جۇڭشىن تورى21- ئىيۇل تېلېگراممىسى: چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 20- ئىيۇل 22 نەپەر كوللىكتىپ ئاسيىلىق قىلىپ قاچقان كازافىي بىخەتەرلىك خادىملىرىنىڭ دېيىشىچە، ئۇلار ئىلگىرى ئەسىرگە ئېلىنغان لىۋىيە ئۆكچىتىچىلەر قوراللىق قىسمىدىكى ئەسكەرلەرگە«سوغۇق» مۇئامىلە قىلىش بۇيرۇقىنى تاپشۇرۇۋالغان. ئادەتتىكى جىنايەتچىلەرگە قىلغان مۇئامىلىنى ئۇلارغا قىلمىغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ بىخەتەرلىك خادىملىرى ئالدىنقى ھەپتە كازافىي ئارمىيىسىدىن قېچىپ كەلگەن. ئۇلار لىۋىيە ئۆكتىچىلەر ئارمىيىسىنىڭ قوماندانلىق شىتابى بولغان بەنجاشقا يېتىپ كېلىپ، تەسلىم بولغان. بۇلارنىڭ تۆت ۋەكىلى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئالدىدا ئىتراپ قىلىپ دېيىشىچە، ئۇلار ئۆكتىچى ئارمىيە ئەسىرلىرىگە «جىنايەتچى ھوقۇقى» بەرمەيدىكەن.ئۇلارغا ئازراقمۇ رەھىم شەپقەت قىلمىغان.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، چەتئەل ساھەلىرى لىۋىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ھازىرقى ۋەزىيەتنى ئېنىق بىلمىگەچكە، ئۇلار بۇ دېگەنلىرىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمىگەن. بىراق، جىنايەتچىلەر «جەنۋە ئەھدىنامىسى» بويىچە قوغداشقا ئېرىشىشى كېرەك. ھەرقانداق جىنايەتچى ۋە ئەسىر خورلاشقا ۋە ھاقارەتلەشكە ئۇچرىماسلىقى كېرەك.