قېرىن مەھەلىسىدە ئېزىپ يۇمشۇتۇپ،ئاچچىق-ئۈچەي يوللىرىدا ماڭغۇزۇپ سازايى قىلدۇرۇپ،ئۇنۇڭدىن كىيىن ئارقا دەرۋازىدىن چىقىرىپ،قاراڭغۇ زىندانغا تاشلاپ چىرتىۋەتسۇن.
بايا قازا قىلغان تاۋۇز قارىغا داۋانچىڭدىن ئورۇن بېرىلسۇن.مەرھۇم شېكەر سۈيى خېنىمغا قەشقەر پەيزىۋاتتىن ئورۇن بېرىلسۇن.قالغان مىۋە-چەۋە ئەرباپلارنىڭ بىخەتەرلىگىنى كۆزدە تۇتۇپ،ئاق ناۋات نوچى،كۆكچى بايۋەتچىلەرگە قۇمۇلدىن ئورۇن بېرىلسۇن.نەشپۈت .ئىشانغا كورلىدىن، ئۈزۈم سوپىغا تۇرپاندىن ئورۇن بېرىلسۇن.
ئەگەر غىزا ئەرباپلار بۇنۇڭدڭن كىيىن قورساققا كىرىپ جىدەل چىقارسا،مەنچىزە خېنىم مەسۇل بولۇپ بىر تەرەپ قىلسۇن،ئەگەر نەنچىزە خىنىمدا يېتىشمەسلىك ئەھۋال كۆرۈلسە دىرھال سىيىنچاي قىز ياردەمگە ئەۋەتىلسۇن،
ئىش تامام،ۋەسسالام.
مەنبە؛ساخلىغان خاتىرەمدىن