باش بېتى | MP3 | MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | كىنو | تور ئويۇنلىرى | ناخشا ئىزدەش| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 1202 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئامېرىكايېڭى قوراللارنى كۈچەيتىپ ئاسىيا ئىشلىرىغا قەتئىي ئارىلىشىدۇ
شۈكرى.اللە
دەرىجە: ئۇچقۇر پالۋان

ئەزا ئۇچۇرى ئەزا نومۇرى: 6386
جىنسى : ئەر (ئوغۇل)
نادىر تېمىسى: 0
ئومۇمىي يازما: 1411
ئۇنۋان:ئالاھىدە ھازىرغىچە1411دانە
ئۆسۈش: 1220 %
مۇنبەر پۇلى: 15488 سوم
تۆھپىسى: 0 كىشى
ياخشى باھا: 0 نۇمۇر
تىزىملاش: 2011-03-05
ئاخىرقى: 2012-08-28
0-قەۋەت   يوللانغان ۋاقت: 2011-06-21 19:40

ئامېرىكايېڭى قوراللارنى كۈچەيتىپ ئاسىيا ئىشلىرىغا قەتئىي ئارىلىشىدۇ

ئەسكەرتىش: بۇ يازما sirik تەرىپىدىن قۇلۇپلاندى(2011-06-21)
ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى يېڭى قوراللارنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ ئاسىيا ئىشلىرىغا قەتئىي ئارىلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى




يەر شارى تورىنىڭ 19-ئىيۇن خەۋىرى: يېقىندىكى جەنۇبىي جۇڭگو دېڭىزى ماجراسىدا فىلىپپىن، ۋېيتنام قاتارلىق دۆلەتلەر «جۇڭگونىڭ بېسىمىغا تاقابىل تۇرۇش» ئۈمىدىنى ئامېرىكىغا باغلىغان. بەش بۇرجەكلىك بىنادىكى ئىككى رەھبەرنىڭ پات-پات جۇڭگوغا ئالاقىدار ئىپادە بىلدۈرۈشىمۇ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا ئىشلىرىغا ئارىلىشىشىدىكى قەتئىي مەيدانىنى پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلەپ بەرگەن. ئامېرىكا «ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى» نىڭ 15-ئىيۇندىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستېرى نامزاتلىقىغا كۆرسىتىلگەن پانېتتا ۋە پات ئارىدا ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىدىغان ھازىرقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىس يېقىندا ھەر خىل پۇرسەتلەردىن پايدىنلىنىپ، بەش بۇرجەكلىك بىنادىن جۇڭگو ھەربىي تەرەققىيات پەيدا قىلغان خىرىسقا ئەستايىدىل قاراپ چىقىشىنى تەلەپ قىلغان، ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەسكىرىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئىتتىپاقداشلىرىنى ئەمىن تاپقۇزۇش كېرەكلىكىنى تەرغىپ قىلغان. تەھلىلچىلەر قارىشىچە، بۇ ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدە جۇڭگوغا قارىتا يېڭى ھەربىي ئىستراتىگىيە قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدىكەن.




«ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتى» نىڭ دېيىشىچە، پانېتتا ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسى قوراللىق قىسىملار كومىتېتىغا تەييارلىغان يازما دوكلاتتا ئاشكارلىشىچە، ئامېرىكا ئارمىيىسى جۇڭگوغا قارىتىلغان يېڭى ھەربىي ئىستراتىگىيە تۈزۈۋېتىپتۇ. پانېتتانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەسكىرىي كۈچ ئورۇنلاشتۇرىلىشى ۋەزىيىتىگە ئومۇميۈزلۈك قاراپ چىقىپ، «يېڭىدىن قەد كۆتۈرۈۋاتقان چوڭ دۆلەت» كە تاقابىل تۇرۇدىكەن. مەزكۇر گېزىتنىڭ قارىشىچە، ئاتالمىش «قەد كۆتۈرۈۋاتقان يېڭى چوڭ دۆلەت» دەل جۇڭگونى كۆرسىتىدىكەن. ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلىقىغا قارىتا ئالاھىدە ئەسكىرىي كۈچ كۈچەيتىش پىلانى بار يوقلىقىنى سورىغاندا، پاتېننا:«كەلگۈسىدە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلۇققا قايتىدىن قاراپ چىقىمىز ھەمدە ئەسكىرىي كۈچنى كۈچەيتىش ھەققىدە تەكلىپ سۇنىمىز» دېگەن. پاتېننا تەكىتلەپ، ئامېرىكىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ئەسكىرىي كۈچى ئورۇنلاشتۇرۇلىشى چوقۇم كۈچلەندۈرۈشكە ئېرىشىشى كېرەك، ئامېرىكىنىڭ رايونلۇق ئىتتىپاقداشلىرى «چوقۇم بىزنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەھدىتنى چەكلەش ئىقتىدارىمىزغا يېتەرلىك ئىشەنچتە بولىشى كېرەك» دېگەن.




ۋاشىنگىتون پوچتا گېزىتىنىڭ دىققەت قىلىشىچە، پاتېننانىڭ ئىپادىسى بىلەن ھازىرقى دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى گايتىسنىڭ قارىشى ئوخشاش بولغان. گايتىس شانگىرى لا سۆزلىشىشدە ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسىدە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى ھەربىي مەۋجۇتلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاۋسترالىيە قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن دېڭىز ئارمىيە ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئاۋسترالىيەنىڭ ھىندى ئوكيانغا جايلاشقان ھەربىي بازىسىنى ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇق چەكلىمىسىنى كېڭەيتىدىكەن؛ سېنگاپوردا ھەربىي پاراخوت ئورۇنلاشتۇرىدىكەن؛ ئامېرىكا ئارمىيىسىنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونى ئىتتىپاقداشلىرى ۋە شېرىكلىرى بىلەن بولغان بىرلەشمە مانېۋىر ۋە مەشىقنىڭ قېتىم سانىنى كۆپەيتىدىكەن.



                                      مەنبە : يېشىل تورى
اللە خالىسا بۇ ئۈممەت ئۆزى يوقاتقان ئىززەتنى ئۆزى قايتۇرىۋالىدۇ