ھايۋانلارغا مۇئامىلە قىلىش پرىنسىپى
757. سوئال: ھايۋانلارغا قانداق مۇئامىلىدە بولۇش كېرەك؟
جاۋاب: ئاللاھ تائالا ھايۋانلارنى ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن يارىتىپ بەرگەن بولۇپ، ئىنسانلار ئاللاھ تائالانىڭ بۇ كاتتا نېمىتىگە شۈكۈر قىلغان ھالدا، ھايۋانلارغا رەھىمدىللىق ۋە رەھىم – شەپقەت بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئۇلاردىن يوللۇق پايدىلىنىشقا بۇيرۇلغان. مۇسۇلمان ئادەم ھايۋاننى خورلىمايدۇ، ئۇرمايدۇ، ئاچ قويمايدۇ ۋە قىينىمايدۇ. ئىسلام دىنى ھايۋانلارنى ئاسراشقا ئىنتايىن زور ئەھمىيەت بېرىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇسسۇزلۇقتىن قاتتىق قىينىلىپ كېتىپ، قۇدۇقنىڭ يېنىدىكى ھۆل تۇپراقنى يېيىشكە باشلىغان بىر ئىتنى كۆرگەن بىر پاھىشە ئايالنىڭ ئىتقا ئىچ ئاغرىتقانلىقتىن، ئايىغىنى سېلىپ، ئۇنىڭغا قۇدۇقتىن سۇ تولدۇرۇپ چىقىپ بۇ ئىتنى سۇغۇرۇپ قويغانلىقى سەۋەبلىك پۈتۈن گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىپ جەننەت ئەھلى بولۇپ كەتكەنلىكى، بۇنىڭ ئەكسىچە، بىر ئايالنىڭ بىر مۈشۈكنى سۇ ياكى نان بەرمەستىن باغلاپ قويۇپ، ئۇنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولغانلىقى ئۈچۈن دوزاخ ئەھلىدىن بولۇپ كەتكەنلىكى قىسسىسىنى ئېيتىپ بېرىش ئارقىلىق ھايۋانلارغا رەھىم – شەپقەت قىلىشنىڭ نەقەدەر چوڭ ئىبادەت ۋە دىنىي ھەم ئىنسانىي مەجبۇرىيەت ئىكەنلىكىنى ئوچۇقلىغان.
ھايۋانلارغا مۇئامىلە قىلىش تۆۋەندىكىچە بولىدۇ:
- ھايۋانلارغا ئۇلار كۆتىرەلمەيدىغان ئېغىر يۈكلەرنى ئارتماسلىق.
- ھايۋانلارنى ئاچ ياكى سۇسىز قويماستىن ياخشى بېقىش.
- ھايۋانلارغا كېسەل يەتسە ياكى بىرەر ئورگىنى سۇنسا ۋاقتىدا داۋالىتىش.
- ھايۋانلارنى ئۇرۇپ قىيناشتىن يىراق تۇرۇش. چۈنكى ئاللاھ تائالا تىلى يوق ھايۋاننىڭ نالىسىنى ھەممىدىن بۇرۇن ئاڭلىغۇچىدۇر.
- ھايۋانلارنى ئوت بىلەن ئازابلاشتىن، داغلاشتىن ساقلىنىش كېرەك. چۈنكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايۋانلارنى ئوت بىلەن ئازابلىغۇچىلارغا ئاللاھنىڭ نامى بىلەن لەنەت ئېيتقان.([28])
- ھايۋانلارنى تىرىك تۇرغۇزۇپ ئورگانلىرىنى كەسمەسلىك. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداقلارغا ئاللاھنىڭ، پەرىشتىلەرنىڭ ۋە پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ لەنەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
- ھايۋانلارنى ئوق ئېتىش مەشقلىرىدە قارىغا ئالماسلىق. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ھايۋانلارنى قارىغا ئېلىشتىن مەنئىي قىلغان.([29])
- ھايۋانلارنى بوغۇزلاشتىمۇ رەھىم – شەپقەتلىك بولۇش، پىچاقنى ئۇنىڭغا كۆرسەتمەسلىك ۋە قىينىماستىن جېنىنى چىقىرىش لازىم. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:«ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىگە رەھىم – شەپقەت قىلىشنى پۈتىۋەتتى. مال بوغۇزلىغاندا ياخشى بوغۇزلاڭلار، پىچاقنى ئىتتىك قىلىڭلار ۋە مالنىڭ جېنىنى قىينىماستىن چىقىرىڭلار»([30]) دەپ كۆرسەتكەن.
ئۇچار قۇشلارغىمۇ ھايۋانلارغا ئوخشاش، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ سىلىق ۋە رەھىم – شەپقەتلىك مۇئامىلە قىلىنىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام بىر ھەدىستە:«كىمكى بىرەر قۇشقاچنى بوغۇزلاشتىمۇ رەھىم شەپقەتلىك مۇئامىلە قىلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا قىيامەت كۈنىدە ئۆزىنىڭ رەھىم – شەپقىتىنى كۆرسىتىدۇ»([31]) دەپ كۆرسەتكەن
- ھايۋانلارنى بىر- بىرى بىلەن سوقۇشتۇرماسلىق. مەسىلەن: ئىت تالاشتۇرۇش، خوراز چوقۇشتۇرۇش، قوچقار سوقۇشتۇرۇش قاتارلىق ئويۇنلار ھارامدۇر. ئۇنى قىلغۇچىلار ھايۋانلارغا زۇلۇم قىلغانلىقى ۋە ئۇلارنى قىينىغانلىقى سەۋەبلىك ئاللاھ تائالانىڭ ئالدىدا قاتتىق گۇناھكار بولىدۇ.
____________________________
28]) ئىمام مۇسلىم رىۋايەت قىلغان بىر ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:” ھاياۋاننى داغلىغان ئادەمگە ئاللاھ لەنەت قىلىدۇ“ دەپ كۆرسەتكەن.
([29]) ئىمام بۇخارى رىۋايىتى
([30]) ئىمام مۇسلىم رىۋايىتى
([31]) تەبەرانىي رىۋايىتى